karam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 14:28:58

iPhone 6 نىڭ تەننەرخى قانچىلىك؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-29 14:30  




يېقىندا iPhone 6 نىڭ تەننەرخىگە مۇناسىۋەتلىك تالاش تارتىش ناھايىتى قىزىپ كەتتى. شياڭگاڭ نۇسخىسىدىكى iPhone 6 سېتىۋېلىش ئۈچۈن كەم دېگەندىمۇ 5000 يۈەن كېتىدۇ. نەچچە كۈن ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە iPhone 6 plus تىن بىرى 21  مىڭ يۈەنگە سېتىلغان بولۇپ، چەتئەل پەن-تېخنىكا تور بېكەتلىرىنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، ئەڭ يۇقىرى سەپلىمىلىك بىر دانەiPhone 6  نىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 1700 يۈەندىن ئاشمايدىكەن.

iPhone 6  نىڭ تەننەرخى زادى قانچىلىك؟

پەن-تېخنىكا تور بېكىتى Teardown.com يېقىندا iPhone 6 نىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى ئانالىز قىلغان بولۇپ، ئانالىز نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە iPhone 5s،iPhone6  ۋە iPhone 6 plus نىڭ پۈتۈش تەننەرخى ئايرىم-ئايرىم 211.49 ، 227 ۋە 242.5 دوللار ئىكەن.

بۇنىڭ ئىچىدە iPhone 6 plus نىڭ زاپچاسلىرىنىڭ تەننەرخى ئايرىم-ئايرىم :

سېزىمچان ئېكران ۋە ئەينەك                          51 دوللار

سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزۈش ۋە سۆزلىشىش،WiFi ، كۆك چىش قاتارلىق
زاپچاسلىرى                                                   40.5 دوللار

مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ                            37 دوللار

سىنئالغۇ ئاپپاراتى                                   17.5 دوللار

باتارېيە                                                     6 دوللار

قۇراشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان باشقا زاپچاسلار  76.5 دوللار

يۇقىرىقى باھا بويىچە ھېسابلىغاندا ئىستېمالچىلارنىڭ قولىدىكى iPhone 6 plus نىڭ تەننەرخى جەمئىي 242.5 دوللار بولۇپ، خەلق پۇلى بويىچە ھېسابلىغاندا 1488.17 يۈەن بولىدىكەن.

نۆۋەتتە iPhone 6 ۋە iPhone 6 plus نىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى ئايرىم-ئايرىم 649 ۋە 749 دوللار بولۇپ، سېتىش تەننەرخىنى ھېسابلىماي، پەقەت ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنىلا چىقىرىۋەتكەندە، ئالما شىركىتى iPhone 6 دىن  بىرنى ساتسا ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 422 دوللار پايدا ئالىدىكەن. iPhone 6 نىڭ سېتىلىش باھاسىنىڭ %73 ى، iPhone 6 plus  نىڭ %76 ى ئالما شىركىتىنىڭ پايدىسىغا ئايلىنىدىكەن.
مەنبە : مىكرو باش خەۋەر تورى

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 16:46:23

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-29 18:53  

700 مىليارد پۇلنى ئاشۇنداق تاپمىسا قانداق تاپىدۇ.

ھازىر دىيارىمىزدىمۇ كىيى-كىچەك شىركىتى ۋە سودىگەرلەر ئارىسىدا، ئالمىدىن ئۈگۈنۈۋاتقانلار خىلى بار.

500 كويغا پۈتكەن كىيىملەرنى 1800 كويدىن سىتىۋاتماقتا.

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 16:50:44

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-29 16:46 static/image/common/back.gif
700 مىليارد پۇلنى ئاشۇنداق تاپمىسا قانداق تاپىدۇ.

;P  

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 16:59:30

:lol

jangal يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 17:04:09

تەننەرخىنى بۇنداقلا ھېسابلىسا ئانچە توغرا بولمايدۇ. ئاشۇ قاتتىق دىتاللارنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش، قانداق قىلىپ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىقلارنى تەتقىق قېلىشقا پۇل كېتىدۇ، يەنە مەشغۇلات سېستىمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا يەنە نۇرغۇن پۇل كېتىدۇ. مۇشۇ كەتكەن پۇللارنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ ھېساپلايدىغان گەپ.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 17:25:00

بۇ دىگەن پەن-تېخنىكىنىڭ كۈچى، بەرىبىر مەن ئۇنى بۇلقا بىلەن ياسىيالمايمەن ياكى ئادەمگىياغا قىستۇرۇپ كۈپەيتەلمەيمەن.

