ئىزدىنىش ئەھلىدىن ياردەم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى . سىلەردىن مەسلىھەت سورايدىغان ئىش چىقىپ قالدى.مۇشۇ يۈزۈمنىڭ نۇرغۇن يەرلىرىدە كىچىك بىر نەرسىلەر پەيدا بۇلۇپ قالدى سىقسام ئاپپاق نەرسىلەر چىقىپ كىتىدۇ. بۇنى خەنزۇچە 螨虫دەيدىكەن بىرخىل قۇرۇت ئىكەنمىش. مۇشۇنى تەلتۇكۇس ساقايتىدىغان ئامال بارمىدۇ؟ بىر ياردەم قىلغان بولساڭلار پۇركەيدىغان ئىسپىرىت چېچىڭ ، داۋالشنىڭ ئۇسۇلىنى تاپقۇچە . سىقىپ چىقىرىۋېتىڭ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا attir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-28 00:13........... ياخشىسى تەشكۇرتۇڭ قايسى تۇردىكىسى ئاندىن شۇنىڭغا قاراپ شىيى غەرىپ دورىسى ئىلىپ ئىچىڭ ،ئالدىراپ خالىغانچە نەرسە سۇركەپ ئىستىمال قىلسىڭىز ئەكسىي تەسىر بىرىپ قويىدۇ.
ئەگەر سىدە بۇرۇنمۇ شۇنداق بولغان ئىشلار بولسا كۇرۇسقا بۆلۇپ دورا قاينىتىپ تىشىڭىزدىن ئىچىڭىزدىن ئىستىمال قىلىڭ.
ئەگەر بۇ تۇنجى قىتىم بولغان بولسا چوقۇم بىرنەرسە سىزگە تەسىر قىلدى .داۋاسى بار ،
ئىشقىلىپ خاتا داۋالاش بولۇپ قالسىلا يۇزدە جاراھەت قىلىپ قالدۇ . (-)1 .قەتئى سىقىۋەتمەڭ.بولمىسا كىينچە تارتۇق بولۇپ قېلىپ يۈزىڭىزنىڭ سۈركىلىش كۆئىفىنسىنتى يوقىرىلاپ كىتىدۇ.:lol:lol:lol
(-)2.ئىسپىرىت سۈركەپمۇ تۈگىتەلمەيسىز،يۈز تېرىڭىزنى تېخىمۇ قاتتىقلاشتۇرىۋېتىدۇ.
(-)3.ئاچچىق نەرسە يىمەڭ،يەللىكنى پەيدا قىلىدۇ.
(-)4.بىۋاستە كۈننۇرىغا قاقلانماڭ.ھازىرقى بىۋاستە قوياش نۇرىدا ئۇلىترا بىنەپشە نۇرى يۈز تېرىسىگە زىيانلىق،بولمىسا كىينچە دومبىڭىزگە يانار تاغلار چىقىشقا باشلايدۇ.
(+)1.ياڭيۇ ۋە ئالما يەپ بېرىڭ.تىرىگە مۇناسىۋەتلىك ۋىتامىنلارنى تولۇقلايدۇ.
(+)2.ئامال بار تىزرەك توي قىلىڭ(دەلىلى بار, چوڭلارنىڭ گېپى).ھورمۇنلارنى تەڭشىلىدۇ.
(+)3.ھىچقانداق دورىسىز مىجەزىڭىزگە قارىتا ئوزۇقلىنىڭ.
