Qismet يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 21:36:31

شىركىتىمىز IDC تېخنىكى قوبۇل قىلىدۇ

http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201409/25/212226x1yvv5y61kdxjj5x.jpg
     شىركىتىمىزنىڭ IDC تور مۇلازىمىتى سۇپىسى http://www.uydata.com تۆت يىل ئىلگىرى (2010-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى) ئېچىۋېتىلگەن ئىدى. بۇ تۆت يىل جەريانىدا مۇلازىمىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ھەر مىللەت خېرىدارلىرى (بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك قاتارلىق مىللەتلەر بار) بىزنى بىز ئويلىغاندىنمۇ بەكرەك قوللاپ كەلدى. بىزمۇ لايىقىدا مۇلازىمەت قىلىپ، ئۇلاردىن ھاجىتىدىن چىقتۇق ھەمدە مۇئەييەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئۈنۈم ياراتتۇق.
     بۇ جەرياندا تور بىلىملىرىدىن خەۋەرسىز ياكى ئاساسى ئاجىز مۇئامىلىدارلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى قىيىنچىلىقنى يېڭىشىگە ھەمدەمدە بولدۇق.
     نۆۋەتتە شىركىتىمىزنىڭ IDC تور مۇلازىمىتى سۇپىسىدا 1000 دىن ئارتۇق ھەر مىللەت خېرىدارى بار.
     پەخىرلىنىپ تۇرۇپ تىلغا ئالىمىزكى، شىركىتىمىز ئىگىدارچىلىقىدىكى تور بېكەتلەردىن باشقا «تارىم» ژۇرنىلى تور بېكىتى، «ئەلداۋا» ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى «ئەلداۋا» ساغلاملىق تور بېكىتى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى باشقۇرۇشىدىكى «كۈلگىن» ئۇنىۋېرسال تورى، «ئىسكەندەر» مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى «ئىسكەندەر» ئۇنىۋېرسال تورى، ئىلىكيۇرت يۇمشاق دېتاللىرى، سەكسەن خالتا بىلوگى قاتارلىق رايونىمىزدىكى بىر قىسىم چوڭ تور بېكەتلەر بىزنىڭ خېرىدارلىرىمىزغا ئايلاندى.
     ئالدىمىزدا تېخىمۇ چوڭ خىزمەتلەر بار. شىركەت خادىملىرى كونكېرت بۆلۈم-ئىشخانىلارغا ئايرىلىپ، خادىملارنىڭ ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ.
     شۇڭا، يەنە بىر نەپەر IDC تېخنىكى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلدۇق.
     ۋەزىپىسى: IDC تېخنىكى http://www.uydata.com دىكى خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان بولۇپ، كونكېرت خىزمىتى تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە تۈرلۈك بولىدۇ.
     1. خېرىدارلارغا ICP، تور نامى، بوشلۇق، ساندان، مۇلازىمىتېر ۋە VPS قاتارلىقلار تۈرلەردە QQ ۋە تېلېفون ئارقىلىق مەسىلىھەت بېرىدۇ.
     2. خېرىدارلارغا تور نامى، بوشلۇق، ساندان، مۇلازىمىتېر ۋە VPS قاتارلىقلارنى ساتىدۇ.
     3. خېرىدارلارنىڭ تور نامى، بوشلۇق، ساندان، مۇلازىمىتېر ۋە VPS لىرىدا بىز قىلىپ بېرىشكە تېگىشلىك كاشىلا كۆرۈلسە، ئوڭشاپ بېرىدۇ.
     4. خېرىدارلار تەلەپ قىلسا، ئۇلارنىڭ بوشلۇقىغا WordPress, Discuz, DedeCMS قاتارلىق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان تور بېكەت سىستېمىلىرىنى ۋە زۆرۈر قىستۇرمىلارنى قاچىلاپ بېرىدۇ.
     5. بوشلۇق، مۇلازىمىتېر ۋە VPS سېتىۋالغان خېرىدارلار تور بېكىتىمىزدىكى تەلەپلەر بويىچە ICP ماتېرىياللىرىنى تەمىنلەپ بەرسە، ICP بېجىرىپ بېرىدۇ.
     خىزمەت ئورنى: شىركىتىمىزدە خىزمەت قىلىدۇ.
     خىزمەت ۋاقتى: ھەپتىدە 6 كۈن، كۈندە 8 سائەت خىزمەت قىلىدۇ. قانۇندا بەلگىلەنگەن ھېيت-بايراملاردا ئارام ئالىدۇ.
     تەلەپ:
     1. ئىلگىرى IDC خىزمىتىنى قىلىپ باققان بولۇشى كېرەك.
     2. Photoshop تا مەشغۇلات قىلالىشى كېرەك. چۈنكى، بوشلۇق، مۇلازىمىتېر ۋە VPS سېتىۋالغان خېرىدارلارغا ICP بېجىرىش جەريانىدا، ئۇلار بىزگە يوللىغان كىملىك، رەسىم، جەدۋەل قاتارلىقلارنى تەھرىرلەش كېرەك بولىدۇ.
     3. ۋاقىت قارىشى يۇقىرى، ئىنكاسى چاققان، ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن، مۇئامىلىدە سىلىق، مەسئۇلىيەتچان، تىرىشچان، ئەخلاقلىق، راستچىل، سەمىمىي، كەسپىي ئەخلاققا ئىگە بولۇشى كېرەك.
