abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 15:15:37

يەلتاپان ئۇيغۇرچە كىرگىزگۈچ ھەققىدە

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن بىلەن بىر تىلدا سۆزلىشەلەيدىغان ۋە پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان مۈررۈۋەتلىك ئىنسانلار!
تۈنۈگۈن كەمىنە يەلتاپان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ئىشلەتتىڭىزمۇ؟ دىگەن تېمىنى سىناق تەرقىسىدە يوللىغان ئىدى، ئەڭ دەسلەپتە «يوللىسام ھەممەيلەن «ئېلان تارقىتىپسەن!» دەپ تەنقىد ياغدۇرغىلى تۇرارمۇ ...» دەپ ئەنسىرگەن ئىدىم، ئەمما 24 سائەت ئۆتە-ئۆتمەي نۇرغۇن تورداشلىرىمىزنىڭ ياخشى پىكىر تەكلىپلەرنى بەرگەنلىكىنى كۆردۈم، ھەمدە بەزى پىكىر-تەكلىپلەرنى بىزنىڭ باشلىققا يەتكۈزدۈم، رەھبەرلىك بۇ ئىشقا ناھايىتى جىددى قاراپ چىققان قىياپەتتە «مانداق، مانداق، مانداق، مانداق...، قىلىمىز ئىنشائاللاھ!» دەۋەتتى!
ئەسلى يەلتاپان كىرگۈزگۈچى 8-ئاينىڭ 15~20 لىرىدىن باشلاپ رەسمىي تارقىتىشقا باشلىغان بولۇپ، ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆچمە ئۈسكۈنىلىرىنى تۇرمىدىن قاچۇرماي تۇرۇپمۇ ئۇيغۇرچنى كىرگۈزۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى نىشان قىلغان ئىدۇق، ئىلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ 9-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە 399 ئادەم چۈشۈرگەن ئىدى... شۇ جۈمە كۈنى ئىشخانىنىڭ تېلېفونى ئادەتتىكىدەكلا سايراپ كەتتى، تېلېفوننى ئالغاندىن كىيىن مەلۇم بولدىكى مەركىزى خەلىق رادىئو ئىستاننىسىنىڭ بىر مۇخپىرىغا بۇ كىرگىزگۈچ باشقىچە ياراپ كىتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىزنىڭ باشلىقنى زىيارەت قىلماقچىكەن، (زىيارەت قىلغانغا پۇلمۇ ئالمايدىكەن، پۇلمۇ بەرمەيدىكەن..:lol )
زىيارەت تۈگىگەندىن كىيىن ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە كىرگۈزگۈچنىڭ چۈشۈرۈش قېتىم سانى 1845 كە يەتتى (بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇمات)...

بۇ بىزگە باشقىچە ئىلھام بولدى، بولۇپمۇ ئىزدىنىشتىكى ۋە باشقا مۇنبەرلەدىكى بەزى تورداشلارنىڭ ياخشى پىكىر-تەكلىپاتلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولدۇق، (ھەتتا تېلېفون قىلىپ بىزگە رەھمەت ئېيىتقانلارمۇ بار!)...
شۇڭا بىزنى قوللىغان شۇ تورداشلارنى پىكىرى بويىنچە، پات ئارىدا بۇ كىرگىزگۈچنى ئىشلەتكۈچىلەر بىرقانچە خىل خەت نۇسقىسى ئىچىن خالىغانچە تاللاپ ئىشلىتەلەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش پىلانلاندى، چۈنكى بەزىلەر ئىنچىكە ئورۇق خەت نۇسخسىنى ياخشى كۆرىدىكەن، يەنە بەزىلەر توم-سېمىز خەت نۇسخسىنى ياخشى كۆرىدىكەن، بەزىلەر ئاق رەڭنى، بەزىلەر قىزىل رەڭنى دىگەندەك....
شۇڭلاشقا پات ئارىدا بۇ كىرگىزگۈچكە ئىشلەتكۈچى ئۆزى خەت نۇسخسى ۋە رەڭنى، ئۇسلۇپلارنى خالىغانچە تاللاپ ئىشلىتەلەيدىغان قىلىپ ياساش پىلانلاندى!
تورداشلارنىڭ كۆپرەك تەشۋىق قىلىپ قويشىنى، تېخىمۇ ياخشى پىكىر-تەكلىپاتلىرى بولسا بىزگە ئايىماي دەپ تۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

