xinjiangtour يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 16:01:36

قارا كۆلگە ساياھەت

قارا كۆلگە ساياھەت
2003 – يىلىنىڭ مەلۇم كۈنى بىر سىڭگاپۇرلۇق قىزچاق بىلەن تونۇشۇپ قالدىم،ئەسلى ئۇ كۈنى يەكشەنبە بولغاچقا ئادەتتىكى كۈنلەردە ساياھەتچىلەر ئاز ،دەل مۇشۇ كۈندە ساياھەتچىلەر كۆپۈيۈپ كېتىدۇ.
بازار ئايلىنىپ كېتىۋاتسام ئاسىيالىقلارغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر نەچچە ئوغۇل قىزلار كېتىۋېتىپتۇ ،ئۇلارغا بىرلا قاراپ شاڭگاڭ ياكى سڭگاپۇردىن كەلدى دەپ ،جەزىملەشتۈردۈم دە ،ئالدىغا بېرىپ:
-ياخشىمۇ سىلەر ؟ مەن مۇشۇ يەرلىك بالا ،يېڭىدىن ئېنگىلىزچە ئۈگىنىۋاتقان ئېدىم ،سىلەر سىڭگاپۇرلۇقمۇ ؟
-ھەئە ،قانداق بىلىۋالدىڭىز ؟ئېنگىلىزچىنى قايسى مەكتەپتە ئوقۇيسىز ؟
-سىلەرنىڭ يۈرۈش تۇرشۇڭلار باشقا ئاسىيالىقلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ،شۇڭا سىلەرنى سڭگاپۇرلۇقمىكى دېگەنتىم، ئېنگىلىز تىلىنى كەچلىك كورۇستا ئوقۇيمەي، ھازىر ماڭا بىر يىل بولدى .
-ھەجەپ ياخشى بولدى ،بىزگە ياردەم قىلىپ گېلەم بازىرىغا قانداق بارىدىغانلىقىمىز دەپ بەرگەن بولسىڭىز .
-مەنلا باشلاپ باراي ،سىلەر ئۇ دۇككانلارغا كىرسەڭلار ،تىل ئۇقمايسىلەر ،دۇككانچىلار سىلەرنىڭ گېپىڭلارنى ئۇقمايدۇ.
-ئۇنداق بولسا يۈرۈڭ ،يول باشلاڭ ئەمسە .
بىر دۇككانغا ئەكىردىم ، ئۇلار گېلەمدىن بىرنى تاللاپ باھادا ئازراقلا تالىشىپ ئالدى،ئاندىن دۇنككاندا بىرئاز چاي ئېچىپ ئولتۇرۇپ ،ئۆزلىرىنىڭ خىرىستىيان دېنى جەمئىيەتتىن كەلگەنلىكى دېدى. بۇنى ئاڭلاپ قاتتىق ئاچچىغىم كەلگەن بولسىمۇ ئاخىرىنى ئاڭلاي دەپ سەۋىر قىلىپ تۇردۇم. ئۇلارنىڭ مەقسىدى بۇ يەرگە ساياھەت قىلغاچ ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىغىنى ،بۇ يەردىكىلەرنى دىنغا دەۋەت قىلىش نېيتىنىڭ يوقلىغى ،كېيىنچە مۇشۇ يەرگە ساياھەت ئۆمىكى ئورۇنلاشتۇرماقچىلىقىنى ،ئەگەر مېنىڭ ۋاقتىم يار بەرسە ياردەم قىلىشىمنى ئەيىتتى.
-ياق مەن ياردەم قىلالمايمەن ،دەپ رەت قىلدىم.
ئۇلار يۇرتىغا قايىتتىپ كېتىپ ،ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ،بىر قىزچاق تېلېفون قىپتۇ .
