nuzgum يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 18:50:17

يەكلەنگەن پەرزەنت-ياتلاشقان قېرىنداش

        يېزىنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرى خۇددى جەننەتنىڭ ھىدىنى پۇرىتىدۇ. ئەمما نەچچە يىلدىن بۇيانقى يامغۇر-يېغىننىڭ كۆپلىكى ھەم كەلكۈن ئاپىتىنىڭ تەسىرىدىن كېۋەز ھەم تاۋۇزلارنىڭ بازىرى كاساتلاشقاچقا، نامراتچىلىقمۇ بۇ يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ گېلىدىنلا بوغقانىدى.
       نامرات بىر ئائىلە كىشىلىرى تاماقتىن كېيىنكى كىچىككىنە ئائىلە يىغىنى ئاچتى.
       ئانا ئېغىر خۇرسىنغان ھالدا چوڭ ئوغلى زاكىرغا قاراپ:
      - بالام، ئەمدى سەن ئۆينىڭ چوڭى بولغاندىكىن، ئوقۇشتىن چېكىنمىسەڭ، ئۇكىلىرىڭنى ئوقۇتمىساڭ بولمايدۇ، كۆرۈپ تۇرىۋاتىسەن داداڭ ئىككىلىمىز ئېتىز ئىشلىرىغا يېتىشىپ بولالمىدۇق... ئۇكىلىرىڭنىڭ ئوقۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگىن!
      بىر ئاز سۈكۈتتىن كېيىن، ئەمدىلا 15 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغاچقا بۇرۇتلىرى سەل خەت تارتقان بۇ يىگىت ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ئۈن تىنسىز سىرتقا قاراپ ماڭدى. ئۇنىڭ ھەقىقەتەن مەكتەپتە ئوقۇغۇسى بار ئىدى. ئۇ پەقەت كۆز يېشىنى ئۇكىلىرى ۋە ئاتا-ئانىسى ئالدىدا يوشۇرۇش ئۈچۈنلا سىرتقا چىقىپ كەتتى. ئارقا ھويلىدا كۆچەت تىكىپ قويۇلغان بولۇپ، زاكىر شۇ كۆچەتلىكنىڭ قىرىدا ئولتۇرۇپ ئۈنسىز ياش تۆكۈۋاتاتتى. مەكتەپتە ھەممىدىن ياخشى ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن ھەممەيلەننىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن، ھەمدە ئەڭ مۇھىمى مەكتەپتىن چېكىنىش تۈپەيلى ئۇ پارتىدىشى ھەم ئۆگىنىشتىكى كەسكىن رىقابەتچىسى رەنانى ئەمدى كۆرەلمەيدۇ.
      يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى ئېگىز ھەم قېرى دەرەخلەر بىر بىرىگە باغلانغان بولۇپ، خۇددى ئۇزۇن كەتكەن يېشىل كارىدورنى شەكىللەندۈرگەنىدى. بۇ يولدا مەكتەپ فورمىسى كىيىپ، ۋېلىسپىت مىنىپ كېتىۋاتقان رەنا شۇقەدەر سۈزۈك ھەم چىرايلىق. ئۇ ۋېلىسپىت مىنىپ كېتىۋاتقاچ ئېغىزىدا دەرسلىكتىكى بىر نېمىلەرنى يادقا سۆزلەپلا ماڭاتتى.
رەنا مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىپ كېتىۋاتقان بالىلار ئارىسىدىن بىر كىمنى ئىزدىگەندەك ئالدى كەينىگە قاراپ تۇراتتى. سىنىپ ئىچىدىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭ قوڭغۇراق چېلىنىشى بىلەن تەڭ بېسىقتى، رەنا يېنىدىكى ئورۇنغا قاراپ خىيالغا چۆكۈپ كەتتى، «زاكىرغا نېمە بولغاندۇ؟ ئاغرىپ قالمىغاندۇ ھە؟!». شۇ ئەسنادا ئوقۇتقۇچى كىرىپ كەلدى، ھەممەيلەن جىمجىت ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى-دە، تېزلىكتە كەينى تەرەپكە يەنى زاكىر بىلەن رەنانىڭ پارتىسىغا قاراشتى. رەنا بولسا ئوقۇتقۇچىسىدىن جاۋاب كۈتىۋاتقاندەك قاراپ تۇراتتى:
     -ئولتۇرۇڭلار!- ئوقۇتقۇچى ئېغىر تىنغاندىن كېيىن، سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،- سىنىپ باشلىقىمىز زاكىر مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئوقۇشتىن چېكىنىپتۇ. رەنا سىز ئورنىغا سىنىپ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەڭ!
    رەنا ئورنىدا ئولتۇرۇپ خۇددى بىر ئىشنى خاتا قىلغان كىچىك بالىدەك تىرنىقىنى تاتىلاپ ئىچ ئىچىدىن ئۆرتىنەتتى، تىت-تىت بولاتتى.
        ھەر كۈنى سەھەردە كېچىكىپ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئانىسى تەييارلاپ قويغان ناشتىنى زورىغا يەپ، ئالدىراش دەرۋازىدىن چىقىدىغان سابىر بىلەن گۈلنار ئاكىسىنىڭ قويلارنى قوتانغا ھەيدەپ ئەكىرىپ كېتىۋاتقان ۋاقتىدا دوقۇرۇشۇپ قالاتتى. مانا بۈگۈنمۇ تازا ئالدىراپ مەكتەپكە ماڭغاندا، بۇ ئوتتۇز نەچچە تۇياق قوي دەرۋازىغا كەپلىشىپ قېلىپ، ئۇلارغا چىققۇدەكمۇ ئارىلىق قويمىغانىدى.
      - ۋاي ۋۇي ئاكا، قويلىرىڭنى كۈندە مۇشۇ چاغدا قايتۇرۇپ ئەكىلىدىكەنسەن، يا بىر كېيىن يا بىر بۇرۇن ئەمەس! ئەجەب بىر!
      - مېنى ئوقۇتمىدى دەپ بىز بىلەن قېرىشمايۋاتقانسەن ھە؟- سابىرنىڭ بۇ سۆزى زاكىرنىڭ يۈرىكىنى ئەزدى. زاكىر ئارتۇق گەپ قىلمايدىغان شۇنداق ئېغىر بېسىق بالا بولغاچقا، ئىنى سىڭىللىرىغا تۈگۈل ئاتا-ئانىسىغىمۇ ئارتۇق گەپ قىلمايتتى، پەقەت نېمە ئىش بولسا شۇنى ئۆزىنى بىلىپلا قىلاتتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ ئۆينىڭ بىر مالىيىدەكلا!
