tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 12:28:14

توخوتۇرنىڭ ھېكمەتلىك سۆز سېتىۋېلىشى

بەلكىم سىلەر بىلمەيسىلەر ، مەن كەمىنە توخوتۇرنىڭ ھېكمەتلىك سۆزگە خېلى ئىشقىم بار . بەلكىم تىمىنى ئوقۇپ ھەيران قالغانسىلەر.ئەمما بۇنىڭ ھەيران قالغۇدەك نىمىسى بار .تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلاردا ھېكمەتلىك سۆز سېتىۋالىدىغانلاردىن مەنلىمىتىم . ئۇيغۇر تارىخىنى سۇرۇشتۇرسەڭلار ، پۇلى بارلار پۇلىغا ،كۈچى بارلار دانىشمەنلەرگە ئشىلەپ بولىسمۇ ھېكمەتلىك سۆز سېتىۋالدىغان ئەنئەنىمىز بار ، سودىگەر بالىسىغا ئۇچ قېتىمدا مىڭ تىللادىن ئۇچ مىڭ تىللا بىرىپتۇ . بالا ئۈچ مىڭ تىللانىڭ ھەممىسىگە ھېكمەتلىك سۆز سېتىۋېلىپتۇ . ئۇنىڭدىن باشقا نەسىردىن ئەپەندىمدىن تارتىپ موللا زەيدىنگىچە ھېكمەتلىك سۆز ئاڭلاش ئۇچۇن بىكىرىغا ھاممالچىلىق قىلغانلىقى ئىسىڭلاردا بولسا كېرەك .شۇنداق مەنمۇ ئەمدى ئۇيغۇر بولغاندىن كىيىن ئەلۋەتتە مېنىڭ گىنىمدىمۇ تەبىئى ھالدا ھېكمەتلىك سۆزگە بولغان ئىنتىلىش ۋە ھەۋەسنىڭ بولىشى ناھايىتى نورمال ئىشقۇ . بىر مەزگىل شىنجاڭ مەدىنيىتىدە ھېكمەتلىك سۆز ھايات ئۇزۇندىلىرى يازىدىغانلار شۇنداق توللاپ كەتكەن ئىدى ، كىيىن ئىزدىنىش تورىدا پەرھات تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ كۇچلۇك مەسخىرسىگىمۇ قالغان بولدى . مەيلى نىمىلا بولمىسۇن ، ئۇيغۇريولى(يىپەك يولى )دىكى يېڭى ئىديە بىلەن سۇغۇرلىش ئسىتىكى بىر مىنۇتمۇ توختاپ قالمىدى .
ئا كۇنى تېلفۇنىم جىرىڭشىپ  توغراق شېركىتىنىڭ تېلفۇنىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم . بىر ھەپتىدىن كىيىن قومۇل ئىقبال تەربىيلەش مەركىزىدە مۇۋاپىقيەتشۇناسلىق ھەقىدە ئىككى كۇنلۇك دەرىس ئۆتمەكچى ، قاتنىشامسىز ، بېلەت باھاسى ئۇچ يۇزكوي . ماقۇل قاتنىشايلى ھېكمەتلىك سۆزنى ئاڭلىمايمەنمۇ دەپ ماقۇل بولدۇم . ئۇلارنىڭ مېنىڭ تېلفۇن نومۇرىمىنى قانداق تاپقانلىقى مېنى ھەيران قالدۇرغان بولسىمۇ ، سەل غەيرى رەسىمى تۇيۇلغان بولسىمۇ بىراق مەن ئابدۇراخمان پەتتار ئەۋىف ئەپەندىمنىڭ ئۇستازى چىن ئەنجى ئەپەندىمنى سىرتتىن تونىغىلى ئون يىگىرمە يىل بولغان ئىدى . ئۇ مېنىڭ يىگىرمە ياش ۋاقىتلىرىم ئىدى ، 20 ياشلاردىكى قايىسى بىر ئۇيغۇر ياش مۇۋاپىقيەتكە ئىنتىلمەيدۇ دەيسىز ، قايسى بىر ياش ئۆزىنى نامايەن قىلىشنى خالىمايدۇ دەيسىز ، مەن ئەنە شۇ چىن ئەنجى لى جىيەن  ۋە باشقىلارنىڭ دەيلىرىنىڭ يالغان نۇسخىسىنى كۆپلەپ سېتىۋېلىپ ، كەلگۇسىدە كوزىنى پوزا قىلىش ئۇچۇن تىرىشقان تىرماشقان ۋاقىتلىرىم بولغان ئىدى . ئەپسۇس كۆرگەن دەيلىرىم شۇ پېتى قالغان بولدى ، ئەمدىلىكتە بولسا چىن ئەنجىنىڭ ئۇيغۇر شاگىرتى ئابدۇراخمان پەتتار ئەۋىف ئەپەندىم مېنىڭ مۇۋاپىقيەت تۇيغۇلۇرۇمنى چىكىپ شاگىرتلىرىغا تېلفۇن سوقتۇرغان ئىدى .مەيلى قاتنىشاي بىر نەنچىدىن ئۇيغۇر ناتىقلارنى قوللاش قۇۋۋەتلەش مەجبوريەتلىرىمىز ھەم بار، ئىككى نەنچىدىن بەلكىم مەن ئۆمرۇمدە ئاڭلاپ باقمىغان ھېكمەتلىك سۆز پاراڭلار چىقىپ قالسىمۇ بىرگەپ دىگىلى بولمايدۇ .
      ھەي موشۇ خاتۇن  خەق دىگەن ھېكمەتلىك گەپنى چۈشۈنەتتىمۇ ، 300 كوينىڭ گىپىنى ئاڭلاپ غىدىڭشىغىنى غىدىڭشىغان .ساماۋەر مېزىلىك قازانغا يەنە ئىنتىزارغا بېرىپ كەلگىلى بولاتتىيەي ، نىمە قىلىدىغاندۇ شۇ ئاقماس پاراڭنى ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن نىمە پايدا چىقىدىغاندۇ ، ما ئەدەمنىڭ قىپ يۇرگەن ئىشنى دەپ يۇرۇپ تاس قالدى دەيمەن مېنىمۇ يالتايتىپ قويغىلى . شۇنداق بىر ھېكمەتلىك سۆز يادىمغا يەتتىكى ئۆتكەن ئاقىللىرىمىز خوتۇنلار ھەقىدىمۇ ھېكمەتلىك سۆزلەرنى تىزىۋېتىپتىكەن ئۇلارنىڭمۇ خاتۇنلىرى بولغاندىن كىيىن ، ئاشۇ خاتۇنلىرىڭىزلەرنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ قويىڭىزلار ، ئەمما ئەلۋەتتە خاتۇنلىرىڭىزلەرنىڭ گىپىنىڭ قارىشىسى بويىچە ئىش قىلىڭىزلەر مۇۋاپىقيەت قازىنىشقا باشلايسىزلەر دىگەن ئاتىلار سۆزىنى ئىسىمگە ئالدىمدە چىن ئەنجىنىڭ ئۇيغۇر شاگىرتىنىڭ مۇۋاپىقيەت لېكىسيەسىنى ئاڭلاشقا قەتئى قارار بەردىم . ئەلۋەتتە مەن شاگىرىت بولۇش ئۇچۇن ئەمەس پەقەت سىرىتتىن كۆزىتىكۇچى سۇپىتىدە قاتناشماقچى . قېنى ئىككى كۇنمۇ ئازۋاقىت ئەمەس قېنى نىمىلەرنى دەيدىكىن ، بۇرۇن چىققان قۇلاقتىن كىيىن چىققان مۇڭگۇز ئېىشىپ كىتىپتۇ دىگەندەك بۇ سولتەك ئا جالالىدىن ، يا روزىلاردىنمۇ ئېشىپ چۇشەمدۇ نىمە  ،بۇنىڭغا بىينىمە دەپ بولمايدۇ يەر شارى دىگەن يۇمۇلاق ، ھەممىمىزگە پۇرسەت بار . شۇنداق قىلىپ مەن ئانچە مۇنچە ۋاقتىمنى تەڭشەپ ئالدىمىزدىكى بۇ شەنبە يەكشەنبىنىڭ كىلىشىنى كۈتتۇم .

