alpbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 10:41:56

ئورخۇنچە كىرگۈزگۈچ


ئورخۇن يېزىقى يەنە كۆكتۈرك يېزىقى، قەدىمىي تۈرك يېزىقى ياكى ئورخون يىنسەي يېزىقى، ئۇيغۇر ئورقۇن يېزىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ 8-10 ئەسىرلەر ئارىسىدا كۆكتۈرك ۋە باشقا تۈرك خانلىقىلىرى دەۋرىدە تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىلىنى خاتىرلەشكە ئىشلىتىلگەن يېزىقنى كۆرسىتىدۇ.
19- ئەسىردە مۇڭغۇلىيە تەۋەسىدىكى ئورخۇن ۋادىسىدىن 8- ئەسىرگە تەۋە بىر تۈركۈم مەڭگۈ تاشلار بايقالغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ تاشلاردىكى يېزىقلار ئورخون يېزىقى دەپ ئاتالغان. كىينچە ئورخۇن يېزىقىدىكى يازما يادىكارلىقلار 9- ئەسىرگە تەۋە ئۇيغۇر خانلىقى(يېنسەي ۋادىسى)، 10- ئەسىرگە تەۋە تالاس ۋادىلىرىدىن ۋە رايۇنىمىزدىكى تۇرپان، مىرەن خارابىلىقلىرىدىنمۇ تېپىلغان. دەسلەپكى دەۋىرلەردە غەرپلىك ئالىملار بۇ يېزىقنى قەدىمىي گىرمان رۇنىك يېزىقىغا ئوخشىتىپ رۇنىكچە ياكى تۈرك رۇنىك يېزىقى دەپمۇ ئاتىغان.
ئورخون يېزىقىدىكى يازما يادىكارلىقلار كۆپۈنچە خاتىرە تاشلارغا بېغىشلىما قىلىنغان ھالەتتە ئۇچرايدۇ. ھەجىمى بىر قەدەر چوڭ گەۋدىلىكلىرىدىن بىلگە قاغان(كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ خاقانى) مەڭگۈ تېشى، كۈلتىگىن(بىلكا قاغاننىڭ ئىنىسى، شاھزادە) مەڭگۈ تېشى، بىلگە تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى، مويۇنچىر مەڭگۈ تېشى ۋە كىتابچە ھالەتتە بىزگىچە يىتىپ كەلگەن ئىرىق بىتىگ(پالنامە) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ئورخۇن يېزىقى ئوڭدىن سولغا يۈنۈلۈشتە يېزىلىدىغان بولۇپ، ھەرپلەر يەككە ھالەتتە ئۇلانماي يېزىلىدۇ. ئەمما ئوخشىمىغان يازما يادىكارلىقلاردا بىر ھەرپنىڭ ئوخشىمىغان شەكىللىرى ئۇچرايدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئورخۇن يېزىقىدىكى ھەرپلەرنىڭ ئىنىق سانىنى ئېلىشمۇ بىر مەسىلە بولۇپ، گەرچە ئورخۇن يېزىقىدىكى تاۋۇشلارنىڭ سانى ئىنىق بولسىمۇ ھەرپلەرنىڭ سانى ئىنىق ئەمەس. شۇڭا ئورخون يادىكارلىقلىرى تەتقىقاتىدا قەدىمي ئەسەرلەرنىڭ ئەسلى تېكىستىنى خاتىرلىگەن ۋاقىتتا ئەسلى يادىكارلىقتىكى بىلەن ئوخشىمىسىمۇ شۇ ھەرپنىڭ باشقا شەكىللىرىنى ئىشلىتىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت.

تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى

ئورخۇن يېزىقىنىڭ ھەرپلىرى نۆۋەتتە Unicode ئۆلچىمىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، قەدىمىي ئەسەرلەر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئۈچۈن ئورخۇن يېزىقىنى بىۋاستە خاتىرلەش، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشقا زور قولايلىقلارنى يارىتىپ بەرگەن.