      يېزىلىق مەكتەپتىكى بىردىنبىر ئەلاچى ھەم گۈزەل قىز رەنا زاكىرنىڭ خەۋىرىنى ئالالمىغاندىن كېيىن، گۈلنارنى ئىزدەپ سىنىپىغا كىردى.
      - گۈلنار، سىزدىن سورايدىغان ئىش بار ئىدى، بۇياققا چىقىڭە!- گۈلنار ئۇنىڭ نېمە سورايدىغانلىقىنى بىلگەچكە ھەيرانمۇ قالمىغان قىياپەتتە، قولىدىكى ئەينەكنى پارتىسىنىڭ ئىچىگە سېلىۋېتىپ، ئاستا قەدەم ئېلىپ رەنانىڭ كەينىدىن ماڭدى. ئۇلار تىكتاك توپ مەيدانىنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇردى، رەنا ئېغىز ئاچتى:
      - زاكىر ئۇ،،، نېمىشقا ئوقۇشتىن چېكىندى؟ ئۆيۈڭلاردا بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟- گۈلنار ئىككى پۇتىنى سوزۇپ، تىزىنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ، قىسقىلا قىلىپ جاۋاب بەردى:
     - شۇ، پۇل يوق!
      رەنا ئارتۇق سوئال سورىيالماي، ئولتۇرۇپ قالدى، گۈلنار ئۇنىڭ چىرايىغا بىردەم قارىۋەتكەندىن كېيىن،«مۇشۇ چىرايى بىلەن ئاكامغا كۆيۈپ يۈرەمدىكىنە؟ توۋا! پادىچى قاسماققا...»
      ناماز بامدادتىن كېيىنلا قويلارنى ھەيدەپ، يايلاققا ماڭىدىغان زاكىر قولتۇقىغا بىر كىتابنى قىستۇرۋېلىشنى قەتئىي ئۇنۇتمايتتى. قايتىش يولىدا پەقەت رەنانى يىراقتىن كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە ماڭىدىغان ۋاقتىدا قويلىرىنى ھەيدەپ قايتىپ كېلەتتى.
     بىر كۈنى قويلارنى ھەيدەپ كېلىۋاتقان زاكىر يىراقتىن ۋېلىسپىتنى ئوڭغۇل-دوڭغۇل يولدا مىنىپ كېلىۋاتقان رەنانى كۆرۈپ، يوغان بىر دەرەخنىڭ كەينىگە مۆكۈنىۋالدى، يەنە بىر قارىغۇدەك بولسا، رەنا يىقىلغان ھالدا يەردە ياتاتتى. زاكىر ھېچنېمىنى ئويلىماستىنلا، يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنى يۆلىدى. رەنا ئورنىدىن تۇرۇپلا، كۈلۈپ كەتتى. بولغان ئىشتىن بىخەۋەر زاكىرمۇ رەناغا ئەگىشىپ كۈلۈپ كەتتى.      رەنا:
     - ئەسكىكەنسىز، مېنى كۆرۈپ تۇرۇپ، مۆكۈۋالدىڭىز! - زاكىر قىزارغان ھالدا، رەنانىڭ سومكىسىنى يەردىن ئېلىپ، ۋېلىسپىتنىڭ سېۋىتىگە سېلىپ قويۇپلا، ئۈن تىنسىز كېتىپ قالدى. رەنا:
      - كىتابىڭىز چۈشۈپ قالدى! !
.......ئۈچ يىلدىن كېيىن....
     رەنانىڭ ئۆيى بىر خۇشاللىققا چۆمگەن كۈن، بۇ خۇشاللىق دەل ئالىي مەكتەپنىڭ چاقىرىقى سەۋەبىدىن بولغان. رەنا، ئىشىكتىن ئۇچقاندەك چىقىپ، زاكىرنىڭ ئېتىزى تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى.
      ئاپئاق ئۇزۇن كۆينەك كىيگەن، تەبىئىي بۈدرە كەلگەن سۇس سېرىق چاچلىرىنى قويۇۋەتكەن، قونچاقتەك سۈزۈك بۇ قىز كۆزلىرىدە خۇشاللىقمۇ ياكى ئازابلىقمۇ ئىشقىلىپ ياش ئېقىتىپ كېتىۋاتتى.
      ئېتىز قىرىدا ئولتۇرۇپ، كىتاب ئوقۇۋاتقان زاكىرنىڭ كۆزى يۇمران ۋە ئىسسىق بىر جۈپ قول بىلەن ئېتىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قوپال ھەم يىرىكلەشكەن ئەمما مېھرى ئىسسىق قوللىرى بىلەن بۇ بىر جۈپ قولنى تۇتۇپ، كەينىگە قارىدى.
      - رەنا؟!
     - ھە ئە، مەن! خۇش خەۋەر زاكىر!
     - ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپسىزما؟!
     -شۇنداق، قاراڭ، شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋېرسىتېتىغا ئۆتۈپتىمەن! بىراق....
     -نېمە بىراق، مۇبارەك بولسۇن، بۇ بىر زور خۇشاللىق!
     رەنا ئايرىلىشقا چىدىمايدىغانلىقى قانداقمۇ دېيەلىسۇن؟ نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ بىر قىز بالىدە، زاكىر ئېغىز ئاچماي تۇرۇپ، رەنا ئۆزىنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېيتسا قانداق بولىدۇ؟ بۇ مەنتىقىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇدە ئەلۋەتتە!
پەقەت خەت يېزىش ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغان مۇھەببەت، ھەر ئىككەيلەنننىڭ ئېغىزىدىن چىقمىقى تەس بولدى. رەنامۇ ئىككى مېتىر يىراقتىكى ئېتىز قىرىدا يۈرەكلىرى سالغان ھالدا ئولتۇراتتى. زاكىرمۇ ئورنىدىن مىدىرلىماي ئولتۇراتتى. زاكىر ئاخىرى ئېغىز ئېچىپ:
     - كەچ بوپ قالمىسۇن، ئۆيىڭىزگە قايتىڭ، مەنمۇ ئىشىمنى قىلاي!
