karam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 17:45:03

شىمالىي قۇتۇپتىن غايەت زور نېفىتلىك بايقىدى. (karam)


رۇسىيە ۋە ئامېرىكا كارخانىلىرى بىرلىشىپ شىمالىي قۇتۇپتىن غايەت زور نېفىتلىك بايقىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيە نېفىت شىركىتى ۋە ئامېرىكا ئېكسون موبىل (Exxon Mobil) شىركىتى شىمالىي قۇتۇپتىكى كارا (Kara) دېڭىزىغا جايلاشقان يەرشارىنىڭ ئەڭ شىمالىدىكى نېفىت بۇرغىلاش سۇپىسىدا بىرلەشمە قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق يېڭى نېفىت زاپىسى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رۇسىيە نېفىت شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئىككى شىركەت تېخنىكا ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئۆلچىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، قىدىرىپ تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى  1 يېرىم ئايدا تاماملاپ، يېڭى نېفىتلىك بايقىغان.

نۆۋەتتە، رۇسىيە نېفىت شىركىتى كارا دېڭىزدىكى 3 رايوندا نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈۋاتقان بولۇپ، مۆلچەردىكى نېفىت زاپىسى 87 مىليارد باكقا يېتىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە كارا دېڭىزدىكى ئومۇمىي نېفىت زاپىسى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پۈتۈن نېفىت زاپىسىغا باراۋەر كېلىدىكەن.

رۇسىيە نېفىت شىركىتى بىلەن  ئامېرىكا ئېكسون موبىل شىركىتى 2011-يىلى ئومۇمىي قىممىتى  3 مىليارد 200 مىليون يۈەنلىك كېلىشىمنامە ئىمزالاپ، رۇسىيەنىڭ شىمالى قىسمىدىكى كارا دېڭىز نېفىتلىكىنى بىرلىشىپ قىدىرىپ تەكشۈرۈش، ئېچىشنى قارار قىلغان.

نۆۋەتتە، رۇسىيە نېفىت شىركىتى ۋە شىركەت باش لىدېرى ئامېرىكىنىڭ رۇسىيە ئېنېرگىيە سانائىتىنى جازالاش «قارا تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ شىركەت بىلەن ھەمكارلاشقۇچى تەرەپ بولغان ئامېرىكا  ئېكسون موبىل شىركىتى 9- ئاينىڭ بېشىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ رۇسىيە كارخانىلىرىنى جازالاش بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلىپ، رۇسىيە كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىدىغان تۈرلەرنى «تەدرىجىي ئازلىتىدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن.
مەنبە : تېڭشۈن تورى

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 20:37:14

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 20:42:11

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-29 20:46  

  شىمالى قۇتۇپ ئەزەلدىن دۆلىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىمىكىن دەيدىغان گۇمانىم بار. مىنىڭچە ئۇ يەردىن ھىچ بولمىغاندا دۆلىتىمىزدىكىگە ئۇخشاپ كىتىدىغان بىرە تال توڭ چاشقانمۇ بولسا تىپىلىپ قالارمىكىن.
  ئەمدىكى مەسلە شۇ روسلار يادرو پوپوزىسى بىلەن ئامىركىنى ئۇ يەردىن ھەيدىۋەتكەندىن كىيىن قىزىل كۆزلۈك قىلىپ بىزگە بەرمەسمىكىن بايلىقنى...

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 20:42:58

ماۋۇ نىفىت يوق يەمۇ بامىدۇ.

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 21:15:18

yerimnan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 21:46:45

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yerimnan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-29 21:48  

   باش رەسىمگە بېغشلىما

نازۇك قۇلۇڭ بوينۇمدا لىكىن سەن يوق ئويۇمدا ،

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 22:09:54

ئىسكومۇسلار ياشايدىغان يەرمۇ ئۇ يەر ؟

yarzat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 22:24:13

چىڭ سۇلالىسىدا بارغان بىرەرسىنىڭ چۇخىيى ئۇچراپ قالمىغىيدى تېخى..

