ئىلتىجا :مۇقاۋا لايھىلەپ بىرىشىڭلارنى سورايمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا muhakima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-28 18:17يېقىندىن بۇيان ، داۋالىنىش ۋە باشقا ئىشلار تۇپەيلىدىن تورداشلار بىلەن يۇز كۇرۇشەلمىدىم ، تورغا چىقالمىغاچقا ئەسەرمۇ يوللىيالمىدىم.
بۇنىڭ ئۇچۇن ئاۋال تورداشلاردىن كەچۇرۇم سورايمەن !
مەقسەتكە كەلسەم ، يېقىنقى نەچچە كۈن مابەينىدە ، بىر قىسىم ئىقتىسادى مەسلىنى ھەل قىلىش ۋەجىدىن بىر پارچە كوپ قىسىملىق ئىلمى فانتازىيىلىك رومان ‹‹2126-يىلى:يەرشارىدا ئوتكەن ئىشلار›› نىڭ1-قىسىمى‹‹ ئالەم بوشلۇغىدا ئۇچىرىشىش ››نىڭ 1-بۇلۇمى ‹‹خەيىر -خوش يەرشارى ›› نىڭ ئالدىنقى توققۇز بابىنى يىزىپ ، ۋاڭيى بۇلۇت كىتاپ ئۇقۇش بوشلۇغىغا يوللىدىم . كىيىن شارائىتىم پىشىپ يىتىلگەندە ، ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشىم مۇمكىن .
مەن خەنزوچىنى ئاساسەن ئوزلۇگۇمدىن ئوگەنگەن بولغاچقا ، كىتاپ ياخشى چىقماسلىغى مۇمكىن ، تورداشلارنىڭ تۇزىتىش پىكىرىنى بىرىشىنى سەمىمى ئۇمۇت قىلىمەن .
مەزكۇر روماننى بىرنەچچە قىسىم قىلىپ يازماقچى بۇلۇپ ئاساسلىق ۋەقەلىگى 2025 - يىلى سالى بىلەن رەنا دىن ئىبارەت ئىككى ياش دوكتۇر سالىنىڭ نەزەرىيەسىگە ئاساسەن قاشتېشى شەھىىرى تەۋەسىدە پەۋقۇلئاددە زور يەر تەۋرەش يۇز بىرىدىغانلىغىدىن بىشارەت بىرىدۇ ۋە يەر تەۋرەشتىن كىيىن تەۋرەش مەكىزىگە بېرىپ قاشتېشى ئىزدەپ تاپىدۇ ، ئۇلار قايتىش سەپىرىدە باشقىلارنى قۇتقۇزىدۇ ، بىراق سالى ئۇزى قۇتقۇزۇش جەرىيانىدا ب تىپلىق ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىپ داۋالاش ئۇنۇم بەرمەيدۇ ، ئۇلار سالىنى توڭلىتىپ ئاسمان بوشلۇغىغا چىقىرىپ داۋالاش شارائىتى پىشىپ يىتىلگەندە داۋالاپ ساقايتماقچى بۇلىدۇ ، تۇرلۇك ئىشلار تۇپەيلىدىن سالى بىلەن رەنا يىراق ئالەم بوشلۇىغىدا بىر ئەسىردىن كىيىن يەنى 2126-يىلى نامەلۇم ئۇچار جىسىمدا ئۇچىرىشىپ مۇھاببەت دېڭىزىغا غەرق بۇلىدۇ .
رەنا ئالەم سەپىرىدە سالىغا يەرشارىدا يۇزبەرگەن نوھ ئەلەيسالام زامانىسىدىكى توپان بالاسى ، يەرشارىنىڭ چوڭ پارتلىشى ،ئالتە ئولچەملىك بوشلۇق ، ئۇ ف ئو نىڭ سىىرى ، بىرلەشكەن دولەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پارچىلىنىشى ، شىركەت ئىتتىپاقىنىڭ يەرشارىنى كونتىرول قىلىشى ، شىركەت ئىتتىپاقى سومىنىڭ تارقىتىلىشى ،...قاتارلىق ئىشلار ۋە بىلىملەرنى سوزلەپ بىرىدۇ .
