huxhui يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 08:31:39

 قەسەمخور

 قەسەمخور

(ھېكايە)
  خىزمەتكە چىقىپ بىر ئائىلىنىڭ يۈكى گەدەنگە ئارتىلغاندىن كېيىن بۇرۇنقىدەك ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلەرنىڭ ئۆيلىرىدە نەچچە ئاخشام قونۇپ، خامانلىرىدا تۈنەيدىغان، ئايۋانلىرىدا مەشرەپ قىلىدىغان، ئەڭ دەسلەپكى توڭ ئۈجمىدىن تارتىپ، كەچكۈزنىڭ شامىلىدا يىگىلەپ قالغان ئاخىرقى مايماق سويمىغىچە تەڭ تالىشىپ يەيدىغان كۈنلەر بەك ئۇزاپ كەتكەچكە، يۇرتتا يۈز بەرگەن بەزى كۈلكىلىك ئىشلاردىن خەۋەرسىز قالغانىكەنمەن.
  بىزنىڭ مەھەللىگە قوشنا كەنتتە بىزدىن تۆت - بەش ياش چوڭ، بېشىدا تاز يارىسىنىڭ ئىزى بولغاچقىمىكىن، يازنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقىدىمۇ سارجا شەپكىسىنى بىرەر قېتىم بېشىدىن ئېلىپ قويمىغىنىغا باقماي، گەپدان، مازاقچى، ھەسەن ئىسىملىك بىرسى بولىدىغان. ئۇنىڭ ئۆيى يېزا بازىرىغا يېقىن بولغاچقا يازدا قوغۇن - تاۋۇز، ئۆرۈك - ئالما، قىشتا گازىر - پۇرچاق، ماتاڭ دېگەندەكلەرنى ئېلىپ ساتاتتى. كۈن چىققاندىن تارتىپ يېرىم كېچىگىچە بازاردىلا يۈرگەچكە بازارغا كىملەر قاچان كەلدى، قاچان كەتتى، قايسى ئاشخانىنىڭ قانداق تامىقى ياخشى، قايسى قاۋاقتا كىملەر نېمە ئىچىۋاتىدۇ، دېگەندەكلەرگە كۆز - قۇلاق بولۇپ، شۇنداق ئىشلارغا ئارىلىشىپمۇ تۇراتتى. كېيىنچە ئۆيلۈك - ئوچاقلىق بولغاندىن كېيىن چەترەك بولسىمۇ يول تۆپىگە كىچىك بىر بوتكا ئېچىۋالغانىدى. ئاڭلىسام، ئۇ ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرىنى خوتۇنىغىلا تاشلاپ بېرىپ، بوتكىسىدىمۇ تۈزۈك ئولتۇرماي، كەلگەن - كەتكەنلەرنىڭ كەينىدىن سوكۇلداپ، ھېلى ئۇ ئاشخانىدا، ھېلى بۇ قاۋاقتا گېزىرىپ يۈرىدىغان بولۇۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بۇرۇنقى «ھەسەن بازار» دېگەن لەقىمى «ھەسەن پەيدا»غا ئۆزگىرىپتۇ. ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرىغا چىدىمىغان خوتۇنى بالىلىرى بىلەن قوشۇپ خېتىنى ئاپتۇ. يېزا بازىرىغا ئانچە - مۇنچە كېلىپ تۇرىدىغان، ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىدىغان ياشقا چوڭ بىر قانچە ئۈلپىتىدىن باشقىلار ئۇنى ئارىغا ئالماس بولغاندىن كېيىن ئۇ ناھىيەدىن، قوشنا يېزا - بازارلاردىن كەلگەنلەرنى، ئاندىن قالسا يېزا تەۋەسىدە ئىشلەيدىغان ئۆزىدىن كىچىك ئوقۇتقۇچىلارنى، خىزمەتچىلەرنى نىشانلاپ، ئاشۇنداق كىشىلەر بازاردا پەيدا بولغان ھامان خۇددى كونا تونۇشلاردەك ئالدىغا بېرىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ كېلىش مەقسىتىنى بىلىۋالغاندىن كېيىن ئۇلارغا قۇيرۇق شىپاڭشىتىپ، تامىقى ياخشى ئاشخانا ياكى پاكىز، ئەرزان قاۋاقلارنى تونۇشتۇرۇپ ئالدىدا ماڭىدىكەن - دە، بىرەر ۋاخ تامىقى ياكى بىر كۈنلۈك سورۇنى شۇنىڭ بىلەن ھەل بولىدىكەن.
  ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرىدىن زېرىككەن ۋە ئىچ ئاغرىتقان بىرنەچچەيلەن بىر قېتىملىق سورۇندا ئۇنى ئادەم جىق يەردە ئىزاغا قويۇپ بولسىمۇ ئەسكى خۇيىنى تاشلىتىشنى مەسلىھەتلىشىپ، ئۇنىڭ يۈزىگىلا بۈگۈنكى سورۇنغا بىرەر بوتۇلكا ھاراق بولسىمۇ كەلتۈرمىسە ئىككىنچى سورۇنغا دەسسەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلاپتۇ. يانچۇقىدا دەسمىنىڭ تايىنى يوق ھەسەن خىجىل بولۇشنىڭ ئورنىغا ئىككى كۈن ئىچىدە بېرىۋېتىشكە ۋەدە قىلىپ، دۇكانداردىن بىر بوتۇلكا ھاراقنى نېسىگە ئېلىپ، شۇ كۈنىدىكى سورۇننىڭ بېشى بوپتۇ ۋە شۇ بىر بوتۇلكا ھاراقنىڭ كۈچى بىلەن بىرەر ھەپتە باشقا قاۋاقلاردا يايراپ يۈرۈپتۇ. ھېلىقى دۇكاندار ھەسەننىڭ نېسى ئالغان ھاراقنىڭ پۇلىنى بەرمىگەننىڭ ئۈستىگە، خېرىدارلىرىنى باشقا دۇكانلارغا باشلاپ كېتىۋاتقىنىغا ئاچچىقى كېلىپ، ئۇلار تازا قىزىق ئولتۇرۇۋاتقاننىڭ ئۈستىگە كىرىپ، ھەسەننىڭ ياقىسىدىن ئېلىپ سەتلەپتۇ. يانچۇقتا چاقماقتىن باشقا ھېچنېمىسى يوق ھەسەن ئۆتنە - يېرىم قىلىپ ھاراقنىڭ قەرزىدىن قۇتۇلۇپتۇ - يۇ، شۇ ھامان: «پالانىنىڭ دۇكىنىدىن ھاراق ئالىدىغان بولسام ئانامنىڭ بالىسى بولماي كېتەي!» دەپ تەنتەنىلىك قەسەم قىپتۇ. بىرەر ئايدىن كېيىن يەنە بىر دۇكاندىكى قەرزىدىن مىڭ بالادا قۇتۇلۇپ، ئۇ دۇكاندىنمۇ سودا قىلماسلىققا قەسەم قىلىشقا توغرا كەپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ھەسەن بازاردىكى قاۋاقلارنىڭ ھەممىسىدىن ھاراق ئالمايدىغانغا قەسەم قىلىپ بوپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا «ھەسەن قەسەمخور» دەپ يېڭى لەقەم قويۇلۇپتۇ. «ھەي، ھەسەن قەسەمخور، پۈتۈن بازاردا گېپىڭ ئۆتىدىغان بىرمۇ دۇكان قالمىدى، يا پۇلۇڭ بولمىغاندىن كېيىن ھاراقنى تاشلىمىدىڭ، يا سورۇنغا كىرمەي تۇرمىدىڭ، بەلكىم ناھىيە بازىرىدىكى دۇكانلارنىمۇ سېسىتىپ بولغانسەن، ئەمدى سېنى بىر بوتۇلكا ھاراققا پۇل خەجلىتىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە ئاپارساق بولامدۇ نېمە؟» دەپ تەنە قىلغۇچىلارغا «ئۇكام، ئۇنچىۋالامۇ دەپ كەتمە، پات ئارىدا ئۆزۈم قاۋاقتىن بىرنى ئاچمايدىغان بولسام، خەپ! خۇدايىمنىڭ بەرمەيدىغان بەندىسى يوققۇ؟!» دەپلا ئۆتكۈزۈۋېتىدىكەن.