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 16:55:05

بۇ چىن ئەنجى ئەپەندىم ، ئابدۇراخمان پەتتار ئەۋىف ئەپەندىم ئۇنىڭ ياراملىق ئۇيغۇر شاگىرتى

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 17:38:56

گەپكە قوشۇق سالماي ، قۇلاق سېلىپراق ئولتۇراي

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 19:16:37

تەسىراتنىمۇ  سۆزلەشنى ئۇنتۇپ قالمىغايسىز

2828288 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 19:38:55

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   2828288 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-29 19:46  

سىزغۇ بۇنىڭغا قىزىقىپ قاپسىز. مەن ماۋۇ تۇركچىگە بەك قىزىقىپ قىلىۋاتىمەن. يىقىندا بېرىن سات باش رول ئالغان « فاتماگۈلنىڭ گۇناھى نىمە» «ئىنتىقام » دىگەن تىلۋىزىيە فىلىملىرىنى كۆرۈپ تۈگەتتىم. نۇرغۇن سۆزلۈكلەرنى ئۈگىنىۋالدىم. ئالى مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا روسچە ئۈگەنگىچە تۈركچە ئۈگەنگەن بولسامچۇ دەپ قىلىۋاتىمەن. كىنودىن ئۈگەنگەنلىرىم ئەدىبى تىلمۇ ، ئېغىز تىلىدا باشقىچە ئىيتىلامدۇ ھىچ بىلەلمەي قالدىم.پۇلنى ئەزەلدىن پارە دەمدۇ؟ بىزدە پارە دىگىنى سەلبى مەنىدە قوللىنىدۇ. مەسىلەن پارە ئىلىش جىنايىتى دەيمىزغۇ؟ئاندىن ئېلىپ ماڭدى دىگەننى كۆتۈردى دىگىنىگە بەك كۈلگۈم كەلدى. بىزدىمۇ بارغۇ « كۆتەر قاسقىنىڭنى » دەيدىغان گەپ. ئاندىن دوختۇرخانىنىنى ئاستانە دەمدۇ يە خەستانە دەمدۇ، ئىشقىلىپ ئاغرىپ قالدى دىگەننى خەستە بولدى دەيدىكەن. خەستە دىگەننى ئۆزبىكچىدە بەك كۆپ قوللىنىدۇ.ئاندىن ساقچىلارنى ساۋچىلار، قارا قوللار، جاندارمىلار، پولىزلار دەيدىكەن.

