ABC يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 13:43:52

سودا پۇرسىتىدىن يول تاپقان دېھقان

سودا پۇرسىتىدىن يول تاپقان دېھقان

     ئابدۇشۈكۈر راشىدىن، قەمەردىللا دولقۇن

   


   بۇلتۇر 12–دېكابىر قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئاۋات يېزىسى يار بېشى كەنتىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقىنىمىزدا، دەرۋازىسىنىڭ ھەشەمەتلىكى بىلەن كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان بىر قورۇنىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويۇلغان بىرقانچە ئېسىل پىكاپقا نەزەرىمىز چۈشتى.

    پاھ، نېمە دېگەن يوغان دەرۋازا ۋە ئېسىل پىكاپلار بۇ، دېھقانلار راستىنلا ھاللىق سەۋىيەگە يېتىپتۇ!؟ – دېدۇق ھەيرانلىق ۋە ھەۋەس بىلەن.

    پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئېتىبار سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسى ۋە ئىلھامىدا باي بولۇۋاتقانلار ئاز ئەمەس،–بىزگە ھەمراھ بولۇۋاتقان يېزىلىق پارتكومنىڭ ھەيئىتى، بىرلىك سەپ ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ھۈسەنجان توختى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى،–بۇ دەل ئالدىن بېيىۋاتقان دېھقاننىڭ قورۇسى، قىزىقساڭلار كىرىپ كۆرۈپ باقساق بولىدۇ،–ھۈسەنجان توختى شۇنداق دېگىنىچە بىزگە يول باشلىدى.

    چوڭ دەرۋازىغا چاپلانغان ‹‹ئانارچىلىق كەسپىي ئائىلىسى›› دېگەن قىزىل تاختا ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. پېشايۋانلىق ئازادە قورۇنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىگە خىشتا ئەمىن ئۆي سېلىنىپ، ئۆزگىچە بېزەلگەنىدى. ئوڭ تەرەپتىكى ئۆينىڭ ئالدىدا بەش–ئالتە كىشى تۇراتتى، ئۇلاردىن ئىككىسى لىققىدە ئانار شەربىتى قاچىلانغان چوڭ سولياۋ تۇڭنى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، ئۈچى ئالدىدىكى ئانار سىقىش ماشىنىسىدا ئانار سىقىۋاتقان كىشىگە قاراپ تۇراتتى. بىز ئۇلارنىڭ سۆز–ھەرىكىتىگە دىققەت قىلغاچ، چارەك ۋاقىت ساقلىغاندىن كېيىن، ئۇلار پۇللىرىنى ئالدىدىكى كىشىگە تەڭلىدى.

    ئالايىتەن شەھەردىن چىققىنىڭلاردا، سىلەردىن پۇل ئېلىپ سەت بولدى، مۇنداق قىلايلى، ھەر كىلوگىرام ئۈچۈن 20 يۈەندىن ئېلىپ قالاي، قالغىنى سىلەرگە قىلغان كۆڭلۈم بولۇپ قالسۇن.

    قارىسىلا، شەھەردىمۇ ھەر كىلوگىرامى 40 نەچچە يۈەن بولۇۋاتسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆزلىرى بىزگە ئەڭ ياخشى ئاناردىن شەربەت چىقىرىپ بەردىلە، شۇ بويىچە ھېسابلاپ پۇل ئېلىپ قالسىلا، بىز بۇنىڭدىن رازى.

    ئۇلارنىڭ ئۆزرە ۋە تەكەللۇپى خېلى داۋاملاشقان بولسىمۇ، ھېلىقى كىشىلەر بۇ ئىنسابلىق دېھقاننىڭ كۆڭلىنى ياندۇرالماي، ئۇنىڭغا قايتا–قايتا رەھمەت ئېيتىشىپ، قورۇ ئالدىغا توختىتىپ قويغان پىكاپلىرىنى قوزغاپ يولىغا راۋان بولدى.

