bozqir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 17:22:25

[بوزقىر]كاتتا يازغۇچى يېزىقچىلىقتىن 29 نومۇر ئاپتۇ

        كاتتا يازغۇچى يېزىقچىلىقتىن  29 نومۇر ئاپتۇ

    يېقىندا خۇنەنلىك ياش يازغۇچى  جاڭ يىيىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىنىڭ تىل-ئەدەبىيات  يېزىقچىلىقىدىن  ئاران 29 نومۇر ئېلىپ ،  خۇنەن مائارىپ ئىمتاھان مەھكىمىسىنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغانلىق ئىشى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارىتقان.  
                  جاڭ يىيى خۇنەندىكى بارماقتا توختايدىغان ياش يازغۇچىنىڭ بىرى بولۇپلا قالماي يەنە نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن ؛ « ياق» ،  « چىقىش يولى « قاتارلىق نۇرغۇن خاس ئەسەرلىرى نەشىر قىلىنغان ؛ خەن خەن ، گو جىڭمىڭ ۋە تاڭ جىياسەنشىياۋ لەر بىلەن بىر قاتاردا « يېڭى زاماندىكى تۆت مەشھۇر تالانىت» دەپ نام ئالغان ؛ خۇنەن سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورى ئىكەن. ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشتىن ئىبارەت ئۇزۇن يىللىق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىغا قاتناشقان ئىكەن.

نۆۋەتتە سوت مەھكىمىسى  جاڭ يىيىنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلىپ سوت ئاچقان بولسىمۇ ئەمما ، ھۆكۈم ئېلان قىلماپتۇ .

http://www.aihami.com/a/dangjian/zugong/55108.html

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 19:43:27

bozqir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 20:04:01

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bozqir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-28 20:08  

يەنە بىر خەۋەردە يېزىلىشىچە ، 80- يىللاردا « يېشىل دەرەخ » ، « ئەرنىڭ يېرىمى ئايال « ، « روھ ۋە گۆش » قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن زور تەسىر قوزغىغان يازغۇچى جاڭ شىيەنلىياڭ  ئالدىنقى كۈنلەردە  78 يېشىدا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىپتۇ. خەنزۇچە تورلاردا بۇ ھەقتە مۇلاھىزە بولىۋېتىپتۇ. بۇ يازغۇچى 22 يىل ئوڭچى قالپىقىنى كىيىپ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلگەنىكەن. ئۇ يەنە بىر ئەرگە بىر خوتۇن بولۇش تۈزۈمىگە  ئۆكتە قوپقۇچى ئىكەن . شۇنداقلا « ياشىسۇن خۇسۇسىي ئىگىلىك » دەپ شوئار توۋلىغان يازغۇچىكەن. ئەينى ۋاقىتتا تورلاردا ئېقىپ يۈرگەن بۇ يازغۇچىنىڭ 20 دىن ئارتۇق ئاشنىسى بارلىقى ھەققىدىكى سۆز-چۆچەكلەرگە قارىتا ئۇنىڭ راسىتلىقىنى ئېتراپ قىپتىكەن.

http://news.163.com/14/0928/05/A775GMB700011229.html[/url
http://news.163.com/14/0928/04/A7704JI900011229.html

sardar8 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 20:15:57

بوزقىر مۇنىبىرگە نىم بولدى  

bozqir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 20:19:46

sardar8 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-28 20:15 static/image/common/back.gif
بوزقىر مۇنىبىرگە نىم بولدى

بوشلۇق تەۋەلىكىنى يۆتكەشكە قوشۇلۇپ تېخنىكىلىق كاشىلا كۆرۈلگەن چېغى

bozqir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 20:36:53

يەنە بىر خەۋەردە جۇڭگولۇق شائىر  بېي داۋنىڭ  بۇ يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ قېلىش ئېھتىمالىنىڭ زورلۇقى قەيىت قىلىنىپتۇ. شۇ خەۋەردە ئېيتىلىشىچە بېي داۋنىڭ نامزاتلىق ئورنى ئىلگىرىكى 60 نەچچىنچى ئورۇندىن بۇ يىل ئالدىنقى 8- لىككە كۆتۈرۈلۈپتۇدەك .