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 20:30:11

ۋوي ئەمسە بىي تەسىراتىنى يېزىۋەتسىلە  tohotur  ئاكا ؟يامان  تەقەززا بۇلاپ كەتتىم

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 21:54:52

2828288نىڭ ھەكىمەتلىك ئىنكاسىغا ئاپرىن.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 21:58:46

شۇنداق بىر ھېكمەتلىك سۆز يادىمغا يەتتىكى ئۆتكەن ئاقىللىرىمىز خوتۇنلار ھەقىدىمۇ ھېكمەتلىك سۆزلەرنى تىزىۋېتىپتىكەن ئۇلارنىڭمۇ خاتۇنلىرى بولغاندىن كىيىن ، ئاشۇ خاتۇنلىرىڭىزلەرنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ قويىڭىزلار ، ئەمما ئەلۋەتتە خاتۇنلىرىڭىزلەرنىڭ گىپىنىڭ قارىشىسى بويىچە ئىش قىلىڭىزلەر مۇۋاپىقيەت قازىنىشقا باشلايسىزلەر دىگەن ئاتىلار سۆزىنى ئىسىمگە ئالدىمدە چىن ئەنجىنىڭ ئۇيغۇر شاگىرتىنىڭ مۇۋاپىقيەت لېكىسيەسىنى ئاڭلاشقا قەتئى قارار بەردىم .


ماۋۇ سۆزلېرىڭىزنى ئوقۇپ بىزنىڭ باشلىقنىڭ ئاندا-ساندا مىسال ئېلىپ قالىدىغان ئون خوتۇننىڭ بىر توخوچىلىك ئەقلى يوق، شۇ توخونىڭمۇ ئەقلى بولسا يەمدۇ پوق. دىگەن بىر گىپى ئىسىمگە كېلىپ قالدى.{:136:}

saharkuyi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 09:11:53

kuyaxoghli يوللىغان ۋاقتى  2014-9-29 23:58 static/image/common/back.gif
شۇنداق بىر ھېكمەتلىك سۆز يادىمغا يەتتىكى ئۆتكەن ئاقىل ...

سىڭىل ئىزدىنىشقا چىقمايدىكەن ھە؟

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 09:40:02

ئابدۇقادىر جالالىدىندىنمۇ قىممەت سىتىپتۇ
  ئالدىنقى ئايدا قەشقەرگە كەلگەن بولسىڭىز  ھىكمەتلەرنى ئەرزان ئەرزان ئەكىتەتتىڭىز

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 09:59:57

ئانچە داڭلىق بولمىغان بىر «داڭلىق»نىڭ سۆزى ئېسىمگە كىلىپ قالدى .
1.سەن ئادەتتىكى بىر پۇخرا بولساڭ، سۆزلىرىڭ شۇنداق مەنىلىك، پەلسەپىۋىلىك ، پاساھەتلىك بولسىمۇ، بەرىبىر خەلق ئۇنى ئېسىدە تۇتمايدۇ .
2. سەن مەنچىلىك ئانچە داڭلىق بولمىغان بىر «داڭلىق» ئەرباپ بولساڭ، گەپلىرىڭ كىشىلەرگە سەل تەسىر قىلىدۇ .
3. ئەگەر سەن بىر داڭدار ، تونۇلغان شەخىس بولساڭ، سېنىڭ ئادەتتىكى بىر ئېغىز سۆزۈڭمۇ ئۇلارغا ھىكمەتلىك تۇتىيا بىلىنىدۇ.
-----
دىمەك، ھىكمەتلىك سۆزنىڭ تەسىر بار ئەمەس، بەلكى ئادەمنىڭ تەسىرى بار .:lol

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 17:41:40

ئەسلىدە مەن يوقۇرقى باياندا بىر جۇملە سۆزنى خاتا قىلغان ئىدىم .ئۆيدىكى كونۇپكا تاختامدىكى س كونۇپكىسى سەل بوشاپ قاپتىكەن ، بۇدا يوقاپلا كەتتى ،بالام تېرىپ  يۇرتىۋالغاندىمۇ دىگەن ئەندىشەممۇ بار .

ئەسلى گەپكە كەلسەك 32 ھەرىپتىن بىرسى كام بولسىمۇ بولمايدىكەن ئاينا ، شۇ كامچىلىقتا يازغىلى بولماي يازماي دىسەم كۆڭلۇم ئۇنىماي  دىگەندەك .......

يەنە بىر قېتىم ئەسلى گەپكە كەلسەك ئۇيغۇر يولى (يىپەك يولى(دىكى يېڭى ئىديە بىلەن سۇغۇرلۇش ئىستىكى بىرمىنۇتمۇ توختاپ قالمىدى دىگەن جۇملەم خاتا ، ئەسلىدە مۇنداق دىسەك توغرا بولارمىكىن دەيمەن ، ئۇيغۇر يولدىكى ساھىپخانلاردا ھەر قانداق بىر يېڭىلىقنى كۆزۇتۇپ ئۆرۇپ چۆرۇپ پارچىلاپ ئۆز مەۋجۇتلىقى ئۇچۇن تاراشلاپ ئۆز قىممەت مەدىنيەت قاراشلىرىغا پايدىلىق بولغان ھالەتكە ئېلىپ كىلىپ ، پايدا قىلىدۇ دەپ سۇمۇرۇپ ئىچىۋالىدىغان بىر ئادەت بار ئىكەنتۇق .

