ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىدا ھەقسىز سىمسىز تور ئېچىۋېتىلىدۇ
شىنجاڭ دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا WI-FI ھەقسىز سىمسىز تور مۇلازىمىتى رەسمىي ئېچىۋېتىلىدۇ. T1،T2،T3 ئاۋىياتسىيە بېكىتى ئايروپىلان كۈتۈش زالىدا، يولۇچىلار خاتىرە كومپيۇتېر، تاختا كومپيۇتېر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون قاتارلىق كۆپ ۋاسىتىلىك كۆچمە تېرمىنالدا ھەقسىز سىمسىز تورنى ئىشلىتەلەيدۇ.
ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يولۇچىلار ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ ھەر قايسى ئاۋىياتسىيە بېكىتىگە كىرگەندىن كېيىن ھەر قانداق WI-FI ئىقتىدارى بار كۆچمە تېرمىنالنى ئىشلىتىپ، ئۇلاش ئىسمىغا AIRPORT-FREE-WiFi نى كىرگۈزۈپ، كۆرۈنگەن portal بېتىگە يان تېلېفون نومۇرىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئېرىشكەن قىسقا ئۇچۇردىكى دەلىللەش نومۇرىنى كىرگۈزسە، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا تورغا چىقالايدىكەن.
مەنبە : ۋاڭيى تورى ئىقىم تۈگەپ كەتسە بېرىپ ئولتۇرسام بولغۇدەك تېلىفۇن ساراڭلېرى تېلىفۇننى تولا ئويناپ ئايرۇپىلانغا كېچىكىپ قالسا ھە... ئەمدى باشلىغان بولسا بەك كېچىكىپتۇ، مۇشۇ ئوقەت ئايرودروملاردا جەزمەن بولۇشقا تىگىشلىك نەرسە. باشقا يۇرتلاردىن كەلگەنلەرنىڭ تېلىفونىدا كارتىسى بولۇشى ناتايىن، ئايروپىلان كۈتكەچ تورغا چىقىش، ئۇچۇر ئىزدەش، ئورۇق-تۇققانلىرىغا خەۋەر بېرىش دېگەندەك ئىشلاردا ئىنتايىن قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. ئىستانبۇلغا كەلگەن تۇنجى كۈنۈمدە مۇشۇ ھەقسىز WiFi يوقلۇقنىڭ دەردىنى تارتقان. ئاتاتۈرك خەلقئارالىق ئايرودومىدا يا ۋەتەندىن ئەكەلگەن كارتام ئىشلىمەي، يا ھەقسىز تور تاپالماي مېنى كۈتۈۋېلىشقا چىققان ئاچامنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىپ، ئۇلارنى تاپالماي يېرىم سائەتلەرچە سەرسان بولۇپ كەتكەنتىم. hiyalqi يوللىغان ۋاقتى 2014-9-29 21:08 static/image/common/back.gif
ئىقىم تۈگەپ كەتسە بېرىپ ئولتۇرسام بولغۇدەك
بىللە بېرىپ ئولتۇرامىز ئېقىم تۈگىگەن ۋاقىتتا OK ;P رېستۇران ۋە باشقا ئاممىۋى سۆرۇنلارمۇ ھەقسىز WiFi نى يولغا قۇيىشى كىرەك بۇ ئىتىبار توختاپ قالمىسىلا ئايرىدىرومغا بارسىڭىز بەسەيلەردىن تۇلا ئادەم يوق مىللىلارنى لوپا ئەينەكتە ئىزدىمىسە تاپقىلىمۇ بولمايدۇ شۇڭا بەسەيلەربار يەردە چۇقۇم ھەقسىز …مەن ئىشنىمەن جوڭگۇدا ھەقسىز نەرسە بار دىسە ئىشەنمەيمەن ! WI-FI ھەقسىزبۇلۇپ نەچچە كۇندىن كىيىن بلەت باھاسى ئازراق ئۇسۇپ قالارمىكى :lol Abdulhamid يوللىغان ۋاقتى 2014-9-30 09:06 static/image/common/back.gif
جوڭگۇدا ھەقسىز نەرسە بار دىسە ئىشەنمەيمەن ! WI-FI ھەقسىزب ...
راس راس ... مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن ئازراق ئۆزگىرىش بولۇشى مومكىن {:107:} نىمىشقا بىۋاستە ئۇلانماي portal بەتتىن نومۇرنى تەھرىرلىگىلى سالىدۇ ؟
بۇ شۇ ئابونتنىڭ ئېيىغا مانچە ئون سائەت سىمسىز تورغا چىققىلى بولىدۇ دىگەن كەسىىپىگە ئوخشايدىكەن ، بۇ تورغا پەقەت شۇ كەسىپنى ئاچقۇزغان كارتىلارلا چىقالايدىغان ، ئۇلاش ئۇسۇلى ئوخشايدىكەن . ماۋۇ ئايردىرومنىڭ قانداقكىن ئەمدى ؟ hiyalqi سىناپباققاندىن كېيىن بىر دەپبېرەسىز مېنىڭ تېلفونۇمغا 6 سائەت ھەقسىز سىمسىز توردىن 0MB ئىشلەتتىڭىز دەپلا ئۇچۇر كىلىدۇ ، كارتا تېلگىرافنىڭ . مۇشۇ 6 سائەت ھەقسىز تورنى زادى قانداق ئىشلىتىمەن؟ paltahun يوللىغان ۋاقتى 2014-9-30 10:28 static/image/common/back.gif
مېنىڭ تېلفونۇمغا 6 سائەت ھەقسىز سىمسىز توردىن 0MB ئىشلەت ...
تېلگىرافنىڭ سىمسىز تورى تارقىتىلغان ئورۇنلاردا ( تېلگىراف ئىدارىلىرىنىڭ ئەپ-چۆرىلىرى ، بىر قىسىم سودا-سارايلار، بانكا ، ۋوگزال ، ئايردىروم ) تېلفۇنىڭىزدا chinaNet دەيدىغان سىمسىز تورى ئۇچۇرى چىقىدۇ ، شۇنىڭغا ئۇلىغاندىن كېيىن تور كۆرگۈچنى قوزغاتسىڭىز portal بەت قوزغۇلۇپ سىزدىن تېلفۇن نومىرىڭىزنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ ، ئاندىن مەخپى شىفىرىنى سىزگە يوللاپ بېرىدۇ ، شۇ نومۇرنى تەلەپ قىلغان يەرگە كىرگۈزۈپ مۇقۇملاشتۇرىسىز ، شۇنىڭ بىلەن ۋاقىت ھېسابلاپ تورغا چىقىشقا باشلايسىز .
بەت:
[1]