     - ئەمسە قولىڭىزدىكى خەتنى ماڭا بېرىڭ! - رەنا شوخلۇق بىلەن قولىنى چىقىرىپ زاكىر تەرەپكە سۇندى. زاكىر قىزارغان ھالدا، كۈلۈپ تۇرۇپ:
     - سىزگە بېرىمەن دېگەنمىتىم؟!
     -ماڭا بەرمەي بېقىڭە قېنى!؟
      زاكىر قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى، ئۇ ھەقىقەتەن ئۇزۇن بولغانىدى بۇنداق ئىچ ئىچىدىن چىقىرىپ كۈلۈپ باقمىغىلى. شۇنداق ئۇزۇن كۈلدى. رەنا خەتنى ئېلىپلا يۈگرىگەن پېتى قېچىپ كەتتى.
      ئۆيىگە كىرىپلا ئالدىراش ئىشىكنى تاقاپ، خەتنى ئوقۇشقا باشلىدى.
     « مەن بۇ خەتنى قانداق يېزىشنى ھەم قانداق باشلاشنى ئۇقمىدىم، يەنىلا سالامدىن باشلاي!
     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن ئۈچۈن بىردىنبىر خۇشاللىق ئەلچىسى بولغان گۈزەل پەرىشتەم!
مەن مەكتەپتىن چېكىنگەن كۈندىن باشلاپ، سىزنى نەقەدەر ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. بىراق، سىز بەلكىم ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇيسىز، چوڭ شەھەرلەردە ئوقۇپ خىزمەت قىلىسىز. مەن بولسام بىر ئاددىي دېھقان، ئاددىي پادىچى خالاس!
سىزگە كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلمىسام، بىر ئۆمۈر پۇشايماندا قېلىشىم مۇمكىن، مەيلى سىز قەيەردە بەختىڭىزنى تېپىڭ، سىز بەختلىك بولسىڭىزلا مەن ھەم بەختلىك بولغان بولىمەن. ئەگەردە شۇ چوڭ شەھەرلەردە قىينىلىپ ياكى كۆڭلىڭىز يېرىم بولۇپ، ھەرخىل قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراپ قالسىڭىز مانا بۇ يېزىمىزغا مانا مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كېلىڭ، سىز ئۈچۈن بولسىمۇ ياخشى تۇرمۇش قۇرالايمەن!
                  سىزنى ياخشى كۆرگۈچى زاكىردىن!
                                                                          پەرىشتەم- رەنا!»
      بۇ تورمۇزى يوق كۆز ياشلار يەنە ئېتىلىپ چىقىشقا باشلىدى. لېكىن بۇ قېتىمقىسىمۇ يەنىلا خۇشاللىق ھەم ئازابلىق ئورتاقلانغان ياش ئىدى. چۈنكى، زاكىرنىڭمۇ ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىدىن خۇشال بولغان بولسا، ئايرىلىپ نەچچە يىل كۆرۈشمەي ئۆتۈشنى ئويلاپ ئازابلىناتتى.
      زاكىر ئېتىزدىن ئەكەلگەن، ئوت-چۆپلەرنى ھارۋىدىن چۈشۈرۈپ بولغۇچە ئات جىم تۇرماي ئۇياق-بۇياققا مېڭىپ كەتتى. قېرىشقاندەك، چىرايلىق ياسىنىپ ساۋاقداشلىرى بىلەن قۇدۇق بېشىدا كۆرۈشۈشكە ماڭغان گۈلنار ئاتتىن قورقۇپ كېتىپ، يىقىلىپ كەتتى. ئۇنىڭ تىزى بىلەن جەينىكى تېرىسى سۈرۈلۈپ ئازراق قان چىقىپ كەتكەنىدى. بۇنى كۆرگەن، ھەمرا ئانا قولىدىكى تەڭنىنى تاشلاپلا يۈگرۈپ كېلىپ، ئەتىۋارلىق قىزىنى يۆلىدى:
      - ۋاي چىرايلىق قىزىم، جېنىم بالام، ئاغرىدىمۇ؟ - زاكىرغا قاراپ، ئاچچىق بىلەن:
      - ھەي بەز، قارىغىنا سىڭلىڭنى قورقۇتىۋەتتىڭ، كاللىسى ئىشلىمەيدىغان!
      داۋۇت دادا ئۆيدىن چىقىپلا، كالىچىنى ئېلىپ زاكىرنىڭ دۈمبىسىگە بىرنى سالدى-دە:
      - ئاتنى باشتا باغلاپ قويۇپ، ئاندىن ئوت-چۆپ چۈشۈرۈشنى ئۇقمامتىڭ؟ ئىسىت ئوخشاش ئاش- نان يەۋاتقان ئادەم تۇرۇپ، ئۇكىلىرىڭغا قارا! شۇنداق ئەقىللىق! سەنچۇ؟ ھۇ نان قېپى! ماڭ بېرىپ قوتاننىڭ قىغىنى چىقىرۋەت!
       بىر ئۆي كىشىلىرى بىرلىكتە كۈلكە چاقچاق تاماق يەۋاتقان، بىچارە زاكىر بولسا تىزىغىچە ئۆتۈكنى كىيىپ، بىر گۈرجەك بىر گۈرجەك كۆتۈرۈپ قىغ توشۇۋاتاتتى. ئۇمۇ تېخى بالا، ئۇنىڭمۇ قورسىقى ئاچىدىغاندۇ دەپ ھېچكىم ئويلىمىدى.
       ناگاندا بىر چۈشلۈك تاماقتا بىر ئۆيلۈك كىشىلىرى بىلەن بىرگە تاماق يېيەلىگەن زاكىر كىچىك بالىلاردەك ئىچ ئىچىدىن خۇشال بولۇپ كەتتى. ئۇ ئانىسىغا ياردەملىشىپ تاماقلارنى توشۇدى. سىڭلىسى قاچا-چوكىلارنى ئەچىقتى. بىراق ساناپ تۇردىكى زاكىر ئۈچ تەخسىنى ئەچىقىپ بولغاندىن كېيىن، ھەمرا ئانا بىر قاچا تاماقنى كۆتۈرۈپلا چىقتى، بۇنى كۆرگەن زاكىر:
      - ئانا ئۆزىڭىزگىچۇ؟
      -مانا، بۇ مېنىڭ!
     ئانىسىنىڭ ھېچ ئىش بولمىغاندەك قىياپەتتە تەخسىنى ئالدىغا قويۇشلىرى، دادىسى ۋە ئىككى قېرىندىشىنىڭمۇ ئۆز قاچىسىدىكى تاماق بىلەن بولۇپ كېتىشلىرى، ھەتتا داستىخاندا ئارتۇق چوكىنىڭمۇ يوقلىقىنى كۆرگەن زاكىر ئۆزىنى ھەقىقەتەن بۇ ئۆينىڭ ئەزاسى دەپ ھېسابلىغانلىقى بىر خاتالىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.
