Uyghuri يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 06:54:06

كۆچمە دىسكامنى قۇتقۇزۋالساڭلار !!!!!!!!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Uyghuri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-29 07:27  

ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى  ئۇستازلار  ۋە  قېرىنداشلار  تىنچ  ئامان  تۇرۇپسىلەرمۇ  ؟ ئەسلى  بۇ  مۇنبەردە  مۇنبەرنى  پاخاللاشتۇرۇپ ، بۇنداق  ئۇششاق - چۈششەك  ، پارچە - پۇرات  ياردەم تېمىسىنى  يازماسلىقىم  كېرەك  ئىدى  ، لىكىن  مۇنبەردىكى  مەن ياردەم  سورماقچى بولغان ساھەدىكى  ئۇستازلارنىڭ  بارلىقىنى  ، ۋە  كۆچمە دىسكىدىكى  ھۆججەتلىرىمنى  ئويلاپ  ئامالسىز يەنىلا  ياردەم تېمىسىنى  يېزىپ  ئولتۇرۇپتىمەن  ،  قايسى  كۈنى  بىر قانچە  ئۇستازلار  ئۆزىنىڭ قاتتىق دېسكا ھەققىدىكى  بىلىملىرى ۋە  شۇ ھەقتىكى  كۆز  قاراش ۋە شۇنىڭدەك  شۇ  يولدا  ئۇچرىغان  مەسىللەرنى  قانداق  ھەل  قىلغانلىقى، سانلىق  مەلۇماتلارنى قانداق  ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكى ھەققىدىكى تېخنىكىللىرنى  ئوتتۇرغا  قويۇپ  تېما  يوللىغان  ئىدى  . مەن  شۇ تېمىلاردىن بىرسىنى  ۋورد شەكلىدە ساقلاپمۇ  ئۈلگۈرگەن  ئىدىم  ،
ئەسلدە بۇ تېمىنى  كومپىيوتېر توغرىسىدىكى  مۇنبەرلەرگە يوللىسام  بولاتتى  ،لىكىن  ماۋۇ  مۇنبەردە  تېمىدا دىگەندەك  كەسپى  تالانتلىق  ئۇستازلار  بولغىنى  ئۈچۈن  بۇ يەرگە يېزىشنى توغرا تاپتىم  . توغرا چۈشنىشىڭلارنى  ئۈمىد  قىلىمەن .

ئاساسى  مەسىلە  مۇنداق :  مەندە  بىر دانە  640  گىگابايىتلىق سامسۇڭ ماركىلىق كۆچمە دىسكىدىن  بىرسى  بارئىدى ‹‹ ئىچىدىكى دىسكا سامسۇڭ تاش قېپى SSK ئىدى ، دىمەك قۇراشتۇرغان ›› ، بۇ دېسكىنى  بۇندىن  بۇرۇن نورمال  ئىشلەتكەن ئىدىم  ، قولۇمغا ئالمىغىلى خېلى ۋاقىتلار  بولغانتى  ، نەچچە كۈن ئالدىدا  ماتىرياللارنى  بىر قۇر رەتلەپ  قوياي دەپ  كومپيوتېرغا چاتسام شۇنداق ئېغر  ، كومپىيوتېر تونۇماي  ، ئەڭ  ئاۋۋال  بىر  رايۇننى  تونۇيدۇ  ، ئاندىن  قالغان رايۇنلارنى  تونۇيدۇ ، لىكن  بەك تەستە  ، ئۇنىڭدىن  كىيىن  دېسكىنى  ئاچسام  ئېچىلمايدۇ  ياكى  ئېچىلسىمۇ مەشغۇلات  قىلغلى  بولمايدۇ ، مەشغۇلات  قىلسام  دېسكا  كومپىيوتېردىن ئاجىراپ  كېتىدۇ . شۇنىڭ  دېسكا  بۇزۇلغان  بولسا كېرەك دەپ يېڭى  كۆچمە دېسكدىن  بىر ئەكەلدىم ، ھۆججەتلىرىمنى  كۆچۈرۋالاي دەپ ، ئەمما ۋىندوۋس  7 شارائىتىدا  پەقەت  قىلغىلى  بولمىدى  ، شۇنىڭ  بىلەن  بارماق دىسكىغا لىنۇكىس ‹‹ ئۇبۇنتۇ ›› نى  قاچىلاپ  كومپىيوتېرنى  بارماق دېسكا  ئارقىلىق  قوزغىتىپ ، كۆچمە دىسكىنى چاتسام  بەزى  3 رايۇننى  ئوقۇدى  بەزى 4 رايۇننى  ئوقۇدى ، بوپتۇلا  بىر ھۆججىتىمنى  بولسىمۇ ساق ئالاي دەپ ، بىر رايۇندىكى  بارلىق ھۆججەتلەرنى ئاز- ئازدىن  بۆلۈپ يۈرۈپ  تولۇق كۆچۈرۋالدىم ، ئەمما  يەنە  بىر رايۇنغا كەلگەندە دېسكا  ئاپتۇماتىك  ئۈزۈلۈپ  كېتىپ  ، پەقەتلا  كۆچۈرەلمىدىم ، كىيىن  چاتسەام  تونۇماي تۇرۋالدى  ، Winpe ئارقىلىق  قىلىپ  باقاي دەپ ۋىنپىغا كىرسەم  ، كۆچمە دېسكىنىڭ  رايۇنى  بەك  غەلىتە تۇرىدۇ ، تۆۋەندە رەسىمنى يوللاي . 3 رايۇنى  بىر خىل  ، يەنە  3  رايۇنى  بىر خىل  ، كىيىنكى 3 رايۇن  ئۈستى تەرەپتىكى  كۆرسەتكۈچتە بىرلىشىپ بىر رايۇن بولۇپ كەتكەندەك ، رايۇن تىزىملكىدە  بولسا 3 رايۇن كۆرنىدۇ ،‹‹ ساتقان كىشى بۇرۇن قانداق رايۇنغا ئايرىغاندكىن تاڭ ›› بەكلا  غەلتە . شۇنىڭ  بىلەن  مەن  قاتتىق دېسكنى فورماتلىماي ئوڭشغىلى  بولمىسا كېرەك  دەپ  ئويلاپ  بۇ تېمىنى يېزپ  ئولتۇرۇپتىمەن ،
ماڭا  ياردەم  قلىپ  مۇشۇ  دىسكامدىكى ھۆججەتلرىمنى  قۇتقۇزۋالساڭلار !!!1
Winpe دا  مۇشۇنداق  چىقتى  
گەرچە 400 گىگابايىتلىق بىر رايۇن بوپ قالسىمۇ يەنىلا  ئىچىدىكى  ھۆججەتلەرنى كۆرگىلى  بولىدىكەن  .
مومكىن بولسا  فورماتلىماي  تۇرۇپ  ئىچىدىكى  ماتىرياللىرىمنى يۆتكىۋالسام ياخشى بولاتتى  ، ئۇندىن بۇ دېسكا كاردىن چىقسىمۇ خىيالىمغا كەلمەيتى  