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 17:52:14

كەلمەكچى بولغان ناتىق زاغرا تىلىمىزدىكى مەددال مۇۋاپىقيەت توغۇرسىدا سۆزلىمەكچى ئىكەن .كۆزۇمنى يۇمۇپ ئويلىنىپ كەتتىم ، ئۇنداقتا قومۇل دىيارىمىزدا مۇۋاپىقيەت قازانغان شەخىسلەر ۋە ۋەقەلەر بىر بىرلەپ خىيال ئىكرانىمدىن ئۆتۇشكە باشلىدى . ئۇستاز ئەخمەت ھەمدۇللا ئەپەندىم زور غەيرەتلەر بىلەن قومۇلدا ئۆتكەن شەخىسلەر دەپ بىر كىتاپ يېزىپ ئىخچام ھالدا مۇۋاپىقيەتنىڭ بىر تىز سىزمىسىنى كۆرسەتتى . (مەن كىتاپنىڭ يەنىمۇ تەپسىلى بولۇشىنى بەك ئۇمۇت قىلغان ئىدىم ). ئۇنداقتا قەدىم ئايەمدىكى  قومۇلدا كىم ئەڭ مۇۋاپىقيەت قازاندى . قومۇلدىكى مۇۋاپىقيەتنىڭ ئۆلچىمىنى كىم ياراتتى ؟ ؟؟

AAA يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 18:31:03

ئادەم دىگەننىڭ يۈزى مۇشۇنداقمۇ قېلىن بۇلامدىغاندۇ.

مەن بار يەرگە بىر كەلسە ئادەم بولغىنىغا مىڭ پۇشايمان ئەيلەتمىسەم مۇشۇنداق ئەخلەت لىكسىيەچىلەرنى.
شاپاق گۇيلار.....:

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 18:54:27

دىققتىمىزنى قومۇللۇقلارنىڭ بالسىنى چاقىرىش ئادەتلىرىگە بۇراپ باقساق شۇنى بىللەيمىزكى ، قومۇللۇقلار باللىرىنى ئوغۇللىرىنى ئاخۇن ، گاڭ دەپ چاقىرىدۇ . قىزلىرىنى بولسا ئايلا خېنىم دىگەندەك سۆزلەر بىلەن چاقىرىدۇ ئىز رومانىدا سەپەرقۇل ئۆز ئوغلىغا ئامانبەگ دەپ ئىسىم قويغان بولسىمۇ كىشلەر ئۇنى ئامانقۇل دەپ چاقىرىدۇ ، ئامانقۇلنىڭ قازاق خوتۇنىدىن بولغان ئوغلىغا ئارمانبەگ دەپ ئىسىم قويىدۇ .
قارىشىمچە قومۇل ۋاڭلىرى دەۋرىدە كىشلەر باللىرىغا بەگ دەپ ئىسىم قويغانكى گاڭ (ۋاڭ)دەپ ئىسىم قويۇشقا پېتىنالمىغان ، ئازاتلىقتىن كىيىن بولسا قومۇللۇقلار ئۆز باللىرىنى پالانى گاڭ پۇستانى گاڭ دەپ ئاتاش بەك ئومۇملاشتى .
يوقۇرقىلاردىن قومۇل ۋاڭلىرىنىڭ قومۇللۇقلارغا قانچىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى جۇملىدىن قومۇللۇقلار نەزىرىدىكى مۇۋاپىقيەتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلۋالالايمىز .
  قومۇلدا يەنە باللىرىنى ئاخۇن دەپ ئاتايدۇ . كامالەتكە يەتكەن دىنى ئۆلىمالارنى ئاخۇنلۇغۇم دەپ ئاتايدۇ . قومۇل شەھرىنىڭ جەنۇبى تۇمشىقىدىكى ئاخۇنلۇغۇم قەبرىستانلىغى قومۇل ئىسلامىيىتىنىڭ يالدامىسى سۇپۇتىدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ تۇرۇپتۇ.
شۇنداق قومۇللۇقلار باللىرىنى يا دىنى ئىلىمدا يېتىشپ چىقىپ ئاخۇن بولۇشىنى ،يا بەگ گاڭ بولۇشىنى ئۇمۇت قىلىدىكەن ،
مۇھەممەت بىشىر چىڭۋاڭ زامانسىدىكى قومۇل مەرىپەتچىلىكى ، ۋە مۇڭدار خاتۇن ،مېھرىبانۇ ۋاڭ  لار تەرىپىدىن يوقۇرى كۆتۇرۇلگەن قومۇلدىكى ئاياللارنىڭ ئورنى ، قومۇل ھۆكۈمرانلىرىنىڭ كونا يېڭى مەدىرسىلەرنى سېلىپ ئىشقا كىرىشتۇرىشى ,、، ئوردىنىڭ خەت يازالايدىغان ، ئەھلى ئىلىملەرنى ھۆرمەتلىشى ..........ھازىرقى زاماندىكى قومۇللۇقلارنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقىنى قوزغىغان ئامىللار قاتارىدا ساناشقا بولىدۇ .
يەنە قومۇلنىڭ ھەر قايسى يېزا قىشلاقلىرىدا شەكىللەنگەن ئۆزلىگىدىن ئۆگۇنۇش ئەنئەنىسى )بۇ ئۆزلىگىدىن ئۆگۇنۇش ئەنئەنىسى دىگەندە دىنى ئىلىممۇ ، تىببى ئىلىممۇ ، ۋە باشقا ئىلىملەرمۇ بار )  