-ياخشىمۇسىز ؟ مېنى تونىدىڭىزمۇ ؟ مەن ھېلىقى سىڭگاپۇرلۇقلار ئارىسىدىكى بىرسى ،ھازىر سىڭگاپۇردىكى بىر ساياھەت شىركىتىدە ئىشلەۋاتىمەن ،سىزنىڭ يۇرتىڭىزغا ئىككى ئەر-ئايال ساياھەتچىنى ئەۋەتكەن ئېدىم ،ئۈرۈمچى ،تۇرپاندىكى ساياھەت يېتەكچىلىرى ياخشى كۈتەلمەپتۇ.قەشقەرگە بارغاندا سىزگە قەشقەردىكى مەلۇم شىركەت سىزگە تېلېفون قىلىدۇ ،شۇ مېھمانلارنى سىز كۈتۈپ بەرسىڭىز.
-ماقۇل ،كەلگەندە بىرگەپ بولسۇن، كەلسە ماڭا خەۋىرنى بېرۋىتىڭ.
-بولىدۇ،خوش.
بىر كۈنى سەھەردە ،سىرىتقا ئەمدى چىقاي دەپ تۇرسام ،تېلېفونۇم جىرىڭلاپ كەتتى .
-ۋەي ،سىز ھېلىقى قەشقەرلىك بالا بولامسىز ؟ مەن ئۈرۈمچىدىن ئىسمىم ۋاڭ ،سىزگە ھاجىتىم چۈشۈپ قالدى ،سىڭگاپۇرلۇق بىر قىز سىزنى بەكلا تونۇشتۇرۇپكەتتى ،شۇڭا مېھمانلارنى ئەگەر ۋاقتىڭىز يەتسە، سىزنى كۈتۈپ بەرسۇنمىكى دىگەن ، ۋاقتىڭىز بولسا ھازىرلا ،سەمەن مېھمانخانا ئالدى ئىشكىگە كېلىڭ .
- بولىدۇ ،مەن شۇ يەرگىلا باراي ،قالغان تەپسىلاتلارنى شۇ يەردە ئاڭلاي.
شۇنداق دەپلا سىيالكامنى مېنىپ سەمەن مېھمانخانىسى چوڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغان باردىم .قارىسام ھېچكىم يوق ،سەل تىتتىت بولۇپ تۇرسام ،يەنە تېلېفون كەلدى .
-كەچۈرۈڭ ،سىزنى ساقلىتىپ قويدۇم ،بايا مېھمانلارغا ياتاقنى ئورۇنلاشتۇرمەن دەپ ھايال بولۇپ قالدىم ،ھازىر مەن مېھمانخانىنىڭ ئۇدۇلدىكى ئاشخانىدا تاماق بۇيرۇتۇپ ئولتۇردۇم ،نىمە يەيسىز ؟
-بولدى رەھمەت ،قورسۇقۇم توق ،ئۆيدە تاماق يەۋالغان .
ئۇ ئاشخانىغا بارسام بىر ئورۇق ئاداش ئولتۇرۇپتۇ .بىر ھازا سالام سائەتتىن كېيىن ،ئۇ ئاداش گەپ باشلىدى.
-ئۈرۈمچى بىلەن تۇرپاندىكى ساياھەت يېتەكچىلىرى مېھماننى نارازى قىلىپ قويۇپتۇ ،مېھمانلارنى ئەتە قارا كۆلگە ئاپىرىشقا ۋاقتىڭىز بارمۇ ؟
-ھەئە ،ۋاقتىم بار .قىلىدىغان باشقا ئىشىممۇ يوق .
-ئەمىسە ، ئەتە سەھەر 7:00دە مۇشۇ مېھمانخانىغا كېلىڭ،مېھمانلار بىلەن شوپۇر سىزنى ساقلاپ تۇرىدۇ.
ئەتىسى ئەتىگەندە ،مېھمانلار بىلەن كۆرۈشۈپ ،سەپەرگە ئاتلاندۇق . شەھەردىن چىقىپلا يول بوليى بوستانلىقلارنى كۆرۈپ ،مېھمانلارنىڭ ئېغىزى ئېچىلىشقا باشلىدى.
-ھەجەپ مەنزىرلىك يەرلەركەن .
-ئاۋۇ يول بويىدىكى تاملارنى بىز ئەنجان تام دەيمىز ،لايدىن يوغان خىشلارنى قاتۇرۇپ تەييارلىۋالغاندىن كېيىن،ئاشۇ خىشلارنى جىپىسلاشتۇرۇپ ياتقۇزۇپ چىقىمىز،ئاندىن ئۈستىلەپ لاي سۇۋاپ پۇختىلايمىز .بۇنداق تام بەك پۇختا بولىدۇ ،سىلەر كۆرىۋاتقان بەزى تاملارنىڭ سېلىنغىنىغا ئۇزۇن زامانلار بولغان ،بەزىلىرى يېقىندا سېلىنغان.ھويلا ئىچىدە ھەرخىل مېۋىلىك دەرەخلەر بار،دېھقانلار كۆڭلى كۆڭسىمىز كەڭ بولسۇن دەپ ، ئۆيلىرىنى ۋە ھويلىلىرىنى كەڭ سالىدۇ ،شۇڭا ئۇلاردا ھېلە مېكىر يوق . بىز شەھەرلىكلەردە ئۆيلەر كىچىكلەشكەنچە ،ھېلە مېكىر كۆپ ئادەملەر ھەرخىل .