چۈشۈرمەكچى بولغانلار تۆۋەنكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈڭلار


ياكى http://ime.yeltapan.com/ غا چىقساڭلار تەپسىلى چۈشەنچە ۋە باشقا گەپ سۆزلەر بار.
كىرگىزگۈچنى ئالمىنىڭ ئەپ بازىرىغا يوللانغىنىغا ئىككى ھەپتە بولاي دىدى، ئەمما ئۇلار تېخىچە لام-جىم دىمەي تۇرىدۇ... تەستىقلاپ قالسا يەنە ئۇختۇرۇش قىلىندۇ.

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 15:18:12

يانچۇقتىن ئايپوننى ئېلىپ، ئاشۇ ئىككىلك كودنى شىلوككىدە  سىكەننېرلاپ چۈشۈردىغان بولسىڭىز نەخ چۈشىدۇ...
يەنە بىر دەپ قوياي،  ios7 ، ياكى ios8 بولىشى كېرەك، تۇرمىدىن قاچمىسىمۇ بولىدۇ، ئەندىروئىدقا ئىشلىمەيدۇ :lol

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 08:27:03

{:112:}

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 09:05:25

بىۋاستە قاچىلىغىلى بولىدىكەن ئەمەسمۇ ،كۈندە ئالما ئەپ دۇكىنىدىن ئىزدەپ يۈرۈپتىمەن.
{:112:} ئېسىل ئىش بوپتۇ.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 12:28:12

ئىككى كۈن بولدى، ئايپىتىم باشقىچە يېقىشلىق بىلىنىۋاتىدۇ . لېكىن  ئايفۇنۇم 4 ئەس ( تېلېگىراف نۇسخىسى) ئىدى، ios8  نەشىر كۆتۈرسەم مەغلۇب بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، كۆتۈرۈلگەن بولسا ئۇنىمۇ يەلتاپاندا ئۇيغۇرچە زۇۋانغا كەلتۈرۈۋالغان بولسام ھەي ي  ي !

بۇ مەھسۇلاتىڭلار ماڭا بەك ياراپ كەتكەچكە، بىلوگىمدا يوغۇن قىلىپ بىر ئېلان ئورنى تەقدىم قىلاي ، ئاز-تولا بولسىمۇ تەشۋىقات بولۇپ قالار .:)

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 12:38:17

dadash يوللىغان ۋاقتى  2014-9-29 12:28 static/image/common/back.gif
ئىككى كۈن بولدى، ئايپىتىم باشقىچە يېقىشلىق بىلىنىۋاتى ...

بۇ گىپىڭىز مىنى راستىنلا خۇشال قىلدى، بولسا كۆپرەك تەشۋىق قىلىشىپ بەرسىڭىز...:handshake

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 12:39:45

abdrtt يوللىغان ۋاقتى  2014-9-29 12:38 static/image/common/back.gif
بۇ گىپىڭىز مىنى راستىنلا خۇشال قىلدى، بولسا كۆپرەك تە ...

كەچكىچە پۈتۈپ، بىلوگ باش بېتىدە نامايەن بولغۇسى :lol

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 12:45:21

dadash يوللىغان ۋاقتى  2014-9-29 12:39 static/image/common/back.gif
كەچكىچە پۈتۈپ، بىلوگ باش بېتىدە نامايەن بولغۇسى

بىلوگىڭىز ئۆزگىچە چايلىغكەن :victory:

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 12:49:29

يىڭى نۇسخىسى چىققاندا يەنە ئىزدىنىشتا  يەلتاپان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قايتا ئىلان قىلارسىز؟


ئالما شىركىتىگە ئەسكەرتىپ قويسىڭىز بولغىدەك، تۈرمىدىن قاچۇرماي ئىشلىتىدىغان يىشىل كىرگۈزگۈچ دەپ.  

مىنىڭچە: ئوتتورا ئاسىيادىكىلەر بۇنى بىلسە، باي بوپ كىتىسىز !