شەخىسلەردىن يولبارىسىنى ئالاھىدىرەك ساناشقا توغرا كىلىدۇ ، ئۇنىڭ قومۇلدىكى ھۆكۇمرانلىقى ، ھەر قايسى سىياسى كۇچلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ۋە ئاخىرىدا قېچىپ جېنىنى قۇتقۇزىشى ، كىيىنكى خاتىرجەم ھاياتى تومۇر خەلىپە ، غوجىنىياز ھاجىلار بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولغان ئاساستا قومۇلدىكى بىر قىزىغىن پاراڭ تىمىسىدۇر .  
دىمەك قومۇللۇقلار قومۇل تارىخى بىلەن بىللە ھازىرقى زامانغا قەدەم باستى . ئەمدى  بۇ زاماندا قومۇل ۋاڭلىرىمۇ ، يولبارىسىمۇ  يوق ، پەقەت ھەر بىر قومۇللۇقتىن ئىبارەت يەككە بىرلىكلەرلا مەۋجۈت .  
ئەمما پاراڭغا تەشنا قومۇللۇقلارنىڭ دىققىتىگە بىر ئىككى يىلدىن بۇيان خىلمۇ خىل لېكىسىيەلەر پەيدا بولۇپ ، پەرزەنىت تەربىيسى ، كارخانىچىلارغا لېكىسيە دىگەندەك نۇتۇقلار خېلىلا كۆپۇيۇپ قالدى .شۇنداق نۇتۇقلارنى بىرەر قېتىم ئاڭلاشنى ئويلاپ يۇرگەن چېغىمدا ئابدۇراخمان پەتتار ئەۋىف ئەپەندىمنىڭ قومۇلدىكى لېكىسىيە ئۇچۇرىنى ئاڭلاپ قالدىم .
مۇۋاپىقيەت تېرنىرى  ، تېرنىر دىگەن ياخشى گەپقۇ  ، قومۇل ساغلاملىق مەيدانىدىكى لىككاڭشىپ رەتلىك تىزىلىپ گىمناستىكا ئويناۋاتقان تەتەيلەرنىڭمۇ ئەڭ ئالدىدا بىر ئۇستاز ئۆگەتكۇچىسى بارغۇ  ، ئوڭ سولىمىزنى تاپالماي مەڭدەپ يۇرگەندىن ئاڭلاپ باقمايمەنمۇ  

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 18:54:36

دىققتىمىزنى قومۇللۇقلارنىڭ بالسىنى چاقىرىش ئادەتلىرىگە بۇراپ باقساق شۇنى بىللەيمىزكى ، قومۇللۇقلار باللىرىنى ئوغۇللىرىنى ئاخۇن ، گاڭ دەپ چاقىرىدۇ . قىزلىرىنى بولسا ئايلا خېنىم دىگەندەك سۆزلەر بىلەن چاقىرىدۇ ئىز رومانىدا سەپەرقۇل ئۆز ئوغلىغا ئامانبەگ دەپ ئىسىم قويغان بولسىمۇ كىشلەر ئۇنى ئامانقۇل دەپ چاقىرىدۇ ، ئامانقۇلنىڭ قازاق خوتۇنىدىن بولغان ئوغلىغا ئارمانبەگ دەپ ئىسىم قويىدۇ .
قارىشىمچە قومۇل ۋاڭلىرى دەۋرىدە كىشلەر باللىرىغا بەگ دەپ ئىسىم قويغانكى گاڭ (ۋاڭ)دەپ ئىسىم قويۇشقا پېتىنالمىغان ، ئازاتلىقتىن كىيىن بولسا قومۇللۇقلار ئۆز باللىرىنى پالانى گاڭ پۇستانى گاڭ دەپ ئاتاش بەك ئومۇملاشتى .
يوقۇرقىلاردىن قومۇل ۋاڭلىرىنىڭ قومۇللۇقلارغا قانچىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى جۇملىدىن قومۇللۇقلار نەزىرىدىكى مۇۋاپىقيەتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلۋالالايمىز .
  قومۇلدا يەنە باللىرىنى ئاخۇن دەپ ئاتايدۇ . كامالەتكە يەتكەن دىنى ئۆلىمالارنى ئاخۇنلۇغۇم دەپ ئاتايدۇ . قومۇل شەھرىنىڭ جەنۇبى تۇمشىقىدىكى ئاخۇنلۇغۇم قەبرىستانلىغى قومۇل ئىسلامىيىتىنىڭ يالدامىسى سۇپۇتىدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ تۇرۇپتۇ.
شۇنداق قومۇللۇقلار باللىرىنى يا دىنى ئىلىمدا يېتىشپ چىقىپ ئاخۇن بولۇشىنى ،يا بەگ گاڭ بولۇشىنى ئۇمۇت قىلىدىكەن ،
مۇھەممەت بىشىر چىڭۋاڭ زامانسىدىكى قومۇل مەرىپەتچىلىكى ، ۋە مۇڭدار خاتۇن ،مېھرىبانۇ ۋاڭ  لار تەرىپىدىن يوقۇرى كۆتۇرۇلگەن قومۇلدىكى ئاياللارنىڭ ئورنى ، قومۇل ھۆكۈمرانلىرىنىڭ كونا يېڭى مەدىرسىلەرنى سېلىپ ئىشقا كىرىشتۇرىشى ,、، ئوردىنىڭ خەت يازالايدىغان ، ئەھلى ئىلىملەرنى ھۆرمەتلىشى ..........ھازىرقى زاماندىكى قومۇللۇقلارنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقىنى قوزغىغان ئامىللار قاتارىدا ساناشقا بولىدۇ .
يەنە قومۇلنىڭ ھەر قايسى يېزا قىشلاقلىرىدا شەكىللەنگەن ئۆزلىگىدىن ئۆگۇنۇش ئەنئەنىسى )بۇ ئۆزلىگىدىن ئۆگۇنۇش ئەنئەنىسى دىگەندە دىنى ئىلىممۇ ، تىببى ئىلىممۇ ، ۋە باشقا ئىلىملەرمۇ بار )  

