koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 21:19:48

سۆكسۆك پىلانىغا ئىلتىماس قىلىڭ


يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى تورى خەۋىرى: 1. سۆكسۆك پىلانىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈش: سۆكسۆك دەرىخى قۇملۇقلارنىڭ ئەتراپىدا ئۆسىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى شىنجاڭ ۋە ئىچكى موڭغۇلغا جايلاشقان، كۆيدۈرسە بەك كۆيىدۇ، شۇڭا بۇ ئەلا سۈپەتلىك يېقىلغۇ ھېساپلىنىدۇ؛ ئۇنىڭ يۇمران شاخلىرىنى يەم- خەشەك قىلىشقا بولىدۇ؛ شېخىدا پارازىتلىق بىلەن ياشايدىغان توشقان زەدىكى بولسا قىممەت دورا ئۆسۈملۈك ھېساپلىنىدۇ. قۇملۇقتىكى سۆكسۆك ئۇرۇقى دۇنيادىكى ئۆمۈرى ئەڭ قىسقا ئۇرۇق بولۇپ، پەقەت نەچچە سائەتلا ھايات كەچۈرەلەيدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ھاياتى كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك، پەقەت ئازراقلا سۇ بولسا، 2- 3 سائەت ئىچىدىلا بىخ سۈرۈپ ئۈنىدۇ. مانا بۇ ئۇنىڭ قۇملۇقتىكى قىيىن مۇھىتقا ماسلاشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى. شىنجاڭدىكى يەرلىك ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى دەسلەپكى تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەل ئىچى تەشكىلاتلىرى بولۇپ، ئىچكىرىدىكى ساخاۋەت ئەترەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، مەبلەغ يولى ئاز، تەسىر كۈچى ئاجىز، تۈرلەرنى قانات يايدۇرۇشى قىيىن، شۇنداقلا باشقۇرۇش تەجرىبىسى كەمچىل. شۇنىسى شىنجاڭدىكى يەرلىك ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەزالىرى ئورۇن ۋە تىل قاتارلىق جەھەتلەردە ئەۋزەللىككە ئىگە. ئەگەر بۇ تەشكىلاتلار مەلۇم مەبلەغ ياردىمىگە ئېرشىپ قالسا، خۇددى سۆكسۆككە ئوخشاش ئىنتايىن تېز تەرەققىي قىلىپ، جۇش ئۇرۇپ ئۆسۈپ- يېتىلىدۇ.

2. تۈر ھەققىدە: سۆكسۆك پىلانى بولسا شىنجاڭدىكى يەرلىك ئەل ئىچى ساخاۋەت ئەترەتلىرى ۋە ياشلىرىغا مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، مەلۇم ساخاۋەت ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچكە ئايلىنىشىنى قولغا كەلتۈرىدىغان پىلاندۇر. بۇنى شىنجاڭ ياشلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ۋە يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى تەشكىلاتى بىرلىكتە پىلانلاپ تەشەببۇس قىلدى، ھەمدە يولغا قويدى. مەزكۇر پىلان يىلدا بىر قېتىم تاللاش ئېلىپ بارىدۇ. ياردەمگە ئېرىشىش ئوبېيكتى ئىككى تۈرلۈك: بىرسى ساخاۋەت ئەترىتى، يەنە بىرسى ساخاۋەت پائالىيىتى بىلەن شوغۇللانغۇچى شەخس.

3. مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بېرىش چارىسى: مەبلەغنى كارخانا ياكى شەخىس تەمىن ئېتىدۇ، يىلدا بىر ئەترەت ۋە بىر شەخس تاللاپ چىقىلىپ، سۆكسۆك پىلانىنىڭ مەمۇرىي راستخوتىغا ئېرىشىدۇ، ھەر بىر ئوبېيكىتقا بېرىلىدىغان مەبلەغ سوممىسى 5000 يۈەن. ساخاۋەت ئەترىتى ۋە ساخاۋەتچى شەخىس مەزكۇر مەبلەغنى ئۆزى خالىغانچە تەقسىملىسە ياكى ئىشلەتسە بولىدۇ.

