kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 21:19:38

ياخشى چۈشۈرگۈچ ئېلىپ كەلدىم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى

مەن بۇرۇندىن تارتىپ ‹‹Internet download manager ›› دىگەن چۈشۈرگۈچنى ئىشلىتىۋاتاتتىم ، بۇ چۈشۈرگۈچنىڭ چۈشۈرۈش سۈرئىتى تىزبولىشىدەك ئالاھىدىلىكى بىلەنئالدىنقى قاتاردا ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە بىراق بۇنى ئىشلىتىش ئۈچۈن بىر قانچە باسقۇچتىن ئۆتۈشكە توغرا كىلەتتى ، بۇ باسقۇچلار بەلگىلىك سەۋىيە تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ نۇرغۇنلىرىمىز ئۆتۈپ كىتەلمەيتتۇق ، بۈگۈن بۇنىڭ مۇشۇ باسقۇچلاردىن بىۋاستە ئۆتۈپ كىتىتىغان نۇسخىسىنى تاپتىم ، قېنى ئىشلىتىپ كۆرۈڭلار
ھەرقانداق توربەتتىن ناخشا ياكى كىنو قويسىڭىز چۈشۈرەمسىز دەيدىغان ئالاھىدىلىكىمۇ بار تېخى:lol

يۇقۇردىكى ئىككى ھۆججەتنىڭ 3MBلىقىنى ئاۋال چۈشۈرىسىز ئاندىن كېيەيتىلگەن نامىنى z01غا ئۆزگەتىپ ساقلايسىز، ئاندىن كىيىن 1.3MBلىق ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ بايىقى ھۆججەت بىلەن بىر يەرگە قويۇپ خالىغان بىرنى يىشىسىز ئاندىن دىتالنى ئېچىپ قاچىلاڭ.
كېيەيتىلگەن نامىنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى :

ئۆزگەرتمەكچى بولغان دىتالنىڭ ئۈستىگە مائۇس ئىستىرىلكىسىنى ئەكىلىپ ، مائۇسنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىنى باسىسىز ، ئاندىن رەسىمدىكىدەك ئاخىزقى ئۈچ خەت كېڭەيتىلگەن نام بولىدۇ ، شۇنى ئۆچۈرۋېتىپ z01نى كىرگۈزۈپ مۇقۇملاڭ.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 22:06:42

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ilter تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-9-26 22:19

ئورنىتىپ بولدۇم 安装成功   ئەندى قاندا ئىشلىتىمىز ؟ ناخشا قويسام چۈشىرەمسىز دىمىدىغۇ ؟
شۈنلىدە چۈشۈرگەن كىنولارننىڭ چۈشىرىش ئادىرىسىنى چاپلاپ بۇيرۇق بەرسەم سىكونتىغا 200 دىن چۈشتى ، شۈنلىدە 3م دىن چۈشەتتى ، سىزنىڭ چۈشىرىش سۈرئىتى تىز دىگىنىڭىزقاندا چۈشىرىشنى كۆرسىتىدۇ

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 23:59:20

ئاۋۇ رەسىمدىكى ئىسىم ئۆزگەرتىش نىمە دىگەن ئاۋارىچىلىق…
重命名 قىلسىلا بولمىدىمۇ ؟

SATAN يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 00:15:23

ماڭاIDM   نىئىشلىتىۋاتقىلى ئۇزۇن بولدىئىشلىتىش بەك ئاددى ھەم چۇشۇرۇش سۇرئىتى تىز.
قىزىقىدىغانلار ئزدەش ماتۇرىغا IDM دەپ كىرگۇزۇپ ئەڭ يىڭى نەشىرىنى چۇشۇرۇپ ئىشلىتىپ باقساڭلار بۇلىدۇ .
بۇ تور ئادىرىستا IDM نىڭ ئۇيغۇرچەئىشلىتىش چۇشەندۇرىلىشى باركەن.ئەمىلىيەتتە ئىشلىتىش بەك ئاددى .
http://www.torhumar.com/idm-download-internet-music-video-mtv.html

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 08:55:17

iltersh يوللىغان ۋاقتى2014-9-26 23:59 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ رەسىمدىكى ئىسىم ئۆزگەرتىش نىمە دىگەن ئاۋارىچىلىق ...