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 17:31:39

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2014-9-29 17:25 static/image/common/back.gif
بۇ دىگەن پەن-تېخنىكىنىڭ كۈچى، بەرىبىر مەن ئۇنى بۇلقا ب ...

راس دەيسىز ... بۇ دىگەن پەن-تېخنىكىنىڭ كۈچى :loveliness:

sardar8 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 18:25:12

نىم بوپ كەتتى بۇجاھان ئۈلۈشكۈن خەلىقئارا چوڭ بازارغا چىققان كىيىم ئالايدەپ بىر دۇكانغا كىرىپ بىر كاستوننى تۇتسام 2600يۈەن دەيدۇ ساتىدىغان يەر نەچچە پۇل دىسەم سىزگە 2200گە بىرەي كەملىمەيدۇ دەيدۇ شەكلى يارىمىدى دەپ چىقىپ كەتتىم توۋا  مىنىڭچە ئاشۇ كاستوننى 70-80يۈەندىن ئەكىلىدۇ ھەقاچان

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 19:16:07

دىياردىمىزدىىكى مىللىيلارنىڭ مەھسۇلارتلىرى ئوخشاش تۇردىكى ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئۇستۇنلىرىدىن باھاسى بەكمۇ يۇقرى.
مۆتىۋەرنىڭ بىر يۇرۇش غەرىپچە كاستىيوم بۇرۇلكىسى 700خەلىق پۇلى ئەتراپىدا قۇرۇق سۆلەت بەگزادە ماركىسدىكى كىيىم كىچەكلەر بولسا 300يۇەن ئەتراپىدا 2سىنىڭ پۇلى ۋە ئىشلىنى بەكلا پەرىقلىنىپ تۇردىكەن ،
ئۇنداق ماللارغا تاش قۇيۇپ تۇرىۋالماي ئوتتىرا تۇۋەن ئىستىمالچىلارمۇ كۆترەلىگىدەك باھادا چىقارسا بولمامدۇ.
ئۇنى ياكى چەت ئەلدىن يۆتكەپ ئەكەلمىگەندىكىن.
داڭلىق ماركىلار ئۇزۇن يىللىق خەلىقنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئىرىشكەن سۇپىتىدە چاتاق چىقمايدىغان بولغاچقا شۇڭا ھەمما ئادەملەر سىتۋىلىشنى ئويلايدۇ ،
مەنمۇ دادامغا playboyنىڭ كۆينىكى بىلەن ئايىغىنى ئىلىپ بەرگەن باھاسىمۇ بەك يۇقرى ئەمەس لىكىن مالدىن بەكلا رازى بولدى ئاياغ قەتتىيلا سۇپىتىدىن كەتمەيدىكەن .

يۇقرى باھا قويسىلا ماللار داڭلىق ماركىغا ئايلىنىپ كىتىدىغاندەك .

Ataman2009 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 19:59:29

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ataman2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-29 20:01  

jangal يوللىغان ۋاقتى  2014-9-29 17:04 static/image/common/back.gif
تەننەرخىنى بۇنداقلا ھېسابلىسا ئانچە توغرا بولمايدۇ. ئ ...

شۇ ئەمەسمۇ،ھەممە نەرسىنى ھىساپلىغاندەك كۆرۈنگەن بىلەن كۆزبىلەن كۆرگىلى، تۇتقىلى بولمايدىغان ئەقلى ئەمگەكنى ھىساپقا ئالماپتۇ.

uygurjan09 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 20:03:12

چىگرا سىرتىدىن كىرىۋاتقان ماللارنىڭ باھاسىنىڭ ئۆرە بۇلىشى   مۇشۇ  تاموجنا بېجىنىڭ يۇقۇرى بۇلۇشى سەۋەپلىكمىكىن دەپ قارايمەن بەزىدە ......

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 23:14:14

uygurjan09 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-29 20:03 static/image/common/back.gif
چىگرا سىرتىدىن كىرىۋاتقان ماللارنىڭ باھاسىنىڭ ئۆرە بۇ ...