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئىنىلىرىم، سىلەرنى ساقلىتىپ قويدۇم،–دېدى 50 نەچچە ياشلار چامىسىدىكى، ئوتتۇرا بوي، ئوچۇق چىراي بۇ دېھقان قىزغىن سالام بىلەن ئۆزرە ئېيتىپ.

    مۇخبىر ئىنىلىرىمنىڭ نەزەرى ماڭا چۈشكەن بولسا، بۇنىڭ ئۆزى مەن ئۈچۈن بىر ئامەت، چۈنكى، مەن تەشۋىقاتنىڭ كۈچىدە يول تېپىپ ھازىرقى كۈنگە ئۇلاشقان ئادەممەن،–دېدى زىيارەت قىلىپ كەلگەنلىكىمىزنى ئۇقۇپ.

    بىز ئۇ كىشىنىڭ سۆزىگە قىزىقىپ، تەجرىبە ۋە تەسىراتىنى تەپسىلىيرەك سۆزلەپ بېرىشىنى ئۆتۈندۇق.

    ئىنىلىرىم، سىلەر مەندىن ياخشىراق بىلىسىلەر، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى سىلەردەك مۇخبىرلار ئارقىلىق بىزگە يېتىپ، ھازىرقى كۈنىمىز بار بولدى، مەنمۇ ياخشى سىياسەتنىڭ ئىلھامىدا، يېزا ۋە كەنت رەھبەرلىرىنىڭ ھەر جەھەتتىن قوللىشى ۋە يېتەكلىشىدە كۈنۈمنى ياخشىلاشقا تىرىشىۋاتىمەن، بايا چىقىپ كەتكەن مېھمانلارنى تونۇمايمەن، ئۇلار قەشقەر شەھىرىدىن ئالايىتەن ئانار شەربىتى ئالغىلى كەلگەنلەر ئىكەن، بۇمۇ تەشۋىقاتنىڭ كۈچىدىندە.

    زىيارىتىمىزنىڭ ئوبيېكتى مۇھەممەد ھاجى يەتتە مو تېرىلغۇ يېرىدە سورتلۇق ئانار ئۆستۈرۈپ، ئىلمىي پەرۋىش قىلىپ، ئانارلىق باغ باشقۇرۇش ۋە چارۋامال باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىشقا تايىنىپ ھاللىنىشقا يۈزلىنىپتۇ؛ سورتلۇق ئانار يېتىشتۈرۈپ نام چىقارغاندىن كېيىن، ئانار ۋاسىتىچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆزىمۇ، ئەتراپتىكى دېھقانلارنىمۇ نەپكە ئېرىشتۈرۈپتۇ؛ بۇلتۇر يېزىدىكى دېھقانلاردىن 60 نەچچە توننا ئانار سېتىۋېلىپ، ئۈرۈمچى ۋە قوشنا ۋىلايەت(ئوبلاست)، ناھىيە(شەھەر) لەرگە يۆتكەپ، ھازىرغىچە 57 توننىسىنى سېتىپ، 50 مىڭ يۈەنگە يېقىن پايدا ئاپتۇ؛ كىچىك تىپتىكى ئۇن زاۋۇتى قۇرۇپ، تىجارىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپتۇ؛ پۇل تاپقاندا قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە كىيىم –كېچەك، كۆمۈر ياردەم قىپتۇ.