ئالتە يىلدىن كېيىن...
      ئېتىزدا كومبايىن كەينىدىن ئەگىشىپ ئىشلەۋاتقان پىشقان تەمبەل بىر ئەرنىڭ گەۋدىسى كۆرۈندى،ئېتىز بېشىدا توكسىكىلىتقا يۆلىنىپ تۇرغان بىر گۈزەل نازىنىن تېلېفون تۇتقان قولىنى شۇ يىگىتكە قاراپ پۇلاڭلاتتى. ئۇ يىگىتمۇ تېلېفوننى كۆتۈرۈپ، ئېتىز بېشىغا قاراپ ماڭدى:
      - ئىشتىن چۈشۈپسىزدە؟!- زاكىر رەناغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ سورىدى، رەنا بېشىنى يەڭگىل لىڭشىتىپ:
      - قورساق ئاچتىمۇ؟ بۈگۈن سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كۆكتاتلارنى قوشۇپ لەغمەن ئەتتىم ئىسسىقىدا يەۋېلىڭ ھە!- دېگەچ توكسىكىلىت كەينىدىن تاماق قاچىسىنى ئېلىپ زاكىرغا سۇندى.زاكىر تاماق قاچىسىنى ئالغاچ رەنانىڭ قولىنىڭ ئۈستىدىن سىلاپ تۇتتى-دە، قىزىرىپ  ئاناردەك گۈزەل بولۇپ كەتكەن رەناغا قاراپ:
      - رەھمەت سىزگە، كېلەر يىلى ئىنى- سىڭىللىرىم ئوقۇش پۈتتۈرسىلا ئۆيىڭىزگە ئەلچى كىرگۈزىمەن... مېنى ساقلاڭ!
      - ساراڭ، ئەسكى!- رەنا خىجىل بولۇپ، قولىنى ئىتتىك تارتتى، ھەمدە تېزدىن كەينىگە ئۆرۈلۈپ توكسىكىلىتقا مىنىپ، ئەگرى ئېتىز يولىدىن مېڭىپ كېتىپ قالدى.
      ئالتە يىلدىن كېيىنكى بۇ قورودا ھەقىقەتەن ئۆزگىرىش بولدى. قورو يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، ئۆينىڭ ئالدى كەينى مېۋىلىك كۆچەت ۋە ئارىسىدا كۆكتاتلار تېرىلغانىدى.
     -دادىسى، تاماق يەۋالسىلا!- ھەمراخان ئانىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى ھەم شۇنىڭ بىلەن بىرگە گۈللۈك كۆينەك كىيگەن بىر سېمىزرەك كەلگەن ئايال كىشىنىڭ گەۋدىسى كۆرۈندى.
      ئۈزۈم تەكنىڭ ئاستىدىكى كارىۋاتتا ئۆزىنى ئەمدىلا ئەپلەپ ئولتۇرغان داۋۇت دادا ئايالى ھەمراخان ئانىدىن سورىدى:
      -زاكىر يەنە تاماققا كەلمەي ئىشلەۋاتامدا؟
     - قوشنا ئېتىزدىكى ياسىن ئاخۇننىڭ دېيىشىچە بىر قىز داۋاملىق ئوغلىمىزغا تاماق ئەكىلىپ بېرىۋېتىپتىمىش، ئەنسىرمىسىلە!- ھەمراخان ئانا بىر ئىشنى پەملىگەچ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ،- راستلا شۇنداق بولسىغۇ، كېلەر يىلى تويىنى قىلىۋەتسەك، كېلىن راھىتىنى كۆرەتتىم.
     داۋۇت دادا كۆڭلى بىئارام بولغاندەك قىياپەتتە، چوكىنى داستىخانغا قويۇپ، سۆز باشلىدى:
    - بالىلارنىڭ چوڭى دەپ ئوقۇتالمىدۇق، ئەمدى يەنە ئۆي بولسىمۇ سېلىپ بەرمىسەك، بۇ بالا ئالدىدا ئۆزۈمنى يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن. دېگىنىڭ راستلا بولسا، ھازىردىن باشلاپ ئۆي سېلىشقا تۇتۇش قىلايلى!
     دادىسى بىلەن بىللە ئۆي سېلىشقا تۇتۇش قىلغان زاكىر، شۇنداق كەم سۆز بولسىمۇ، ئىچ ئىچىدىن خۇشال ئىدى، چۈنكى دادىسى ئۇنىڭغا كۆيۈنىۋاتاتتى. ئۇنىڭ تويى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتاتتى. مەيلى نېمىلا بولسۇن، ئۇ ئىشقىلىپ رەنانى ئەمرىگە ئالالايدىغان بولدى.
ئەمدى گۈلنارنىڭ مەكتەپ ھاياتىدىن بىر كۆرۈنۈشنى تىلغا ئالايلى!
      شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى مەكتەپ قوروسى ئىچىدىكى بۇ يىل مەكتەپ پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار خۇشال ھالدا رەسىم چۈشمەكتە، ئارىسىدىكى بىر قىز شۇنداق گۈزەل، ھەممە ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭ بىلەن بىللە رەسىم چۈشەيلى دەپ تۇراتتى. ئۇ بولسا ئىللىق تەبەسسۇم قىلىپ، ھەممەيلەن بىلەن ھەرخىل شەكىل ۋە چىراي ئىپادىسى چىقىرىپ رەسىم چۈشۈۋاتاتتى، تۇيۇقسىز تېلېفون كەلدى:
     - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھە ئاكا، رەھمەت، رەھمەت. مەن شۇ ھازىر مەكتەپ پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتىمەن، بىرەر قۇر كىيىم ئالاي دېگەنتىم، يەنە ساۋاقداشلىرىم بىلەن ساياھەت قىلاي دېگەن... شۇ  شۇ  .... راستما؟   رەھمەت ئاكا! ئەمسە كەچكىچە پۇل ئۇرىۋېتەرسەن ھە! ھە خوش!
      ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم رېستۇران ئىچىدىكى ساۋاقداشلار يىغىلىشىدا چىرايلىق ياسانغان قىزلار، كېلىشكەن يىگىتلەر ئۇسسۇل تانسا ئوينىماقتا. ھېچبىر قولدىن بىكار قالمىغان بۇ قىز دەل زاكىرنىڭ سىڭلىسى گۈلنار ئىدى.