كىيىن رەنادىن قاتتىق گۇمانلانغان سالى رەناغا ئوچ بۇلۇپ كىتىدۇ ، رەنا قوشگىزەك توغىدۇ ، ئۇلار قۇياش سېستىمىسىنىڭ گىرۋىكىگە قايتىپ كىلىدۇ ، بىراق بۇ ۋاقىتتا ، ئۇلار ئولتۇرغان ئالەم كېمىسى ئو ف ئۇ نىڭ ئىىنىرگىيىسى توگەپ كىتىپ سەرگەردانغا ئايلىنىپ قالىدۇ ، بۇخىل شارائىتتا رەنا كېمىگە مەخپى ھالدا ئۇزىنىڭ ئىنىرگىيىسىنى بەرگەچكە ئۇ ئىنتايىن تىز سۇرئەتتە قېرىپ ئۇلۇپ كىتىدۇ ، ئۇ ئۇلۇش ئالدىدا سالى رەناغا 100 يىل بۇرۇن سوۋغا قىلغان قاشتېشى مارجاننى قالدۇرىدۇ ، مارجاننىڭ يۇرەك شەكىللىك بۇلاپكىسىنىڭ ئىچىدە بىر ساقلىغۇچ چىقىدۇ ، سالى ساقلىغۇچتىكى ئۇچۇرلار ئارقىلىق رەنانىڭ ئوتمۇشى ۋە ھازىرىنى بىلىپ قاتتق ئازاپلىنىدۇ ۋە پۇشايمان قىلىدۇ .
سالى ئاخىرىدا رەنانى ‹‹تىرىلدۇرۇش›› ئۇچۇن تىرىشپ كۇرەش قىلىدۇ !
شۇنداق قىلىپ رومان مۇشۇ يەردە ئاياقلىشىدۇ.
ھازىر يىزىلىپ بولغان قىسمى 20مىڭ خەتتىن ئاشقان بۇلۇپ ، بۇنىڭغا مۇقاۋا لايھىلەش لازىم ئىدى ، بىراق مەن فۇتۇشۇپ ياكى باشقا رەسىم لايھىلەش يۇمشاق دىتالىنى ئىشلىتىشنى ئوگەنمىگەن بولغاچقا لايھىلەشتە قىينالدىم شۇڭا ، ئۇستازلارنىڭ يۇلتۇز سېستىمىسىدىن يەرشارى ۋە ئو ف ئو نىڭ كۇرۇنۇشى ھەمدە يۇقۇرىدىكى ۋەقەلىككە ئاساسەن مۇقاۋا لايھىلەپ بىرىشى ۋە تىما ئاستىغا ئىنكاس شەكىلىدە يوللاپ قۇيۇشىنى چىن كۇڭلۇمدىن ئۇمۇت قىلىمەن .
كوپچىلىككە رەھمەت!.
كىتاپنىڭ ئادرىسى
http://yuedu.163.com/source/36dc2835600241e3ac5aac15802e8353_4 خېلى سەۋىيە بىلەن يېزىلغان ئەسەر ئىكەن. مەن خەنچە مەنبەنى ئازراق كۆردۈم. ب
فوتۇشوپ بىلىدىغان دوستلار ياردىمىڭلارنى ئايىمىساڭلار. روماننى خەنسۇچە يازغان گەپما؟ iltebir107 يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 19:37 static/image/common/back.gif
خېلى سەۋىيە بىلەن يېزىلغان ئەسەر ئىكەن. مەن خەنچە مەنب ...
رەھمەت ! نوقسانلارنى كورسىتىپ بەرگەيسىز. function يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 19:55 static/image/common/back.gif
روماننى خەنسۇچە يازغان گەپما؟
شۇنداق، توغرا چۇشىنىشىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن، بىرتەرەپتىن ئوگەنگەچ يىزىۋاتىمەن ، كىيىنچە مۇمكىن بولسا ئويغۇرچىگە تەرجىمە قىلىمەن. كۆرسەتمە بەرگەيسىز. رەھمەت. ئاۋال ئۇيغۇرچە يېزىپ ئاندىن تەرجىمە قىلسىڭىز بولمامتى ؟ بىز ئوقۇمىساق كىم ئۇقۇيدۇ ؟ مەشۇقىنى خاتا تاللىغان ئاشىق. مەن كۆرۇپ باقمىدىم ،لىكىن غەيرىتىڭىزگە بارىكاللا !!!
خەنزۇلار بىزنىڭ تىلىمىزنى ئۆگىنىپ ئەسەرلىرىمىزنى ئۇيغۇرچە ئوقۇپ ،بىزنىڭ تىلىمىزدا تەنقىد بىرىپ ياكى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ يۈرمەيدۇ.
مەيلى قانداق شەكىلدىكى باشلىنىش ،قانداق سەۋىيە دىكى باشىلىنىش بۇلىشىدىن قەتئىنەزەر بۇ ئىشتا « باشلىنىش»نىڭ بۇلۇشى ياخشى ئىش .