4. كارخانىلارنىڭ ئېرىشەلەيدىغىنى: پائالىيەتكە ئىسىم قويۇش، تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنىش، ئېنتېرنېت تورى ۋە تاراتقۇلاردا تەشۋىق قىلىنىش، نام- شۆھرىتىنى كېڭەيتىش، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتەك ياخشى كارخانا ئوبرازى.

5. سۆكسۆك پىلانىغا قانداق قاتنىشىدۇ؟
ساخاۋەت ئەترەتلىرى ۋە ساخاۋەتچى شەخسىلەر تاللىنىش ئوبېيكتى ھېساپلىنىدۇ، زۆرۈر شەرتلەر تۆۋەندىكىچە:
شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قۇرۇلغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان ساخاۋەت ئەترەتلىرى بولۇشى، ئەترەتنىڭ ئۆزى ئىشلەۋاتقان ساخاۋەت تۈرى ۋە ساخاۋەت ئەمەلىيىتى بولۇشى كېرەك، ئەترەتنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى، پىدائىيلار سانى قاتارلىقلار قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سۆكسۆك پىلانىنىڭ تاللىنىش ئوبېيكتى بولالايدۇ. شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 18 ياشتىن يۇقىرى، بىر يىلدىن ئارتۇق ساخاۋەت ئەمەلىيىتىگە ئىگە، ھەمدە بۇندىن كېيىن داۋاملىق ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىشنى نىيەت قىلغان شەخىسلەرنىڭ كەسىپى، ئوقۇش تارىخى ۋە جىسمانىي ئەھۋالى قاتارلىقلار قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سۆكسۆك پىلانىنىڭ تاللىنىش ئوبېيكتى بولالايدۇ.

6. تاللاش ئۇسۇلى:
تۈر باھالاش گۇرۇپپىسى قۇرىلىدۇ، گۇرۇپپا ئەزالىرى شىنجاڭدىكى ساخاۋەت ئەترەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ئاخبارات خادىملىرى، مۇتەخەسسىس، ئەدىب، فۇندى جەمئىيەت ۋە پىدائىي قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپىدۇ؛ ئەزالاردىن: 1. شىنجاڭ ياشلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىدىن ۋاڭ يۈدېڭ، 2. ئاخبارات خادىمى قۇربان يۇنۇس، 3. شىنجاڭ تاغداش (山友) قۇتقۇزۇش ئەترىتىدىن ياڭ جۈن، 4. ئاخبارات خادىمى دۇڭ شاۋخۇا، 5. ئاخبارات خادىمى جياڭ لەن، 6. ئاخبارات خادىمى لى پىڭ، 7. ئاخبارات خادىمى شەمسىيە ئەبەيدۇللا، 8. ئەدىب لى لې، 9. پىدائىي تاۋ خەييىڭ، 10. فۇندى جەمئىيەتتىن چېن خۇا، 11. يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىدىن يالقۇن ئوسمان قاتارلىقلار بار.
7. سۆكسۆك پىلانى تۈرىنىڭ باھالاش گۇرۇپپىسىدىكى ئەزالارنىڭ بېلەت تاشلىشى ئارقىسىدا، يىللىق ياردەم مەبلىغىگە ئېرىشكەن ساخاۋەت ئەترىتى ۋە شەخس باھالاپ چىقىلىدۇ.
8. سۆكسۆك پىلانىنىڭ ئەمەلىيلىشىش باسقۇچلىرى: 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ ساخاۋەت ئورگانلىرىنىڭ ئىلتىماسلىرى قوبۇل قىلىنىپ، 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى قوبۇل قىلىش توختايدۇ؛ 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى تىزىملىكلەر ئېلان قىلىنىدۇ.
9. سۆكسۆك پىلانىنىڭ ئالاقىلاشقۇچىسى: لى لې
تېلېفون: 13399931088
ئېلخەت ساندۇقى: 18590355@qq.com
توربەت: http://pidayi.org/