Unicode جەدىۋىلىدىكى ئورخۇنچە ھەرپلەر

شۇنداقلا Windows8 دە تەمىنلەنگەن Segoe UI دېگەن سىستېما خەت نۇسخىسى ئورخۇنچە ھەرپلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، سىرىتتىن باشقا خەت نۇسخىسى قاچىلاشنىڭمۇ ھاجىتى يوق.

Unicode ئۆلچىمى شۇنداقلا ئورخۇنچە ھەرپلەرنىڭ ئوقۇلۇش قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، ئامال بار ماس كونۇپكىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش قانۇنىيىتى بۇيىچە بىر كىرگۈزگۈچ ياساپ چىقىرىپ قويدۇم. ئورخۇن يېزىقى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار، نەشىريات ئورۇنلىرىنىڭ خىزمىتىگە ئاسانلىق كەلتۈرۈشنى ئۈمۈد قىلىمەن.

كونۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇلىشى

بىۋاستە:

shift بىلەن:

Control+Alt بىلەن:

Control+Alt+Shift بىلەن:

كىرگۈزگۈچنى چۈشۈرۈش
  مەنبە: سارۋان بىلوگى

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 11:39:53

بىر زامان قىزقىپ ئۈگىنپتىكەنمەن ئىشلەتمەي ئۇنتۇپ قالدىم ،ئامما ھازىرقى بەزى مىللەتلەرنىڭ تىلىدىنمۇ بەك قولاي كۈچلۈك تۇيۇلغانتى

yulghun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 12:42:07

تېمىڭىزنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ سەن قازاق تورى ۋە كۆلتېگىن مۇنبىرىغا يوللاپ قويدۇم.
http://www.kultegin.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=47127
http://senkazakh.com/bbs/thread-192422-1-1.html

alpbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 13:25:22

yulghun1 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-27 12:42 static/image/common/back.gif
تېمىڭىزنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ سەن قازاق تورى ۋە كۆلتې ...

رەھمەت. قانچە كۆپ ئادەم بىلسە شۇنچە ياخشى، سارۋان ئەپەندىمۇ قوشۇلىدۇ مەنچە.
سارۋان ئەپەندىگە رەھمەت

Elder يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 13:38:43

چاغاتايچە كىرگۈزگۈچنى تاپقىلى بولارمۇ؟

President يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 14:05:45

تىما سىرتى ئىنكاس:
قازاقشا توراپتا قازاقشا جولداساڭىز ءجون بولارما ەكەن دەيمىن....
-
نۇرقۇت ۋە باشقا تور بېكەتلەرگە كىرىپ قازاقچە تىما يوللىغاننى كۆرگەنمەن، كۆپىنچە ئۇيغۇرلار تىلىنى چۈشۈنۈشكە ئۇرۇنۇپ ئىنكاسلار يازىدۇ، ئەمما قازاقچە تور بېكەتلەرگە ئۇيغۇرچە تىما يوللىسا چۈشىدىغان ئىنكاسنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ.
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ياشىسۇن...

President يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 14:06:35

كىم ماڭا يۇقارقى كىرگۈزگۈچ بىلەن ئۇيغۇر دېگەن خەتنى يېزىپ بېرىدۇ...

alpbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 14:14:49

Elder يوللىغان ۋاقتى  2014-9-27 13:38 static/image/common/back.gif
چاغاتايچە كىرگۈزگۈچنى تاپقىلى بولارمۇ؟

چاغاتايچىسىنىمۇ يوللاپ قويدۇم، ئۇ تېمىنىڭ تەستىقلىنىشىنى ساقلايلى.

alpbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 14:17:59

President يوللىغان ۋاقتى  2014-9-27 14:06 static/image/common/back.gif
كىم ماڭا يۇقارقى كىرگۈزگۈچ بىلەن ئۇيغۇر دېگەن خەتنى يې ...

ئۇ كىرگۈزگۈچنى چۈشۈردۈم، ئەمما قاچىلانمايۋاتىدۇ. سارۋان ئەپەندىنىڭ تەلىم بېرىشىنى ساقلايلى.

alpbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 14:20:31

President يوللىغان ۋاقتى  2014-9-27 14:05 static/image/common/back.gif
تىما سىرتى ئىنكاس:
قازاقشا توراپتا قازاقشا جولداساڭىز  ...

