waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 19:49:19

جۇڭگۇ ئىرانغا يىڭىلىپ تۆت كۈچلۇككە كىرىشتىن مەھرۇم قالدى

   

    ئۇيغۇر ۋاسكىتبول تورىنىڭ28-سىنتەبىر  خەۋىرى؛    2014-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى،  كورىيە رېن چۇەن  ئاسىيا تەنھەركەت يىغىنى  ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق گۇرپا مۇسابىقىسى داۋاملىق ئىلىپ بىرىلدى.  جۇڭگۇ  ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى ئاخىرى 67-75 نەتىجە بىلەن ئىران كوماندىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى.  ئىران كوماندىسى ئىككىنچى باسقۇچلۇق گۇرپا مۇسابىقىسىدە ئۈچ مەيدان تۇلۇق غەلبە قىلىپ تۆت كۈچلۈك ئىچىگە كىردى.   جۇڭگۇ  ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئاسىيا تەنھەركەت يىغىنى  ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى تارىخىدا تۇنجى قىتىم تۆت كۈچلۇك قاتارىغا كىرىشىتىن مەھرۇم قالدى.
  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە دۆلەت  ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىدىن جۇچى 17 نۇمۇر، 11 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 3 قىتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ دىڭ يۈ يى خاۋ  10 نۇمۇر،  1قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ۋاڭ جىلىن  10 نومۇر، 6 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  جاڭ تەيلۇڭ  8 نومۇر، 2 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  جۇپىڭ 7 نومۇر، 2 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ لىيۇشىياۋيۈ 6 نومۇر، 1 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ گوئەيلۇن  3 نۇمۇر، 1 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 4 قىتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ لى شاۋشۇ 4 نومۇر، 5 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛   شىرئەلىجانغا مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى بىرىلمدى.
   29 -سىنتەبىر ئۈرۇمچى ۋاختى سائەت 15؛13 دە، بەشىنچىلىكنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە جۇڭگۇ  ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى فىلپىن  كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php



  ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 10:23:13

شىرئەلىجانغا مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى بېرىلمەسلىكنىڭ سەۋەبى نېمىكەن؟

alpbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 11:34:30

شىرئەلىجاننى چىقارمىغاندىكىن خوپ بوپتۇ

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 11:45:55

جۇڭگونىڭ ئاسىيا ئولىمپىك سەپىرىدىكى بىر يۈرۈش مۇسابىقىلىرىنى شىرئەلىجاننى دەپلا ئاساسەن كۆردۈم. بولۇپمۇ كېيىنكى 2-3 مەيداننى...
     ھېس قىلغىنىم:
جۇڭگۇ توپچىلىرىنىڭ ئاساسىي ماھارىتى بەكلا تۆۋەن، توپ ئويناش ئېڭى يوقنىڭ ئورنىدا، تېرىنىرمۇ چاغلىقلا. بولۇپمۇ شىرئەلىجان ئوينايدىغان ئورۇندىكى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ ماھارىتى تۆۋەن، ۋەزىپىنىڭ رولىدىن پەقەتلا چىقالمىدى. سەۋەپ ئوماچ بوش كەلدى. قايسى كۈنىدىكى مۇسابىقىدە گو ئەيلەن دېگەن بىلەن لىيۇ شىياۋيۈ دېگەن يولداش ھەر بىرى 6 دىن جەمئىي 12 قېتىم ئۈچ نومۇرلۇق توپ ئېتىپتۇ. بىرسىمۇ چۈشمىدى. ئېسىت شىرئەلىگە ئاشۇ پۇرسەتنىڭ يېرىمى بېرىلگەن بولسىچۇ دەپ كەتتىم. بۇلار ئۆزىچە ياراتمايدىغان ياپۇنلارنىڭ بىر-بىرىدىن پاكار2-3 تەشكىللىگۈچىسى باركەن، شۇنداق چاققان، گادازىلارنىڭ قولتىقىدىن ئۆتۈپ يۈرۈپ ساراڭ قىلىۋەتتى... بىرنىڭ بويى تېخى 1.68 مېتىر ئىكەن... ئالدىنقى يېرىم مەيدان ھەم 3-مەيداننىڭ ئاخىرىغىچە 15 نومۇر كەينىدە قالغان ياپۇنلار قىسقىغىچە 10 نەچچە مىنۇت ئىچىدە 15 نومۇرلۇق پەرقنى تۈگىتىپ، يەنە 7 نومۇر ئاشۇرۇپ ئۇتۇپ، قان قۇستۇرۇۋەتتى...
      شىرئەلىگىمۇ دىققەت قىلماي قالمىدىم. راست دېگەندەك يولداشلارمۇ يەكلايدىغاندەك. شۇنداق ياخشى ئورۇنلارغا يۈگرەپ، بوشلۇق چىقارسىمۇ پاس بەرمەيدىكەن. چۈشكەن ۋاقتىمۇ كۆپ بولمىدى. چۈشكەن بىلەنمۇ ئوينايدىغان توپ يوق قۇرۇپ يۈگرەپ يۈردى. ھەم شۇ بېرىلگەن قىسقا پۇرسەتلەرنىمۇ ياخشى تۇتالمىدى. ھۇدۇقۇش بەك ئېغىر بۇ بالىدا... توپ ئويناشلىرىنى كۆرۈپ بۇرۇنقى شىرئەلى شۇمىدۇ دەپ قالدىم. ئوقۇتۇپ قويغاندەك باشقىلا بىر ئادەم بوپ قاپتۇ... كۇلۇپتىكى ئىپادىسىنىڭ %10 تىمۇ يوق...
      ئوتتۇرا ھۇجۇم، چوڭ-كىچىك ئالدى ھۇجۇم دېگەنلەر يامان ئەمەس. بىراق تەشكىللىگۈچى بەك ناچار... توپنى جايلاپ باشلىيالمايۋاتقان، ساق-سالامەت قارشى تەرەپ مەيدانىغا ئاپىرالمايۋاتقان، ئازراقلا ئالدىنى توراپ قويسىغۇ بولدى، خۇدىنى يوقىتىپ، ئالدى قايانغا بولسا شۇ يانغا ھەيدەپ، ھەتتا ئۆزىنىڭ پۇتىغا سوقاپ... ئەھۋال شۇ تۇرسا تەشكىللەشتىن قانداقمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن...
     

