ئەپچىلەم:مۇشۇنداق ھايات
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىشتىكى قەدىناس مۇنبەرداشلار،كەمىنە ئەپچىلەم نامىدىكى مۇنبەردىشىڭلاردىن ھەرقايسىڭلارغا ئوتلۇق سالام،ئىزدىنىش مۇنبىرىنىڭ ئىجادىيەتكە باي تېمىلىرىغا،تەپەككۇر دەرياسىغا چۆمگەن تېتىملىق ئىنكاسلىرىغا بولغان قىزىقىشنىڭ تۈرتكىسىدە ھەپتە بۇرۇن بۇ مۇنبەرگە تىزىملاتقانىدىم لېكىن بۇ ئون مىڭ سەكسەن مىنۇتنىڭ ئۆتمىكى بەك تەس بولدى ،مانا بۈگۈن ئاخىرى ئىنكاس يېزىش ئىقتىدارى ئېچىلىپتۇ،بۇنىڭدىن تولىمۇ خوشالمەن،بەلكىم بەزەنلىرىڭلار تور دۇنياسىدا ئەپچىلەم نامىدا يۈرىدىغان بىرىنى بىلىشىڭلار مۇمكىن ،ئۇ بالا دەل مەن بولىمەن،گەپنىڭ ئېنىقىنى دېگەندە مەن ئاساسەن مۇھەببەت لىرىكىسىنى ئاساس قىلغان ئاساستا شېئىر يېزىشقا ئامراق،ئانچە-مۇنچە ھېكايىمۇ يېزىپ قويىمەن،شۇڭا مۇنبەرداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ،يېڭى كىرگەنلىكىمنىڭ سوۋغىسى سۈپىتىدە تۆۋەنكى شېئىرنى يوللىدىم،تەكلىپىڭلارنى ئايىمىغايسىلەرمۇشۇنداق ھايات
گۈزەلدۇر بۇ ئالەم مۇھەببەت بىلەن ،
مېھىر ھەم شەپقەتتە ئىللىقتۇر ئالەم .
ھەممىسى دۇرۇسلا بولمايدۇ ئادەم ،
ئەتتىرگۈل شېخىدا بولغاندەك تىكەن .
كۈلۈپ باق ئەينەكتە قالىدۇ جىلۋە ،
ئادەممۇ شۇنىڭدەك بىر تىرىك ئەينەك.
كۈلگەنگە كائىنات قۇچىقى ئەلۋەك ،
ھامىنى قۇچاقتىن تۆكۈلەر مېۋە .
ئۈمۈتسىز قۇياشنى دەيدىكەن پاتتى،
سەن دېگىن ئەتىمۇ چىقىدۇ قۇياش.
بۇ ھايات شۇ -كۈلكە بەزىدە كۆز ياش،
كىم كەتتى ،كىم جاھان تىگىگە يەتتى .
كېتىدۇ كۈندە مىڭ مىڭمىڭلاپ كىشى،
كېلىدۇ ھاياتلىق قىلىدۇ داۋام .
بەزەننى يات ئېتىپ تۇرىدۇ ئاۋام،
بار ئىكەن باھارنىڭ بەزىدە قىشى .
بىزلەرگە تىرىكلىك ئەمەس بەخشەندە،
گەپ ئەسلى بىر ئەسىر ياشاشتا ئەمەس.
چۈشەنسە ھەممىنى قىلدۇرار ھەۋەس،
بىر كۈننى بىر يىلدەك ئۆتكۈزگەن بەندە.
ياخشىدىن ئات قالۇر يامانلاردىن دات،
چىقسىلا كېچە ئاي كۈن ئۆتتى دېمە .
بۇ ئۆمۈر ھېچكىمگە باقماس بىر كېمە،
ئويلايمىز ھە…ئەسلى مۇشۇنداق ھايات.
مەنبەسى :ئەپچىلەم بۇ شۇنداق جاھان ..........
دەپ قوش كىشىلىك بىر ناخشا بار ئىكەن، ئادرىسىنى بىلىدىغانلار تىپىپ بىرىڭلار، بىر ئاڭلاپ باقاي.
خىلى مۇڭلۇق ناخشىكەن. ماڭا ئىكىسپى سىستىما لازىمتى پوچتا ئادىرسىڭىزنى قالدۇرۇپ قويىڭا مەن ئەۋەتىپ بېرەي:lol ناخشىنى قانداق پوچتىدىن يوللايسىز ، ئاڭلاپ باقاي دەيدۇ ،
چ چ نىڭ كوڭ جىيەنىگە يوللاپ بىرەمسىز يا .
ئەپچىلەم بۇرادەر، سىز قەيەرلىك ئەپچىلەم ، گۇمۇلۇق ئەپچىلەم بولسىڭىز ھايت دەڭە..... تىركەشنىڭ سېستىمىسىدىن يانا چاتاق چىقىپتۇدە...:lol شەخسەن مەن قارشى ئالىمەن. يازغانلىرىڭىزنى كىلاسسىك رۇبائىيمىكىن دېدىمغۇ... مۇنبەردە جەسەت دەپ بىرسى بار، قايلىسام بىر_بىرىڭلارنى بەكمۇ تولۇقلايدىغاندەك... قولىڭىزغا دەت كەلمىگەيلەر...
بەت:
[1]