jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 12:35:08

جەسەت: ئۇ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jeSat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-27 12:36  

ئۇ
(كوچىدىكى ناتۇنۇش قىزغا بېغىشلايمەن)
مەن سېنى تۇنۇمايمەن. بىراق سېنى تۇنجى كۆرگەن چېغىمدا سېنى قايسىدۇر بىر يەردە كۆرگەندەك، ياكى ئىككىمىز ئەزەلدىن تۇنۇشىدىغاندەك تۇيغۇدا بولغانىدىم..
2014-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى، چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە قاراقاش ناھىيە تاناي بېشى ئەتراپىدا، پادىچىلار شىمىنى پاتۇرۇپ كېىپ ئۇزۇن چاچلىرىنى بەللىرىگە چۈشۈرۈلغان ئىگىز پاشنىلىق بىر قىز-سەن پەيدا بۇلۇپ قالدىڭ. يىڭى مەدەنىيەتنى ئەڭ جاھىللىق بىلەن قوبۇل قىلىدىغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ چەت كىچىككىنە بۇ ناھىيەدە سېنىڭ بۇنداق ‹مودا ھەم يىڭىچى› پاسوندىكى قىياپىتىڭ ھەممە ئادەمگە ھەيرانلىق ۋە قىززىقىش تۇيغۇسى بېغىشلايتتى. سەن بانكىدىن پۇل ئېلىپ چىقىۋېتىپ تۇيۇقسىزلا بىر نەچچە ياش بالىلارنىڭ كەينىڭگە كىرىۋالغىنىنى تېخى ئۇلارنىڭ نەپ تارتماستىن ساڭا كۆزىنى قىسىپ ھىجايغىنىنى كۆردۇڭ. قاپقارا كۆينەك، قاپقارا شىم، قاپقارا شىبلىت كېيىپ چېچى كۆزلىرىنى تۇسۇۋالغان 23-ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئوغۇل بالا-مەن قېشىڭغا كېلىڭ ئەدەب بىلەن سەندىن ئەھۋال سورىغىنىدا بولسا ئەتراپىڭغا قورقۇنچ ئىچىدە سەپسالدىڭ...
سەندىكى شۇ چاغدىكى تۇيغۇ:
كوچىدىكى ھەممە ئادەملەر چەكسىز بىر خىل تەشنالىق بىلەن ساڭا قاراپ تىللىرىنى چىقىرۋاتقاندەك، سەن ئۇلاردىن نېرى قاچقانسېرى ئەكىسچە
ئۇلار سېنى جان-جەھلى بىلەن قوغلاۋاتقاندەك، بۇ شەھەردىكى ھەممە ئەركەكنىڭ ئۆيدىكى ئايالىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمەي مۇشۇنداق كوچىدىكى قىزلارغا قارايدىغاندەك تۇيغۇ سېنى ئۆز ئىلكىگە ئېلىۋالغانىدى. كوچىدىكى ئەرلەرنىڭ ساڭا قاراپ ئىسقىرتىشلىرى، تاكىسى شوپۇرىنىڭ ھاياسىز قىلىقلىرى، مەلۇم يېزىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان مەمەت ئۆمەر ئىسىملىك بىر بالىنىڭ ھاياسىزلارچە گەپ-سۆزلىرىگە قۇشۇلۇپ سېنى بۇندىن بۇ  شەھەردە يۈرۈش-تۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدۇرغانىدى...
سەن تېلىفون نۇمۇرىڭنى ماڭا قالدۇرۇپ قۇيۇشنى خالىماي گۇناھىسز يەرنى قاتتىق ئاياغلىرىڭ بىلەن تاقىلىدىتىپ دەسسىگىنڭچە كېتىپ قالدىڭ... مەن يىراقتىكى ئاۋۇ دۇكاندا تۇرۇپ سېنىڭ ئاشۇ مەغرۇر قەدەملىرىڭ ئارىسىدا يانجىلماقتا ئىدىم...

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 14:51:48

بىر ئاغىنەمنىڭ دىيىشىچە باشقىلاردىن پەرقلىنىش ئەڭ چوڭ يۈكسىلىشمىش ...

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 14:59:00

1.قاراقاش جەنۇبى شىنجاڭ  ئەمەس،بەلكى ، جۇڭگۇدىكى ئەك چوڭ ناھىيە نىڭ بىرسى .بىلىۋېلىڭ .
2.كوچىدىكى شۇ قىزغا قاراپ قالغان بولسا قاراقاشلىق ئەركەكلىكى چانىدۇ .
3.سىزمۇ مودىكەنسىزغۇ قارا شىم قارا كوپتا ،قاراچاچ  قاشقىچە .
4.قاراپ شۆلگەي ئېقىتقان بولسىڭىز شۇ ئاققانچە شىمىڭىزنىڭ قارا ئايىغىچە ھۆل بولغاي .
5.قاراقاش  ئەركىكى بولمىسىڭىز بۇندىن كىيىن بونداق لاۋزىلىقنى دەپسەندە قىلماڭ .:@:@:@:@:@:@:@:@:@:@:@:@