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 22:55:48

kuyaxoghli يوللىغان ۋاقتى  2014-9-29 20:42 static/image/common/back.gif
ماۋۇ نىفىت يوق يەمۇ بامىدۇ.

نېفىت يوق يەرمۇ بار

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 23:03:42

yerimnan يوللىغان ۋاقتى  2014-9-29 21:46 static/image/common/back.gif
باش رەسىمگە بېغشلىما

نازۇك قۇلۇڭ بوينۇمدا لىكىن سەن  ...

كۆپ رەخمەت ...  بېغىشلىمىڭىزنى ئوقۇپ كەچمىشلىرىمنى بىر قۇر ئەسلەپ چىقتىم :o  

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 23:27:50

500yil yitamu

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 08:55:10

نېفىت چىقىپقالسا تەڭ بۆلىشىمىز جۇما !
دەپ كىلىشىمنىڭ يوغىنىنى تۈزۈپ تەكشۈرۈشنى باشلىغان بولغىيتى ھەقىچان .

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 09:09:47

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-29 23:27 static/image/common/back.gif
500yil yitamu

50يىل يەتسە چوڭ گەپ !

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 10:12:47

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pis-pas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-30 10:14  

كارا (Kara) دېڭىزىغا جايلاشقان
كارا ئەمەس، قارا دەپ ئاتايمىز، مەنىسى شۇ قارا . بۇ سۆز تاتارلار قويغان ئىسىمغۇ دەيمەن .
http://en.wikipedia.org/wiki/Kara_Sea


ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 11:41:56

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2014-9-29 20:42 static/image/common/back.gif
شىمالى قۇتۇپ ئەزەلدىن دۆلىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىس ...

:lol

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 18:44:19

تېپىلغان بىلەن قېزىش تەننەرخى يۇقرى بولسا قېزىپ چىقارمايدۇ.

kurax007 ئىسىملىك تورداش، ئاۋۇ دۇنيا خەرىتىسىنىڭ ئۇيغۇرچىسى ئوخشىمامدۇ ؟ تولۇقى بولسا يوللىۋەتمەمسىز.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 18:48:34

تېپىلغان بىلەن قېزىش تەننەرخى يۇقرى بولسا قېزىپ چىقارمايدۇ.

kurax007 ئىسىملىك تورداش، ئاۋۇ دۇنيا خەرىتىسىنىڭ ئۇيغۇرچىسى ئوخشىمامدۇ ؟ تولۇقى بولسا يوللىۋەتمەمسىز.

bilhux يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 21:28:49

2020 _ يىلىغا  بارغاندا  رەسمىي  باشلامدىكىن ئىشنى .  
  2020 خاسىيەتلىك سان جۇمۇ .......... زادى

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 23:02:14

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kurax007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-30 23:41  

yollugh يوللىغان ۋاقتى  2014-9-30 18:48 static/image/common/back.gif
تېپىلغان بىلەن قېزىش تەننەرخى يۇقرى بولسا قېزىپ چىقار ...   

         بەيدۇ دىسكىدىن يوللىسام چۈشۈرگىلى قويمايدىكەن ، قۇشۇمچە ھۆججەت قىلىپ يوللاي دىسم سىغمى چوڭكەن .

buyukturn يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 09:38:23

bilhux يوللىغان ۋاقتى  2014-9-30 21:28 static/image/common/back.gif
2020 _ يىلىغا  بارغاندا  رەسمىي  باشلامدىكىن ئىشنى .  
  2020 خ ...

ئادەمنى ھاياجانغا سېلىۋەتتىڭىزغۇ زادى .
تەپسىلىراق بىلىپ باقساق بۇلارمۇ ؟
ياكى 3 - دۇنيا ئۇرۇشى بۇلامدۇ ؟
بەت: [1] 2
: شىمالىي قۇتۇپتىن غايەت زور نېفىتلىك بايقىدى. (karam)