    كونىلارنىڭ ھېكمەتلىرى بەك توغرا، ‹‹ئۆردەكنىڭ گۆشىنى يېسەڭ، غازنىڭ پېيىدە بول››،–دېدى مۇھەممەد ھاجى تەجرىبە ۋە تەسىراتىنى سۆزلەپ،–سودا–تىجارەتتە داۋاملىق ئۇچۇر ئىگىلەپ، شۇ ئىشنىڭ پېيىدە بولمىساق، سودا پۇرسىتىدىن قۇرۇق قالىدىكەنمىز، شۇڭا ئالدىن كۆرۈش ئىقتىدارى ۋە تەۋەككۈلچىلىك روھى، بازار رىقابەت تۇيغۇسى، جاپا–مۇشەققەتكە چىداش روھى بولمىسا بولمايدىكەن؛ كۆپ ھاللاردا ئىگىلىگەن تۈرلۈك ئۇچۇرلارغا ئاساسەن بىر تەرەپتىن مال مەنبەسىنى ئىزدىسەك، يەنە بىر تەرەپتىن ئىشەنچلىك خېرىدار ۋە بازار ئىزدەيىز؛ ئۇچۇر، سۈپەت ۋە ئىشەنچ سودا پۇرسىتىنى بەلگىلەيدۇ، خېرىدارلارنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن سېتىۋالغان ئانارلارنى سۈپىتى بويىچە دەرىجىگە ئايرىپ، سۈپەتسىز مەھسۇلاتنىڭ بازارغا سېلىنىپ، خېرىدارلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن قېلىشتىن ساقلىنىشقا تىرىشتىم.

    ئاۋات يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى مۇھەممەدتۇرسۇن ئەيسا ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر يېزىمىزدا بەرپا قىلىنغان ئانارلىق باغ 10 مىڭ موغا، ئانارنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 1000 كىلوگىرامغا، مو بېشى كىرىمى 5000 يۈەندىن كۆپرەككە، يېزىدا ئاناردىن قىلىنغان كىرىم 50 مىليون يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى؛ يېزىمىزدا ئانارچىلىق كەسپىي جەمئىيىتى قۇرۇلۇپ، ئانار ۋاسىتىچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئائىلە ئون نەچچىگە، ئۇلار يىلدا يۆتكەپ ساتقان ئانار 300 توننىغا، كىرىمى 3 مىليون يۈەندىن كۆپرەككە يېتىدۇ؛ بۇنىڭدىن كېيىن ئانارلىق باغلارنىڭ سورتىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، سېتىش يوللىرىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇش بىلەن ئانار مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى كۆپلەپ جەلپ قىلىپ ۋە قۇرۇپ، ئانارچىلىقنى دېھقانلارنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىدىكى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندۇرىمىز.

   
مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

albAX يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 14:11:25

«  پاھ، نېمە دېگەن يوغان دەرۋازا ۋە ئېسىل پىكاپلار بۇ، دىھقانلار راستىنلا ھاللىق سەۋىيەگە يېتىپتۇ!؟ – دېدۇق ھەيرانلىق ۋە ھەۋەس بىلەن.»
  «لار» قۇشۇمچىسى ئارتۇق كەتتىمۇ قانداق ؟ ناۋادا توغرا بولسا تەڭدىن تولا نىسبەتنى ئىگەللەيدىغان دېھقانلارنى كۆرسەك  ئوخشاش تەلەپپۇز بىلەن «دىھقانلار نامرات سەۋىيەدىكەنغۇ ؟» دىيىشكە ھەم بۇ مۇنبەرگە يېزىشقا جۈرئەت كىتىدۇ . ئەمما بۇنداق دىسەك ، قىلساق خاتالىشىمىز . دىمەكچى : ھەممە دىھقان باي بۇلۇپ كەتمىگەندەك نۇرغۇن دىھقان تېخى نامرات ، دىھقانلىرىمىزنىڭ مۇنۇ دىھقاندەك تىزراق باي بۇلۇشىغا تىلەكداشمەن !

e_chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 14:13:31

بۇلتۇر 12–دېكابىر قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئاۋات يېزىسى
قاچانقى خەۋەر بولغىيتى بۇ،ئاۋات يېزىسنىڭ مەمۇرىي جەھەتتىن قەشقەر شەھىرىگە ئۆتۈپ كەتكىنىگىمۇ 2يىل بولۇپ قالاي دىدى...