بەزى كومپىيوتېرلاردا كېڭەيتىلگەن نام چىقمايدۇ ، تەپسىلى باسقۇچلىرىنى كۆرسىتىپ قويدۇم ،

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 09:29:54

ماڭا ھەقلىق نۇسخىسىنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىۋاتقىلى 3يىل بولدى. چۈشۈرۈش سۈرئىتى تېز، قالايمىقان بەتلەر ئېچىلىۋالمايدۇ.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 10:22:04

ھەقىقەتەن ياخشى چۈشۈرۈش قورالى بۇ، يا ئېلانى يوق، يا باشقا خۇيى يوق

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 15:17:52

SATAN يوللىغان ۋاقتى2014-9-27 00:15 static/image/common/back.gif
ماڭاIDM   نىئىشلىتىۋاتقىلى ئۇزۇن بولدىئىشلىتىش بەك ئ ...

چۈشۈردىم ملىكىن ئىشلىتەلمىدىمغۇ .

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 15:18:27

بىرنىمىلىنى دەپ تۇرىۋالدى ،بۇلمىدى ھەي .

imirghazi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 17:12:05

بەيدۇقاتارلىق ماقالە ئامبىرىدىن ماقالە چۈشۈرمەكچى بولغانلار iDocDown نى ئىشلىتىڭلار ، بەيدۇلىساڭلار چۈشۈرۈش ئادرېسى چىقىدۇ، بەيدۇدىن چۈشۈرمەكچى بولغان ماقالىنىڭ تور بەت ئادرېسىنى كۆچۈرۈپ چاپلاپ چۈشۈرۈش كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىزلا بولىدۇ. بەيدۇغا تىزىملىتىش ، ئاقچا تۆلەش قاتارلىق ئاۋارچىلىقلاردىن خالىي بولىسىز . بەك قولاي .....

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 19:36:03

tarim222 يوللىغان ۋاقتى2014-9-27 09:29 static/image/common/back.gif
ماڭا ھەقلىق نۇسخىسىنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىۋاتقىلى 3يىل ب ...

مەنمۇ بۇ دېتالنى ھەر قاچىلىسام بىر ئايدىن كىيىنلا ئىشلىمەي ، ھەقلىق نۇسخىسىنى ئالايمىكىن دەپ ئويلاۋاتقان ،
بۇ IDMنى ھەقلىق سېتىۋالماقچى بولساقباھاسى نەچچە پۇل ؟بىر قېتىم پۇل تۆلەپ سېتىۋالساقلا بولامدۇ ياكى ھەر يىلدا پۇل تۆلەيمىزمۇ ؟قانداق سېتىۋالىمىز ؟

SATAN يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 14:36:19

چۈشۈردىم ملىكىن ئىشلىتەلمىدىمغۇ .
چۇشۇرگەن بولسىڭىز نۆرمال قاچىلاپ ئىجىرا قىلسىڭىز بىردەمدىلام قاچىلىنىدۇ بەك يەڭگىل دىتال بۇ .
قاچىلىنىپ بولغاندىن كىيىن vdioeبولسۇن ياكى mp3بولسۇن خالىغانچە چۇشۇرۇپ ئىشلىتەلەيسىز . يىنە سىناپ بېقىڭ .

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 20:19:58

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 08:55:22

mohsin يوللىغان ۋاقتى2014-9-27 19:36 static/image/common/back.gif
مەنمۇ بۇ دېتالنى ھەر قاچىلىسام بىر ئايدىن كىيىنلا ئىش ...

چۈشۈرۈش ئادرېسى:
http://www.internetdownloadmanager.com/download.html

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 19:16:51

سىز يوللىغان دىتال ھۆججىتى بۇزۇلۇپ كەتتىمۇ نىمە ؟ پىرىستىن يەشكىلى بولمىدىغۇ .
بەت: [1]
: ياخشى چۈشۈرگۈچ ئېلىپ كەلدىم