uyghurqq يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 14:17:51

قىزىمنىڭ بويۇنغا قىزىل نەرسىلەر چىككەتتى ياردەم قىلساڭلار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghurqq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-29 14:19  

ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ئىزدىنىشتىنكى تورداشلار:

2 ئايلىق بولغان قىزىمنىڭ بويۇن تىرىسىگە قىزىل نەرسىلەر چىككەتتى، چىققان بۇ نەرسىلەرنىڭ نىملىكىنمۇ بىلمەي قالدىم ، دەسلەپتە چوڭلار ئىسسىغلىقتىن چىققان نەرسە ئەنسىرەپ كىتىشنىك ھاجىتى يوق دىگەنلىكتىن كۆڭۈل بولمەپتۇق ، 15 كۈنچە بولدى بۇ قىزىل نەرسىلەر يوقالماي ئورنى كېڭىيىپ بويۇن تىرىسنىڭ ئالدى تەرەپ پۈتۈنلەي شۇنداق بوپ قاپتۇ، ئارقا تەرەپتە يوق ، ھازىر قوللاق يومشىقىغىمۇ ئازراق چىقىپ قاپتۇ.

باشتا چىققان چاغدا قىزارغان تەرەپنىڭ ئۇستىدە ئازراق ئاق مودۇ بارتى ھازىر ئو مودۇلار تۈگەپ سەل يىرىكلىشىپ قاپتۇ. قىچىشمايدىغان ھەم ئاغرىمايدىغان ئوخشايدۇ ، تۇتۇپ سۈرۈتسەكمۇ بالدا ھېچقانداق ئالامەت يوق. بالغا بۇ نەرسە چىقىپ قېلىشتىن ئاۋال ھېچقانداق قىززىش ياكى باشقا ئالامەتلەر يوق ئىدى.

بالنىڭ ئانسىنى ئىمىش ھەم تاماق يىيىشى نورمال ھېچ بىر باشقىچە ئۆزگىرىشنى بايقىمىدۇق.

تورداشلار مۇشۇ ئىشىمغا بىر ياردەم قىلىپ مەسلەھەت بەرسەڭلار كۆپ مىننەتتار بولاتتىم. ئانىسى ئىككىمىز ئەمدى ئەنسىرەپ قېلۋاتىمىز،

uyghurqq يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 14:20:49

خەنزۇچە ماتىرياللانى كۆرسەم تىرە يالغۇغى ، يەل تاشما دىگەندەك نەرسىلەرنى يېزىپ ھېچ بىر پايدىلانغىدەك نەرسە يازماي قۇرۇق نەرسىلەرنى يوللاپ قويۇپتۇ {:99:}

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 15:31:48

نېمىشقا  دوختۇرغا كۆرسەتمەيسىز؟:o

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 15:33:01

ئىملاغا رېئايە قىلسىڭىز بولاتتى؛ مەن كىيىن تەھرىرلەپ قوياي

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 15:34:02

ئاللا شىپالىق بەرسۇن!

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 15:34:06

ئاللا شىپالىق بەرسۇن!

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 15:38:50

بالام بىر ياش ۋاقىتلىرىدا ياز ۋاقتىدا بەدىنىگە ئاشۇنداق قىزىل نەرسىلەر چىقىپ كېتىپ چوڭلارنىڭ دېگىنى بويچە ئېرىقتىكى لاي سۇدا ئىككى قېتىم يۇيۇپ قويسام ساقىيىپ قالغان. كېيىن سىڭلىمنىڭ بالىسىغىمۇ شۇ ئامالنى ئىشلەتسەك ساقايغان. لېكىن ئاۋۇ رەسىمدىكىدەك قويۇق ئەمەستى. بۇ ئوخشىماي تۇرىدۇ.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 15:45:24

خەنزۇچە 湿疹دەپ قويىدىغۇ بۇكىسەلنى
:lolبۇ يەردە تور تىۋىپلىرىدىن مەسلىھەت سوراپ يۈرمەي دوختۇرغا كۆرسىتىپ بېقىڭ .

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 15:59:31

بالىنى ۋاقتى ۋاقتىدا قۇرۇقداپ ، ئۇپىلىمىسا تولاراق مۇشۇنداق بولىدۇ ، ئۇپىلىسىڭىز بولامىكى ،
ئەڭ ياخشىسى دوختۇرغا كۆرسىتىڭ .

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 16:30:59

ئەڭ ياخشىسى ناھىيدە بولسىڭىز ناھىيلىك خەلق دوختورخانىسىغا ئاپىرىپ، بالىلار كىسەللىكلىرى بۆلۆمىدە تەكشۈرتۈڭ.

ۋىلايەتتە بولسىڭىز ۋىلايەتلىك خەلق دوختورخانىسىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈڭ.

gepnoz يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 16:43:36

قايناقسۇنى كۆپ ئىچكۈزۈپ ، ئۇپىلاپ تۇرسا ئوڭشىلىپ كىتىدۇ .

