IIS دىن باشقا تاللاشمۇ بار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا heqteyur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-26 11:27ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تېخنىك دوستلار، بۈگۈن سىلەرگە ناھايىتى ياخشى بىر قورال دېتال ئېلىپ كەلدىم. يەنى IIS نىڭ ئورنىنى باسالايدىغان (بېسىم بەك يۇقۇرى بولمىغان ئەھۋالدا) ئۆزى كىچىك چاققان ئەپچىل تور مۇلازىمىتى دېتالى CassinDev بولىدۇ.
بۇ دېتالدىن پايدىلىنىپ ناھايىتى پاكىز چاققان بولغان asp.net ئىجرا مۇھىتى ھازىرلاشقا بولىدۇ. جاپا تارتىپ IIS نى قاچىلاپ تەكشەپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇنداق ئىسىل نەرسىنى كۆپ ئادەم بىلسە مەنچە جىق ئىشلاردا ياردىمى بولىدۇ.
ئورگان بېتى : http://cassinidev.codeplex.com/
بىرتاللا ئىجرا ھۆججەت، ئىككى دانە كۆزنەك، ناھايىتى ئاددىي ئەمما ئاجىز ئەمەس. تۆۋەندە رەسىم كەتتى مانا ئەمىسە.
قارىساڭلارلا ئىشلىتەلەيسىلە، تېخىمۇ ئىنچىكە تەڭشەكلىرىنى بىلمەكچى بولساڭلا ئورگان بېتىدىن چۈشەندۈرۈش ئارخىپىدا ناھايىتى تەپسىلى يېزىلغان ئىكەن. مەن بەك ياخشى كۆرۈپ قالدىم بۇ نەرسىنى.
ياقتۇرغان بولساڭلا باشقىلارغىمۇ تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭلا، ياخشى نەرسە مەخپىي قالمىسۇن. :) خاتالىق كۆرسىتىپ بېرىش ئىقتىدارى IIS قا يېتەمدۇ؟
پروگراممىنى كۆرۈپ بېقىشقىلا بولىدىغان ئەمما تۈر يېزىشقا كەلگەندە ئىقتىدارى يېتىشمەيدىغان بەزى قوراللار بولىدىغان. GoodLuck يوللىغان ۋاقتى 2014-9-26 11:32 static/image/common/back.gif
خاتالىق كۆرسىتىپ بېرىش ئىقتىدارى IIS قا يېتەمدۇ؟
پروگرا ...
قىسقىچە سىناپ باقتىم، خاتالىق ئۇچۇرلىرى ناھايىتى نورمال چىقىدىكەن، IIS دىن پەرق يوقلا، ئورگان بېتىدىمۇ دەپتۇ، ئەمەلىي تۈردە ئىشلىتىشكە بولىدىكەن، ئەمما بېسىم يۇقۇرى تۈرلەردە يەنىلا IIS نى ئىشلەتكەن ياخشىمىكىن دەيمەن، بۇنى بولۇپمۇ بەزى web تۈرلەرنى يەككە كومپيۇتېر ياكى دائىرىلىك تور مۇھىتىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىشكە بەكمۇ ماس كېلىدىكەن دەپ ئويلىدىم.
چۈنكى IIS مۇھىتىنى قۇرۇش نورمال ماڭدۇرۇش بەزىدە ھەقىقەتەن قول تۇتۇپ قالىدۇ. http://nginx.org/
ئۆزى يەڭگىل. ئىقتىدارى ئاپاچى ۋە iis تىن قېلىشمايدۇ. نىمە مەقسەتكە ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دىتاللار بۇ؟ تەپسىلىي دەپ بەرمەمسىلەر؟ AVAR يوللىغان ۋاقتى 2014-9-26 13:40 static/image/common/back.gif
http://nginx.org/
ئۆزى يەڭگىل. ئىقتىدارى ئاپاچى ۋە iis تىن قېلىش ...
nginx دا asp.net ماڭمايدىغاندۇ ؟! :o heqteyur
nginix ۋە lighttp ئىككىلىسى fastcgi-mono-server ئارقىلىق asp.net قوللامدىكى . ISIS دەپ ئوقۇۋاپتىمەن ئەمما. AVAR يوللىغان ۋاقتى 2014-9-26 18:41 static/image/common/back.gif
heqteyur
nginix ۋە lighttp ئىككىلىسى fastcgi-mono-server ئارقىلىق asp.net قو ...
توغرا دەيسىز، mono دىن پايدىلىنىپ ماڭدۇرغىلى بولۇشى مۇمكىن. AVAR يوللىغان ۋاقتى 2014-9-26 13:40 static/image/common/back.gif
http://nginx.org/
ئۆزى يەڭگىل. ئىقتىدارى ئاپاچى ۋە iis تىن قېلىش ...
قاچىلاپ تەڭشەش مۇرەككەپمۇ قانداق؟ مۇمكىن بولسا win7 لەردە نورمال ئىشلەيدىغان نۇسقىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز....(مەن ئىنگىىزچە بىلمەيمەن) abdrtt يوللىغان ۋاقتى 2014-9-27 15:18 static/image/common/back.gif
قاچىلاپ تەڭشەش مۇرەككەپمۇ قانداق؟ مۇمكىن بولسا win7 لە ...
قاچىلاش ھاجەتسىز، چۈشۈرۈپلا قوش چەكسىڭىز قوزغىلىدۇ، تامام. win7/8 ھەممىسىدە نورمال ئىشلەيدۇ.
بەت:
[1]