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 12:42:11

شىرئەلى بۇ قېتىم ئاساسلىق نۇمۇر ئالغۇچى بېك سالاھىتىدە مەيدانغا چۈشمىدى ، بىراق شىرئەلى گۇاڭخۇيدىكى ئۇسلۇبى بۇيىچە نۇمۇر ئېلىشقا قولاي ئۈچ نۇمۇرلۇق توپ رايۇنىدا قۇرۇق يۈگرەپ ئورۇن ئېلىش بىلەن ئالدىراش بوپكەتتى، تىرىنىر ئەسلىدىنلا ئۇنى كوماندىغا چاقىرتمايتى ، بېسىم تۈپەيلىدىنلا چاقىرتىپ ئۇنى قۇشۇمچە رول ئېلىشقا مەجبۇرلىدى . شۇڭا شىرئەلىمۇ تىرىنىرنىڭ تاكتىسىكىغا ئانچە ئېرەن قىپ كەتمەي ئۆزىنىڭ ئادەتلەنگەن ئۇسلۇبىدا ئويناپ تۈگەتتى ، توپ ئۈزۈش، ئاكتىپ مۇداپىئە دىگەندەك ئالاھىدىكلىرىمۇ تەبىئىيلا جارى بولمىدى.
لېكىن شىرئەلىنىڭ ئىقتىدارىدىن گۇمانلانمايمەن . ئۇ يەنىلا بىر ياخشى تەشكىللىگۈچى ، نۇمۇر ئالغۇچى بېك.

cooloff يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 13:35:26

تۆت كۈچلۈككە كىرىشتىن مەھرۇم قالدى. پۇتاق تاپتى دىمەڭلا..نىمە قىلىسىلە دەيمە جاننى قىيناپ توت كۈچلۈككە كىرەلمىدى دىسەڭلا بولدىيا..

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 15:17:48

كىرە ،تىرىشسا ئۇنىڭغىمۇ كىرە .تىرىشمىسا گۆرىگىلا كىرە .

yasinjanaks يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 18:17:01

مەركىزىي تېلۋىزىيە ئىستانسىسى  بېرىدىغان خەۋەر تاپالماي بىكار لاغايلاپ يۈرەمۇ ئەمدى كورىيەدە. پۇتبولدىمۇ تايلانىتقا ئۇتتۇرۇپتۇ يەنە .... بۇقېتى سەل ئاز يېگەن چېغى،..

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 22:37:34

بىر توپ بىلى بوشلار بىلەن چۈشكەندىكىن يالغۇز ئاتنىڭ دىڭى چىقمايدۇ شۇ.
بەت: [1]
: جۇڭگۇ ئىرانغا يىڭىلىپ تۆت كۈچلۇككە كىرىشتىن مەھرۇم قالدى