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 14:46:15

ئىزدىنىش پارتىيە ، ھۆكىمەت تور بىتى بولمىغاندىكىن يۇيساڭلارچۇ بۇ تىمىنى
    تورغا يوللىمىسىمۇ   تىلىۋۇزۇرنى ئاچسىڭىز  ساپلا مۇشۇنداق  پاتىمەمنىڭ شەپقىتىدە بىيىپ كەتكەن دىھقانلارنىڭ  گىپىنى قىلدىغۇ ……
     بىيىپ كەتسە پارتىيەنىڭ شەپقىتى ، نامراتلىقتا قىينالسا ئۆزىنىڭ شورى
   

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 14:48:27

مەن تىخى بايىلا  مەسچىتنىڭ ئالدىدا يىغلاپ تۇرۇپ جامائەتتىن ياردەم قىلىشنى ئۆتۈنۈپ قولىنى سوزۇپ تۇرغان دىھقانلارنى كۆردۈم

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 15:42:15

دىھقانلارنىڭ داۋالىنىش ئىشى ئادەمنىڭ ئىچىنى بەك سىيرىۋېتىدۇ .

ھەر قېتىم دۇختۇرخانىغا كىرسەم ئىشقىلىپ بىر ئىككى كۈن كۆڭلۈم باشقىچە غەلىتىلا بۇلۇپ قالىدۇ

oylan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 16:19:42

ئىزدىنىشنى بولسىمۇ ئەخلەتخانىغا ئايلاندۇرمىساڭلار بولمامدۇ باللا.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 17:02:31

پاراكتىكا قىلىۋاتقان ۋاقىتىمدا بالىلار بۆلىمىدە نۇرغۇن نامرات دىھقانلارنىڭ ئىقتىساد يىتىشمەي بالىلىىرىنى داۋاملىق داۋالىتىشتىن ۋاس كىچىپ ئەكەتكەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم ، دوختۇر سىستىرالار قولىدىن كىلىشىچە يىغىش قىلىپ ياردەم قىلاتتى ، ئەمما يەنىلا  يەتمەيىتتى ............ يەر تەۋرەشكە مائىشتىن مەجبۇرى يىغقان بىلەن بۇنداق ھاجەتمەن دىھقانلارغا يىغىش قىلمايىتتى

Beyond يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 18:00:23

拍马屁啊

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 18:34:56

ھاي ئۆپكەڭلارنى بېسىۋېلىڭلا  ... سەننەت ئۈمەكتىكى ھاشىخچامغىمۇ ناخشا ئېيىت دەپ سېلىق چۈشكەن يەردە  ، پاتيىەنىڭ بايرىقى ئاستىدا قىزىپ تۇرغان ماۋۇ ئىزدىنىشنىڭمۇ پارتىيەنى سۈيۈش پۇرسىتى ۋە مەجبۇريتى بار  ...


ئەلا بېسىپ قۇيۇپ چىقىپ كىتىڭلار ... رەھپەرلەر بۇنداق تىمنىڭ ئەلالانغانلىقنى كۆرسە  ، مەنمۇن بۇلۇپ ئىشىك تۈۋىدىلا يېنىپ كىتىدۇ ... بىز خاتىرجەم ئويناپ قالمىز مۇنبەرنى ...شۇندا ئەمەسمۇ ... {:112:}{:112:}{:112:}

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 20:32:26

ئانارنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 1000 كىلوگىرامغا، مو بېشى كىرىمى 5000 يۈەندىن كۆپرەككە، ...................


قارىغاندا بىر كىلوگىرام ئانارنى بەش يۈەندىن ئالىدىكەن شەربەت چىقارغاندىن كىيىن بىر كىلو شەربەتنى35 يۈەندىن 40 يۈەنگىچە ساتىدىكەن. شۇنداق بولغاندا نورمال پىكىر قىلىدىغان بىر ئادەم ئانار ئۆستۈرۈپ بۇ يوغان داۋزىلىقنى تەمىنلەيدىغان دىھقانغا بالدۇرراق ھەم چوڭقۇر رەھمەت دىيىشى كېرەكمىكى.

