dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 07:39:28

ئايغا ئېلىپ كېتىدىغان يۈك -تاقا ( دىئېىن. فىرانسىس، فىلىپپىن)

ئايغا ئېلىپ كېتىدىغان يۈك-تاقا
دىئېن . فرانسىس( فىلىپپىن)



سامى كۆزلىرىنى يۇمغىنىچە، ئاۋاققىنە دولىسى بىلەن ياستۇققا يۆلىنىپ ياتقان ئىدى.
- سامى – مەن ئاستاغىنە ئۇنىڭ ياتىقىغا كىرىپ كەلدىم – سىز ئۇخلىدىڭىزمۇ ؟
ئۇ بىردىنلا كۆزلىرىنى ئېچىپ، كۈلۈمسىرىگىنىچە جاۋاب قايتۇردى: دادا ، مەن ئۇخلاپ قالىدىغان بولسام ، ئويغىتىشقا ئامالىڭىز يوق جۇمۇ.
مەن كلۈمسىرىگىنىمچە، بېشىمنى چايقاپ، ئۇنىڭ كارىۋىتى يېنىغا كېلىپ ئولتۇردۇم :
- سىز ئۇخلىشىڭىز كېرەك، ئەتە بەكمۇ مۇھىم بىر كۈن.
- بىلىمەن – ئۇ يېنىككىنە بىر تىنىۋالدى – بىراق مەن يەنە ھېكايە ئاڭلىيالايمەن شۇنداقمۇ؟ – ئۇ قوڭۇر كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ قويدى.
- بىراق، قوزام – مەن ئازراق ئامالسىزلىق ئىلكىدە شۇنداق دېدىم – مەن بىلىدىغان ھېكايىلىرىمنى ئېيتىپ بولدۇم ئەمەسمۇ…
- بۈگۈن كەچ يەنە بىرنى ئېيتىپ بېرىڭە دادا – ئۇ بىرنى ئەسنىۋەتكەندىن كېيىن بوشقىنە ئاۋازدا قېتىپ قويدى – ئېيتىپ بولسىڭىزلا ئۇخلاپ قالاتتىم.
- بولىدۇ ، مەن كىتابنى ئېلىپ كېلەي.
ئۇنىڭ يەتتە ياشقا تولغان تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەندىن كېيىنكى يىرىم يىل مابەينىدە، مەن ئۇنىڭغا توردىن سېتىۋېلىپ سوۋغا قىلغان قېلىندىن-قىلىن ، ئالاھىدە بىزەلگەن ھېكايىلەر توپلىمى ئىككىمىزگە ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتقان ئىدى، ئىككىمىز بۇ كىتاپ ئارقىلىق پۈتكۈل دۇنيانى ئاساسەن ئايلىنىپ بولغان ئىدۇق.
- بىز ھازىر نەدە ، قوزام ؟
- جۇڭگودا . بىز پانۇس بىلەن بېلىقچىنىڭ ھېكايسىنى ئوقۇپ بولغان، يەنە سەددىچىننىڭ ھېكايسمۇ بار راست، ئۇ ئەڭ قالتىس !
مەن ئۇ بابىنى ئىزدەپ تاپتىم. « شۇنداق ئەمەسمۇ!» – مەن قىستۇرما رەسىملەرنى كۆرگەچ، ئۇنىڭغا تەكلىپ بەردىم: بىز باشقا دۆلەتكە بارمىساق بولمىغۇدەك.
- ياق دادا، ھازىرچە جۇڭگودىن ئايرىلماي تۇرايلى، يەنە بىر ھېكايە قايسى ئىكەن؟
- « مەلىكە ۋە ئاي» ئىكەن – مەن ئۇنىڭغا قىستۇرما رەسمىنى كۆرسەتتىم : بىر مەلىكە يەنە ئۇنىڭ گۈللۈك ساليوت بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان راكىتا كېمىسى ھەققىدە ئىكەن …
- قارىغاندا يامان ئەمەستەك قىلىدۇ- ئۇ كارىۋاتتىكى ئورنىنى رۇسلاپ يېتىۋالدى-دە، كىچىككىنە كۆزلىرى ماڭا تىكىلدى. بۇ ماڭا ھېكايىنى باشلاڭ دېگەن مەنىدىكى ئىشارەت ئىدى.
سامىغا ھېكايە ئوقۇپ بېرىش مېنىڭ بىر كۈن ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر ئىشىم. مەن گېلىمنى قىرىپ تەييارلىق قىلىۋالغاندىن كېيىن، ھېكايىنى باشلىدىم، نۆۋەتتىكى رولۇم بولسا ئەشۇ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئايغا چىقماقچى بولغان مەلىكىنىڭ دادىسى ئىدىم. مەن ئوردا ئۇستازىنى ئۇنىڭغا نەسھەت قىلىشقا ئەۋەتتىم، ئۇ بۇخىل ساھايەتنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئاي شارىغا چىقىش ئۈچۈن نۇرغۇن نەرسىلەرنى تەييارلاشقا توغرا كېلەتتى، ئاي شارىدىكى شارائىت بىر قىزبالىنىڭ ئولتۇراقلىشىشىغا ماس كەلمەيتتى، بولۇپمۇ بىر ئىمپېرىيىنىڭ مەلىكىسىگە…
بۇنى ئاڭلىغان مەلىكە – مەن سامىغا قاراپ قويۇپ ھېكايىنى داۋام ئەتتىم – بۇنى ئاڭلىغان مەلىكە ، قەغىش قىلىپ ئوردىنى بىشىغا كېيىپتۇ، شاھ دادىسىمۇ ئاخىرى ئەل بولۇپ، پارتلاتقۇچ دورىنى يىقىلغۇ قىلىدىغان كېمىنى ياسىتىپ بېرىپتۇ، مانا ماۋۇ رەسىمدىكىدەك. مەلىكە بۇنى كۆرۈپ، قىن-قىنىغا پاتماي، خۇشاللىقىدا توۋلاپتۇ : مەن غەلىبە قىلدىم !!
پادىشاھ ئىنچىكە پىلانلاپ، مەلىكىگە لازىملىق نەرسىلەرنى شۇنچە ئەتىراپلىق تەييارلاپتۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە يېمەك-ئىچمەك، ئەڭ ئېسىل كېيىم-كېچەكلەر،يېڭى كۆكتات، مېۋە-چىۋە، تەملىك تورت، نەچچە ساندۇق مۇراسم كىيىمى ۋە يىپەك يوتقان-كۆرپىلەر، ھەتتا كۈنلۈك، يەلپۈگۈچ، قولياغلىق قاتارلىقلارمۇ كەم قالماپتۇ… يەنە تېخى مەلىكىنى ئاي شارىدا زېرىكىپ قالمىسۇن دەپ، مۇزىكانت، سېھرىگەر، مەدداھ، ھەييار قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز لايىقىدا سەپلەپتۇ. ئەيتاۋۇر، بارلىق سوۋغا-سالام، لازىمەتلىكلەرنى كېمىگە جايلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر چوڭ ھەربىي قوشۇن ئاۋارە بولۇپتۇ..