Illiterate يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 15:35:37

paranghumar117 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 16:32:44

بالاۋە بەك مازلىشىپ كەتمىگۈلۈك جۇما،ئەدەبىياتتا ژانىر يوق دەپ تۇرۋالساڭ مەيلى ،لېكىن ئاۋۇ يازغىنىڭنى سەنئەتكە تەۋە دەپ تۇرۋالمايدىغانسەن

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 20:29:20

يازغۇچىلار مۇنبىرگە كەتسەڭ بومامداۋە ...  ئاشەگە پالايدىغانغا قۇربىم يەتمەيدۇ دە ئەمما :@:@:@:@

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 21:15:07

turken يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 21:35:57

艺妓دىسەك   بولۇرمۇ؟

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 22:10:40

مۇشۇ بىر نېمىڭىزنى تېما سۈپىتىدە ئېلان قىلدىڭىز؟ قىلغىلى زادىلا ئىش تاپالماي قالغان ئادەملەرنىڭ بىرسىكەنسىز. ھەراس، قارىقاش ھەرگىزمۇ كىچىككىنە ناھىيە ئەمەس.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 22:10:59

خوتەن قارىقاشلىق مەمەت ئۆمەر مۇئەللىم .....................   ئەدىبىيات ۋە ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن يىراق تۇرۇڭ !

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 22:44:56

مەن ، ئامياك {:92:}

ezimet7102 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 22:55:43

زوراۋانلىق يەنە باشلاندى!

ئەدەبىي ئەسەر مەقسەدنى ئۇدۇل ئىپادىلىمەيدۇ.
باشقىلارنىمۇ گەپ قىلغىلى قويۇڭلار. بولمىسا مۇستەبىتلىك بولىدۇ.

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 01:57:43

12-قەۋەت، سىلىنىڭ كاللاڭلىدىكى ئەدەبى ئەسەر دېگەن ئۇقۇم تولىمۇ ئاقماس بىرنەرسىكەن. يەنە بىرگەپ ، ئاۋۇ ئادەمنىڭ گېپى گەپ ، باشقىلارنىڭ ئەمەسمىكەن؟ باشقىلارنى مۇستەبىتلىك قىلغىلى قويماسلىقمۇ بىر مۇستەبىتلىك . ھەركىمنىڭ ھەرنەرسىنى ياقتۇرماسلىق ھوقۇقى بار . مۇشۇنچىلىك بىر ئەقەللى ھۆكۈمنى چىقىرالمايسىلەر سىلەرگە يەنە نېمە ئەدەبى ئەسەر؟...قۇم قۇيۇپ ئويناڭلار چىقىپ ...

Illiterate يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 02:29:06

taz يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 09:56:36

ياخشى ئەسەركەن. مەن ياقتۇردۇم.

asman يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 10:05:59

قەلىمىڭگە بەرىكەت يار بولسۇن، ئىنىم!

1946 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 10:14:37

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   1946 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-28 10:20  

ھەقىقىي بىر پارچە ئەسەرنىڭ يېزىلىشىدا ھېچقانداق مەقسەت بولماسلىقى كېرەك! شائىر، ۋە يازغۇچى ئۆزىنىڭ دەقىقە ئارام بەرمەيۋاتقان تۇيغۇلىرىنى خاتىرلىگەن ۋاقىتتا ھېچقانداق نەرسىنى ئويلىماسلىقى، ياكى ھېچقانداق بىر نەرسىنىڭ زوراۋانلىقغا ئۇچرىماسلىقى كېرەك!
مەن جەسەت ئىسىملىك بۇ تورداشنىڭ يېقىندىن بۇيانقى يازمىلىرىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئاددىي بىر ئوقۇرمەن. شۇنى ھېس قىلدىمكى، بۇ تورداشنىڭ مەن ھېس قىلغان ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلقى- سەمىمىيلىك، ئەڭ ساپ ھالدىكى، ھەقىقىي بىر ئىنسان سۈپىتىدىكى بىر سەمىيلىكىنى بايقىدىم...
ئاپتورغا دەيدىغانلىرىم: ئىزدىنىش مۇنبىرىدە ھەقىقەتەنمۇ قەلبى ئويغاق، تەپەككۇرى تېرەن تورداشلار بار.  ئىزدىنىش مۇنبىرى ئۇ سىزنى ھەددىن زىيادە ياخشى كۆرىدىغان يازغۇچىلار تورىدىن مىڭ ياخشى.  ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكىلەرنىڭ تەپەپپۇزى سەل قاتتىق بولغىنى بىلەن كۆڭلى ياخشى، شۇڭا ئۇلاردىن  ئۈمۈدسىزلەنمەڭ... ئىزدىنىش مۇنبىرى سىزنى قارشى ئالىدۇ،... ئامان بۇلۇڭ!

