SNAKE يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 13:03:33

دۆلەت بايرىمدا G217-دۆلەت تاشيولىدا قاتناش قامال قىلىنامدۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر ، مەن بايرام مەزگىلىدە ئۆزۈم ماشىنا ھەيدەپ ئاقسۇ شەھىرىدىن كۇچا ناھىيىسى ئارقىلىقG217-دۆلەت تاشيولىىنى بويلاپ بورتالاغا چۈشمەكچىدىم ،شۇڭا بايرام مەزگىلىدىكى بۇ يولنىڭ قاتناش ئەھۋالىدىن بىلىدىغان قېرىنداشلار بىر ئۇچۇر بەرسەڭلار ، تەكىپلەر بولسا ئايىمىغايسىزلەر ، رەھمەت .

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 20:29:38

ئەگەركەلگۈسى ئۈچ كۈندە ھاۋا داۋاملىق ياخشى بولسا بۇ يول ئوچۇق ............... ئەگەر ئۇلاپ ئىككى كۈن يامغۇر-يېشىن بوپ قالسا تاقىلىشى مۈمكىن

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 21:16:30

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parakende تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-9-28 21:17

چاڭ - تۇزانلىق ھاۋارايى كۈرۈلمەيدۇ دەپ ھېچكىم ھۆددە قىلالمايدۇ .
بۇ يىل دەۋلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشتا قۇناقلار پىشمىغان بولسىمۇ چېپىۋېتىش توغرىلىق كەنت مۇدىرى مەسچىت ئالدىغا بامدات نامازدىن يېنىشىمىزغا پەيدا بۇلۇپ يىغىن ئاچتى . بۇ قۇناقتا نىمە گۇنا دەيمەن ؟!بەلكىم باشقىلارنىڭ مۇكۇۋېلىشىدىن ئەنسىرىسە كىرەك .

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 21:26:51

مەنمۇ قەشقەرگە سەپەر قىلاي دەيمەن ، ئاقسۇدىن قەشقەرگىچە ياسىغان يۇقۇرى سۈرئەتلىك يولدا قاتناش باشلىغانمىدۇ؟

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 21:37:27

parakende يوللىغان ۋاقتى2014-9-28 21:16 static/image/common/back.gif
چاڭ - تۇزانلىق ھاۋارايى كۈرۈلمەيدۇ دەپ ھېچكىم ھۆددە قى ...

بۇغداي تېىرىش ئۈچۈن بالدۇر يىغقاندۇ ؟

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 21:51:00

نەدە ئۇنداق بۇلىدۇ . قۇناق يەنە 12 كۇندە ئاندىن پىشىدۇ نىسىپ بولسا ....
ئەممە كەنت مۇدىرى كەسكىن قىلىپ دەرھال چېپىۋېتىش ئۇقتۇرۇشىنى بېرىۋاتىدۇ . بىر قېپى 200 سوملۇق قۇناق تېرىپتىكەنمىز . بەك بەلەن ئوخشىغانىدى ئەمدى كۆپكۆكلا چېپىۋەتسەك نىمىمۇ قىلارمىز پىشمىغان قۇناقنى ...

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 22:08:42

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى2014-9-28 23:37 static/image/common/back.gif
بۇغداي تېىرىش ئۈچۈن بالدۇر يىغقاندۇ ؟

كۈزگى بۇغداينى 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنلىرىگىچە تىرىپ بولسا ئۈنىۋىرىدۇ.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 22:12:39

udun007 يوللىغان ۋاقتى2014-9-28 22:08 static/image/common/back.gif
كۈزگى بۇغداينى 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنل ...

بىزنىڭكىدە 12-ئاينىڭ بەشىنچى كۈنىدىن بۇرۇن تېرىسا بۇلىدۇ ، ئەمما نەق مەيدان يىغىنى ئاچمايدىغان يەرلەرگە ماس كىلىدۇ ، باشلىق كىلىدىغان يەرلەرنىڭكىنى 9-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ تېرىغۇزىۋاتىدۇ ...

qalbim يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 06:23:54

بىزنىڭ يۇرتتا قوناقنى ئوراپ بولدى بۇلار نېمىنى   ئويلايدىغاندۇ بىلمىدىم بۇغداي پىشماستا ئوراڭلار دەپ مەجبۇرلايدۇ .ئەمدى قوناقنى ئورمىساڭلاريىغۋېلىش ئورنىغا بارسىلەر دەپ بىچارە دېھقانلارنى قورقۇتۇپ قوناقنى ئوردۇرۇپ بولدى.

izdinixazasi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 06:37:03

قۇناقلارشىمۇ ، شەپقەتلىرى يېغىپتۇ {:92:}

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 06:59:27

ماشنا ئېلىپ بېيىغانلار سەيلە ساياھەت غېمىدا ، پارتىيە غەمغورلىق قىلغان دېخانلىرمىز قۇناق غېمىدا ...


تىما ئىگىسنىڭ ھازىر نىمە ئويلاۋاتقانلىقىغا بەكرەك قىزىقۋاتمەن {:92:}

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 07:02:31

بىر بوسا دېخانلارنى بىكار يۈرۈپ ئىش تاپمىسۇن دەپ ، بىر بولسا پىشقان قۇناق يەپ كۈچلىنىپ كەتمىسۇن دەپ ....



ئۇھ ... ھىچ بىر باھانە تاپالمايمەنيا ....:@

koxuk يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 08:05:15

    ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىرنىڭ 1-كۈنى ھەممە ئادەم ساياھەتكە ماڭسا ، بىز كوماندىروپكىغا ماڭغان،شۇ چاغدا دۆلەت يولى 217-لىنىيەسىدە ماڭغان،   ئۆكتەبىرنىڭ 20-كۈنلىرى ئىشنى تۈگۈتۈپ قايتقاندىمۇ ئوچۇقكەنتۇق.

albAX يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 08:40:35

217-دۆلەت تاشيۇلى ئادەتتە بايىبۇلاق رايۇنىدا قار ياغمىسىلا ئۇچۇق بۇلىدۇ ، ناۋادا قار يېغىپ قالسا بايىبۇلاقتىن كۈنەس ئورمانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى قونجالىق داۋىنى بەك تىك ، جىددى قايمىلىرى كۆپ بولغاچقا بىر نەچچە كۈن ئىتىلىشى مۇمكىن . بايرام مەزگىلىدىكى ھاۋارايى مەلۇماتىغا دىققەت قىلىڭ ، بۇلۇپمۇ خېجىڭ ناھىيە بايىنبۇلاق رايۇنىنىڭ ھاۋارايىغا ............................
بەت: [1]
: دۆلەت بايرىمدا G217-دۆلەت تاشيولىدا قاتناش قامال قىلىنامدۇ؟