      ئۇ مەكتەپ پۈتتۈرۈپ بولۇپلا، چەتئەلگە چىقىپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇيمەن دەپ غەلۋە قىلىپ، ئاخىرى فىرانسىيىگە چىقىپ كەتتى. ئانىسىنىڭ قان زار يىغلاشلىرى ئۇنىڭ ئوتتەك قىزغىنلىقىغا دەخلى قىلالمىدى. شۇنداق قىلىپ زاكىرنىڭ زىممىسىدىكى يۈك يەنىمۇ ئېغىرلاشقا باشلىدى.
      رەنانىڭ ئۆيىدىكىلىرى شۇنداق ئوڭلۇق ياخشى ئادەملەردىن بولۇپ، زاكىرنىڭ يېزىدىكى يىگىتلەرنىڭ ئالدى ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا ئىشچان بالا ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىككى ياشنىڭ تويىنى ئاددىيلا ئۆتكۈزۈپ قويدى. گەرچە رەنانىڭ خىزمىتى بار، زاكىر دېھقان بولسىمۇ، رەنا ئەزەلدىن پۇل ۋە خىزمەت توغرىسىدا زاكىرنىڭ غورۇرىغا تېگىدىغان ھېچبىر سۆزنى تىلغا ئالمايتتى. شۇنداق ئېھتىيات قىلاتتى.
      مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۈچ يىلدىن بۇيان مەكتەپ پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلمىگەن، بىراق ئايدا نەچچە قېتىم تۇرمۇش پۇلى سالدۇرۇپ تۇرىدىغان سابىر قايتىپ كەلدى.
      تۇيۇقسىز ئىشىكتىن قوغلاپ چىقىرىلغان سابىر يىقىلىپ قوپۇپ، دەرۋازىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى. ئۆي ئىچىدە قاتتىق يۆتەلگەن داۋۇت دادا، يېنىدا پىيالىدە سۇ تۇتۇپ تۇرغان ھەمراخان ئانا كۆز يېشى قىلىپ تۇرۇپ:
      - بۇ بالىنى شۇنچە جاپادا ئوقۇتۇپ چوڭ قىپ قويسا،  ئاكىسىغا مۇشۇنداقمۇ گەپ قىلامدۇ؟!
بوسۇغا يېنىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرغان زاكىر تىزىنى قۇچاقلاپ ئولتۇراتتى، ئۇ ئاستا ئورنىدىن قوپۇپ :
     - بوپتۇ دادا، سىلەر مەن بىلەن تۇرۇڭلار، رەنامۇ بالا بىلەن خىزمەتكە يېتىشەلمەيۋاتىدۇ، ئۆينى سېتىپ ئۇنىڭغا بېرەيلى!- دەپ بولۇپ ياندىكى ئىشىكتىن ئۆز ئۆيىگە چىقىپ كەتتى.
      رەنا ھازىر ئىككىنچى بالىسىغا ھامىلدار، بىراق، قېينئاتا-قېينئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ئەمدىلا ئىككى ياشقا كىرگەن قىزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش خىزمەتتىن سىرت بىر زور بېسىم ئىدى. شۇنداقتىمۇ، زاكىر ئالدىدا قەتئىي ۋايسىمايتتى. چۈنكى ھەممە ئەھۋال ئۇنىڭغا ئايان، زاكىرمۇ رەناغا كۆيۈنۈپ تۇرىدۇ، رەنا بىر ئىش قىلسا كۆرۈپلا قالسا تەڭ كەينىدىن يەنە بىر ئىشنى قىلىپ تۇرىدۇ.
سابىر ئاتا-ئانىسىنىڭ شۇنچە يىلدىن ئولتۇرغان چىرىقىنى ئۆچۈرمەي كەلگەن شۇ ئۆينى سېتىپ پۇلىغا سودا قىلىمەن دەپ شەھەرگە ئېلىپ كەتكەن پېتى يەنە يوقاپ كەتتى.
       بىر يىلى قۇربان ھېيتنىڭ ئالدىدا، داۋۇت دادا ئوغلى سابىرغا تېلېفون قىلدى، سابىر بولسا ئۈرۈمچىدىكى بىر شىركەت قۇرغان ئايالغا ئۆيلىنىپ، شىركەتنىڭ دېرىكتورى بولۇۋالغانىدى. ئۇ تېلېفوننى ئېلىپلا:
      - ھە دادا، مەن بۇ ھېيتتا قايتمايمەن، خالىدەنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزىمىز. بالىلار شۇ يەرگە ئامراقراق، يېزىغا بارسا ھېيتلىق كىيىملەرنى مەينەت قىپ كېتىدىكەن، خالىدەمۇ بىئارام بولىدىكەن. شۇڭا شۇ....- تېلېفوننى بېسىۋېتىپ، قايتۇرۇپلا ئايالىغا تېلېفون قىلدى: - جېنىم خوتۇن، كەچتە ساماۋەر قورۇمىخانىسىغا ئاپىرايمۇ؟ بالىلارنى ئېلىۋالايلى، ئوينىتىدىغان يەرمۇ باركەن... ھە، مەن سەل تۇرۇپ سىلەرنى ئالغىلى باراي!
       سابىر بولسا، باي باياشات، بىراق ئايالى خالىدەنىڭ قاپىقىغا قاراپ ئىش قىلىدۇ، قىل دېسە قىلىدۇ، قىلما دېسەم قىمىر قىلالمايدۇ. بالىلىرىمۇ بىر ئىش قىلماقچى بولسا دادىسىدىن رۇخسەت ئېلىشى بىھاجەت! ھەممە بۇيرۇق ئانىسىنىڭ قولىدا! ئىسىت سابىر!
مانا بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىمۇ يېتىپ كەلدى.
        رەنا ئىككى بالىسىنى چىرايلىق كىيىندۈرۈپ ھېيتلىق نازۇ نېمەتلەرنى داستىخانغا تىزىۋاتاتتى. زاكىر بولسا قۇربانلىق قوينى دادىسى بىلەن بىرگە سويۇۋاتاتتى. شۇنداق قىزغىن كەيپىيات. ھەمراخان ئانىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكىنىگە بىر يىل بولغانىدى. ئىككى نەۋرىسى مومىسىنىڭ رەسىمى سېلىنغان ئالبومنى كۆتۈرۈپ كىرىسلودا ئولتۇرۇپ، بىر بىرىدىن سوراشقا باشلىدى:
       - ئاچا، مومامنىڭ يەنە ئىككى نەۋرىسى باكەنتۇققۇ؟ ئۇلار نېمىشقا كەلمەيدۇ؟
      -ۋاي تاڭ، مەنمۇ ئۇقمىدىم، مەن پەقەت ھاممامنىڭ تويىدا ئۇلارنى كۆرگەن پېتى تا ھازىرغىچە كۆرۈپ باقمىدىم.