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 16:58:38

بۇ خىل كېسەللىك ئاساسەن ئۇزۇن مەزگىل يەرلىك ئورون نەم ياكى نەمخۇش تۇرۇشتىن كېلىپ چىقىشى مۇمكىن ، ئۈستىدىكىلەر دېگەندەك ئۇپىلاپ بېرىڭ، مۇمكىن بولسا پات پات ئۇچۇق قۇيۇپ ھاۋالاندۇرۇڭ يەرلىك ئورۇننى. ئاندىن يەنە بىرى بالىنى بەك ئىسسىق بېقىۋەتمەڭ،  
چوڭلار بالىنى بەك ئىسسىق باقىدۇ، ماۋۇ يولداشلار بەك يېلىڭ باقىدىكەن، سەۋەبىنى توردىن ئىزدەپ باقسام بەك ئىسسىق بېقىشمۇ تازا ئاقىلانە ئامال ئەمەسكەن . ئاندىن پاختىلىق  رەخت كىيىم كەيدۈرۈڭ، كىيىمى يۆگىكىگە چۇقۇم پاختا رەخت ئىشلىتىڭ ، نىلۇن ئارلىشىپ قالمىسۇن.
ئاللاھ ئەۋلادلىرىمىزنى ئامان قىلسۇن :)

mihin يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 18:08:57

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mihin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-29 18:10  

پىلان سىرتىدا ئوخشايدۇ تورادشلار   مىنىڭ داداممۇ دوختۇر  بۇرۇن بۇنداق بالىنى ئۇچراتقان ئىدىم  دادام قىزىل چىقىپتۇ       دەپ دىئاگونوز قويغىنى ئىسىمىدە  راسمۇ شۇنداقمۇ ئېنىق بىرنەرسە دىيەلمەيمەن ، دەرھال  شەخسى دوختۇرخانىغا بولسىمۇ  ئىلىپ بىرىڭ .  ئەگەر ئۇنداق مۇمكىنچىلىك بولمىسا مەن دادامغا دەپ باقاي.
ئامال بار كۈندە كىيملىرنى يۇيۇپ  ئاپتاپتا قۇرتۇپ   ئىككى ئۈچ قىتىم ئالماشتۇرۇپ بىرىڭ.

sherife يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 18:28:47

بالىنى بەك ئىسسق بېقىۋېتىپسىلە.  بۇ خىل ئەھۋال  بۇيۇن كۆپ تەرلەپ، قۇرغاق تۇتۇلمىغانلىقتىن بۇلىدۇ. ئەڭ دەسلەپتە چىققان ئۈزى قىزىل ئۇچى ئاق بولغىنىنى ‹قىزىل چىچەك› ، ھازىر ئېغىرلاپ ھۆل تەمرەتكىگە (湿疹) تەرەققى قىپتۇ. ئامال بار تېرە كىسەللەر دۇختۇرىغا كۆرسىتىڭلار، ئەگەر شارائىت يار بەرمىسە تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى قوللىنىپ بېقىڭلار(بالىدىكى ئەھۋال سەل ئېغىركەن ، ئۈنۈمى ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن. يەنىلا دۇختۇرغا كۆرسىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن).
يەرلىك ئۇرۇننى قۇرغاق ساقلاش بەك مۇھىم ،لېكىن ھازىر ئۇپپا ئىشلەتسىڭىز تېخىمۇ ئېغىرلاپ كىتىدۇ، بالىنى سالقىنراق بېقىپ، پات -پات يۇيۇپ ،تەرلىگەن ھامان كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ ياكى يۇمشاق پاختا رەخىتتە سۇرتۇپ تۇرۇڭلار. 炉甘石试剂 دىگەن دورىنى پالىكۈچ بىلەن بۇيۇنغا كۈنىگە 3-4 ۋاخ سۈرتۈپ بىرىڭلار. تاپالىساڭلار 复方氧化锌 نى قۇشۇپ ئشلەتسەڭلار  تېخى ياخشى. بالىنى يۇغاندا سۇپۇن ئىشلەتمەستىن قۇرۇق سۇدا يۇيۇڭلار، تەركىبىدە خېمىيەلىك ماددىلار بولغان ھەر قانداق نەرسە كىسەلنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ. يۇمشاق، ساپ پاختا كىيىملەرنى كېيدۈرۈڭلار. ئەگەر ئۈنۈمى ياخشى بولمىسا ،تېخىمۇ ئېغىرلاپ كىتىشتىن بۇرۇن بالىنى قىينىماي، كىچىكتۈرمەي دۇختۇرغا ئاپىرڭلار. ئاللاھ شىپالىق بەرسۇن.

sardar8 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 18:29:50

مىنىڭچە گەپ ئانىسىدا ئايالىڭىز تاماقتىن پەرىز تۇتسۇن مىۋە چىۋە ئۇششاق چۈششەك دىگەندەك غىزالاردىن