(+)4.پۇل بولسا ئەر يا ئايال بولىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر،چىننۇرى يۈز يۇيۇش مەلھىمى ئىشلىتىڭ،بولمىسا مەنتىڭ满婷 ناملىق سوپۇننى ئىشلىتىڭ (ھەقىقى مەھسۇلاتى 10.5 يۈەنلىك،ساختىسى ئەرزان)
بىر چاغلاردا كىتابخانىدا «ئەتراپىمىزدىكى شىپالىق رېتسىپلار» دېگەندەك بىر كىتابنى كۆرگەنىدىم، شۇ كىتابتا مۇشۇنداق مەسىلىلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپتىكەندۇق، مەندە بۇنداق ئەھۋال بولمىغاچ دېققەت قىلماپتىكەنمەن، بولسا شۇ كىتابنى ئېلىپ ئوقۇپ باقامسىزكىن؟ توي قىلسا ئوڭشىلىپ كىتىدىغۇ:lol
بۇرۇن ئانچە مۇنچە چىقىۋالىدىغان ئۇ نەرسە، توي قىلغاندىن بىرى يوق.:lol
ھازىرشۇ خوتۇن ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كاماندۇرۇپكىغا كەتكەندە ئاز-تولا پەيدا بوپ قالىدۇ، كىيىن ئۆزىچە ساقىيىپ قالىدۇ. {:87:} ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، مېنىڭمۇ شۇنداق بار ئىدى، ھازىر پۈتۈنلەي ساقىيىپ كەتتىم. سىزگە ئۆزۈمنىڭ مەخپىي رېتسىپىمنى دەپ بېرەي ھە.
كۇچانىڭ گادا سوپۇنى بارغۇ، شۇنىڭ يۈز يۇيىدىغان ئاق رەڭلىكى بار، شۇنى ئىشلىتىڭ. يۈزىڭىزگە ھەرگىز يۈز يۇيۇش مەلھىمى ئىشلەتمەڭ.
ئاندىن دورىخانا ياكى دوختۇرخانىلاردا تۆت يۈەندىن يەتتە يۈەنگىچە بېرىدىغان بىر 甲硝锉注射液بار. شۇنىڭدىن ئىشلىتىپ بېرىڭ، يۈزىڭىزگە گىرىم سۈيىنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىسىز. ئاخشىمى ئەتىسى يۈزنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن يۈزىڭىزگە تەكشى سۈرۈڭ ياكى شۇ نەرسە چىققان يەرگىلا سۈرۈڭ. بۇ مەخسۇس يۈزدىكى قۇرتلارنى يوقىتىدۇ.
ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتمەڭ. پەقەت بىر ئىككى ھەپتە ئىشلەتسىڭىزلا بولىدۇ.
تېرىڭىزنىڭ ياخشى بوپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. nuzgum يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 18:39 static/image/common/back.gif
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، مېنىڭمۇ شۇنداق بار ئىدى، ھازىر پ ...
رەھمەت سىزگە قېرىندىشىم. دىگەنلىرىڭىزنى سىناپ كۆرەي ئىزدىنىش ئەھلىگە رەھمەت. سىلەرگە بارىكاللا خوتونى يوق بويتاققا چىقىدۇ ئۇ دانىخورەك. مەسىلىھەتلەر دىگەن ئىككى بىسلىق ، قايسىسىنى قىلىشنى بىلەلمەي كاللا قېتىپ كەتتىغۇ ھە !!! مەنچىيوڭ دىگەن ئۇنچىلىك قورقۇپ كېتىدىغان نەرسە ئەمەس. دانىخوراكمۇ ئەمەس. پەقەت تېرە ئاستىدا تۇرىدىغان، ۋاقتى بەك ئۇزىراپ كەتكەندە، ئىسسىق سۇدا يۇيۇنغاندا ئۆزى چىقىپ كېتىدىغان نەرسە. مەندىمۇ ئازراق بار ئىدى. سورۇنلارغا بارغاندا يۈزنى يۈزگە يىقىپ كۆرۈشكەندە يۇقۇپ قالدىمۇ ئىشقىلىپ، دەل ئىككى تەرەپتە بار. ھەر قېتىم يۇيۇنغاندا، يۈز يۇيۇش مەلھىمى بىلەن راسا يۇسام ئۆزى چۈشۈپ، تەر تۆشۈكچىسى ئىچىلىپ ياخشى بوۇلپ كېتىدۇ.
بەت:
[1]