-ھە مۇنداق دەڭ ، ئەتىگەندىن بېرى ئۆزىمىزنى تونۇشتۇرماپتۇق ،كەچۈرۈڭ . مېنىڭ ئىسمىم ھۈسەن ،ئايالىمنىڭ ئىسمى پىڭ-پىڭ .مەن مالاي مىللىتىدىن ،ئايالىم شاڭگاڭلىق .
-ھە ، مەن ئىرفان بولىمەن، مىللىتىم ئۇيغۇر .بىز تۈركى تىل سېستىمىسدا سۆزلىشىمىز ،جۇڭگۇدا 56 مىللەت بار ،بىز شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى .
-ھە ،ھەجەپ ياخشى ،مېجەزىڭىزنى ياختۇرۇپ قالدۇق ، قەشقەرگە قايتقاندىمۇ سىز ئايلاندۇرسىڭىز بولاتتى .
-ھە بولىدۇ.
يول داۋام قىلىپ ئوپالغا كەلدۇق ، ئوپالنى ھەممىڭلار بىلىسىلەر ، مەھمۇت بوۋىمىزنىڭ يۇرتى ،ھەم مېنىڭمۇ يۇرتۇم . مېھمانلارغا مەھمۇت قەشقەرى دىگەن روماننى قىسقىچە چۈشەندۈردۈم .
ئوپالغا كېلىپلا ،ئاشخانىلار كۆپ بىر مەنزىرىلىك ،دەلدەرەخلىككە تولغان بىر كوچا بار ،بۇ كوچىنى ئۆتەڭ دىيىشكىمۇ بولىدۇ.چۈنكى تاشقورغان –پاكىستانلارغا دە مۇشۇ يەردىن ماشىنىلىق ئۆتىسىز .بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى ياخشى بولغاچقا ،تاماق يەۋىلىپ يولنى داۋاملاشتۇرمىسىڭىز ،يولدا تۈزۈككىنى تامىقى ئوخشايدىغان يەرنى تاپماق تەس.
تاماق يەپ بولۇپ ،يولىمىزغا راۋان بولدۇق.يول بويى تاغ ،ئېتىز –ئېرىق ،دەريالار،دەرەخلەر ئازلاپ ،تاغلار كۆپۈيۈشكە باشلىدى ، مانا ئەمدى گەزگە كەلدۇق .
گەز قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيە بۇلۇڭكۆل يېزا گەز كەنىتىگە جايلاشقان چېگىرا تەكشۈرۈش پونكىتى بولۇپ مەيلى سىز تاشقورغانغا ساياھەتكە بېرىڭ ياكى پاكىستانغا بارماقچى بولۇڭ ،مۇشۇ پونكىتتىن ئۆتۈپ بارىسىز ،يول خېتىڭىز بولمىسا قايتۇرلىسىز .
بۇ يەردىن خېلى ماڭغاندىن كېيىن ئالدىڭىزغا بىر مەنزىرلىك كۆرنۈش ئۇچىرايدۇ ،ئالدىمىزدىكى كۆرنۈش قۇمتاغ دەپ ئاتىلىدۇ. يەنە ئازراق ماڭساق بۇلۇڭ كۆل ،ئاندىن قارا-كۆل  .
قارا-كۆلگە ئاز قالغاندا ماشىنا بۇزۇلدى ،مېھمانلار خاپا بولۇپ پىيادە بولسىمۇ يولىمىزنى داۋاملاشتۇرمىز دەپ تۇرۋالدى ، مەنمۇ ئامالسىز مېھمانلار بىلەن بىرگە پىيادە سەپەرنى داۋاملاشتۇردۇم .پىيادە 10 نەچچە كېلومېتىر يول يۈرۈپ ئاران دىگەندە قارا-كۆلگە يېتىپ كەلدۇق .