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 12:57:10

تۇنۇگۇن قاچىلاپ باقتىم،ياخشى چىقىپتۇ...فونت مەسىلىسىمۇ ھەل بوپ كەتسە ئالمىچىلاغا بوپ بىرىتتىدە{:90:}{:90:}

koxuk يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 15:02:48

ios8 گە كۆتۈرگەندە يىتەرلىك بوشلۇق بولمىسا بولمايدىكەن، سۈرئەت ئاستىلاپ كېتىدىكەن، تېلفوننىڭ  مېيىنى جىق خورىتىدىكەن، جىق بوشلۇق ئىگەللەپ كېتىدىكەن  دىگەنلەرگە قارىماي  ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى دەپلا تېلفوننى ios8 گە  كۆتۈردۇم، بۇرۇنقىدەك خاتىرەمدە يېزىپ چاپلاپ يۈرمەيدىغان بولدۇم. :lol سېستىمنى قاچىلىغاندا تېلفوندا يېتەرلىك بوشلۇق بولىشىنى تەلەپ قىلىدىكەن، 5.7G ئەتراپىدىغۇ دەيمەن،  دەسلەپتە مۇشۇ بوشلۇقنىڭ ھەممىسىنى ئىگەللەپ كېتەرمۇ دەپ ئىككىلەنگەن، تەۋەككۈل قىلىپلا كۆتۈرسەم، 7.0 گە قارىغاندا شۇ 200-300 مېگابايىت بوشلۇقنى  جىق ئىگەللەيدىغان ئوخشايدۇ.

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 15:05:17

dadash يوللىغان ۋاقتى  2014-9-29 12:28 static/image/common/back.gif
ئىككى كۈن بولدى، ئايپىتىم باشقىچە يېقىشلىق بىلىنىۋاتى ...

بايا سىزنىڭ بىلوگىڭىزغا قارىسام دىگەندەك ئېلاننى چايلىققىنە قىلىپ ئىشلەپ چىقىرىپ قويۇپسىز، سىزنىڭ بۇ خالىس قوللىشىڭىزدىن (بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك تىرناقچىلىك ئېلانمۇ پۇل بولۇپ كەتكەن زاماندا...) بەك خوش بولدۇق، باشلىققا «مۇشۇنداق-مۇشۇنداق قىپ قوياپتۇ... مابالا...» دىسەم « ئۇ بالىنى ئۇنتۇپ قالماي ئالاقە ئادرىسىنى ساقلىۋېلىڭ» دەيدۇ...:lol

پات ئارىدا بىر نەرسە تاقاتماقچى، شۇ چاغدا سىزنى ئىزدەيدىغان ئىشۋا....:victory:

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 15:06:36

koxuk يوللىغان ۋاقتى  2014-9-29 15:02 static/image/common/back.gif
ios8 گە كۆتۈرگەندە يىتەرلىك بوشلۇق بولمىسا بولمايدىكەن ...

ياخشى تەجىرىبە {:258:}

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 15:07:03

EzQi0908 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-29 12:57 static/image/common/back.gif
تۇنۇگۇن قاچىلاپ باقتىم،ياخشى چىقىپتۇ...فونت مەسىلىسىم ...

بەلكىم ئۇمۇ ھەل بولۇپ كىتەر ئىنشائاللاھ

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 15:08:49

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-29 12:49 static/image/common/back.gif
يىڭى نۇسخىسى چىققاندا يەنە ئىزدىنىشتا  يەلتاپان ئۇيغۇ ...

بەك ئاشۇرۋەتتىڭىز....
ئالما ios8  دە شۇنداق سىرتتىن كىرگىزگۈچ قاچىلاشقا رۇخسەت قىلغانكەن، بۇنى بىزنىڭ بالدۇر بايقاپ قالغان يېرىمىز بار شۇ.... لىكىن بۇ پىخسىق گۇيلار فونىت مەسلىسىگە رۇخسەت قىممايۋاتىدۇ {:210:}

p1dakar يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 16:07:50

abdrtt يوللىغان ۋاقتى  2014-9-29 15:08 static/image/common/back.gif
بەك ئاشۇرۋەتتىڭىز....
ئالما ios8  دە شۇنداق سىرتتىن كىرگى ...

