dunya يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 13:40:21

بىلىم ئىگىلىكى دەۋردىكى كارخانا مەدەنىيىتى

بىلىم ئىگىلىكى دەۋردىكى كارخانا مەدەنىيىتى



تۇرسۇن تەۋەككۈل

   دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئېشىشى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش شارائىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، ئىستېمال قارىشى ۋە قىممەت قارىشىدا ئۆزگىرىش بولدى. بۇ جەرياندا كارخانىلار بىر تەرەپتىن، ماددىي ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنى تەرەققىي قىلدۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاساسىي كۈچكە ئايلاندى.

   ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىگە، ئوخشىمىغان دىنىي ئېتىقادقا، ئوخشىمىغان مىللەت تەۋەلىكىگە ئىگە كىشىلەرنىڭ ھەرىكەت مۇدداسى، ھەرىكەت ئۇسۇلى، ئېستېتىك ئېڭى ۋە ئارزۇسى ئوخشاش بولمايدۇ. مەدەنىيەت ئوخشاش بىر كوللېكتىپ، قەبىلە، مىللەت ياكى بىر دۆلەتتىكى كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشى، ئەخلاق قارىشى، ئىستېمال ئادەتلىرى ۋە تەپەككۇر ئۇسۇلى بىلەن كىملىك ئالاھىدىلىكىنىڭ يىغىندىسىدىن ئىبارەت. تاراتقۇلار خىلمۇخىل مەدەنىيەتلەرنى ئۆزئارا ئۇچراشتۇرۇپ ، دۇنيانى ئۆزگىچە رەڭگارەڭ مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ ئىلغار ئاكتىپ ئامىللىرى بىرلىشىپ كەتكەن زامانىۋى مەدەنىيەت دەۋرىگە باشلاپ كىردى. شۇنىڭغا مۇناسىپ كارخانىلارمۇ جەمئىيەتتىكى كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئىستېمال ئارزۇسىغا ماسلىشىشنى ئۆزىنىڭ بازاردىكى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش كاپالىتىگە ئايلاندۇردى.

   ئادەتتە يەرلىك مەدەنىيەت بىلەن مىللىي مەدەنىيەت كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ راۋاجلىنىشى ھەم تەرەققىياتىغا روشەن تەسىر كۆرسىتىدۇ. كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسى بىلەن مۇلازىمەت ئېڭى زامانىۋى مەدەنىيەت بىلەن جىپسىلىشىپ، مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۈزلۈكسىز كەسكىنلىشىپ بېرىۋاتقان بازار رىقابىتى ۋە ھازىرقى زامان شىركەت باشقۇرۇش تۈزۈمى كارخانا مەدەنىيىتىگە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپلەرنى قويغانلىقى ئۈچۈن، كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ بازاردىكى رولى كۈچەيمەكتە. كارخانا مەدەنىيىتى بىر كارخانىنىڭ ئىقتىسادىي تەشكىلىنىڭ ئۆزىگە خاس تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن كارخانا روھى بىلەن يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ مەدەنىيەت باشقۇرۇشتىكى شەكلى.

   كارخانا مەدەنىيىتى كارخانىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. بازاردا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانا ئەڭ زور پايدا يارىتىشتىن ھالقىپ ئۇزاق مۇددەتلىك نىشان قوغلىشىش جەريانىدا تەۋەلىكىدىكى خادىملارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ياخشىلاپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆز مەدەنىيەت قارىشى بىلەن قىممەت قارىشىنى ئۈزلۈكسىز تەشۋىق قىلىپ، كارخانىنىڭ بازاردىكى يادرولۇق رىقابەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ. پىشىپ يېتىلگەن كارخانا مەدەنىيىتى ھەر خىل ئۈنۈملۈك ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، كارخانىنىڭ ئۆزىدە بار ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن تاشقى مۇھىتنى ماسلاشتۇرىدىغان تەپەككۇر ئۇسۇلى، ئىستراتېگىيە، نىشان، تەشكىل، تۈزۈم قاتارلىقلارغا ئىگە بولۇشنى ئۆز مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاساسىغا ئايلاندۇرىدۇ.

   كارخانا مەدەنىيىتى بىر خىل ھەل قىلىش خاراكتېرلىك ئىلمىي ۋە مۇۋاپىق قائىدە – تۈزۈملەر ۋە ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئوبراز قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، كارخانا خادىملىرىنىڭ ئەخلاق قارىشى، بىلىش قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپ، كارخانىنىڭ تۈرلۈك يېتەرسىزلىكلىرىنى تولۇقلايدۇ، خادىملارنىڭ كارخانىغا بولغان مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تۈرلۈك باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى تۈزۈپ ۋە قاتتىق ئىجرا قىلىپ، كارخانىنىڭ نىشانى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغان ئاڭنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆزى يەتمەكچى بولغان نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ.

   كارخانا مەدەنىيىتى كارخانىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈملىرى بىلەن زىچ بىرىكىپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئاڭلىق بويسۇنىدىغان ھەرىكەت ئادىتىگە ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كارخانىلىرىمىز داڭلىق ماركا يارىتىش، كارخانىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشتە ئۆزىگە خاس كارخانا مەدەنىيىتى يارىتىپ، ئۆزىنى دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشلىرىگە ماسلاشتۇرمىسا، پايدىدىن ھالقىغان كارخانا روھى بىلەن كارخانا قىممەت قارىشىنى ئاساس قىلغان مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بەرمىسە، بازار رىقابىتىدە رىقابەت كۈچىنى ساقلاپ قالالمايدۇ.

   داڭلىق ماركا ئوبرازى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تاۋارلىرىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان كارخانا مەدەنىيىتى يارىتىش ئۇيغۇر كارخانىچىلىقىدىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا. ئۇيغۇر كارخانىچىلىقىنىڭ رايون ئىچىدىن ھالقىپ، چەت ئەل بازارلىرىدا پۇت تىرەپ تۇرالىشى ئۆزى كېڭەيمەكچى بولغان قوشنا ئۆلكە ھەم چېگراداش رايوندىكى كىشىلەرنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىگە ماس كېلىدىغان ئىلمىي تىجارەت تەدبىرلىرى بىلەن مۇلازىمەتنى شەكىللەندۈرۈش ھەم ئۆزىگە خاس كارخانا مەدەنىيىتىنى يارىتىشىغا باغلىق.


مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى
بەت: [1]
: بىلىم ئىگىلىكى دەۋردىكى كارخانا مەدەنىيىتى