مىللىي پىسىخىكا نۇقتىسىدىن ئۆزىمىزنى خەنزۇلارغا ئېتىراپ قىلدۇرۇشقا ئېھتىياجلىق
نۇتۇق ،ئۇسسۇل ،ناخشا مۇسابىقسىگە قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتىشى مىسال بۇلالايدىغۇ!! بىر ئىككى باپنى ئوقۇپ باقتىم،سەۋىيەرىڭىز تېخى خەنزۇچە رومان يازغۇدەك دەرىجىدە ئەمەسكەن ، فانتازىيەلىك ۋەقەلىكلەرنىڭ بىزدە بازىرى يوق،ئالىمجان ئىسىملىك بىرىنىڭ كەشپىياتلىرىغا ئىشىنىپ يۈرگەن خەقلەرگە نىمە فانتازىيە ؟
تراگىيە يېزىپ بېقىڭ ، AAA يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 22:05 static/image/common/back.gif
مەشۇقىنى خاتا تاللىغان ئاشىق.
:lol ;P :lol :lol مەن ئىشلەپ باقاي ئەمىسە، گەرچە ئۇستا بولمىساممۇ مۇقاۋىنىڭ ئۆلچىمى ھەققىدە گەپ يوخكەن، بولمىسا مەن لاھىيەلەپ بېرەر ئىكەنمەن.... ئۇچۇر قىلسىڭىز مەسلىھەتلىشىپ لاھىيەلەپ بەرسەممۇ بولىدۇ...
ئۇچۇر قىلسىڭىز چ چ نومۇرۇمنى قالدۇراي Erktekin يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 23:53 static/image/common/back.gif
بىر ئىككى باپنى ئوقۇپ باقتىم،سەۋىيەرىڭىز تېخى خەنزۇچە ...
ئالىمجاننىڭ ئىشلىرىنىڭ ئۆزى بىر فانتازىيەغۇ لھىيھەلەرنى مۇشۇ يەرگە چاپلىسا، مەن تاللىشىپ بېرەي.
خەنسوچىنى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ رۇمان يازالىغۇدەك بولغان بولسا، خېلىلا ئۆگەنگەن بولىدۇ. ئاسان ئەمەس. Erktekin يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 23:53 static/image/common/back.gif
بىر ئىككى باپنى ئوقۇپ باقتىم،سەۋىيەرىڭىز تېخى خەنزۇچە ...
2126年:地球往事
شۇنداق مەنمۇ سەۋىيەرىم تۇۋەن دەپ قارايمەن ، بىراق ئۇگەنمىسەك بولمايدۇدە ، شۇڭا ، بىر تەرەپتىن ئىپادىلەش جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلارنى يىڭىپ يىزىپ، بىرتەرەپتىن ئوگىنىۋاتىمەن .داۋاملىق تەلىم بەرگەيسىز. رەھمەت.
بۇگۇن يەنە بىر بابىنى يوللىدىم ، تەنقىدى نەزىرىڭىزدىن ئوتكۇزگەيسىز. http://yuedu.163.com/book_reader/36dc2835600241e3ac5aac15802e8353_4/8e659bcef4964cf68a1a78e568f67de2_4 hiyalqi يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 21:47 static/image/common/back.gif
ئاۋال ئۇيغۇرچە يېزىپ ئاندىن تەرجىمە قىلسىڭىز بولمامتى ...
ئۇيغۇرچە يازغاننى خەنزۇچە ئىپادىلەش مەن ئۇچۇن ھازىرچە خېلى قىيىن ئىش . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا muhakima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-29 16:21
abdrtt يوللىغان ۋاقتى 2014-9-29 12:44 static/image/common/back.gif
مۇقاۋىنىڭ ئۆلچىمى ھەققىدە گەپ يوخكەن، بولمىسا مەن لاھ ...
بۇلىدۇ ، رەھمەت Erktekin يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 23:53 static/image/common/back.gif
بىر ئىككى باپنى ئوقۇپ باقتىم،سەۋىيەرىڭىز تېخى خەنزۇچە ...
،سەۋىيەرىڭىز تېخى خەنزۇچە رومان يازغۇدەك دەرىجىدە ئەمەسكەن
تىما ئگىسى خەن تىلىنى ئۆزلگىمدىن ئۈگىنىۋاتىمەن دەپتۇ، سىز بىرەر تىلنى ئۆزلىكىڭىزدىن ئۈگىنىپ باشقا ئېلىپ چىققااندەكمۇ؟
باشلىۋەتتۇق ئەمىسە
بەت:
[1]
2