ماقايلاڭ، بىزدەك ئاندروئىد ئىشلىتىۋاتقانلارمۇ بىي سىزنىڭ دۈشمىنىڭىز بولمىغاندىكىن ماندا بىزنىمۇ ئويلاپ قوياڭلار... نېمە كۈن بۇ... ھېلى خەت ئۇلاشمىغان، ھېلى تىل تاللاپ بولالماي ئاۋارە بولۇۋاتقان... يەنە كۆپ باللا نەشپۇت، ئەنجۈر تېلېفۇنلارنى ئىشلىتىدۇ، ئۇلارنمۇ ئۇنتۇپ كەتمەيلى!!!! ياخىشى ئىش ئاخىرىغىچە...

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 18:21:54

ۋىندوۋس سەككىزنىڭ تىل بولىقى ئېلان قىلىنغاندا ئۇيغۇر تورچىلىقىنى بىر ئالغان. بۇ قېتىم ئالمىدىكى ئۇيغۇرچىنى قوللاشمۇ قېلىشمىغۇسىز ئىدى،ھېچ داۋرىڭى بولمايدىكەنغۇ تاڭ بۇنىڭ.

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 07:54:16

p1dakar يوللىغان ۋاقتى  2014-9-29 16:07 static/image/common/back.gif
ماقايلاڭ، بىزدەك ئاندروئىد ئىشلىتىۋاتقانلارمۇ بىي س ...

ئەنجۈرنىڭ ئۇيغۇرچە كىرگىزگۈچىسى تەيياركەن، بەيدۇنىڭمۇ شۇنداق نوچى ئىشلەيدىكەن، بېلكاننىڭمۇ بار.... تەكرار ئىشنى قىلىۋېرىش ئورۇنسىز دەپ ئويلاپ قاپتۇق، ھازىر ئالمىغا ياسالغىنىغا ئاز-پاز ئىقتىدار قوشىلىۋاتىدۇ، ئۇ پوتسە ئەنجۈر تېلېفوننىمۇ ئويلاشماي بولمايدىغاندەكمۇ قىلدۇ، لىكىن بۇ جەھەتتىكى كەسىپ ئەھلى يەنىلا بېلكان... ئۇلارنىڭ ئالدىدا «ئەنجۈرگە ئۇيغۇرچە كىرگىزگۈچ ياسىدىم..» دەپ ئويناقشىپ يۈرۈش بىر ئاز ھۆرمەتسىزلىك بولامدۇ قانداق؟

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 08:20:50

ھىي ئەھلى ئالماخورلار   مېنىڭ ئالما 4 ئەس (تېلېگىراف نۇسخىسى) غا  يەلتاپان كىرگۈزگۈچنى كىرگۈزۋىتەي دېسەم، ئاي ئو ئەس 8 گە كۆتۈرۈلمەيۋاتىدۇ، بوشلۇق يەتمەيدۇ، بولدى قىل دەپ تۇرىۋىلىۋاتىدۇ.  ئامال بارمۇ؟

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 08:24:52

abdrtt يوللىغان ۋاقتى  2014-9-29 15:05 static/image/common/back.gif
بايا سىزنىڭ بىلوگىڭىزغا قارىسام دىگەندەك ئېلاننى چاي ...

مەن دەرستە بولمىسام، تاماق يەۋاتقان بولمىسام، ئۇيقىدىكى ۋاقتىم بولمىسا، بىلوگ يېزىۋاتقان ۋاقتىم بولمىسا، بالامغا دەرس ئۆگىتىۋاتقان پەيتىم بولمىسا، ئىشقىلىپ ئىزدىنىشقا كىرىشتىنمۇ مۇھىم ئىشىم چىقىپ قالمىسلا ، ئىزدىنشتا بولىمەن.
( نېمە ئىشتۇ؟  --- تەما ئىلكىدە ، شۆلگىيى سەل -پەل ئاققان چىراي ئىپادىسى)
بەت: [1] 2
: يەلتاپان ئۇيغۇرچە كىرگىزگۈچ ھەققىدە