قارا كۆل ئاقتۇ ناھىيەىسى بۇلۇڭكۆل يېزىسىنىڭ سۇ باش كەنتىدە بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 3652 مېتىر ئېگىزلىككە جايلاشقان، دائىرىسى 60 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، جۇڭگو- پاكىستان تاش يولى كۆلنىڭ غەربىي جەنۇب تەرىپىدىن ئۆتىدىغان بولغاچقا، قاتناش ئىنتايىن قولايلىق. قارا كۆل شىنجاڭدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز كۆل بولۇپ، بۇغدا كۆلىدىنمۇ 1672 مېتىر ئېگىز. قاراكۆل مۇزتاغ ئاتا چوققىسى، گوڭگىر چوققىسى بىلەن ئورالغان بولۇپ، بۇنداق ئالاھىدە مۇھىت كۆلنىڭ جەلپكارلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان. كۆل سۈيىنىڭ رەڭگى ھاۋا رايىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ھەر خىل رەڭدە بولىدۇ، ھاۋا بۇلۇتلۇق مەزگىلدە كۆل سۈيى قارا رەڭگە ئۆزگەرگەچكە ‹‹قاراكۆل›› دەپ ئاتالغان.
ياز كۈنلىرى بۇ يەرگە كەلسىڭىز ،كۆل ئەتىراپى يېشىللىققا پۈركىنىدۇ ،ئەتىراپتا قىرغىز چارۋىچىلار ئاتلىرىنى ،قوي كالىلىرىنى ئوتلىتىدۇ ،ناۋادا ئاتقا مىنمەكچى بولسىڭىز ، سودىلىشىپ ،سائەتلىك ئىجارىگە ئالىسىز،قىرغىز چارۋىچى ئاتنى يىتلەپ ئايلاندۇرۇپ ئەكىلىدۇ.كۆل ئەتىراپىدا ئاق چېدىرلار كۆپ ،خالىسىڭىز خالىغان بىر چارۋىچىنىڭ چېدىرىغا كىرىپ ،كەچتە شۇ ئۆيدە ئارام ئېلىشقا دېيىشسىڭىزمۇ بولىدۇ ،بىراق ھەممىگە پۇل ئالىدۇ .شۇڭا ھەرقانداق ئىش قىلغاندا پۇلنى ئاۋال دېيىشىپ ئاندىن قىلىڭ.
تاغقا چىققۇچىلار ،دەل مۇشۇ قارا-كۆلدىن يەنە 10 نەچچە كېلومېتىر كېلىدىغان يەردىن يەنى 204 كېلومېتىر دەپ ئاتىلىدىغان يەردىن تاغقا چىقىش ئەسلىھەرلىرى يىمەك ئېچمەكلىرىنى تەييارلاپ بولۇپ ،ئاندىن تاغقا يۈرۈش قىلىدۇ . مۇزتاغقا ئەڭ يېقىن يەردە كەڭرى بىر يەر بولۇپ بۇنى بارگاھ دەپ ئاتىلىدۇ ، تاغنىڭ يېرمىغا چىققاندىن كېيىن تاغنىڭ توپىسى بىلەن مۇزلۇق تۇتاشقان ئورۇننى بىرىنجى قونالغۇ دەپ ئاتىلىدۇ،ئىككىنجى قونالغۇغا چىقىش ئۈچۈن مۇز ،چۇڭقۇر قار ئۈستىدە ماڭىدىغان ئاياقلار،قېلىن كېيىملەر،يېمەك ئىچمەك،قاتتىق شامالغا ۋە سوغۇققا بەرداشلىق بېرىدىغان چېدىر كىرەك بولىدۇ.ئۈچىنچى قونالغۇ ئىككىنجى قونالغۇغا قالغاندا تېخىمۇ تەس ،ئۈچىنچى قونالغۇغا چىققان ئادەم ،تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىشقا ئاز قالغان بولىدۇ.
گەپ ئۇزىراپ كەتتى، گەپنى مېھمانلارغا بۇرايلى ، ئۇلارنى قىرغىزلارنىڭ چېدىرلىرىغا ئەكىرىپ ،تاماق بۇيرۇتۇپ ،چاي ئېچىپ يەنە شۇ ئۆيدە ئارام ئالدۇق .ئەتىسى باشقا بىر ماشىنا بىلەن قەشقەرگە قايىتتۇق .
تېمامنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا پەش چىكىتلەرگە دىققەت قىلماي ،ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكەن يەرلىرى بولسا ، تۈزۈتۈپ ئوقۇشۇڭلارنى ئۆمۈت قىلىمەن.