  يېقىندا يۇرتقا بېرىپ، يېزا بازىرىدىكى تونۇش - بىلىشلەر بىلەن ئەسرالىشىش، يېزا بازىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرۈپ كېلىش مەقسىتىدە بازىرىمىزغا باردىم. قاش قارىيىۋاتقان بولسىمۇ بازاردا ئادەملەر كۆپ، سودا - سېتىق قايناپ تۇراتتى. بازار ئايلىنىۋاتسام يېزا ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئىشلەيدىغان بىر ساۋاقدىشىم خىزمەتداشلىرى بىلەن ئۇچراپ قالدى ۋە ئۇنىمىغىنىمغا قويماي بىر قورۇمىخانىغا باشلىدى. تېخى ئەمدىلا قورۇمىخانا تەرەپكە قەدەم بېسىشىمىزغا يىراقتىن بىز تەرەپكە قاراپ ئالدىراش كېلىۋاتقان ھەسەننى كۆرۈپ قالدىم. يېشىغا باققاندا خېلىلا قېرىپ كەتكەن ھەسەننىڭ بېشىدا يەنە شۇ مەن تونۇيدىغان سارجا شەپكە، ۋەكىل خاراكتېرلىك ئۆسكەن بىر تۇتام گەدەن چېچى پاخپىيىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ كېلىۋاتقىنىنى كۆرگەن ساۋاقدىشىم:
  −− ئاداش، ئىتتىك ماڭە، بۈگۈن چىۋىنسىز بىر ئولتۇرايلى دېسەك يەنە پەيدا بولغىنىنى بۇ تېجىمەلنىڭ، −− دەپ، مېنى ئاشخانا تەرەپكە تارتتى.
  −− ھەي ئاداش، ئۆزىمىزدىن چوڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر يۇرتلۇق ئادەم ئاتايىن كۆرۈشكىلى كەلسە، كۆرۈشمىسەك سەت ئەمەسمۇ −− دېدىم - دە، يېقىنلا كېلىپ قولىنى تەڭلىگەن ھەسەنگە قولۇمنى ئۇزاتتىم.
  دۇكانغا كىرگەندىن كېيىن ھەسەن خۇددى ئۇزاقتىن بېرى دىدارلىشالمىغان تۇغقىنى بىلەن كۆرۈشكەندەك مەندىن ئەھۋال سوراپ ھېچكىمگە گەپ بەرمىدى. قالغانلار مېنىڭ يۈزۈمنى قىلدى بولغاي ئۇنىڭغا ئالىيىپ قاراپ قويۇش بىلەن بولدى قىلدى. قورۇما چىقىپ بىرەر قۇر تاماق يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىمىغىنىمغا قويماي بىرەر رومكىدىن ئىچىشكە توغرا كەلدى. ئىككى رومكىدىن ئايلانغاندىن كېيىن، ھەسەننىڭ گېپى بارغانسېرى ئاۋۇشقا باشلىدى. سورۇن يېرىملاشقاندا بولسا مەنمۇ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ تېتىقسىز گەپلىرىدىن زېرىكىشكە باشلىدىم. كەيپىياتىمنى سەزگەن ساۋاقدىشىم:
  −− ھەسىنىكا، مانا ئۇزاقتىن بۇيان كۆرۈشەلمىگەن يېقىن كىشىڭ بىلەنمۇ كۆرۈشۈۋالدىڭ، ئەمدى دىككىدە چىقىپ، مۇشۇ دۇكاننىڭ ئالدىدىكى باققالدىن مۇزدەك تاۋۇزدىن بىرنى ئەكىرمەمسەن؟ بىرەر كېسىمدىن يەرمىز؟ −− دېدى. كۆزلىرى ئېلىشىشقا باشلىغان ھەسەن قولىدىكى چالا غاجالغان توخۇ قانىتىنى شۈمۈپ تۇرۇپ، پېتىنى بۇزماستىن:
  −− ئۇكام، مىڭ جېنىم بىلەن ئەكىرەتتىم، يېنىمدىكى پۇلنى بازاردىكى يەپ قاچارلارغا خەجلەپ بوپتىمەن دېگىنە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆتكەندە شۇ گۇيدىن بەش - ئون تاۋۇز ئالسام ھەممىسى ئاقلا چىققانتى، شۇنىڭ بىلەن «سەندەك گۇيدىن تاۋۇز ئالىدىغان بولسام...!» دەپ قەسەم قىلىپ تاشلاپتىكەنمەن ئەمەسمۇ... دېدى. ئۇ ھەققىدە بۇرۇن ئاڭلىغانلىرىم، ئۇنىڭ بۈگۈنكى يېشىغا، زامانغا ماس كەلمىگەن قىلىقلىرى قوشۇلۇپ غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلدى - دە:
  −− ھەسىنىكا، سىز دېمەتلىكلەر ھازىر قانداق كۈن كۆرۈۋاتىدۇ؟ سىز نەلەردە خارلىنىپ يۈرىسىز؟ ھەممە يەردە بىر پۇلغا زار بولۇپ، بىر رومكا ھاراق، بىر ۋاخ تاماق ئۈچۈن بىھۇدە قەسەم قىلىپ يۈرگىچە قېرى دادىڭىزنىڭ ئالدىغا بېرىپ، «دادا، مېنىڭ بۇندىن بۇرۇن قىلغانلىرىمنى ئەپۇ قىلغىن، مەن بۈگۈندىن باشلاپ ئادەمدەك ياشاپ، تاشلىۋەتكەن بالىلىرىمنى ۋە سېنى ئاخىرقى ئۆمرۈڭگىچە باقمايدىغان بولسام...» دەپ قەسەم قىلسىڭىز بولمامدۇ؟!−− دەۋەتتىم.
  گېپىمنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ھاراقتىن قىزارغان يۈزلىرىنىڭ قېنى قېچىپ، بارغانسېرى تاتىرىشقا باشلىدى. توساتتىنلا كىچىكىمدە سائىللاردىن ئاڭلىغان «قەسەمخورنىڭ ئىككى يۈزىدە قانى يوق» دېگەن قوشاق يادىمدىن كەچتى...

مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى.

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 19:52:45

قاباھەتلىك نوچى يازمىكەن دىسە

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 20:54:15

باشتىكى بىر نەچچە ئابزاس خېلى يامان ئەمەس كېتىۋاتاتتى. ئاخىرىغا بارغانسىرى رېلىستىن چىقىپ كەتكەندەك. ئىگىسى يوق چاغدا بىرسى چېقىلىپ قويغاندەكلا... ئەسەر يازغۇچىسى ئىتوتچىلارنىڭ خۇلاسە سۆزىنىڭ تەسىرىگە خىلى خوپ ئۇچراپتۇ. چوقۇم مۇشۇنداق ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەكمۇ؟ ياكى گۈلشەن بېتىنىڭ تەلىپىمۇ؟

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 20:59:45

شۇنداقكەن راس

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 21:53:22

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xahla91 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-29 21:57  

قەسەمخور ھۆكىرەپ يىغلاپ ئادەم بوپ كىتىپتۇ.{:92:}

Tuwatur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 22:06:21

مەن قايلىسام يۈزى ئۇندا نېپىز قەسەمخور ئەمەسكەن ئۇ
بەت: [1]
:  قەسەمخور