     4. كىشىگە قارا سانىمايدىغان بولۇشى كېرەك.
      (1) خېرىدارلار بىزگە ئىشىنىپ، بىزدىن بوشلۇق، ساندان، مۇلازىمىتېر، VPS سېتىۋالىدۇ ۋە مۇھىم نەرسلىرىنى يوللايدۇ. شۇنداق بولغانىكەن، بىز خېرىدارلارنىڭ مەخپىيەتلىكىگە، ھوقۇق-مەنپەئەتىگە، بىخەتەرلىكىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. شۇڭا، تېخنىك خادىم خېرىدارلارنىڭ بوشلۇق، ساندان، مۇلازىمىتېر، VPS لىرىنى رۇخسەتسىز ئاچماسلىقى، كاشىلىلارنى ئوڭشاش ۋەجىدىن خېرىدارلارنىڭ بوشلۇق، ساندان، مۇلازىمىتېر، VPS لىرىغا كىرىش توغرا كەلسە، چوقۇم شۇ كاشىلىنى چىقىش قىلىپ مەشغۇلات قىلىشى، خېرىدارلارنىڭ بوشلۇق، ساندان، مۇلازىمىتېر، VPS لىرىدىكى ماتېرىياللارنى كۆچۈرۈۋالىدىغان، سىرىتقا تارقىتىدىغان مەشغۇلاتلارنى قەتئىي قىلماسلىقى كېرەك.
      (2) خېرىدارلار بىزگە ئىشىنىپ، ICP غا كېرەك بولىدىغان كىملىك، رەسىم، جەدۋەل قاتارلىقلار شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى بىزگە يوللايدۇ. شۇنداق بولغانىكەن، بىز خېرىدارلارنىڭ مەخپىيەتلىكىگە، ھوقۇق-مەنپەئەتىگە، بىخەتەرلىكىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. شۇڭا، تېخنىك خادىم ICP بېجىرىش جەريانىدا، خېرىدارلارنىڭ كىملىك، رەسىم، جەدۋەل قاتارلىقلار شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى چوقۇم شىركىتىمىز بېكىتكەن سۇپىدىن باشقا ئورۇنغا يوللىماسلىقى، غەيرى مەقسەتتە پايدىلانماسلىقى، شۇنداقلا باشقىلارغا پايدىلىنىشقا بەرمەسلىكى، ICP رەسمىيىتى تەستىقلانغان خېرىدارنىڭ كىملىك، رەسىم، جەدۋەل قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى شۇ ھامان كومپيۇتېرىدىن ئۆچۈرۈۋېتىشى كېرەك.
     ئەگەر تېخنىكتا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تۇنجى قېتىمدىلا ئېغىر بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. زۆرۈر تېپىلسا، قانۇن ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇلىدۇ.
     5. سىناق مەزگىلى توشقاندىن كېيىن، شىركىتىمىز بىلەن كەم دېگەندە بىر يىللىق ئەمگەك توختامى تۈزۈشى كېرەك.
     6. خەنزۇچە يازمىچىسى ياخشى بولۇشى كېرەك. چۈنكى، خېلى كۆپ ساندا خەنزۇ، قازاق، قىرغىز، خۇيزۇ خېرىدارلىرىمىز بار. ئۇلار بىلەن خەنزۇچە ئالاقە قىلىش كېرەك بولىدۇ.
     يىللىق كىرىمى: تېخنىك رەسمىي خىزمەتكە چۈشۈشتىن ئىلگىرى ئىككى ئاي سىناق ئىشلەيدۇ. سىناق مەزگىلىدە 1500 يۈەن ئىش ھەققى بېرىلىدۇ. سىناقتىن كېيىن تېخنىك شىركىتىمىزدىن، شىركىتىمىز تېخنىكتىن رازى بولسا، ئەمگەك توختامى تۈزۈلىدۇ.
     رەسمىي خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن، تېخنىكنىڭ يىللىق كىرىمى «ئاساسىي مائاش (30 مىڭ يۈەندىن 120 مىڭ يۈەنگىچە) + ئالتە خىل سۇغۇرتا + قەرەلسىز مۇكاپات + ھېيىتلىق تەمىنات + يىللىق مۇكاپات + پاي ئايرىش» ئۆلچىمى بويىچە بولىدۇ.
     تېخنىك شىركەتتىكى تۆھپىسىگە ئاساسەن، شىركەت پېيىغا ئېرىشەلەيدۇ. تېخنىكقا ئايرىپ بېرىلىدىغان پاي ئەڭ تۆۋەن بولغاندا %1، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %49 بولىدۇ.
     ئەسكەرتىش:
     1. ئوقۇش تارىخى بولۇشى تەلەپ قىلىنمايدۇ. تېخنىكا، ئەمەلىي ئىقتىدار ۋە ئەمەلىي كۈچكە ئىگە ھەرقانداق كىشىنى قارشى ئالىمىز.
     2. مىللىتى ئۇيغۇر بولۇشى كېرەك. جىنسى ۋە يېشى چەكلەنمەيدۇ.
     3. رەسمىي خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن، كۈندىلىك 8 سائەت خىزمەت ۋاقتىدىن سىرىت، خىزمەت كۈنى كەچتە 3-4 سائەت ئەتراپىدا، ئارام ئېلىش كۈنلىرى 1-2 سائەت ئەتراپىدا توردا ئىشلىيەلىسە، ئايلىق مائاشىغا 300 يۈەندىن 700 يۈەنگىچە قوشۇپ ھېسابلىنىدۇ.
     ئۆزىڭىزنى بۇ خىزمەتكە مۇناسىپ دەپ قارىسىڭىز، خىزمەت ۋاقتىدا بىۋاسىتە ئىشخانىمىزغا كېلىپ ياكى تېلېفون قىلىپ تىزىملاتسىڭىز بولىدۇ.