      - ھە، ئۇلار شەھەردە شۇنداقمۇ؟ بىزمۇ شەھەرگە كەتسەك بوۋامنىڭ قېشىغا كېلەلمەمدۇق؟
      - بەلكىم شۇنداقمىكىن، چۈنكى ئارىلىق بەك يىراقمىش....
بۇنى ئاڭلىغان رەنا كۆزلىرى ياش ھالدا ئاشخانىدا سەي توغراۋېتىپ ئۆز ئۆزىگە پىچىرلايدۇ:« شۇنداق، ئارىلىق بەكلا يىراق، كۆڭلىمىزدىنمۇ بىر بىرىمىزنى يۈتتۈرۈپ قويغۇدەك يىراق!»
      تۈن نىسبىدە، زاكىرنىڭ كىچىك ئوغلى ئۆيگە يۈگرۈپ كىرىپ، دادىسىغا ئېسىلىپ:
      - بوۋام، بوۋام،،،، ئۇ....
       ھەممەيلەن ئالدىراپ، ياندىكى ئۆيگە چىقتى، بايىلا نەۋرىسى بىلەن قىزغىن ئوينىشىۋاتقان داۋۇت دادا، كارىۋاتتا جىمجىت ياتاتتى. قولى ساڭگىلاپ قالغانىدى، ئىڭىكىمۇ ئاللىبۇرۇن چۈشۈپ كەتكەن دادىسىنى كۆرۈپ، زاكىر بىلەن رەنا ئۆزلىرىنى تۇتالماي قان-زار يىغلىدى.
      -دادا، ۋاي جېنىم دادا، مېنى يېتىم قالدۇردىڭىزغۇ دادا، ۋاي قانداق چىدايمەن دادا!
      قاباھەتلىك چۈشتەك، بىر قاتتىق نالە پەرياد كۆككە كۆتۈرۈلدى، مېيىت بولغان بۇ ئۆيدىن جىنازىنى كۆتۈرۈپ ماڭغاندا، كېلىن رەنا ئۆزىنىڭ خۇدىنى يوقىتىپ يەردىلا يېتىپ قالغانىدى، خالىدە بولسا قېنىق گىرىم قىلغان بولۇپ، ياندىكى ئاياللارغا پاراڭ سېلىپ تۇراتتى.
يەتتە نەزىرىسىدىن كېيىن، زاكىرنىڭ ئۆيى، رەنا ئىككى بالىسىنى ياتاق ئۆيىگە ئەكىرىپ :«سىلەر ئۇخلاڭلار ھە، چوڭلار پاراڭلاشقاندا ئاڭلىساڭلار بولمايدۇ!» دەپ قويۇپ، چىراغنى ئۆچۈرۈپ چىقىپ كەتتى.
       مېھمانخانا ئۆيدە، كىرىسلودا پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرغان سابىر، يېنىدا توڭ قاپاق ئولتۇرغان خالىدە تۇمشۇقلىرىنى ئۇچلايتىپ بىر نېمىلەردىن خاپا بولغاندەك قىلاتتى. زاكىر بولسا ئۈستەلنىڭ بۇ تەرىپىدە ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ تېلېۋىزورنى ئۆچۈرۋەتتى، رەنا ئاشخانىدا سامساق ئادالىغاچ مېھمانخانىدا بولۇنىۋاتقان پاراڭنى تىڭشىماقتا. سابىر:
     - ئاكا، بىز ئۈچ بالا، سىڭلىمىزغۇ چەتئەلگە چىقىپ كەتتى، ئۇنىڭدىن غەم قىلمىساقمۇ بولىدۇ، بىراق مەنمۇ شىركەتنى كېڭەيتىش ئويىدا ھازىر، بۇ ئۆينىڭ يېرىمى ئېنىقلا مېنىڭ، چۈنكى دادام ئاپامنىڭ ئوخشاش ئوغلى بىز. ئەگەردە ساتمىساڭ ئۆينى باھالىتىپ يېرىم باھاسىنى ماڭا نەق پۇل قىلىپ بېرىۋەت! قانداق دېدىم خوتۇن؟!- دېدى خالىدەگە قاراپ سەت ھىجىيىپ. خالىدەمۇ قوللاپ بېشىنى لىڭشىتتى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان رەنا قولىدىكى ياڭيۇنى ئەمبەلگە زەردە بىلەن قويدى-دە، مېھمانخانا تەرەپكە قاراپ ماڭدى. سابىر قولىنى چىقىرىپ، رەنانى توسقاندەك ئىشارەت قىلدى. ئېغىر بېسىقلىق بىلەن سۆز باشلىدى:
     - ئۇكام سابىر، ئۆزۈڭ ئويلاپ باق، ئەينى چاغدا مەن بىلەن دادام نېمە كۈنلەرنى كۆرۈپ سىلەرنى ئوقۇتتۇق؟ ئاندىن چوڭ ئۆينى سېنىڭ مۇشۇ شىركىتىڭنى قۇرۇش ئۈچۈن سېتىۋەتتۇق، توي قىلىشىڭ ئۈچۈن بىچارە ئانام شۇ ئازغىنە يېرىنىمۇ سېتىۋەتتى. ئەمدى دادام ئىككىمىز مىڭ تەستە سالغان مۇشۇ بىردىنبىر قوزۇقتەك ئۆيۈمنىمۇ مەندىن تالاشساڭ مەن قايسى سەۋەب بىلەن ساڭا بېرىمەن؟ يەڭگەڭنىڭ خىزمىتىگە قاراپ ئولتۇرۇپ مەنمۇ نومۇس قىلمامتىم؟ بالىلىرىم بار، سېنىڭكىگە ئوخشاش ئىككى، ئۇلار مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، سېنىڭ شەھەردە قانچە تور ئۆيۈڭ بار بۇ ماڭا نامەلۇم. خۇدا تاپقىنىڭنىڭ بەرىكىتىنى بېرە، مەندىن بۇنى بولسىمۇ تالاشما!
      - بۇ دېگەن يېزا تۇرسا، سەن چوڭ قىزىڭنى ئوقۇتمىساڭمۇ بولىدۇغۇ؟ مەن شەھەرگە ئېلىپ كېتەي، بىزنىڭ بالىلارغا قارىسۇن، يەنە نەچچە يىلدىن كېيىنلا شەھەردىن مەن بىر ياخشى يىگىت تاپاي تويىنى قىلسۇن، شۇ چاغدا راھەتكە چىقىسەن ئاكا.
      - ئاغزىڭنى يۇم! شۇ كىچىك چېغىمدىن باشلاپ ھەر قايسىڭنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ مۇشۇ كۈنگە قالدىم، ئەمدى مېنىڭ بالام بولسىمۇ ئوقۇشى كېرەك، ئاتا-ئانا ئۆز بالىلىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلمىسا، قېرىنداشلار مانا سەن بىلەن مەندەك بىر بىرىنىڭ دەرىجىسىنى ياراتمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ! مەندە پۇل يوق، سەندە بار، لېكىن سەندە ئىنساب يوق ۋىجدان يوق، لېكىن مەندە بار! قانچە ئالىسەن دە! بىراق ئەمدى بۇ ئۆيگە يېقىن يولىما، بىزنى ئارامىمىزدا ياشىغىلى قوي، ساڭا قېرىنداش ئەمەس پۇل لازىمكەن! دادامنىڭ قىرىق نەزىرىدىن كېيىن ساڭا ئالىدىغىنىڭنى بېرەي، جامائەت گۇۋاھ بولسۇن!