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 20:37:40

ئەسلى دىققانلارنىڭ 2قولى بار ئۇلارمۇ بىيىيالايدۇ ،
بۇرۇن بايلارنى تىللاپ  كەمبەغەلنى سۆكەتتى ھازىر كەمبەغەلنى سۆكۇپ كاللىسى ئىشلىمسە پۇل تاپالمايدۇ دەپ باينى بىشىدا كۆترىدۇ.
لىكىن دىققانلارنىڭ قانداق مەسىلىدە كەمبەغەل تۇتغانلىقىنى ھىچكىم ئويلاپ باققىنى يوق .
تېرىش چەكلىمسى، ھاشار،يەر چەكلىمىسىى ،ھەرخىل بۇيرۇق سىلىقلار ئۇلارنىڭ زىممىسىنى بىسۋالدى ئۇلار ئەركىن بولسا ئۆزى خالىغاننى قىلغىنى شارائىت يار بەرسە ئۇلارمۇ نەچچە يۇز مو يەرلەرگە پۇلغا چىققۇدەك بازىرى ئىتتىك نەرسىلەرنى تىريالىسا ئاندىن ھاللىق سەۋىيەگە يەتمەمدۇ.

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 23:32:04

birmoo يوللىغان ۋاقتى  2014-9-26 19:30 static/image/common/back.gif
مەن پارتىيەنى سۆيىمەن ، مەن دىن قۇسۇر تاپىمەن دېمەڭلار ...

بۇ ، ئىنكاسنى ئۆچۇرۋېتىڭلار دوسلا ،

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 09:13:45

دېھقانلار باي بولسا بولمايدۇ:funk:

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 11:37:25

نامرات ياشاۋاتقان نۇرغۇن دېھقانلار بار، ئۇلار جاپالىق ئىشلىسىمۇ يەنىلا بېيىيالمايدۇ. ئۆزى خالىغان زىرائەتنى تېرىيالمايدۇ، ئۇلارنى زىيارەت قىلىدىغان، خەۋەرگە چىقىرىدىغان ھىچكىم يوق.

Uyghuri يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 13:32:58

بۇغداي  قوناقنى  پىشماستا  ئورىدۇ  ،  نەچچە  مولاپ  مەجبۇرى  زىرائەت تېرىيدۇ  ، پۇلغا  ئالسۇن  ئالمىسۇن ئۇنىڭ بىلەن  كارى يوق  .
سېلىق  جىق  ھازىر ، بار  بولغۇلۇق دېھقانغا  بولىدۇ  ،  ئىككى  ئېغىز  گەپ  قىلسا  سىياسى  بولىدىغان گەپ  

nurqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 14:57:36

بىز تەرەپلەردە ئۇنداق بىيىپ كەتكەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى كادىرلارنىڭ تۇققانلىرى.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 22:23:36

nurqi يوللىغان ۋاقتى  2014-9-28 14:57 static/image/common/back.gif
بىز تەرەپلەردە ئۇنداق بىيىپ كەتكەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى كا ...

ياكى باشلىقنىڭ يېقىنلىرى دىمەكچىغۇ سىز !!!!

پۇرسەت ھەممە ئادەمگە يىتىشمەيدۇ !  پۇرسەت يارىتىپ بىرىش پارىخورلۇق ئەمەس دەپ ، باشلىقلارمۇ پۇرسەتنى ئۆزىنىڭ پىچكىلىرىغا يارىىتىپ بىرىدۇ ....

izdinixazasi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 22:52:58

تەھ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izdinixazasi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-28 23:52  

تەھرىلەندى .
بەت: [1]
: سودا پۇرسىتىدىن يول تاپقان دېھقان