454603066 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 20:56:05

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بوزقىر ئەپەندىم. ئەھۋاللىرى ياخشى، ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق يۇرۇشكەي.....
بوزقىر مۇنبىرى ئېچىلماسلا بوپ قالدىمىكى دەپ ئەنسىرگەن سوزلىرگە قارىغاندا ۋاقىت مەسىلىسى ئوخشايدۇ .


  

bozqir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 21:06:12

454603066 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-28 20:56 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بوزقىر ئەپەندىم. ئەھۋاللىرى ياخشى، ...

شۇنداق ، ۋاقىت مەسىلى ھازىر ھەممە ئىشنى بەلگۈلەيدىغان ۋە ئۆزىمىزگە تەسەللىي تاپىدىغان موھىم مەسىلە بولۇپ قالدى.

454603066 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 21:07:03

كاتتا يازغۇچى 29نۇمۇر  يېزىقچىلىقتىن، ھاركەلگەن ئوخشايدۇ  {:92:}

بەلكىم كېيىن يازغان نەرسىلىرىمنىڭ ئەتىۋارى قالماي قالامۇ دەپ ئەنسىرگەن چېغىۋا {:112:}

ياكى نەتىنجە ئېمتاھان  قەغىزىنى قولىغا  بەرمىدىمىكىنە {:112:}

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 21:12:49

bozqir يوللىغان ۋاقتى  2014-9-28 20:04 static/image/common/back.gif
يەنە بىر خەۋەردە يېزىلىشىچە ، 80- يىللاردا « يېشىل دەرەخ ...

بۇ يولداش ئالامەتكىنا :lol
ئۆزگەرتىشتە قازا قىپتۇمۇ ياكى قۇيۇۋېتىلىپتىكەنمۇ ؟

apchilam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 22:53:27

نوبىل مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى بولسا نېمە بوپتۇ،تازىمۇ ئۇششۇق يولداشكەن بۇ،ئىستىلىدا چاتاق بار،

Illiterate يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 23:05:47

Uyghun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 01:39:18

ئدىبىياتتىمۇ پورمىلاغا ئېسىلىۋالىدىغان تەكشۈرگىچىلەر پورمىلاغا چۈشمەپتۇ دەپ نومۇر تارتقاندۇ؟

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 06:44:18

ئۇ تالانتلىق بولغىنى بىلەن شۇ مەكتەپكە چۇشلۇق جاۋاپ بەرمەي ئارتۇقچە جاۋاپ بېرىۋەتسە بىر خىللاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش بۇيىچە شۇ يەردە بەلگىلەنگەن ئۆلچەملىك جاۋابىنى يازمىسا ئەلۋەتتە 29 ئالىدۇ. مەسلەن؛ يەر تېرىشتا ساپانغا قۇشىدىغان ھايۋاننىڭ ئىسمى نىمە؟ دىگەن سۇئالغا دەرىستە سۇ كالىسى دەپ ئۈگەتكەن بولسا جاۋاپقا ئات. ئىشەك. قېچىر، ئۆۈز، ئوي دىگەنلەرنى يىزىپ قويسا سوتسىيالىستىك ۋەتىنىمىزدە بىردەك چاقپەلەكنى سىزىپ، يۇغان بىر 0 نۇمۇرغا ئېرىشىدۇ، بۇ يازغۇچى مۇشۇ نۇقتىدىن ئۆكتەملىك قىلىۋاتقاندەك بىلىنىۋاتىدۇ. ئەسلى ئۇنىڭ 29 نۇمۇر ئىلىشىنىڭ ھىچ ھەيران قالغۇچىلىكى يوق ئىدى، چۇنكى ئۆلچەملىك جاۋاپ ھاممىنى ئۆلچەملىك جاۋاپ بۇلىدۇ.

bozqir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 07:49:05

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2014-9-29 06:44 static/image/common/back.gif
ئۇ تالانتلىق بولغىنى بىلەن شۇ مەكتەپكە چۇشلۇق جاۋاپ بە ...