سۆكسۆك پىلانىغا ئىلتىماس قىلىش:
1. ساخاۋەت ئەترىتىنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرلىرى: ئىسمى، توربېكەت ئادرېسى، ئۈندىدار سۇپىسى دېگەندەك.
2. مەسئۇل خادىم، تېلېفون نومۇرى، ئېلخەت ئادرېسى، سىنا مىكروبلوگى، پوچتا ئادرېسى، ساخاۋەت تۈرى، تىزىملاتقان سالاھىيىتى، ئەترەتنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى.
3. ئەترەتنىڭ قىسقىچە تەرەققىيات ئەھۋالى (خەنزۇچە 200 خەت، ئۇيغۇرچە 100 سۆز ئىچىدە)
4. ئەترەت ئاساسلىق قىلىۋاتقان ساخاۋەت پائالىيەتلىرى (خەنزۇچە 300 خەت، ئۇيغۇرچە 150 سۆز ئىچىدە)
5. بۇرۇن ھەمكارلاشقان باشقا ئەترەت ياكى تەشكىلاتلار (خەنزۇچە 100 خەت، ئۇيغۇرچە 50 سۆز ئىچىدە)
6. ئەترىتىڭىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا نىسبەتەن، سىزدە قانداق پىلان ۋە ئويلار بار؟ (خەنزۇچە 100 خەت، ئۇيغۇرچە 50 سۆز ئىچىدە)
7. بىز ئالاقىلىشالايدىغان، ھەمدە سىلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان ۋە ئەترىتىڭىزنى ياخشى چۈشىنىدىغان ساخاۋەت ئورگانلىرىدىن ئىككىنى مىسال ئېلىڭ.
8. ئۇچۇر تولدۇرۇش ئەسكەرتىشى: ساخاۋەت ئەترىتىنى نۆۋەتتە تېخى تىزىملاتمىغان بولسا «تىزىملاتمىغان» دەپ يېزىڭ. ئەگەر بىرەر ئىدارىگە يۆلەنگەن بولسا، يۆلەنگەن ئىدارىنىڭ نامىنى يېزىڭ. ئېلىپ بارغان ساخاۋەت پائالىيىتىڭىزلارنى تاراتقۇلار خەۋەر قىلغان بولسا، مۇناسىۋەتلىك ئۇلىنىشنى قوشۇپ قويۇڭ. بۇرۇن ھەمكارلاشقان ئورگانلارنى، مەسىلەن: ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار ۋە فۇندى جەمئىيەت قاتارلىقلارنى يېزىڭ.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 16:02:58

بۇ بىر ئەمىليىتى يوق ئۇيۇنغا ئايلىنىپ قالمىسىلا ياخشى پىلانكەن. چۇنكى كۈكەرتىش ياخشى ئوبىكىت، پىلان شەخىسنىڭ...

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 16:45:17

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parakende تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-28 17:14  

...........

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 17:18:42

:lol

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 17:34:50

jaggiwar يوللىغان ۋاقتى  2014-9-28 17:18 static/image/common/back.gif


بىژكىم بەش موچەن ھېيتلىق بەدىمۇ تەخسىر

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 17:53:07

parakende يوللىغان ۋاقتى  2014-9-28 17:34 static/image/common/back.gif
بىژكىم بەش موچەن ھېيتلىق بەدىمۇ تەخسىر

ھەزرىتىم مىنى موتۇروللا  قىلاي دەپلىدە ...............خەپ جىما ئىنكاسلىرىنى تەھرىرلىۋېتىپلا:dizzy:

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 18:26:14

يانتاقنىڭ يىلتىزىنى سوك سوك ئۇتۇن دەپ ئاتايتتۇق كىچىك چاغلاردا.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 22:15:12

ياغاچ قۇلاق ، سىلەرنىڭ يېرىڭلاردا سۆكسۆك تېرىدىم دىگەندەك قىلغانتىڭلار !!!!!

