kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 13:05:33

[خەتلىك فىلىم] بۇداپېشت ئالىي مېھمانسارىيى



فىلىم نامى: بۇداپېشت ئالىي مېھمانسارىيى
ئېنگىلىزچە نامى: The Grand Budapest Hotel
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 2014-يىلى
دۆلىتى: ئامېرىكا
تۈرى: ۋەقەلىك
تىلى: ئېنگىلىزچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە
IMDB نومۇر: 8.2
رازمىرى: 1280x720
چوڭلىقى: 1.8GB
فىلىم ئۇزۇنلىقى: 01:39:55
رېژىسسور: Wes Anderson
باش روللاردا: Ralph Fiennes, Jude Law, Adrien Brody, Tilda Swinton, Edward Norton, Tony Revolori

فىلىم ھەققىدە:
ھېكايە بىر نامسىز يازغۇچىدىن باشلىنىدىغان بولۇپ، ئۇ تىنچ مۇھىتتا ئىجادىيەت قىلىش ئۈچۈن «بۇداپېشت ئالى مېھمانسارىيى» غا كېلىدۇ ھەمدە بۇ يەردە بۇ مېھمانساراينىڭ خوجايىنى مۇستافا ئەپەندىمنى ئۇچرىتىدۇ، مۇستافا ئەپەندىم بۇ يازغۇچىنى كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلىپ، تاماق ئارلىقىدا بۇ مېھمانخانا باشتىن كەچۈرگەن ئىسسىق-سوغاق ئىشلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
بۇ مېھمانساراينىڭ ئالدىنقى خوجايىنىنىڭ ئىسمى گۇستاف ئەپەندى بولۇپ، كىچىك مۇستافا بولسا بۇ مېھمانخانىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى زال مۇلازىمى ئېدى. گۇستاف ئەپەندى ھەققانىي، زېرەك ۋە قولىدىن ئىش كېلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدىكى بۇ مېھمانخانا ئەينى ۋاقىتتىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئاۋات جايغا ئايلىنىدۇ. گۇستاف ئەپەندى بىلەن ياشانغان خانىم D بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشىدىغان بولۇپ، خانىم D ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ۋەسىيەتنامىسىدە بىر پارچە داڭلىق رەسىمنى گۇستاف ئەپەندىگە قالدۇرىدۇ، ئۇنىڭ بۇ ئىشى بالىسى دېمىتىرىنىڭ ئاچچىققىنى كەلتۈرۈپ قويىدۇ، شۇنىڭدىن باشلاپ «بۇداپېشت ئالىي مېھمانسارىيى» بىلەن گۇستاف ئەپەندىنى نەس بېسىشقا باشلايدۇ.

كەسمە رەسىملەر:
http://download.kowruk.cn/image/grandbudapesthotel/01.jpg

http://download.kowruk.cn/image/grandbudapesthotel/02.jpg

http://download.kowruk.cn/image/grandbudapesthotel/03.jpg

http://download.kowruk.cn/image/grandbudapesthotel/04.jpg

http://download.kowruk.cn/image/grandbudapesthotel/05.jpg

بۇ بەتكە كىرىپ، چۈشۈرىمەن دېگەن كونۇپكىنى بېسىپ، شۈنلېيدىن چۈشۈرۈۋېلىڭ.

باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچىلار سەمىگە: چۈشۈرۈش ئادرېسى ئۈچۈن مەزكۇر فىلىمنىڭ تور بېكىتىمىزدىكى ئادرېسىنى قالدۇرۇپ قويغايسىزلەر، فىلىمگە مۇناسىۋەتلىك ئۆزگەرتىشلەر بولسا، فىلىمنى شۈنلېيدىن ئۆچۈرۈپ يېڭىسىنى چىقىرىمىز، بۇ سەۋەبتىن بىۋاستە يېزىپ قويۇلغان شۈنلېينىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىدىن چۈشۈرەلمسلىك ئەھۋالى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 13:45:17

باشقىلار          دىگەن كىنونى قاچان پۈتۈرسىلە ؟ بەك ساقلاپ قالدىم ...

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 14:51:01

ghalibjan يوللىغان ۋاقتى  2014-9-26 13:45 static/image/common/back.gif
باشقىلار          دىگەن كىنونى قاچان پۈتۈرسىلە ؟ بەك ساقل ...

تەرجىمىسى پۈتۈپ بولدى، تەھرىرلىكى تۈگىىسىلا يوللايمىز.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 14:53:15

تۈنۈگۈن 飘花 تورىدىن  خەنزۇچە خەتلىكىنى چۈشىرىۋالغان ئىدىم
كۆۋرۈك ئەپەندى2卑鄙的我
نى تەرجىمە قىلساڭلار بولاتتى

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 15:10:42

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   paltahun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-26 15:12  


ئاشۇ سەرخۇشمۇ ؟
ئالامەت تەرجىمە قىپسىز:lol

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 15:15:35

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-9-26 14:53 static/image/common/back.gif
تۈنۈگۈن 飘花 تورىدىن  خەنزۇچە خەتلىكىنى چۈشىرىۋالغان ئى ...

بۇنى باشقا خەتلىك فىلىم گورۇپپىسى قىلىپ بولغاندەك قىلغان، نەدە كۆرگەن بولغىيتتىم.