بېگىم قازاقچىنى بىلىدىغان بولغاندىكىن تەرجىمە قىلىپ يوللاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەشئىلىنى تېخىمۇ ئېگىز كۆتۈرۈۋەتمەمدىلا{:92:}

yulghun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 14:32:23

alpbeg يوللىغان ۋاقتى  2014-9-27 14:20 static/image/common/back.gif
بېگىم قازاقچىنى بىلىدىغان بولغاندىكىن تەرجىمە قىلىپ  ...

قازاقچە توربەتكە قازاقچە يوللىسىڭىز ياحشى بولامدىكىن دەيمەن.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 15:02:51

چۈشمىدەغۇ

sarwan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 15:08:23

alpbeg يوللىغان ۋاقتى  2014-9-27 13:25 static/image/common/back.gif
رەھمەت. قانچە كۆپ ئادەم بىلسە شۇنچە ياخشى، سارۋان ئەپ ...

رەھمەت. قانچە كۆپ ئادەم بىلسە شۇنچە ياخشى، سارۋان ئەپەندىمۇ قوشۇلىدۇ مەنچە.
سارۋان ئەپەندىگە رەھمەت

رەھمەت، مەنبەسىنى ئەسكەرتىپلا نەگە يوللىساڭلار مەيلى. بىر-ئىككى ھەپتە بۇرۇن ئورخۇنچە(قەدىمىي تۈرك يېزىقى دېگەن نام ئومۇملىشىۋاتىدۇ)، چاغاتايچە(چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى ياكى كونا يېزىق) ئىككى كىرگۈزگۈچنى بىر تېما قىلىپ يوللىسام ھازىرغىچە تەستىقلانمىدى. تېمىلىرىمنىڭ تىزىملىكىگە قارىسام ھازىرغىچە تەستىق كۈتىۋاتىدۇ دەپ تۇرىدۇ. ئۇندىن باشقا بۇرۇن يازغان 3-4 تېمىدىكى ئازراق ئىملا خاتالىقىنى ئۆزگەرتسەم قايتا تەستىق ھالىتىگە كىتىپ قاپتىكەن. ھازىرغىچە شۇ پېتى تۇرىدۇ. نەچچە ئاي بوپ كەتتى. ئەسلى تەستىقلىنىپ بولغان تېمىتى.

باشقۇرغۇچىلار، بولسا مالال كۆرمەي مىنىڭ نامىمدىكى تېمىلارنى بىر ئىزدەپ تېپىپ تەستىقلىۋەتسەڭلا!

sarwan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 15:23:40

alpbeg يوللىغان ۋاقتى  2014-9-27 14:17 static/image/common/back.gif
ئۇ كىرگۈزگۈچنى چۈشۈردۈم، ئەمما قاچىلانمايۋاتىدۇ. سار ...

ئۇ كىرگۈزگۈچنى چۈشۈردۈم، ئەمما قاچىلانمايۋاتىدۇ. سارۋان ئەپەندىنىڭ تەلىم بېرىشىنى ساقلايلى.

بۇ ئىككىلا كىرگۈزگۈچ سىناقتىن ئۆتكەن. تىل تەتقىقاتچىلىرى ئىشلىتىۋاتىدۇ. ھازىرغىچە قاچىلانمايدىغان خاتالىق كۆرۈلۈپ باقمىدى. بەقەت قاچىلاش جەريانى بەك ئاددى. بىر قەدەم بىلەنلا قاچىلىنىدۇ.
windows 8 سىستېمىلىق بەزى كومپيۇتېرلاردا كۆرۈلگەن مەسىلە تىل تاللاش سىتونىدا ئورخۇنچە كۆرۈنمەيدۇ. ئەمما يازغىلى بولىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا alt+shift بىرىكمە كونۇپكىلىرىنى بىرلىكتە، تەكرار بېسىش ئارقىلىق سىستېمىدا تاللانغان كىرگۈزگۈچلەرنى ئۆز- ئارا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.