Toshuk يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 10:41:56

مەمەت ئۆمەر مەلىم راس گەپنى دەپتو، ھېچقانداق رەڭ ئارلاشتۇرماپتۇ، ھېچكىمگە ، ھېچقانداق نوپۇزغا ياخشىچاق بوماپتۇ. :victory:
مەلىم ئامان بوسۇن

TEWBE يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 10:46:18

17-قەۋەت، تىزىملاتقانغا تۆت كۈن بولماي تۇرۇپلا، ئىزدىنىش مۇنبىرى سىزنى قارشى ئالىدۇ دەپ روھىي پۈچەك كىشىلەرگە ئىزدىنىش مۇنبىرى نامىدىن قۇچاق ئاچقىلى تۇردىڭىزما؟
ئاشۇ جەسەتنى ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۆرىدىغان يازغۇچىلار مۇنبىرىگە بىرىپ پاخ-پاخ ئوينىسۇنا بۇ بالا، سىزمۇ شۇ، كىم بىلىدۇ ئىككىڭلار بىر ئادەممۇ تېخى.

«ھەقىقىي بىر پارچە ئەسەرنىڭ يېزىلىشىدا ھېچقانداق مەقسەت بولماسلىقى كېرەك!» نەدىن تاپتىڭىز بۇ ئەخلەت گەپنى؟

jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 13:00:01

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jeSat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-28 13:02  

مەن ئىزدىنىش مۇنبىرىگە ئەزا بولغان شۇ كۈندىن باشلاپ مەندە ئىزدىنىشتىكى تورداشلار بىلەن پىكىرلەشكەندە گەپ-سۆزگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمنىڭ لازىملىقىنى ھېس قىلغانىدىم... چۈنكى بۇ مۇنبەردە بىلىم، ۋە ئەدەپ-ئەخلاقتا سەل قارىغىلى بولمايدىغان نۇرغۇنلىغان ئۇستازلار بار.

ئەسىرىم توغۇرلۇق(ئەگەر سىلەر ئەسەر دەپ قارىساڭلار) ھازىرچە بىر نەرسە دىگۈم يوق. بىر  يازارمەن ئۈچۈن ئۆز ئەسىرىنى باشقىلارغا چۈشەندۈرۈشتىن ئۆتە ئامالسىزلىق ۋە بىچارىلىك بولماس. شۇنداق مەن نۇرغۇنلىغان ئەسەرلىرىمنى يازغۇچىلار تورىدا ئېلان قىلغان.  يازغۇچىلار تورىدا كەڭ-كۆلەمدە پائالىيەت قىلغىنىم ،  ئىزدىنىش مۇنبىرىگە باشقىلارنىڭ تەۋسىيەسى بۇيىچە كىرگەنلىكىم ۋە ياقتۇرۇپ قالغانلىقىممۇ راسىت. مەن يەر-شارىدىكى نۇرغۇنلىغان ئەڭ ئاددىي ئادەملەرگە ئوخشاش مەندە يۇشۇرغۇدەك، يالغان ئېيىتقۇدەك ھېچنەرسە يوق. مەن بىر ئامالسىزلىق، مۇھتاجلىق ئىچىدىكى  بىر ئادەملا خالاس!

ئىزدىنىش مۇنبىرىگە ئەزا بولغاندىن باشلاپ  مېنى ئەڭ ئەڭ سۆيۈندۈرىدىغان،  مەن ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان بىر تەرەپ- دەل باشقۇرغۇچىلار بولدى.  مەن شۇنى ھېس قىلدىمكى، بىر مۇنبەرنىڭ كىچىكلىكتىن-چوڭىيىپ، تەرەققىي قىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا- ئاشۇ بىر قىسىم ئەقلى ئويغاق، ھەممىگە توغرا مۇئامىلە قىلالايدىغان، ھەققانىي، يىراق كۆرەر باشقۇرغۇچىلار ئىكەن. مەن مۇشۇ ئىنكاسىم ئارقىلىق مېنى قوللاپ ئەسىرىمنى يۇرۇقلۇققا چىقىرىۋاتقان ئۇستاز باشقۇرغۇچىلارغا قۇرۇق بولسىمۇ تەشەككۇرۇمنى بىلدۈرىمەن.

بىر پارچە ئەسەرنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن قىزغىنلىق بىلەن قوبۇل قىلىنىشى  ياكى تەنقىدكە ئۇچرىشى بۇ ئانچە ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. ئەڭ ئېچىنىشلىق ئىش- بۇ ئەسەرنىڭ قۇدۇققا چۈشكەندەك ئىز-دېرەكسىز غايىب بۇلۇشى. شۇ سەۋەبتىن  مەن ئەسىرىمنى ياقتۇرمىغانلارنىمۇ، ئەسىرىمنى ياقتۇرغانلارنىمۇ  ئوخشاشلا ياقتۇردۇم ۋە ھېيىتلىق ئالغان گاچىدەك  سەت  بىر ھېجايغىنىمچە ھەممىڭلارنىڭ قولىنى  ھۆرمەتتە مەھكەم سىقتىم! ئامان بولغايسىلەر ئەزىزلەر!
بەت: [1] 2
: جەسەت: ئۇ