jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 20:39:19

يالغان

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jeSat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-28 20:44  


يالغان


بارخانلارنىڭ تاتلىق چۈشىگە،
سىڭىپ كېتەي مەنمۇ جىممىدە.
چۈشلىرىمدەك ئەي،گۈزەل سەھرا،
ياشىغۇم يوق ئۇشبۇ شەھەردە.

ئادەملەر ئالدامچى،ساختا ۋە كاززاپ،
چىن ئىنسان يوق بىرمۇ دۇنيادا.
ئاچ قوينىڭنى تەكلىماكان،
ئۆلۈپ قالسام بىر كۈن ناۋادا!

بىر چۈش ئىكەن سۆيگۈ،ھاياتلىق،
بىر چۈش ئىكەن دۇنيامۇ تامام.
تۇغۇلمىغان ھېچكىم دۇنياغا،
سەن ھەم مەنمۇ ھەممىمىز يالغان!!!




پىغانلىق خىتاپ

دوسىتلار!
مەن ئەزەلدىن ھاراق ئىچمەيتتىم،
ھاراق ئىچىش گۇناھتۇرـ گۇناھ.
لېكىن،ماڭا بۇ غېرىپ كېچە،
ھاراقتىن ئۆزگە بولمىدى ھەمراھ.

نېمشقا ئۆزۈمدىن ئالىمەن قىساس؟
نېمىشقا خىياللار ئازاپلىق ھامان.
نېمىشقا رىئاللىق قۇپقۇرۇق نەرسە؟
نىمشقا ئۈمۈتلەر غۇۋا چۈشسىمان؟!

نېمىشقا كۈلمەيمەن ئىچىمدىن بىر رەت؟!
دەردـ ئەلەم ماڭىلا مەنسۇپتەك پەقەت.
نېمشىقا بۇ ھايات  سىرلىق تىپىشماق ؟
نېمىشقا جاۋابى تېپىلماس ئەبەد!؟

نىمشقا كوچىدا ئاقىدۇ غەملەر؟!
نېمىشقا كۆزلىرىم قايغۇداـ نەمدە؟!

ئاچچىق ھاراق،
ئازابىمنى ‹‹غىق›› قىلىپ يۇتتى،
بۇ دۇنيانى ئۇنتۇدۇم  تامام.
تۈن كېچىدە كەلسەم مەلىگە،
مېنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ ئانام!!!


بىر تېلىفون بۇزدى بىر قىزنى


ئۆزى سەت.
كىيىمى چىرايلىق،
ئۆزى چىرايلىق،
كىيىمى سەت.
نىمشقا شۇنداق بۇلىدۇ؟
بىلمىدىم ئەجەپ.

بىر تېلىفون بۇزدى بىر قىزنى،
يىغلىماقتا يۈرەك بۇقۇلداپ.
6 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى،
تەبىئىيلىككە قايتماقچى بۇلۇپ،
ئۆزـ ئۆزىنى سالدى بازارغا،
دابازادا ئىككى قىز.

نۇزۇگۇمنى سېغىنىش گۇناھ،
ئىپارخانمۇ كەلمەسكە كەتتى.
چىن تۆمۈرنى چۈشەپ قاپتىمەن،
گاز تۇڭىغا يۆلەنگەن پېتى!!

NIRWANA يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 08:42:45

بۇلارنىمۇ سەن يازغانما

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 11:30:51

ئۆزـ ئۆزىنى سالدى بازارغا،
دابازادا ئىككى قىز.
--------------------

ئۆز-ئۆزىنى سالدى بازارغا،
خەلقئارا چوڭ بازاردا ئىككى قىز :lol

ئەمما،  جەسەت پەيزى شئېرلارنى يازىدۇ، بەك ھوزۇرلۇق. دائىم 20 سوم مۇنبەر پۇلى ئۆرۈمە قىلىۋىتىمەن.

00000 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 12:49:28

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   00000 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-29 12:56  

.

00000 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 12:57:25

جەسەتنىڭ يازغان بەزى نەرسىلىرى ماڭا ھەقىقەتەن ياراپ قالدى. گەرچە ژانىرىنى بىلمىسەممۇ.....
تۈپتۈزلا يازىدىكەن................:lol

Captain يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 14:17:03

ئېسىــــل :lol:lol:lol

function يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 16:24:51

جەسىتىزىم
بەت: [1]
: يالغان