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 16:36:35

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-9-26 14:53 static/image/common/back.gif
تۈنۈگۈن 飘花 تورىدىن  خەنزۇچە خەتلىكىنى چۈشىرىۋالغان ئى ...

http://pan.baidu.com/s/1bntl9r5

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 16:38:04

paltahun يوللىغان ۋاقتى  2014-9-26 15:10 static/image/common/back.gif
ئاشۇ سەرخۇشمۇ ؟
ئالامەت تەرجىمە قىپسىز

ھاھاھاھا

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 16:48:03

ghalibjan يوللىغان ۋاقتى  2014-9-26 16:36 static/image/common/back.gif
http://pan.baidu.com/s/1bntl9r5

يۇيىۋىتىپتۇ

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 17:13:14

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-9-26 16:48 static/image/common/back.gif
يۇيىۋىتىپتۇ

يۇيۇلۇپ كەتمەپتۇ، تۆۋەندىكى ئامال بويىچە چۈشۈرۋېلىڭ.
بەيدۇ تور دېسكىسىدىكى ھەمبەھىرلەنگەن مەزمۇنلارنى، شىنجاڭ دائىرسىدە كومپيۇتېرنىڭ تور كۆرگۈچىسىدە ئاچسىڭىز ئېچىلمايدۇ، ئەمما يانفوندا ئاچسىڭىز ئېچىلىدۇ، شۇڭا بەيدۇ تور دېسكىسىدىكى مەزمۇنلارنى Chrome تور كۆرگۈچىسىنىڭ يانفوننى تەقلىدلەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ئېچىپ چۈشۈرۈۋالسىڭىز بولىدۇ.

1. Chrome تور كۆرگۈچىسىدە يېڭى كۆزنەكتىن بىرنى قۇرۇڭ.
2. يېڭى كۆزنەكتە مائۇس ئوڭ كونۇپكىسىنى چېكىپ 审查元素 دېگەننى تاللاڭ.
3. يېرىلىپ ئېچىلغان كۆزنەكنىڭ ئەڭ ئاستىدا Emulation دەيدىغان بىر تۈر بار، شۇنى تاللاڭ.
4. بۇ يەردىكى Model دېگەن يەردىن Apple iPhone 5 نى تاللاڭ (باشقا يانفون تىپلىرىنى تاللىسىڭىزمۇ بولىدۇ).
5. بەيدۇ تور دېسكىسىدىكى ھەمبەھىرلەنگەن ئادرېسنى ئادرېس ئىستونىغا چاپلاپ ئېچىڭ.

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 17:16:32

IE دىمۇ ئوخشاشلا يانفوننى تەقلىدلەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ چۈشۈرۋېلىشقا بولىدۇ.

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 17:16:36

ۋۇييۇ نىمداق جېق ئىش ئۇ ... كۆمەيلا قۇيڭە  ... ئانچە سۈزۈكمۇ ئەمەسكەندۇق ...:funk:

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 18:02:24

فىلىمگە ئۇيغۇرچە خېتى بىلەن خەنزۇچە ياكى ئېنگىلىزچە خېتىنىمۇ قوشۇپ بەرسەڭلار تېخىمۇ ياخشى بولامدىكىن دەيمەن، مۇئەييەن دەرىجىدى تىل ئۆگىنىش رولىنى ئۆتىيەلىشى مۇمكىن.

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 18:08:59

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2014-9-26 18:02 static/image/common/back.gif
فىلىمگە ئۇيغۇرچە خېتى بىلەن خەنزۇچە ياكى ئېنگىلىزچە خ ...

بۇنى ئويلىشىۋاتىمىز، قول سەل ئارا بولغاندا سىناپ باقماقچى، باشقا بىر قانچە تىللاردىكى فىلىم خېتىنى فىلىمگە تاللاپ كۆرگىلى بولىدىغان قىلىپ قىستۇرۇپ قويۇشىمىز ياكى ئۇيغۇرچە خېتى بىلەن بىراقلا فىلىم ئۈستىگە بېسىۋېتىشىمىز مۇمكىن.

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 19:14:53

迅雷 قويغۇچتا كىنوغا  خەت قاتقىلى خەتنىڭ رەڭگىنى ئالماشتۇرغىلى ، چوڭ كىچىك قىلغلى ... غلىلى .... غىلى .... بۇلدىكەن ...


مەن ئۇيغۇرچە كىنولارنىڭ خەنچە ئىنگىلىسچە خېتىنى توردىن بەيدۇلاپ چۈشرۈپ كىنوغا قېتىپ ، ئۈچ تىلدا ئولتۇرۇپ كۈرۈپ كىتىمەن ....


خېتى سەل جېقلاپ قالسا توختۇتۇپ قۇيۇپ سېلشتۇرۇپ تېخى


مەنچىمۇ شۇ ئامالمۇ بوپ قالدىكەن ...

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 21:52:33

مەن بەك ياقتۇرغان كىنۇ ئىدى، چۈشۈرۋالاي، رەھمەت!

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 23:06:43

ھازىر تۈگەتتىم.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 23:25:16

afiyfiy يوللىغان ۋاقتى  2014-9-26 23:06 static/image/common/back.gif
ھازىر تۈگەتتىم.

تەسىرات!{:252:}

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 11:16:10

ھەقىچان دۆلەت بايراملىق ، ھېيتلىق بولۇپ ئىسىل - ئىسىل فىلىملەرنى تەقلەپ قويدۇڭلا ....:lol

gepnoz يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 11:25:41

ما كۆۋرۈك دېتالىنى يېڭىلامسەن ؟ دەپ ئۇچۇر چىققانىدى ، ھەئە دېدىم ، 1.36 mb نەرسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىدى ، شۇنىڭدىن كېيىن دېتالنى چەكسەم بۇ نورمال ھالەتتىكى win32 ئىجرا ھۈججىتى ئەمەس دەپ خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالدى … يېڭىلىغانغا تويدۇم …
بەت: [1] 2
: [خەتلىك فىلىم] بۇداپېشت ئالىي مېھمانسارىيى