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 19:57:57

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 20:44:40

ئاۋۇ سۇرئەت بەك چىرايلىقكەن، قاچان تارتقان ؟

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 22:05:09

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-29 00:06  

تاشقورغانغا بىرىش ئۈچۈنمۇ يول خىتى كىتەمدۇ؟

تاشقۇرغان دىگەن قەشقەر بىلەن  ئاتۇشقا تۇتاشلا بىر يەر تۇرسا.

ئۇيغۇرلارغا ئۆز دىيارىنىڭ گۈزەل مەنزىرلىرىنى  ئەركىن ساياھەت قىلىپ كۆرۆشكىمۇ رۇخسەت يوق ئوخشىمامدۇ؟

xinjiangtour يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 00:55:10

uyghur7800 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-28 19:57 static/image/common/back.gif
قارغاندا ساياھەت يىتەكچىسى ئىكەنسىزدە؟

بۇرۇن شۇنداقتىم ،ھازىر ئۆزۈمنى ئۆزۈم پىنسىيەگە چىقاردىم. ئەتىدىن كەچكىچە سۆرۈت تەلەتلەرنىڭ چىرايىغا قاراپ ياشاشتىن زېرىكتىم ،تېلېفون قىلسا خالىسام ئىشلەيمەن ،خالىمىسام ئۆزۈم خالىغان ئىشنى قىلىپ يۈرىۋاتىمەن.

xinjiangtour يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 00:56:52

muztag يوللىغان ۋاقتى  2014-9-28 20:44 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ سۇرئەت بەك چىرايلىقكەن، قاچان تارتقان ؟

ئۇ سۈرەت توردىن تېپىپ يوللىغان رەسىم ،قارغاندا 2012- يىلى 5- ئاي ئەتىراپىدا تارتىلغان ياكى تورغا يوللانغان رەسىم بولىشى مۇمكىن.

xinjiangtour يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 01:06:41

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-28 22:05 static/image/common/back.gif
تاشقورغانغا بىرىش ئۈچۈنمۇ يول خىتى كىتەمدۇ؟

تاشقۇرغا ...