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 00:22:20

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parakende تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-29 00:25  

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-9-28 22:15 static/image/common/back.gif
ياغاچ قۇلاق ، سىلەرنىڭ يېرىڭلاردا سۆكسۆك تېرىدىم دىگە ...

125 مو يەرگە تۇرپاندىن سۆكسۆك ئەكەپ كۆكلەتتۇق .
سۆكسۆكتىن چىققان تاتلىق توشقان زەدىكىنىڭ باھاسى يۇلغۇندىن چىقىدىغىنىغا قارىغاندا بىر يېرىم ھەسسە باھا پەرقى بىلەن ئايلىنىدىكەن .

zaga يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 19:35:26

مەن250مۇيەرگە سوك سوك كوچىتى سالغان2يىل بولدى،ھازىرتۇشقانزەدىكى ئۇرۇغى سالاي دىگەن ئۇرۇغ تاپامماي ۋاتىمە. بۇتىمىنى چۇشۇنەممىدىم.

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 11:18:56

zaga يوللىغان ۋاقتى  2014-9-29 19:35 static/image/common/back.gif
مەن250مۇيەرگە سوك سوك كوچىتى سالغان2يىل بولدى،ھازىرتۇش ...

ئىككى يىللىق كۆچەت بولسا خېلى چوڭ بۇلۇپتۇ .
ئۇرۇغنى ئىشەنچلىك يەردىن ئالمىساڭلا بىر يىللىق مەھسۇلاتتىن قۇرۇق قالىسىلە
كېرىيەدە ئۇرۇغ باھاسى 3000 بىلەن 4000 ئارلىغىدا ئايلىنىۋاتىدۇ . ئەلۋەتتە 95% ئىشەنچلىكلىرى شۇنداقراق .....

zaga يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 23:22:38

parakende يوللىغان ۋاقتى  2014-9-30 11:18 static/image/common/back.gif
ئىككى يىللىق كۆچەت بولسا خېلى چوڭ بۇلۇپتۇ .
ئۇرۇغنى ئى ...

ئالاقىلاشقىلى بۇلامۇ؟

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-6 10:53:07

zaga يوللىغان ۋاقتى  2014-9-29 19:35 static/image/common/back.gif
مەن250مۇيەرگە سوك سوك كوچىتى سالغان2يىل بولدى،ھازىرتۇش ...

تېمىنى ئوقۇمىسىڭىز چۈشەنمەيسىز ئەلۋەتتە!
بۇ شىنجاڭدىكى ساخاۋەت ئىشلىرىنى قوللاشنى مەقسەت قىلغان بىر پائالىيەت، ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىدىغان ھەر قانداق ئادەم ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
پۇل تېپىشنىلا ئويلىماي، تاپقان پۇلنى يېتىم- يىسىې ۋە ئاجىز- ئورۇقلارغا ساخاۋەت قىلىشنىمۇ ئويلىشىپ قويايلى!

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 12:10:58

سۆكسۆك پىلانىنىڭ نەتىجىسى چىقتى، كۇچادىكى قېرىنداشلار پىدائىيلىرى بىلەن ئەكبەر داۋات تاللاندى، ھەمدە 5000 يۈەنلىك ساخاۋەت راسخوتىغا ئېرىشتى. ئۇلارغا مۇبارەك بولسۇن!
نەتىجىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
http://www.pidayi.org/index.php?m=view&id=915

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-15 12:12:26

سۆكسۆك پىلانىنىڭ نەتىجىسى چىقتى، بىر ئايدەك تاللاش ئارقىلىق، ئاخىرى كۇچادىكى قېرىنداشلار پىدائىيلىرى بىلەن ئەكبەر داۋۇت تاللاندى، ھەمدە ھەر بىرسى 5000 يۈەنلىك ساخاۋەت راسخوتىغا ئېرىشتى.
نەتىجىسىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
http://www.pidayi.org/index.php?m=view&id=915
بەت: [1]
: سۆكسۆك پىلانىغا ئىلتىماس قىلىڭ