karam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 22:47:35

شىنجاڭ پارلاق ئىمپورت-ئېكسپورت چەكلىك شىركىتى ياۋرۇپا بازىرىغا ي..

شىنجاڭ پارلاق ئىمپورت-ئېكسپورت چەكلىك شىركىتى پارلاق گىلەم زاۋۇتى ئۈرۈمچى يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدىن 300 مو يەر ھەل قىلغان بولۇپ، بۇ يەرگە يېڭىدىن كۆلەملەشكەن، زامانىۋى زاۋۇت رايونى قۇرۇپ چىقىشنى پىلانلىغان. زاۋۇت باشلىقى كېرەم ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېڭى زاۋۇت 2018-يىلى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشىدىغان بولۇپ، يېڭى زاۋۇتتا گىلەمگە ئىشلىتىدىغان يىپنىمۇ ئۆزلىرى ئىشلەپچىقىرىدىكەن، بۇ ئارقىلىق ماتېرىيال تەييارلاشتىن ئىشلەپچىقىرىشقىچە بولغان بارلىق جەريانلارنى يېڭى زاۋۇت ئىچىدە تاماملاش پىلانلانغان.

يېڭى زاۋۇتتا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان قولدا گىلەم توقۇش ئەنئەنىسىنى راۋاجلاندۇرۇش پىلانلانغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ يەرلىك گىلەم توقۇش تېخنىكىسىنىمۇ راۋاجلاندۇرغىلى شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يېڭى زاۋۇت قۇرۇلغاندىن كېيىن، گىلەملەرنى ئاسراش، يۇيۇپ بېرىش قاتارلىق سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت ئىقتىدارى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن.

پارلاق گىلەم زاۋۇتىنىڭ نۆۋەتتىكى زاۋۇت كۆلىمى 50 مو بولۇپ، گىلەم توقۇش ئۈسكۈنىسىدىن 5 ى بار، يېڭى قۇرۇلماقچى بولغان زاۋۇتقا گىلەم توقۇش ئۈسكۈنىسىدىن 50 ى قۇرۇلىدىكەن، ئومۇمىي سېلىنىدىغان مەبلەغ 600 مىليون يۈەن بولۇپ، مەبلەغ قايتۇرۇۋېلىش مۇددىتى 8 يىل مۆلچەرلەنگەن.

نۆۋەتتە پارلاق گىلەم زاۋۇتىنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 120 مىليون يۈەنگە يېتىدىغان بولۇپ، يېڭى زاۋۇت ئىشقا كىرىشكەندىن كېيىن يىللىق ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 1 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن.

زاۋۇت باشلىقى كېرەم ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىر زاۋۇتتا خىزمەت قىلىدىغان ئىشچىلار سانى 160 نەپەر بولۇپ، يېڭى زاۋۇت قۇرۇلۇپ، قولدا گىلەم توقۇش پىلانى ئەمەلگە ئاشۇرۇلسا، ئومۇمىي ئىشچىلارنىڭ سانى 5000 غا يېتىدىكەن.

شىنجاڭ پارلاق ئىمپورت-ئېكسپورت چەكلىك شىركىتى نۆۋەتتە شىنجاڭ بازىرى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى تەمىنلەۋاتقان بولۇپ، كېيىنكى تەرەققىيات پىلانىدا ياۋروپا بازىرىغىمۇ يۈرۈش قىلماقچى ئىكەن.

مەنبە : شىنجاڭ پارلاق ئىمپورت-ئېكسپورت چەكلىك شىركىتى تەمىنلىگەن .

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 09:17:27

يەنە نۇرغۇن قېرىنداشلار خىزمەتكە ئېرىشكىدەكتە .....{:112:}

atilla705 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 10:44:12

ئۆزىمىزنىڭ قولدا تىكىلگىنى ئاساس قىلسا........ تەرەققىياتى ياخشى بولىدۇ.
بىزدەك قولى گۈل، ھۈنىرى قالتىس مىللەت يوقتۇر.
ماشىنا ھەممە يەردە بار.........

function يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 10:45:18

راست بولىشىنى ۋە شۇنداق ئەمەلگە ئېشىشىنى ئۆمۈد قىلىمەن!

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 11:00:58

زاۋۇت  پۇتۈپ ئىشقا چۈشسە يەنە نۇرغۇن ئىشسىز قېرىنداشلىز خىزمەتكە ئېرىشىدۇ {:92:}{:112:}

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 11:06:38

ياتەۋەككۇل ئىھ ئاللاھ دەپتۇدە كىرەمكام ... ئاللاھ يۇلنى راۋان قىلسۇن زار قىلمىسۇن

454603066 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 16:11:25

قۇتلۇقلايمەن ~!
بەت: [1]
: شىنجاڭ پارلاق ئىمپورت-ئېكسپورت چەكلىك شىركىتى ياۋرۇپا بازىرىغا ي..