بۇ كىرگۈزگۈچلەرگە ئايرىم خەت نۇسخىسى تەمىنلەنمىگەن. چاغاتايچە ئۈچۈن ئۇ.ك.ئى.ج نىڭ نەسىخ خەت نۇسخىسىنى ياكى پارسچە، ئوردۇچە خەت نۇسخىلىرىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ئورخۇنچە ئۈچۈن ۋىندوۋس 7،8 لەردە تەمىنلەنگەن seigu ui دېگەن خەت نۇسخىسىنى ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ.

مەن بۇرۇن خېلى كۆپ تىلچىلارنىڭ قەدىمىي يېزىقلارنى كىرگۈزگەندە كىرگۈزگۈچ يوق، ھەرپلەرنى كۆچۈرۈپ چاپلاپ خەت يازغانلىقىنى كۆرگەن. بۇ ناھايىتى ئاۋارچىلىق ئۇسۇل. بۇ كىرگۈزگۈچ شۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ياسالغان. ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن زۆرۈرىيىتى يوق. شۇڭا بۇ قەدىمىي تىللارنى كىرگۈزۈش ئىھتىياجى يوقلارنىڭ بۇ كىرگۈزگۈچلەرنى قاچىلىشىنى تەۋىسسىيە قىلمايمەن.

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 16:07:59

قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ  يوقما؟  مەن موڭغۇلچە كىرگۈزگۈچتە يازسام توغرا بولمىدى.

imirghazi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 17:28:33

ماۋۇ كۆپ ئىقتىدارلىق كىرگۈزگۈچ ، كىرگۈزمەكچى بولغان تىلنىڭ ھەرپ كودىنى قوشۇۋەتسىلا بولىدۇ، بۇنىڭ ئۇيغۇرچە قېتىلغىنىنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تورىدا ئىشلەتكىنىنى كۆرگەنتىم بۇرۇن . ئىشقىلىپ بەك پېچەت كىرگۈزگۈچ بۇ.....

imirghazi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 17:47:55

بۇ يەردە يەنە بىر خىل كىرگۈزگۈچنىڭ كودى بار ، بۇ ھازىرجاۋاب قوليازما كىرگۈزگۈچنىڭ كودى بولۇپ توربەت ياپۇنچە بولغاچقا بەزى گەپلەرنى چۈشىنەلمىگەنتىم، مېنىڭچە بۇ كود بىلەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ سۆزلۈك ئامبىرىنى بىرلەشتۈرسەك ئۇيغۇرچە ھازىرجاۋاب قوليازما كىرگۈزگۈچ ياسىغىلى تامامەن بولاتتى، ئەگەر قىزىقىدىغانلار بولسا ھەپىلىشىپ باقسا بولىدۇ.
http://www.chasen.org/~taku/software/ajax/hwr/
Ajax を使った手書き文字認識

Elder يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 20:46:33

sarwan يوللىغان ۋاقتى  2014-9-27 15:23 static/image/common/back.gif
بۇ ئىككىلا كىرگۈزگۈچ سىناقتىن ئۆتكەن. تىل تەتقىقاتچ ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

ئاۋۋال بۇ كىرگۈزگۈچنى ياساپ چىققىنىڭىزغا رەھمەت. لېكىن چاغاتايچە كىرگۈزگۈچنى چۈشۈرگەنتىم، ۋىندوس 8 سېستىمىدا بۇنى قاچىلاپ ئىشلىتەلمەيۋاتىمەن. تەلىم بەرسىڭىز.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 21:22:45

ئالامەت ئېسىل ئىشتىن بىرسى بوپتۇ! {:112:}{:112:}{:112:}

bayawat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 14:54:15

ئەمدى ھازىرقى  يىزىق بىلەن ئورخون يىزىقىدىكى ھەرىپلەرنىڭ سىلشتۇرمىنى يوللىۋەتكەن بولسا  تخىمۇ  ياخشى بۇلاتتىكەنتۇق،
بەت: [1]
: ئورخۇنچە كىرگۈزگۈچ