ئالىي مەكتەپ يېزىقچىلىق ئىمتاھانىغا « ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر يېزا-بازار كادىرى 8 يىلدىن بۇيان نېمىشقا ئۆسمىگەن ؟» دېگەن سوئال  چۈشۈپتىكەن .
مەنغۇ بۇنى تىل-ئەدەبىياتقا ئائىت سوئال ئەمەسمىكىن ، دەپ ئويلىدىم.

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-9-29 11:34):
ئەڭ ياخشىسى بۇنداق سوئاللارنىڭ  تەشكىلات تارماقلىرىدىكىلەرگە چۈشكىنى تۈزۈكمىكىن ؟

454603066 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 09:20:30

bozqir يوللىغان ۋاقتى  2014-9-29 07:49 static/image/common/back.gif
ئالىي مەكتەپ يېزىقچىلىق ئىمتاھانىغا « ئەڭ ھۆرمەتكە س ...

ئۇلار نۇمۇرنى قوغلىشامدىغاندۇ ياكى سەۋىيەسىنى ئاساس قىلامۇ :lol

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 10:11:02

قىزىم بىرىنجى سىنىپتا ئوقۇۋاتقاندا ئىمتىھاندا كىچىك بىر مۈشۈكنىڭ رەسىمىنى بىرىپ، ئىسمىنى يېزىڭ دەپ باركەنتۇق. قىزىم ئاسلان دەپ يېزىپتىكەن، ئوقۇتقۇچىسى خاتا دەپ، نومۇر تارتىپ، يېنىغا مۈشۈك دەپ يېزىپ قويۇپتۇ. قىزىم ئۈمچىيىپ بۇ دېگەن كىچىك تۇرمامدۇ، مۈشۈكنىڭ بالىسىنى ئاسلان دىمەمدۇ. دەپ كەپتىكەن.
ئىككىنجى سىنىپتا لاتاپەتلىك دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى چىرايلىق دەپ يېزىپتىكەن، ئۇنىمۇ خاتا دەپتۇ. چوقۇم گۈزەل دەپ جاۋاپ بېرىشى كېرەككەن.

bozqir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 10:29:19

454603066 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-29 09:20 static/image/common/back.gif
ئۇلار نۇمۇرنى قوغلىشامدىغاندۇ ياكى سەۋىيەسىنى ئاساس  ...

نومۇر قوغلىشىدۇ.
نومۇر ئۆلۈك يادلاشنى ھەتتا ئاقنى قاراپ تۇرۇپ قارا دېيىشنى ئۈگىتىدۇ.
بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى جاڭ ۋېييىننىڭ نەچچە يىل ئاۋال « جۇڭگودىكى مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىنى تاقىۋەتسە ئاندىن پۇقرالارنىڭ ئەخلاق ساپاسى ئۆسىدۇ. چۈنكى ، ھازىرقى مائارىپ بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ يالغانچى  قىلىپ يېتىشتۈرمەكتە» دېيىشىنىڭ مەلۇم ئاساسى بولۇشى مۇمكىن.

454603066 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 10:31:29

alip يوللىغان ۋاقتى  2014-9-29 10:11 static/image/common/back.gif
قىزىم بىرىنجى سىنىپتا ئوقۇۋاتقاندا ئىمتىھاندا كىچىك ب ...

بۇلار ئۇقۇمنى ئۇنتۇپ ئولچەمگە  دۇمچۈشۇپتۇ ئەمسە :lol :lol

454603066 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 10:37:00

bozqir يوللىغان ۋاقتى  2014-9-29 10:29 static/image/common/back.gif
نومۇر قوغلىشىدۇ.
نومۇر ئۆلۈك يادلاشنى ھەتتا ئاقنى قار ...

راست دىمىسىىمۇ .   يالغان سۆزلىسەڭ قۇتۇلىسەن ،راست سۆزلىسەڭ تۇتۇلىسەن  .  بىكا بازا تاپمايدۇ  . مۇشتاق سۆزلەر :dizzy:

بەت: [1] 2
: [بوزقىر]كاتتا يازغۇچى يېزىقچىلىقتىن 29 نومۇر ئاپتۇ