چاغاتايچە كىرگۈزگۈچ
چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئاساسىدا شەكىللەنگەن 14- ئەسىردىن 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە، شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلى بولۇپ خىزمەت قىلغان ئۇيغۇر تىلىنى كۆرسىتىدۇ . چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى يەنە «تۈركىي تىل»، «چاغاتاي تۈركچىسى»، «تۈركچە»،«قەشقەر تۈركچىسى»، «چاغاتاي تىلى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ .
چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى خاتىرلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن يېزىق «چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى» دەپ ئاتىلىدۇ. چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى ئەرەب يېزىقى ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى- خاقانىيە يېزىقىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن .
چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى يېزىقتا ئىپادىلىگەندە ئەرەب يېزىقى ئاساسىدا شەكىللەنگەن چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى ئىشلىتىلگەن. ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا ئىسلاھ قىلىنىپ شەكىللەنگەن.
ئۇيغۇرلار تارىختا نۇرغۇن تىل ۋە يېزىقلارنى ئىشلەتكەن. ئەمما چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىكى يازما يادىكىلارلىقلار ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدىكى يازمىلاردىن قالسىلا مەزمۇن، كۆلەم جەھەتتىن ئەڭ كۆپ. چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدا خاتىرلەنگەن ئەسەرلەردىن تۈرلۈك ئېلىم- بېرىم ھۆججەتلىرى، مەدرىس دەرسلىكلىرى، كىلاسسىك ئەدەبىي ئەسەرلەر، تارىخىي ئەسەرلەر، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا تەۋە ئەسەرلەر قاتارلىق يازما يادىكارلىقلارنىڭ ھەممە ساھەسىگە چېتىلىدىغان ئەسەرلەر مەۋجۇت. بۇ ئەسەرلەر رايۇنىمىز، ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋرۇپادىكى ھەرقايسى چوڭ كۈتۈپخانا، مۇزىيلاردا ۋە خەلق ئارىسىدا ساقلىنىپ كېلىنىۋاتىدۇ.
چاغاتاي تىلى دەۋرىمىزگە ئەڭ يېقىن بىر تارىخى تىل بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ تىل- يېزىقتا يېزىلغان كىلاسسىك ئەسەرلەر ئىنتايىن كۆپ. قەدىمىي ئەسەرلەرنى قايتا نەشىر قىلىش، تىل تەتقىقاتى قاتارلىق ساھەلەردە چاغاتايچىنى رەقەملىك ھالەتتە بىر تەرەپ قىلىش ئىھتىياجى تۇغۇلىدۇ. تىلشۇناسلار، چاغاتاي تىلى ھەۋەسكارلىرى، نەشرىيات، مەتبۇئات ئورۇنلىرىنىڭ چاغاتايچىنى كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىشىغا قولاي بولسۇن ئۈچۈن بىر چاغاتايچە كىرگۈزگۈچ ياساپ تورغا چىقىرىپ قويدۇم. ئىشلەتكۈچىلەرگە ئازراق ياردىمى بولسا مەن بۇنىڭدىن بەك مىننەتدار.
بۇ كىرگۈزگۈچنى ياساشتا شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتېتىدىكى ۋاھىت ئابلېز مۇئەللىمنىڭ ماقالىسىدىكى چاغاتايچە ھەرپلەرنىڭ كودى ۋە كونۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇلىشى ئاساس قىلىندى.
چۈشۈرۈش ئادرېسى: سارۋان بىلوگى قۇمۇللۇق مۇئەللىم شۇمۇ؟ ئۇچۇر ئىنىستىتۇتىدىكى قەدىمقى ئۇيغۇر يىزىقىنىمۇ كومپىيوتۇرغا كىرگۈزدى دەۋاتقانغۇ ، بىز موڭغۇللارغا ئۈگىتىپ قويغان يىزىقنى ئەمدى ھازىرقى يىزىق بىلەن چاغاتاي يىزىقىدىكى ھەرىپلەرنىڭ سىلشتۇرمىنى يوللىۋەتكەن بولسا تخىمۇ ياخشى بۇلاتتىكەنتۇق، چاغاتايچە كىرگۈزگۈچنىڭ گېپى بولىۋېتىپلا چاغاتاي تىلى بولاپ كەتتىيا؟!! چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدۇ؟ قەدىمقى ئۇيغۇرچىنىڭ كىرگۈزگۈچى يوقما ئەمدى ؟ iltersh يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 16:50 static/image/common/back.gif
قەدىمقى ئۇيغۇرچىنىڭ كىرگۈزگۈچى يوقما ئەمدى ؟
قەدىمىي ئۇيغۇرچىنىڭ خەت نۇسخىسىنى ياساش خوش ياقمىدى. ئۇمۇ ھازىرقى يېزىقىمىزغا ئوخشاش باش، ئوتتۇرا، ئاخىرى باركەن. opentype بىلەن ئاپتۇماتىك باغلىشىدىغان قىلساق بولغۇدەك. تەييار خەت نۇسخىسى بولغان بولسا ياساپ قويساق بولاتتى.
بەت:
[1]