شەخىسلەردىن يولبارىسىنى ئالاھىدىرەك ساناشقا توغرا كىلىدۇ ، ئۇنىڭ قومۇلدىكى ھۆكۇمرانلىقى ، ھەر قايسى سىياسى كۇچلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ۋە ئاخىرىدا قېچىپ جېنىنى قۇتقۇزىشى ، كىيىنكى خاتىرجەم ھاياتى تومۇر خەلىپە ، غوجىنىياز ھاجىلار بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولغان ئاساستا قومۇلدىكى بىر قىزىغىن پاراڭ تىمىسىدۇر .  
دىمەك قومۇللۇقلار قومۇل تارىخى بىلەن بىللە ھازىرقى زامانغا قەدەم باستى . ئەمدى  بۇ زاماندا قومۇل ۋاڭلىرىمۇ ، يولبارىسىمۇ  يوق ، پەقەت ھەر بىر قومۇللۇقتىن ئىبارەت يەككە بىرلىكلەرلا مەۋجۈت .  
ئەمما پاراڭغا تەشنا قومۇللۇقلارنىڭ دىققىتىگە بىر ئىككى يىلدىن بۇيان خىلمۇ خىل لېكىسىيەلەر پەيدا بولۇپ ، پەرزەنىت تەربىيسى ، كارخانىچىلارغا لېكىسيە دىگەندەك نۇتۇقلار خېلىلا كۆپۇيۇپ قالدى .شۇنداق نۇتۇقلارنى بىرەر قېتىم ئاڭلاشنى ئويلاپ يۇرگەن چېغىمدا ئابدۇراخمان پەتتار ئەۋىف ئەپەندىمنىڭ قومۇلدىكى لېكىسىيە ئۇچۇرىنى ئاڭلاپ قالدىم .
مۇۋاپىقيەت تېرنىرى  ، تېرنىر دىگەن ياخشى گەپقۇ  ، قومۇل ساغلاملىق مەيدانىدىكى لىككاڭشىپ رەتلىك تىزىلىپ گىمناستىكا ئويناۋاتقان تەتەيلەرنىڭمۇ ئەڭ ئالدىدا بىر ئۇستاز ئۆگەتكۇچىسى بارغۇ  ، ئوڭ سولىمىزنى تاپالماي مەڭدەپ يۇرگەندىن ئاڭلاپ باقمايمەنمۇ  

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 20:20:00

2828288 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-29 19:38 static/image/common/back.gif
سىزغۇ بۇنىڭغا قىزىقىپ قاپسىز. مەن ماۋۇ تۇركچىگە بەك قى ...

مەن سىزدەك كۆپ تۈركچە كىنو كورمىگەن ، مەن ھازىر كروران دەرىسخانىسىنىڭ تور دەرىسىگە قاتنىشىۋاتىمەن ، 20 چە دەرس ئۆگۈنۈپ بولدۇق ، دەرس ئۈنىمى ھەقىقەتەن كۇرۇسلاردىن ئاشسا ئاشىدۇ قېلىشمايدۇ . ئەگەر تور دەرىسىگە سىزمۇ قاتنىشىپ دەرس ئۆگۈنۈپ باقسىڭىز مەندىن تىز ئۈنۈمگە ئىرىشەلەيسىز .
( ئەسكەرتىش: مېنىڭ كروران دەرسخانىسى بىلەن ھېچقانداق پايدا زىيان مۇناسىۋىتى يوق ، مەندەك كۇرۇسقا بېرىپ دەرس ئۆگۈنۈش ئىمكانىيتى يوقلارغا ئۆگۈنۈش مۇھىتى ھازىرلىغىنىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن خالاس )
تور ئادىرسى :  www.xjkr.biz