ھېكايىنى ئېيتىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە -سامى كىچىككىنە ئېغىزىنى پۈرۈشتۈرۈپ: راستىنلا بىر كالۋا قىزكەن – دېدى.
- نېمىشقا ؟ -دېدىم مەن كىتابنى يىغىشتۇرۇپ، كارىۋات يېنىدىكى ئىشكاپنىڭ ئۈستىگە جايلاشتۇرۇپ قويۇپ.
- ھىم، ئۇنىڭ ئېلىۋالغان نەرسىلىرى بەك كۆپ بولۇپ كېتىپتۇ- دېدى سامى ، جەزىملەشتۈرگەن ھالدا : ناۋادا مەن بولغان بولسام، پەقەت ئەڭ مۇھىم نەرسىلەرنىلا ئېلىۋالغان بولاتتىم. بىز بىر تېزىملىك تۈزەيلىچۇ، دادا سىز ئۆزىڭىزنىڭكىنى، مەن ئۆزۇمنىڭكىنى يازايلى، مۇھىم نەرسىلەر بولسۇن.
- بىز ئەتە دوختۇرخانىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يازايلى، بولامدۇ؟
ئۇ قوشۇمىسىنى سەل-پەل تۈرگەندەك قىلدىيۇ، يەنە ئارقىدىنلار خۇشال ھالدا : سىزنى سۆيىمەن، دادا ! – دېدى.
- مەنمۇ سىزنى سۆيىمەن، سامى . – مەن ئۇنىڭ ئىككى مەڭزىگە ۋە پېشانىسىگە سۆيۈپ قويدۇم. كىچىك قەھرىمانىم ئاستا ئۇيقۇغا كەتتى، مەن ئۇنىڭ يەرشارىدىكى ئەڭ شىرىن چۈشلىرىنى كۆرۈۋىلشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم.

دوختۇر خىلى كۆپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى، بىز تەخمىنەن تۆت كېچە دوختۇرخانىدا تۈنىدۇق. ئىككى ھەپتىدىن كېيىن تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىقتى، ئۇلارنىڭ ئېيتىشچە راك ھۈجەيرىلىرى قايتا تارقىلىپتۇ…پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى…
ئۇنىڭ ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم، چۈنكى ئۇ دېگەن سامى، ئۇ دېگەن مېنىڭ قىزىم ! مەن ئۇنىڭ ئىرادىسىگە ئىشنەتتىم، ئۇ ئەزەلدىن شۇنچە قەتئىي ئىدى، ئۇ مېنىڭ كېچىك باتۇرۇم ئىدى. ئۇ مەن بىلىدىغان ھەرقانداق بالىدىن قەيسەر ئىدى.

ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇنى كۆرگىنىمدە، سامىنىڭ نەپەس ئېلىشىمۇ ئىنتايىن زەئىپلىشىپ كەتكەن ئىدى، كۆزلىرىنى ئاچالمايتى. مەن ئۇنىڭ كارىۋىتى يىنىدا ئولتۇرۇپ يادىمغا كەلگەن ھېكايىلەرنىڭ ھەممىسىنى، ئەيتاۋۇر ئۇ ياقتۇرىدىغان ھەتتا ياقتۇرمايدىغان ھېكايىلەرنىڭ بارچىسىنى ئېيتىپ بەردىم. مەن ئۆزۈمنى توختىتالمىدىم، توختىغۇممۇ يوق ئىدى. مەن گويا تۇنجۇقۇپ قالغان ئادەمگە ئوخشاپ قالغان ئىدىم، چۈنكى بۇ زەربە بەكمۇ ئېغىر ، بەكمۇ تۇيۇقسىز ئىدى…
ئۆي شۇنچە غىرىپسىپ كەتتى. تۇيغۇمدا بولسا سامى مىھمانخانىدا تېلېۋىزور كۆرۈۋاتاتتى ياكى ھۇجرىسىدا كىتاپ ئوقۇۋاتاتتى… مەن مىھمانخاندىكى سافا ئۈستىدە پۈتۈن بىركۈن ئۇخلاپ چىقتىم، پۈتۈن بىركۈن شۇنداق ئويغاق ئۇيقۇ ئىچىدە ئۆتۈپ كەتتى.
مەن ئۈستىنكى قەۋەتكە چىقىپ ئۇنىڭ ھوجرىسنىڭ ئىشك تۇتقۇچىنى تۇتقىنىمدا قولۇم تىترەپ كەتتى. ئۇ ئۆي ئىچىدە باردۇ، ئۇ كارىۋىتىدا ياتقاندۇ، كىچىككىنە پۇتلىرىنى ئەدىيال بىلەن ئورىۋالغاندۇ، بەلكىم ئۇخلاۋاتقاندۇ ياكى ئويغانغاندۇ…ئۇ بار …

ئۇ يوق.

مەن سامىنىڭ كارىۋىتى يېنىدا قانچىلىك ئولتۇرغۇنىمنى بىلمەيمەن، قەلبىمدىكى مەنىسىزلىكنىڭ توختاۋسىز كېڭىيىۋاتقانلىقىنى سىزىۋاتاتتىم. يۈزۈمنى ئۇنىڭ ياستۇقىغا ياقتىم. كۆزۇم كارىۋاتنىڭ باش تەرىپىدىكى ئىشكاپ ئۈستىگە قويۇلغان ھېلىقى ھېكايىلەر توپلىمىغا چۈشتى، ئۇنى ئاستا قولۇمغا ئالدىم. كىتاپ قېتىغا بىر ۋاراقچە قىستۇرۇلغان ئىدى، ئۇ دەل ھېكايە توپلىمىنىڭ جۇڭگو بۆلۈمىدىكى « مەلىكە ۋە ئاي» ھېكايسى بار بەتتە ئىدى. ئۇ بىر تىزىملىك ئىكەن، مەن ئۇنىڭ ئۈستىگە قوندۇرۇلغان بىر قۇر خەتنى خىلى تەسلىكتە ئوقۇدۇمدە- كۆزئالدىم غۇۋالىشىپ كەتتى…

« ئاي شارىغا چىققاندا ئېلىۋالىدىغان ئەڭ زۆرۈر نەرسىلىرىم : 1. دادام 2. ھاۋا 3. ئالەم ئۇچقۇچىلىرى كېيىمى»

———

خەنزۇچە «ئوقۇرمەنلەر» تورژورنىلىنىڭ 2014-يىللىق 10-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى

albAX يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 09:25:54

  ئىككى خىل دەۋر ، ئىككى خىل مەدەنىيەت ، ئىككى خىل كىشلەر توپىدىكى تەپەككۇر پەرقى ......................

ezimet7102 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 23:38:10

ئەركىن پىكىرلىك غەربلىكلەر تېخىمۇ ئەمەلىيەتچىل بولسا كېرەك.
بەت: [1]
: ئايغا ئېلىپ كېتىدىغان يۈك -تاقا ( دىئېىن. فىرانسىس، فىلىپپىن)