باج

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 08:42:14

تۆمۆ - تەسەكلىرىنى ئايرىم باھاسىنى چىقىرىپلا قويسا بولىدىكەندە ؟ پەقەت خام ماتېرىيالنىڭ پۇلىكەنغۇ ئۇ .
ئالما شېركىتى يا جىگۇڭ بولمىسا ، ماتېرىيال پۇلىنىلا بېرىڭ دەيدىغان .
ئۇيغۇر ماركىلىرىدىكى كىيىملەرنىڭ ئۆرە بۇلىشى ، شۇ رايونلاردىكى دۇكان ئىجارىسىنىڭ ئۆرىلىمىكىن دەيمەن .
كىيىم -كېچەك بىلەن ئەقلى ئىقتىدارلىق سايمانلارنى سېلىشتۇرساق بولمايدۇ .
كىيىممۇ ئەقلى ئىقتىدارلىق بولۇپ ئاشۇنداق قىممەت بولغان بولسا مەيلىتى جۇما  ...:lol

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 09:04:45

بۇ ، ئالمىنىڭ يېڭى سېتىلىش ۋاقتىدا قىممەت بولشى ئۆزىنىڭ سودا ئىستىراتېگىيەسى ، باجنى ھەرگىز ئالما ئالتە يېڭىدىن كىرسە ئۆرە ئالمىز دېگەن ئىش يوق ، چەت ئەل مالىرنىڭ باھاسى ئۆرە بولشى ئۆز دۆلىتىنىڭ شۇ تۇردىكى مەھسۇلاتلىرنىڭ بازىرىنى دۆلەت ئىچىدە قوغداش ، ئەگەر ، شۇ تۇردىكى مەھسۇلات دۆلەت ئىچىدە يوق بولسا باجنى يۇقىرى ئالمايدۇ . بار بولسا ئۆز مەھسۇلاتىنىڭ بازىرىنى قوغداش ئۇچۇن يۇقۇرى ئالىدۇ . ئالمىنىڭ 饥饿营销 شەكلى ، ئۆچۇرەتتى تۇرۇپ بەرگۇچىلەر بەلكىم ، ئالمىنىڭ مائاشچىلىرى ، بەلكىم ئالمىدىن پۇل ئالغانلار ...  ئالما بۇ ئۇسۇلنى ناھايىتى مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملىدى ھەم داۋاملاشتۇرۋاتىدۇ ، ھەتتا ، بۆرىكىنى سېتىپ ئالمىنى ئالدىغان ياشلارمۇ چىقتى ، بۇ ھەم ئالمىنى تېخىمۇ تەشۋىققىلدى ، ئالمىنىڭ تەنەرقىگە كەلسەك ، ئوخشاش تۇردىكى سامسوڭنىڭكىدىنمۇ تۆۋەن ...

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 09:14:35

http://v.qq.com/boke/page/w/0/1/w0137u9mf61.html
بۇ قېتىم بۇلا چاڭ چىقىرىۋەتتىغۇ :lol

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 09:16:00

birmoo يوللىغان ۋاقتى  2014-9-30 09:04 static/image/common/back.gif
بۇ ، ئالمىنىڭ يېڭى سېتىلىش ۋاقتىدا قىممەت بولشى ئۆزىنى ...

:victory:

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 09:17:29

asalam يوللىغان ۋاقتى  2014-9-30 09:14 static/image/common/back.gif
http://v.qq.com/boke/page/w/0/1/w0137u9mf61.html
بۇ قېتىم بۇلا چاڭ چىقىرىۋەت ...

كۆرۇپ بولۇپ ئىنكاس يازاي :D

dilmurat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 10:13:17

asalam يوللىغان ۋاقتى  2014-9-30 09:14 static/image/common/back.gif
http://v.qq.com/boke/page/w/0/1/w0137u9mf61.html
بۇ قېتىم بۇلا چاڭ چىقىرىۋەت ...

ئۆچىرەتىتىكىلەرنىڭ 99پىرسەنتى بەسەيلەركەنغۇ..ئۇياندىن ئېلىپ بۇ ياندىن سەي ساتقاندەك ساتىدىكەن بۇ خەق...
ئامېرىكىلىق ساقچىلارمۇ ئامال قىلالماپتۇ...زادى قېلىنلىق پۈتۈن دۆلەت جۇمۇ بۇ خەققە.
بەت: [1]
: iPhone 6 نىڭ تەننەرخى قانچىلىك؟