jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 10:03:00

ساھىبجامالنىڭ تويى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jeSat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-28 10:05  

پەرىدە ياقۇپ


ساھىبجامالنىڭ تويى


نىگارنىڭ قولىدا نان،
يۈزى يېپىلغان،
مېنىڭ يۈرىكىم تۇزغا چىلانغان...

بېيىتلار ئوقۇلار،
ئاتلار توقۇلار،
جەسىدىم سۆرەلگەن ئاتقا،
ئەمدى قىزىل شەلپەر يېپىلار..

ساھىبجامالنىڭ تويى بولدى!
ساھىبجامالنىڭ تويى بولدى!
ئاڭلىسۇن يەر ئاڭلىسۇن ئاسمان،
جەڭگاھتىكى لەكمىڭ ئەسكەردەك،
مېنىڭ ئىچىم جەسەتكە تولغان...!!!!

ئەمدى ھەسرەت يوق،
ئەمدى ھەيرەت يوق،
ئەمدى غەيۋەت يوق،
ئەمدى غەيرەت يوق،
جان چىققاندەك تىنجىدى ھەممە،
بىر پىيالە جاننى كۆيدۈرۈپ،
مەن تويۇڭنى قىلاي تەنتەنە!

تويۇڭ مۇبارەك بولسۇن،
ئېرىڭ مۇبارەك بولسۇن،
مۇبارەك بولسۇن ھەممە-ھەممىگە،
كەل بىرگە ئوينايمىز كوچىدىكى قىز،
مۇبارەك بولغاي مېنىڭ قەلبىمگە...!


ئۇ مۇبارەك قۇشتەك بېشىمدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ،
قونۇۋالدى يېقىنلا يەرگە.
مەن قانداق قىلىشىم كېرەك بىلمەيمەن،
مەيدىسىگە گۈل تاقىغان ھېلىقى ئەرگە.

ئوينا، ئوينا سۆيۈملۈك ئايال،
بۈگۈن يارىمنىڭ تويى.
ياق! بۈگۈن مېنىڭ تويۇم!
نېمە پەرقى بار دەپ سورامسەن؟
بىرى ئەرگە تېگەر،
يەنە بىرى يەرگە!
...ئەي سۆيۈملۈكۈم...ئوينا ئالتۇنۇم...!!!

خۇشال ئويناڭلار..خۇشال ئويناڭلار..!
بۈگۈن مەن توي قىلدىم!
داققا-دۇمباقلاردىن يىراق بىر يەردە،
يامغۇرغا چىلىشىپ قالدى جەسىدىم...!

Illiterate يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 13:09:23

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 14:25:23

Illiterate يوللىغان ۋاقتى  2014-9-28 13:09 static/image/common/back.gif
«كونىلارنى مەسخىرە قىلىش بىر خىل سەمىمىيەت، باشقىلارن ...

لىكىن مۇشۇ ئىمزا ماڭا ياراپ قالدى

bayawat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 15:07:29

توي قىلمىغانلارنىڭ شئىر يىزىش ئۇسۇلى مۇشۇنداقتۇ مىنڭچە،،،

AAA يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 15:30:49

جەسەتنىڭ ئۇچىسى قىچىشىپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ ئۇرۇشقىلى كىرسەم ما شىئېر يېقىپ قالدى شۇڭا 10 تەڭگە بىلەن مۇكاپەتلىۋەتتىم .

AAA يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 15:33:18

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2014-9-28 14:25 static/image/common/back.gif
لىكىن مۇشۇ ئىمزا ماڭا ياراپ قالدى

تىما ،ئىنكاسلىرىڭلىغا دىققەت قىلىڭلا سېلە تېخىچە قارا تىزىملىكتە.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 15:47:01

بۇ شېئىرىڭنى ياقتۇردۇم،
سېنىڭ شېئىر يېزىشىڭغۇ مىنىڭ ياقتۇرۇش ياقتۇرماسلىقىم بىلەن مۇناسىۋەتسىز:lol

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 16:41:05

پەرىدە ياقۇپ دەيدىغۇ؟ جەسەتنىڭ ئەمەسكەنغۇ...

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 17:16:56

AAA يوللىغان ۋاقتى  2014-9-28 15:33 static/image/common/back.gif
تىما ،ئىنكاسلىرىڭلىغا دىققەت قىلىڭلا سېلە تېخىچە قار ...

kakkur باشقۇرغۇچى ئىكەنغۇ

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 17:18:54

ساھىبجامالنىڭ ئۆلىمى دىگەن كىنو بارئىدى ، شۇنىڭ ناخشىسى ئەمەستۇ:lol

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 17:31:06

پەرىدەنىمۇ سەن دەيتتم :L

Illiterate يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 19:07:16

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 19:12:33

Illiterate يوللىغان ۋاقتى  2014-9-28 19:07 static/image/common/back.gif
نورمال گەپلەر تېتىمايدىغان مۇشۇنداق تاققا تۇققا گەپ ...

سىز بەك دۆتكەنسىز


ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

سىزنى دۆت دىسەم مەندىن خاپا بولماڭ ، بەلكى سەمىمىيىتىمدىن مەمنۇن بولۇڭ

Illiterate يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 19:17:03

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 19:17:47

Illiterate يوللىغان ۋاقتى  2014-9-28 19:17 static/image/common/back.gif
سەمىمىيىتىڭىزدىن كۆپ مەمنۇن بولدۇم.

:lol

مەن شۇنداقراق چۈشەندىمغۇ

Illiterate يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 19:22:36

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 21:08:24

كوت - كوتلار

NIRWANA يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 07:59:38

مەمەت ئۈمەرنى قوللايمەن{:112:}{:112:}
بەت: [1]
: ساھىبجامالنىڭ تويى