     شىركەت ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 154-نومۇر جىلى سودا ئىشلىرى بازىسى 3-قەۋەت 37-ئىشخانا
     تور بېكەت ئادرېسى: http://www.xjcfan.com
     تېلېفون نومۇرى: 8554814 / 8554813-0991
     يان تېلېفون: 13999947028
     ئالاقىلەشكۈچى: ئەمەتجان رۇسۇل
     ئېلخەت: xjcfan@sina.com

ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى2014-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى

يازما مەنبەسى: http://bbs.xjcfan.com/thread-4155-1-1.html

umidwar029 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 22:24:01

بىلىملىكلەر قىنى مەرھەممەت!!

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 11:49:41

مەنمۇ كونا خىرىدار  بولۇپ قالدىم، مۇلازىمەت سۈپىتىدىن ھازىرغىچە ئىنتايىن رازى...{:112:}

tumurjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 12:14:55

مىللىتى ئۇيغۇر بۇلۇشى كىرەك،  جىنسى چەكلەنمەيدۇ.
——————————
بۇ بىر ئۆزگىچىلىككەن.

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 12:21:17

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parakende تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-26 12:22  

     ئەسكەرتىش:
     1. ئوقۇش تارىخى بولۇشى تەلەپ قىلىنمايدۇ. تېخنىكا، ئەمەلىي ئىقتىدار ۋە ئەمەلىي كۈچكە ئىگە ھەرقانداق كىشىنى قارشى ئالىمىز.
     2. مىللىتى ئۇيغۇر بولۇشى كېرەك. جىنسى ۋە يېشى چەكلەنمەيدۇ.


------------------------------


قول قويدۇم يۇلۇڭلار پارلاق بولغۇسى
بەت: [1]
: شىركىتىمىز IDC تېخنىكى قوبۇل قىلىدۇ