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 09:22:56

مەندىمۇ بىرى بار  160 جىبايتلىق سامسوڭ كۆچمە دېسكىسى، ئىككى يىل بولدى سىزنىڭكىگە ئوخشاپراق كېتىدىغان سەۋەب بىلەن تۇرىۋاتىدۇ،  ئىچىدە مۇھىم نەرسىلەر بار ئىدى. جىق ئېيتىشىپ كەتتىم.  بەيدۇدىن ئىزدىسەم،  بۇ سامسۇڭ كۆچمە دېسكىسى ھەققىدە تىل -قارغىشتىن باشقا نەرسە يوقكەن، ئەڭ ناچىرى مۇشۇ ئوخشايدۇ دەپ قالدىم.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 11:22:20

چاتاق بوپتۇ، مۇنبەردىن لاتا بۇرادەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك تېمىلىرىنى ئىزدەپ بېقىڭ. شۇنىڭدا ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرى بار. ئۇ مۇشۇ مۇنبەردىكى ئەڭ كەسپى ئەسلىگە كەلتۈرگۈچى...

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 11:30:54

ھەي ،سامسۇڭ  بۇ خۇيۇڭنى قاچان تاشلارسە

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 11:51:59

بەزىدە ۋىندوۋسنىڭ دېسكا خاتالىقىنى تۈزىتىش پروگراممىسى بىلەن تەكشۈرۈپ تۈزىتىپ بېقىشمۇ كاغا كېلىدىغان ئۇسۇل.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 12:33:20


1-جۇڭگو قاتتىق دىسكا بازىسى : http://www.intohard.com
2- شاڭخەي ئەنشىن : http://www.raidcn.net/
، تېلفۇن : 13564688662 ، 021-31265210
3- بېيجىڭ سانلىق مەلۇمات ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى
تېلفۇن : 010-13683618938 ،13683618938

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 16:03:57

diskgenius دىگەن دىتالنى ئىشلىتىپ دىسكا رايۇنلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ باقتىڭىزمۇ ، بۇ دىتال يۈتۈپ كەتكەن رايۇنلارنى ئسلىە كەلتۈرەليدۇ ، سىناپ بېقىڭ .

toxkan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 17:15:01

بۇ يامان بوپتۇ،مەن بۇنداق ئەھۋالغا ئۇچراپ باقماپتىمەن.مۇشۇنداق ئەھۋالغا ئۇچراپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن
بىلىدىغانلار بولسا قاتتىق دېسكىنىڭ نوچىسىنى بىر تونۇشتۇرۋاتمامسىلەر‹؟بىلىپ قالايلى.

oylan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 17:44:37

مانا جاۋابى  http://bbs.izdinix.com/thread-59746-1-1.html

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 09:14:05

ئۈرۈمچى بەيخۇاسۈندا بىر شىركەت بار. 2500 كوي بەرسىڭىز ئەسلىگە ئەكەپ بېرىدىكەن.
ماڭىمۇ شۇنداق دېگەن ئىدى ھازىرچە تۇرۇپ تۇردۇم. بۇرۇنقى مۇلازىمىتېرنىڭ قاتتىق دىسكىسىنى ئەسلىگە ئەكېلەتتىم.
بەت: [1]
: كۆچمە دىسكامنى قۇتقۇزۋالساڭلار !!!!!!!!