قارا كۆل بىلەن تاشقورغاننىڭ ئارلىقى 90 كېلومېتىردىن سەل ئاشىدۇ ،بىراق قارا كۆلنىڭ ئۆزىدىن ئۆزىڭىز بىلگەن تەرەپكە ماڭسىڭىز باشقا بىر دۆلەتكە چىقىپ قالىسىز . شۇڭا چېگىرا رايۇنىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلامدىكى ،باشقىسىنى بىلمەيدىكەنمەن.
ئون نەچچە يىلدىن بىرى ئۇ يەرلەرگە بېرىپ كىلىۋاتىمەن ،يىلدا بىر قېتىم مەيلى ئۇ يەرلەرگە باراي ياكى بارماي يول خېتى بىجىرىپ قويمەن. ئۇ يەرلەرگە بارىدىغان ھەرقانداق مىللەتتىن يول خېتى تەلەپ قىلىدۇ،تاشقورغاننىڭ تاجىكلىرى ۋە قارا كۆل ئەتىراپىدا ياشايدىغان  ئاھالىلەر بولسا ئۇلارغا كەتمەسمىكى .

uygurjan09 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 08:23:52

xinjiangtour يوللىغان ۋاقتى  2014-9-29 01:06 static/image/common/back.gif
قارا كۆل بىلەن تاشقورغاننىڭ ئارلىقى 90 كېلومېتىردىن س ...

شۇيەرگە يەرلىك 本地كىشىلەرگە يول خېتى كەتمەيدۇ   سىرتتىن كەلگەنلەرگە  يول خېتى كىتىدۇ دەپ ئاڭلىغانمەن

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 09:12:53

xinjiangtour يوللىغان ۋاقتى  2014-9-29 03:06 static/image/common/back.gif
قارا كۆل بىلەن تاشقورغاننىڭ ئارلىقى 90 كېلومېتىردىن س ...

يل خىتىنى قايسى ئورگاندىن ئالىدۇ.

zaghra يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 10:46:49

تاشقورغان بەنزىجى دەپ بىر ئورگان بار شۇ يەردىن ئالىدۇ.

zaghra يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 10:48:17

قەشقەرگە كەلگەن چەتئەللىك ئاساسەن چىقماي قالمايدۇ.

تاشقورغانمۇ قەشقەرنىڭ مۇھىم ساياھەت نۇقتىسى بولۇپ، ئەركەشتام، قارا كۆل ، مۇزتاغ ئاتا   دۇنياغا داڭلىق ساياھەت نۇقتىسى

xinjiangtour يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 11:52:18

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-29 09:12 static/image/common/back.gif
يل خىتىنى قايسى ئورگاندىن ئالىدۇ.

ئەزەلدىن ج خ ئىدارىسىدە بىجىرەتتى ،ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ ،ھەر قانداق كېنىشكە بېجىردىغان ئىشلارنى ج خ ئورۇنلىرى قىلماي ،قەشقەر خەلىق باغچىسىنىڭ ئارقا ئىشكى تەرەپتىكى مەدەنىيەت مەركىزى دىگەن ئورۇنغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپتۇ .
پاسپورتنىلا ج خ ئىدارىسىدا بېجىردىكەن.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 12:44:43

خوتەندىن بارغانلارمۇ شۇ يەردىن بىجرەمدۇق؟

xinjiangtour يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 12:48:42

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-29 12:44 static/image/common/back.gif
خوتەندىن بارغانلارمۇ شۇ يەردىن بىجرەمدۇق؟

ھەرقانداق شەھەردىن بارغانلار ،تاشقورغان ئىش بېجىرىش ئورنى دىگەن ئورۇنغا بېرىپ بېجىرەمدىكى بۇنى تازا ئېنىق بىلمەيدىكەن ،قەشقەر نوپۇستىكىلەرگە بەك ئاسانلا بېجىرىپ بېرىدۇ.
بەت: [1]
: قارا كۆلگە ساياھەت