      - ماقۇل، بولىدۇ، ئەمسە قىرىق نەزىرىدە كۆرەي!- ئەر ئايال ئىككىلىسى ئىشىكنى جالاقلىشىتىپ يېپىپ چىقىپ كەتتى.
      مانا رەھمەتلىكنىڭ نەزىرىگىمۇ ئاز قالدى، بىراق دادىسى ھايات چېغىدا دوختۇرخانىغا كۆرسەتكەن، ھەم ھازىر بولسا جامائەتكە ئاش تارتىش ئۈچۈن تاپقان تەرگىنىنى ئىشلىتىۋەتكەن زاكىر ئىنىسى سابىرغا بېرىدىغان پۇلنى تېخى غەملىمىگەنىدى. سابىر ئۇ ئاسان نىيىتىدىن يانىدىغان ئادەم ئەمەس. بىر كۈنى رەنا كەچلىك تاماقتىن كېيىن سابىرغا بىر كارتىنى تۇتقۇزۇپ:
      - بۇنىڭدا مېنىڭ ئازراق بولسىمۇ يىغقانلىرىم بار، بىز توي قىلغاندىن بۇيان، سىز مېنىڭ مۇئاشىمنى قەتئىي ئىشلەتمەي كەلدىڭىز. ماڭىمۇ ئارتۇق چىقىم بولمىغاندىكىن ساقلاپ قويغان. كېيىنچە بالىلارنى ئوقۇتساق ئىشلىتەرمىز دەپ. ئۇلارغىمۇ ياراتقۇچى رىزقىنى بېرە، بوپتۇ بۇنى سابىرغا بېرىڭ. قېرىنداشلار ئارىسىدا زىددىيەت بولۇپ قالمىسۇن!
      زاكىر تۇنجى قېتىم ئايالى ئالدىدا خىجىللىقتىن يىغلىدى. ئىچ باغرىدىن تۆكۈلۈپ يىغلىدى:
      -سىزگە بەخت ئاتا قىلالمىدىم. سىزنى قىيناپ قويدۇم. كەچۈرۈڭ رەنا!
       رەنامۇ يىغلاپ تۇرۇپ بېشىنى چايقاپ، زاكىرنىڭ دېگەنلىرىنى ئىنكار قىلدى، ئىككەيلەن قوللىرىنى تۇتۇشۇپ يىغلىشىپ كەتتى.
سابىر قىلچە ئۇيالماستىن، رەھمەتلىك دادىسىنىڭ قىرقى نەزىرى كۈنى شۇنچە جامائەت ئالدىدا، ئاكىسى بەرگەن پۇلنى ئېلىپ، ئايالىنى قولتۇقلاپ ماشىنىسىغا چىقىپ ئۇزاپ كەتتى. نەزىرگە كەلگەن جامائەت ئۇنىڭغا قاراپ ياقىلىرىنى تۇتۇپ لەنەت ئوقۇشتى. بەزىلىرى زاكىرنى ئەيىبلەشتى:
      - بۇنداق ئاقكۆڭۈللۈك قىلغان بارمۇ؟ ئەسلىدىلا ئۇنىڭغا تەئەللۇق ئۆي ئەمەس تۇرسا بۇ؟!
شۇندىن ئېتىبارەن، زاكىر بىر ئائىلە كىشىلىرى باياشات بولمىسىمۇ خاتىرجەملىك ۋە مېھر-مۇھەببەتكە تولغان كۈلكە ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزدى.
سابىر زادى قانداق كۈن ئۆتكۈزىۋاتقاندۇ؟
       زاكىرنىڭ ئىككى بالىسى تولۇق ئوتتۇرىنى ئىچكىرىدە ئوقۇدى، ھەمدە ئەلاچى ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن ئوقۇش مۇكاپات پۇلىمۇ ئالدى. ئۇ بالىلىرىدىن شۇنداق سۆيۈنەتتى. بۇ ئايالى رەنانىڭ كۈچى ئەلۋەتتە.
       بىراق سابىرنىڭ چوڭ ئوغلى ئاق چېكىپ تۇتۇلۇپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەنلا بىر ئۆي سورۇلۇپ كەتتى، خالىدە بولسا، بارلىق بىساتىنى ئېلىپ، ئۆينىمۇ سېتىۋېتىپ قىزىنى ئېلىپ چەتئەلگە چىقىپ كەتتى. ھېچقانداق نەرسە ئۆز نامىدا بولمىغان سابىر قاق سەنەم بولۇپ، شەھەردە كۈنىنى ئالالماي، يەنە شۇ ئاقكۆڭۈل ساددا قېرىندىشىدىن پاناھلىق تىلەپ قايتىپ كەلدى. ئۇ ئاكىسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ قان-زار يىغلاپ ئۆتكۈزگەن قىلمىشلىرىغا پۇشايمان قىلىپ كەچۈرۈم سورىدى. زاكىر بولسا ئۇنى ئاللىبۇرۇن كەچۈرۋەتكەنىدى. ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەن بىرلىكتە قورو ئايرىپ، ئايرىم ئۆي سالدى. شۇندىن بۇيان سابىرنىڭ ھېچبىر چوڭچىلىقى ھەم تەماسى يوق ئىدى.
يازلىق تەتىلنىڭ بىر كۈنى. قەبرە بېشىدىن قايتقان زاكىر كۆرۈنەرلىكلا قېرىپ قالغانىدى. ئۇ ئۆيگە قايتىپ، رەنا ئەتكەن لەغمەننى يېگەچ، ئىككى بالىسىغا تەربىيە قىلدى :
       - بالىلىرىم، تاغاڭ بىلەن ھامماڭ يەنە مەن بىز بوۋاڭ موماڭلارنىڭ ئەڭ ئامراق ئۈچ بالىسى ئىدۇق، ئۇلار ھەقىقەتەن بىزگە ھەم بوۋا-مومىلىرىڭلارغا بەك مېھرىبان. سىلەرمۇ ياقا يۇرتلاردا بىر بىرىڭلارغا ھەمنەپەس بولۇپ، يار يۆلەك بولساڭلار ئاناڭلار ئىككىمىز سىلەردىن بەك خۇشال بولىمىز. ئاراڭلاردا بىر كىمنى پۇل ياكى بىلىم جەھەتتىن ھەتتا جىسمانىي جەھەتتىنمۇ كەمسىتىش بولمىسۇن! بىز بەك خاپا بولىمىز! بىزنىڭ ئائىلىمىزدىن ئېسىل ئادەم چىقسۇن! ھەر ئىككىڭلار بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئوخشاش بالا! مەڭگۈ مەڭگۈ... ئىناق ئۆتۈڭلار! چۈنكى سىلەر قېرىنداش....
                                        كۆچۈرۈپ باشقا سالونلاردا ياكى مۇنبەرلەردە تارقىتىشقا بولمايدۇ.
                                                              گۈلمىرە شەمشىدىن    2014-09-23

