turan1001 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 16:21:27

مەدەنىيەت ئەربابى ھۈسەيىنبەگ يۇنۇسوف

مەدەنىيەت ئەربابى ھۈسەيىنبەگ يۇنۇسوف

ھۈسەيىنبەگ يۇنۇسوف 1890-يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ سۇ دەرۋازا مەھە للىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ تۆت-بەش ياشلارغا كىرگەن يىللىرى دادىسى قازا قىلىپ كېتىپ، ئانىسى بىلەن ياركەنتكە بارغان. ھۈسەيىنبەگ ياركەنتكە بارغاندىن كېيىن دەسلەپتە ياركەنتتىكى تاتار مەكتىپىدە، ئاندىن ئالمۇتادىكى رۇس مەكتىپىدە ئوقۇغان. بۇ دەۋر دەل تاتارىستاندا باشلانغان ۋە يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن جەدىدىزىم ھەرىكىتى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەرگە تەسىر كۆرسەتكەن چاغ ئىدى. بولۇپمۇ تاتارىستاندا چىقىدىغان «تەرجۇمەن»، «تىل يارىش»، «شورا» قاتارلىق گېزىت -ژۇرناللاردىكى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تارىخى تەقدىرى، كرىزىسقا تولغان كەچمىشلىرى، دىن بىلەن پەننى بىرلەشتۈرۈش، يېڭىچە مائارىپ ۋە پەننىي مەكتەپلەرنى يولغا قويۇش، مەرىپەت جەھەتتىن ئويغىنىشنى تەلەپ تەلەپ قىلىدىغان ئىدىيە ۋە پىكىرلەر ياش ھۈسەيىنبەگنىڭ قەلبىگە غەلەتتە ياتقان مىللىتىنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ئويلىنىدىغان، ئۇنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ سۈيىدە ئاقىدىغان بىر ئوتنى ياققان.
      ھۈسەيىنبەگنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى 1910-يىللىرى ئەتراپىدا باشلا نغان. ئۇ شۇ دەۋرلەردە يەتتەسۇ ۋىلايىتىدىكى ئەڭ كاتتا باي ۋە رۇسىيە بويىچە تونۇلغان جامائەت ئەربابى ۋېلىباي يولداشوۋنىڭ كەنجى ئوغلى جالام يولداشوۋ بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئۇنىڭ تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ مىللە تنىڭ مەرىپەت ئېڭىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن.
     1915 -يىللارغا كەلگەندە پۈتكۈل رۇسىيەدە چار پادىشاھنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈ مرانلىقىغا قارشى ئىنقىلاب ئوتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەر ئىچىدىكى ئىلغار زىيالىيلار يالغۇز مەدەنىيەت ۋە مائارىپ جەھەتتىكى ئىسلاھات بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىكى باراۋەرلىك قاراشلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇشقا جۈرئەت قىلدى. بۇ ئالدى بىلەن مەتبۇئات يۈزىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. رۇسىيە تۈر كىستانىدا يۈز بەرگەن بۇ مەتبۇئاتچىلىق ئىشلىرى ھۈسەيىنبەگكە زور ئىلھام بولدى.
       1917 -يىلىدىكى رۇسىيە ئىنقىلابى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى تۈركىي خەلقلەرنى ئويغىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا ئۇيۇشۇپ، ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بۇنىڭ بىلەن 1917-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئالمۇتادا «تارانچى- تۇڭگان كومىتېتى»نىڭ قۇرۇلتىيى چاقىرىلىپ، ھۈسەيىنبەگ يۇنۇسوف بۇ كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. ئۇ ئۆزىدە يېتىلگەن سىياسىي ئاڭ ۋە تە شكىللەش جەھەتتىكى پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ «تارانچى-تۇڭگان كومىتېتى »ئىگە بولغان مەبلەغنى مەكتەپلەرگە، مەتبۇئات ۋە باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ «مىللىي شورا»نىڭ قارارىدىن ئۆتكۈزۈپ، 1918-يىلى يانۋاردا كومىتېتنىڭ ئورگان گېزىتى «سادايى تارانچى»ناملىق گېزىتنى نەشر قىلىپ تارقاتتى. بۇ گېزىتنىڭ دەسلەپكى ئىككى سانىدا ھۈسەيىنبەگنىڭ «ھۈسە يىن تاران»دېگەن ئىمزا بىلەن «مىللەت ئوغلىنىڭ مىللەت ئوغلىغا خېتى» ناملىق ماقالىسى بېسىلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ «تاران»دېگەن نام ھۈسەيىنبەگ يۇنۇسو فنىڭ تەخەللۇسى بولۇپ قالدى.
       1918-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردە سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ تىكلىنىشى بىلەن ھەرقايسى مىللەتلەر نامىدىكى «كومىتېتلار» خىزمەتتىن توختىتىلدى، جۈملىدىن «تارانچى-تۇڭگان كومىتېتى» ۋە ئۇنىڭ «سادايى تارانچى» گېزىتىمۇ نەشردىن توختىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ھۈسە يىنبەگ يۇنۇسوف تۇغۇلغان يۇرتى ئىلىغا قايتىپ كەلدى. ئۇ قايتىش سەپىرىدە ئالمۇتادىن بىر مەتبەئە ماشىنىسى، ھەرپ قۇيۇش ماشىنىسى ۋە بىر نەچچە خىل مەتبەئە ھەرپلىرىنى ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىلىدا مىخ مەتبەئە بارلىققا كەلدى.ئۇ 1919-يىلى كۈرەدە «ھۆر سۆز گېزىتى»نى نەشر قىلىپ، گېزىتنىڭ مەسئۇللۇقىنى ئۆزى ئۈستىگە ئالدى،كەسپىي ئىشلارغا پازىل يۇنۇس ياردەملە شتى. بۇ گېزىت نەشر قىلىنىش بىلەنلا خەلق ئارىسىدا ئالاھىدە تەسىر قوزغىدى، لېكىن بۇ ئەھۋال مۇستەبىت ياڭ زېڭشىن ھۆكۈمىتىنى ئەندىشىگە سېلىپ قويدى، بۇنىڭ بىلەن 1920-يىلى «ھۆرسۆز گېزىتى» نەشردىن توختاشقا مەجبۇر بولدى. ھۈسەيىنبەگ يۇنۇسوف مەتبەئەسىنى غوجا شەھىرىگە كۆچۈرۈپ كېلىپ، كىتاب، رىسالىلەرنى نەشر قىلىش بىلەن شۇغۇللاندى.
      ھۈسەيىنبەگ يۇنۇسوف نەشرىياتچىلىق ئىشلىرى بىلەن بىر قاتاردا، 1928-يىلىدىن باشلاپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە «ئۈمىد مەكتىپى»ناملىق مەكتەپنى قۇرۇپ مىللەتنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە سەنئەت تەشكىلاتچىلىقى خىزمە تلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ 1935-يىلى 4-ئايدا شېڭ شىسەي ئۈرۈمچىدە ئاچقان «2-نۆۋەتلىك ئاۋام خەلق قۇرۇلتىيى»غا ئىلىدىن ۋەكىل بولۇپ قاتنىشىپ، غولجىغا قايتىپ كېلىۋاتقان يولدا ماشىنا ھادىسىسىگە ئۇچراپ قازا تاپقان.

تۇران تەييارلىدى.

peleck يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 16:04:14

بىلىشىمچە بۇ كىشى تارانچى بىلەن ئۇيغۇر ئىككىسى ئىككى مىللەت دىگەن كۆز قارىشىنى ئۆمۈر بويى ساقلاپ كەلگەن. ئەمما ھەقىقىي بىر بىلىم ئىگىسىدۇر.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 18:19:10

تارانچى بىلەن ئۇيغۇر بىر مىللەت تۇرسا ، بىلىم ساھىبى دەپ ئاتالغان ئادەمنىڭ بۇ قاراشتا جاھىللىق بىلەن تۇرغىنى قىزىق

peleck يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 20:31:01

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-9-28 18:19 static/image/common/back.gif
تارانچى بىلەن ئۇيغۇر بىر مىللەت تۇرسا ، بىلىم ساھىبى د ...

شۇنى دەڭە.  
بەت: [1]
: مەدەنىيەت ئەربابى ھۈسەيىنبەگ يۇنۇسوف