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 20:44:03

بىر چاغلاردا چىن ئەنجىنىڭ دەرىسلىك خەنچە كىتابىنى ھەمدە پىلاستىنكىسىنى كىچە كىچىلەپ كۆرگەن بولغاچقا مەن شۇنداق ئويلاپ قالدىم . قېنى بۇ چىن ئەنجى ئەپەندىمنىڭ ئۇيغۇر شاگىرتى چىن ئەپەندىمنىڭ مۇۋاپىقيەت ئىدىيسىنى ئۇيغۇر تىلغا قانداقراق ئۆرگەندۇ ،  شۇنداق ئۇيغۇر تىلىنى بىيتىش ۋە ئۇيغۇر تىلىنى جۇلالاندۇرۇش ئۇچۇن ماڭغان ھەر بىر قەدەم قىممەتلىك ، ئاسراشقا قوللاشقا تىگىشلىك ئەمەسمۇ ؟ ئۇيغۇرلار ئىتقاتلىق ئىمانلىق ئىنساپلىق بىر خەلق ، قېنى بۇ ئۇيغۇر شاگىرت ئۆز نۇتىقىدا ئۇيغۇر مەدىنيىتى ۋە ئتقادىدىن قانچىلىك نىسبەت بەرگەندۇ ؟ ياكى كۆزنى يۇمۇپلا ئۇستازىنىڭ سۆزلىرىنى قاتىرسىغا سۆزلەپلا قويارمۇ ؟ ئۇنىڭ ئۇستىگە نازۇك تىما بولغان تۇزۇم سىياسەت دىگەنلەرنىڭ مۇۋاپىقيەت قازىنىشتىكى تەسىرىنىمۇ سۆزلەرمۇ ؟ ئىشقىلىپ مەن بۇ ناتىققا خېلىلا قىزىقتىم .

توۋۋا ما خەقنى ، چۆرگىلىمە ئورۇندۇقلۇق ناخشىچىلارنىڭ شاگىرت تاللىشى ئۇيغۇرلارغا كىرىۋىدى ، ھېچكىمگە غەيرى تۇيۇلمىدى . مۇز چىلەك ئوينى قايناپ كەتتى قىزغىن قارشى ئېلىندى ، ئەمدى كىيىنكى مەيداننى ئۇيغۇر ناتىقلىرىغىمۇ كەڭتاشا بىرەيلى ، ناتىقلىق ساھاسىنى ئا جالالىدىن بىلەن يا روزىنىڭ مونۇپۇل قىلۋېلىشغا قانداقمۇ چىداپ تۇرغىلى بولسۇن ، بۇگۈن چىن ئەنجىنىڭ ئۇيغۇر شاگىرتى كەلسۇن ، قوللايمەن ، ئەتە لىجەننىڭ ئۇيغۇر شاگىرتى كەلسىمۇ قوللاۋىرىمەن ، ناپالىئون خىئول ، ئوگ ماندۇ ، دالى كارنىگ يەنە ئاللى كىملەر كىلىپ  ئۇيغۇر شاگىرت يېتىشتۇرسىمۇ مەيلى ، قورۇققىدەك نىمە ئىش بار دەيسىز ، بىز بىر ئون مېليۇن خەلقمىز .ئون مېليۇنلۇق جەميەتمىز .
ئۆتكەندە ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى ئەڭ ھاقارەتلىك بىر گەپنى ئاڭلىغان ئىدىم ،يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممە مىللەتتىن كۇيۆئوغلى بار دەيدىغان .ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياۋى داڭلىقلاردىن ، دۇنياۋى ناتىقلاردىن شاگىرتى بار دىگەن گەپنىڭ ئۆلىگىمۇ ئەلاغۇ ئاخىر .

ئەلۋەتتە كېرەك ئۇخلاۋاتقانلارنى ئۇيغۇتۇپ قويسىمۇ ھىساپ ، ھېرىپ قالغانلارنى ئىتتىرىپ قويسىمۇ ھىساپ .
مىللتىمىزنىڭ ئىرسى گىن ماتۇرلىرىنى ھەركەتلەندۇرۇش ئۇچۇن زادى قانداق ماي قۇيۇشنىڭ كېرەكلىكىنى كىم دەپ بىرەلەيدۇ.

ئابدۇۋەلى گۇلەننىڭ بىر گىپى بار ئۇيغۇرلار ھەممىمىز ئوخشاش بىر خىل قاراشتا ، ئوخشاش بىر خىل پىكىردە ، بىزدە چوقۇم ھەر خىل ھەر ياڭزا پىكىر ئېقىملىرى يىتىشىپ چىقىشى كېرەك  .دىمىسىمۇ ئون مېليون ئويغۇرنىڭ ھەممىسى بىر خىل قاراش بىر خىل مەپكۇرە بىر خىل قائىدىگە چۇشۇۋالسا قانداق بولغىنى .
بىلىشىمىز كېرەككى ئۇيغۇرلار بىر قاششاق  قەبىلە مىللىتى ئەمەس ، سوتسيالىزىم يولىدا ھېچكىمدىن قالماي ھەر قايسى كەسىپ ھەر قايسى ساھەلەردە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن كىچە كۇندۇز تۆھپىلەرنى قوشۇپ ياشاۋاتقان ئۇلۇغ بىر مىللەتتۇر .