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 15:40:40

قېرىنداشلىق ،پۇل ، تۇرمۇش ،بايلىق .ھەممىسىلالازىم ماڭا .ھەم بار . ئاتائانا تەربىيىسى بەلكىم ئەڭ ئۇلۇغ تەربىيىدۇر .

iltebir107 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 18:46:44

بەكلا تەسىرلىك يازما ئىكەن.قېرىنداشلار ئارا مەيلى قانچىلىك زىددىيەتلەر يۈز بەرسۇن ،  قېرىنداش دېگە ن يەنىلا قېرىنداشلىق مېھىرىنى يەتكۈزۈىدۇ.

nuzgum يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 19:06:43

dillani يوللىغان ۋاقتى  2014-9-27 15:40 static/image/common/back.gif
قېرىنداشلىق ،پۇل ، تۇرمۇش ،بايلىق .ھەممىسىلالازىم ماڭ ...

ئاتا- ئانا تەربىيىسى ئەڭ مۇھىم ئەلۋەتتە. مەيلى بىز قانچە ياشقا كىرەيلى ۋە ياكى قەيەرلەردە خىزمەت قىلايلى، ئاتا-ئانا تەربىيىسىگە بىز بىر ئۆمۈر موھتاج.
بىراق، بەزى ئائىلىلەر بار، پەرزەنتلىرى كۆپ بولغاچقىمۇ ياكى نېمە سەۋەبتىن، بالىلىرىنى ئوخشاش كۆرمەيدىغان، بىرىنى ۋاي دېسە، بىرىگە ھاي دەيدىغان! ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئورتاق مېھرىبان بولسا دېگەن ئۈمىدتىمەن.

nuzgum يوللانغان ۋاقتى 2014-9-29 19:14:31

iltebir107 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-29 18:46 static/image/common/back.gif
بەكلا تەسىرلىك يازما ئىكەن.قېرىنداشلار ئارا مەيلى قان ...

پۇل ۋە مال دۇنيانى تېپىۋالالايمىز، ئاتا-ئانا قېرىنداشنى مۇمكىن ئەمەس قايتا بىر تاپالمايمىز!  ئارىمىزدا مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئوقۇيالمىغان ياكى ئائىلىسىدە قىينچىلىق بار قېرىنداشلىرىمىز بولسا، قېرىنداشلىق مېھرىمىز بىلەن كۆيۈنسەك، ئۆز قېرىندىشى ئالدىدا بويۇن قىسىپ قالمىسا دەيمەن. بولۇپمۇ ھېيتلاردا، يېزىدىكى ئاكىڭىزنىڭ بالىسى تاپقان ھېيتلىق پۇل بىلەن سىزنىڭ شەھەردە چوڭ بولغان بالىڭىزنىڭ ھېيتلىق پۇلىنى سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ. ئاندىن ئۇلارنىڭ كىيگەن ھېيتلىق كىيىملىرىنى سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ.  قېرىنداشلار ھەممەيلەن باراۋەر ياشايلى! ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت!

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 17:40:14

nuzgum يوللىغان ۋاقتى  2014-9-29 19:06 static/image/common/back.gif
ئاتا- ئانا تەربىيىسى ئەڭ مۇھىم ئەلۋەتتە. مەيلى بىز قان ...

ئۇنداق ئىش يوق ،نەدىمۇ ئاتا-ئانا بالىسىنى بىرخىل كۆرمىسۇن .بۇيەردىكى گەپ  ئاتا-ئانىڭىز نىڭ سىلەرقېرىنداشلارغابولغان مۇئامىلىسى  قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ مۇجەز-خارەكتىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .ھەم بۇنى سىزنىڭ ھېس قىلىشىڭىزبىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك .
بەت: [1]
: يەكلەنگەن پەرزەنت-ياتلاشقان قېرىنداش