2828288 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 18:51:06

بالىڭىز چىللە بولۇپ قاپتۇ. ئۇيغۇر تىبابىتىدە چىللىنى داۋالايدىغان ئۇسۇللار بار. ئۇستاراق تىۋىپقا ئاپىرىڭ. مەنمۇ ئۆز ۋاقتىدا بالامنى دوختۇرخانىغا ئاپارسام كىچىككىنە بالىغا 99كويلۇق دورا يىزىپتۇ. يۇرۇقراق يەرگە ئەپچىقىپ ئوقۇپ باقسام «板蓝根冲剂» دىگەن دورىكەن.  ھەم بالىنى كۆرگىچە ھېلىقى خەنزۇ دوختۇر «مېنىڭ بالاممۇ مانچە ياشقا كىرگۈچە مۇشۇنداق بولۇپ، كېيىن كىيىمى مۆرىسىگە چاپلىشىپ كېتىپ، يىشەلمەي، قايچا بىلەن كېسىپ ئالغان. سىلەر مىللىلار بۇنى ئەر-خوتۇن بىللە بولۇپ تەرەت ئالماي يۈزىگە قارىغانلىقتىن بولىدۇ دەپ قارايسىلەر. ئەمىلىيەتتە بالىلاردا بولىدىغان تىرە ياللۇقى » دەپ كەتكەن بولغاچقا، «ئۆزەڭنىڭ بالىسىنى مانچە ياشقا كىرگۈچە داۋالاپ ساقايتالمىغان دوختۇر تۇرۇپ خەقنىڭ بالىسىغا دورا يىزىپ نىمە ئىش قىلىسەن » دەپ ھىلىقى رىتسىپنى يىرتىپ تاشلىۋەتتىم-دە ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىگە ئاپاردىم. ھىلىقى دوختۇر مېنى كۆرىۋالمىسۇن دىگەندەك ، شىرەنىڭ تارتمىسىنىڭ ئىچىدە بىر ئۇن دورىغا ئازراق 红霉素软膏ئارلاشتۇرۇپ، سۇلياۋ خالتىغا قاچىلاپ بەردى. شۇنى سۈركەپ ئىككىنچى قوزغالمىدى.

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 18:58:04

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 19:06:21

mihin يوللىغان ۋاقتى  2014-9-29 18:08 static/image/common/back.gif
پىلان سىرتىدا ئوخشايدۇ تورادشلار   مىنىڭ داداممۇ دوختۇ ...

پىلاننىڭ سىرتىدا بولسىمۇ دوختۇر داۋالاۋېرىدۇ. دوختۇرغا ئاپارغان بالىنى بىرەر دوختۇرنىڭ پىلاننىڭ سىرتىدىكەن دەپ داۋالىمىغىننى ئاڭلىمىدىم. ئۇنى سوراپمۇ قويمايدۇ.

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 19:22:14

دوختۇرخانىغا ئىلىپ بىرىپ ئىمىتىۋاتقان مەزگىلدە سىز ۋە بالىنىڭ يىمەكلىكىگە دىقەت قىلغان ياخشى .
بولۇپمۇ كىچىك بالىلارنىڭ تىرىسى بەك نازۇك تەرلەش ۋە تۆكۇلگەن تاماقلارمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ ،
ھاۋالاندۇرۇڭ ،تازلىقى ياخشى بولسا ئۇزۇنغا قالماي ئوڭشىلىپ كىتىدۇ.

uyghurqq يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 20:57:30

قېرىنداشلار خاپا بولماڭلار ھەممىڭلار دوختۇرغا ئاپارمامسەن دەپسىلەر بۇ گۇنا مەندە....دەسلەپتە چوڭ ئاپام ئۆزى ئوڭشىلىپ قالدۇ دىگەچكە ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەپتىمەن...كىيىن خىزمەت سەۋەبىدىن ئايالىمنى ئېلىپ ناھيە مەركىزىدىن يىراقراق بىر يېزغا خىزمەت ئورنۇمغا كەلدىم.  بالدا بويۇنىغا مۇشۇ نەرسە چىقىپ قالغاندىن باشقا ھېچقانداق نورمالسىزلىق كۆرۈلمىگەچكە بىزمۇ ئانچە كۆڭۈل بولمەپتۇق... ھەم بۇ يەردە شارائىتمۇ يار بەرمەيتى  ...لىكىن شۇنداق بولسىمۇ مەن دىققەت قىلشىم كىرەكتى شارائىتنى ئۆزم ھەل قىلسام بوللاتتى بۇ گۇناھ مەندە...:'(:'(:'(
مەن ئەتە ئەڭ تىز سۈرەتتە دوختۇرغا ئاپىرىپ كۆرسىتىپ باقاي... ھەرقايسى دوسلارنىڭ ياردەم قولنى سۇنغانلىقى ھەم بالامغا ئاللاھتىن ئامانلىق تىلگەنلىكىگە كۆپتىن - كۆپ رەھمەت..سىلەرنى ئاۋارە قىلدىم .:shutup:
بەت: [1] 2
: قىزىمنىڭ بويۇنغا قىزىل نەرسىلەر چىككەتتى ياردەم قىلساڭلار