ئەلۋەتتە لېكسيە سورىنىغا ھەر بىرەيلەن ھەر خىل مۇدئا قىياسلار بىلەن كىرىمىز.بەزىلەر چىن دىلىدىن ئىشىنىپ قېنى قىزىپ ئۇيقۇسى قېچىپ يىتىپ چىقسا بەزىلەر كۆزۇتكۇچى سۇپۇتىدە ئۆزىگە لازىملىق ھىس تۇيغۇ ئىزلەپ كىرىشى مۇمكىن . مېنى دىققتىمنى تارتقىنى ئابدۇراخمان تېرنىر بىلەن كەلگەن شاگىرتلار ، كىتاپ ساتقۇچىلار ، ۋە باشقا ئۆز مەسھولاتلىرى ئۇچۇن ۋاكالەتچى ئىزلەپ كەلگەن سودىگەرلەر ، يەنە تورپان كورلىدىن ئىز بېسىپ لېكسىيە ئاڭلاش ئۇچۇن كەلگەن سادىق ئاڭلىغۇچىلار توپى ئىدى .   

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 20:45:00

شۇنداق ، كىتاپ ساتقۇچى ماڭا كارخانىلاردىكى ھىسابات ھەقىدىكى بىر كىتاپنى تونۇشتۇرۇپ كىلىپ بۇ كىتاپنى ئۆزىنىڭ يازغانلىقىنى ، ئالسام ئىمزا قويۇپ بىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى .گەرچە مەن ھىسابات كىرىم چىقىم دىگەندەك ئىشلارغا بەك ئېرەڭشىپ كەتمىسىەممۇ ئەمما ئۆزى كىتاپ يېزىپ ئۆزى سېتىپ ئۆزى ئىمزا قويۇپ بىرىدىغان ئۇيغۇر بىراۋنى تۇنجى قېتىم كۆرۇشۇم بولغاچقا قوللاش يۇزىسىدىن بىر كارخانا ھىسابات توغۇرسىدىكى كىتاپنى ئالدىم . توخوتۇرنىڭ باشقىلارنى قوللاش روھى بولامدىكەن .شۇ ئايىلىمنىڭ بۇ خىل قوللاشلىرىم بىلەن پەقەت خوشى يوق . شۇنداقتىمۇ مېنىڭ ئۇنى ھەر ۋاقىت ھەر زامان خوشال قىلىش ۋەزىپەم يوقتە .........

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 20:47:02

قولىمىزغا بىر يېشىل باغنى چىگىپ قويدى .بۇ نەرسىنى تاقاپ كەچتە ئالدىراش  ناماز شامغا تاھارەت ئېلىشقا توغرا كەلدىدە ، ئاران دىگەندە نامازغا ئۇلگۇرۇپ ئوقۇپ بولۇپ شۇندا بىر قايلىسام مونۇ يېشىل باغ ئوقەت سول قولۇمغا چىپ كىلىدىكەن ، بايام تاھارەت ئالغاندا مونۇ باغنىڭ ئاستىغىمۇ سۇ ئۆتكەن بولغىيمىتى دەپ ئويلاپ قالدىم .


مۇۋاپىقيەت تىرنىرى ئابدۇراخمان ئۇستاز چوڭ ئۇستازى چىن ئەنجىنىڭ سۆزلىرىنى ئۇيغۇرچىغا خېلى راۋان ئۇبدان تەرجىمە قىلغاننىڭ ئۇستىگە ئۇستازىنىڭ ھەر كەتلىرى ، ھاياجانلىق قىلىقلىرى ، سەھنە قىياپەتلىرى ، شاگىرتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى ، يەنە كومپۇيۇر ئارقىلىق ئېلىكىتىرۇنلۇق ئوقۇتۇشقا ، چوڭ ئىكراندا رەسىم خەت ، ۋە پىلاستىنكا قويۇپ بىرىدىغان مەخسۇس ئادىمى ، يەنە چاۋاك چالغاندا چاۋاكنى ئەۋجىگە چىقىرىدىغان مەخسۇس جەڭگىۋار موزىكىسى بىلەن ماڭا خېلى ئۆزگىچە بىلىندى  .ئەلۋەتتە ئامرىكىلىق مۇۋاپىقيەت ئۇستازى ئانتونى روبىن بولسا ئابدۇراخماننىڭ بۇۋا ئۇستازى كالانى بولۇپ قالىدۇ .
تېلۋۇزۇردا ياكى  ئېم پ ئۇشتە موزىكا ئاڭلىساق بىر خىل نەق مەيداندا تەمبۇرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىساق يەنە بىر خىل بولىدۇغۇ ، خوشنام مەمەت تەككادىن ئاڭلىشىمچە نەق مەيداندىكى ئاۋاز بىلەن ئۇنگە ئېلىنغان ئاۋازنىڭ خېلى بەك پەرقى بارمىش ، يەنى ئاۋاز خوراش پەيدا بولىدىكەن . شۇڭا بىزنىڭ نەق مەيداندىكى تەمبۇرنىڭ ئاۋازى بىر خىل تۇيغۇغا كەلتۇرسە ئېم پ ئۇشتىكى تەمبۇر نىڭ ئاۋازى ئۇنچە بەك ھاياجانغا سالالمايدىكەن .
ئىلگىرى چىن ئەنجىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئېرەنشىمىگەن بولسام ، بۇدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ جەزبىسىدىن قېىنىم قىزىمايمۇ قالمىدى ، ئەي ئانا تىل سەن نىمە دىگەن گۇزەل .
بەت: [1] 2
: توخوتۇرنىڭ ھېكمەتلىك سۆز سېتىۋېلىشى