مەس شىئېر يىزىش 2-سېغىنىش
تۇنۇش بۇ شەھەر ناتۇنۇش ھايات،تۇنۇگۇن بۇگۇنمۇ ئوتىدۇ ئوخشاش.
ھاياتلىق ئوزىلا بەخىت بۇ يەردە،
شاراپتەك ئازاپلىق بۇ يەردە ياشاش.
ئادەملەر ئىچىدە تەنھامەن يەنە،
كۇلكىلەر ئىچىدە رەھىمسىز پىغان.
بەخىتلىك بۇلۇشقا ئىمكان يوق بۇگۇن،
بىر ئارمان پىچاقتەك يۈرەكنى تىلغان.
قۇلۇمدا يىگانە يەنە شۇ بېلەت،
ناتۇنۇش يوللار بۇ ئايىقى يۈتكەن.
كىندىك قان تۆكۈلگەن ئانا زىمىندا،
نە ئۈچۈن بۇ تەقدىر مۇشۇنداق پۈتكەن.
نەقەدەر ئازابلىق، ئازابلىق دۇنيا،
قولۇڭدىن كەتكىنى كۆپتۇر شۇ قەدەر.
سەبىيلىك ۋاقتىدا ئۆتكەن كۈنلىرىڭ،
گۈزەللىك بابىدا ئىدى بىنەزەر.
ئېرىقنىڭ بويىدا تۇرغان شۇ سۆگەت،
ئەسلەتتى گۈدەك بىر پاكىز يۈرەكنى.
مەيلىدى شۇ كۈنگە كەتسەم جان بېرىپ،
ئۇنۇتتۇم ئۇنىڭدىن باشقا تىلەكنى. ئايىقىم ئاستىدا ناتۇنۇش يوللار،
يۇرەكنى يۇرەكلەر تۇنۇيدۇ بەلكىم.
ھاراقنى قۇي ساقى يۇرەككە بارسۇن،
بۇ دەرتلەر چىقارمۇ غەيرەت بەرگىن.
ھايات يولى ئەگرى - توقاي ،ئەگرى-توقاي بولغاچقا .......................
دەيدىغان بىر ناخشا بارتى ئەتراپىمدا شۇنچە كۆپ ئادەم ،
ئەمما ئۆزەم تەنھا مىسالى ،
نىمىگىدۇر تۇتارمەن ماتەم ،
ئۆتەرمەنمۇ شۇنداق خىيالى ...
ئىلھاملىرىم كەلگەچ ئۇشبۇ دەم
شىئېر يازدىم غىققىدە مەس
شاراپ تەڭلىدى يارەنلەر خوش قىلىپ
ئەمدى ئىچەلمەيمەن بولدى بەس ئۇلاپ ئىچىش بەدەنگە زىيان {:101:} توۋا ماۋۇ ئوخشاشلىقنى...ھازىر ھەممە ئادەم ئۆزىنى تەنھا ھېس قىلامدۇ نىمە.....
تەنھامەن ساناقسىز ئادەملەر ئارا،
چاڭقىغان بۇ قەلىب،يۈرەكلەر يارا.
زەررىچە شىپالىق ئىزدەيمەن تىنماي،
بۇ ئەلەم ئازاپقا يوقمىدۇر دورا ؟
يۈزۈمدە كۈلكە بار،ئىچىمدە قان ياش،
بۇلارنى بىلگۈدەك يوقتۇر بىر ئاداش .
تەنھالىق ھەم ئازاپ ئۆرتەيدۇ مېنى،
ئامال يوق!ئەتراپتا ھەركىم باغرى تاش.
ئەي دۇنيا مەيلى بەرمە پاراغەتنى،
تىلەيمەن پەقەت سۆيگۈ ھارارەتنى.
تىز پۈكمەس غورۇرۇم ۋە پاراسەتنى،
پاك-پاكىز قايتۇرسام بۇ ئامانەتنى...
شاراپ ئىچىپ، ئۇلاپ ئىچىپ
تاڭلار ئاتقۇچە
چىشلىۋالسا ناۋادا ئىچىۋىرمىز ھەم
تاكى چىشىنى چاققۇچە كائىناتنىڭ سىرغا تولغان نىئمىتىدىن
ئارمانلىرىڭ , ئارزۇلىرىڭ ھىممىتىدىن
ھاياتلىقىڭ , ئادىمىلىك قىممىتىدىن
دوستۇم , ساڭا ئامەت تىلەيمەن!
باھارىڭ كۆپ , قەھرىتانىڭ ئاز بولغۇسى
تىلەكلىرىڭ شۇنچە مۇڭلۇق ساز بولغۇسى
ياشىلىقىڭغا قىش كەلمەستىن ياز بولغۇسى
دوستۇم , ساڭا ئامەت تىلەيمەن!
بۇرادىرىم , ئۈمىدسىزلىك شەيتانغا خاس
ماڭا ئىشەن كۆرەشلىرىڭ بىكار بولماس
يولۋاس كەبى يىگىت سەنغۇ يولدىن يانماس
دوستۇم , ساڭا ئامەت تىلەيمەن!
تۈنمۇ تۈگەر, تاڭمۇ ئاتار كۈلىمىز بىر كۈن
ئېچىلغۇسى غەلبە ئاتلىق گۈلىمىز بىركۈن
كارۋانلارغا بويسۇنغۇسى يولىمىز بىر كۈن
دوستۇم , ساڭا ئامەت تىلەيمەن! ئەفىيفىيىي ئەپەندى مۇشۇ مەينى شېئىرغا قىستۇرۇپ شېئىر يېزىش ئىشىنى قانداق چۈشەنسەك بۇلار؟ izdinix ئەپەندى نىمە ئۈچۈن مۇشۇ مەينى شېئىرغا قېتىپ شېئىر يېزىش خىيالى بىلەن بۇنى يېزىپ قالدىڭىز؟
مەن ئويلايمەن مەيدىن يىراققۇ سىز، تاشلاندىم كارۋاتقا مەستلىكىم بىلەن
چېڭگۈەن مۇسادىرە قىلىپ ماشىنىسىغا تاشلىۋەتكەن بىر سېۋەت شاپتۇل كەبى . قولومدا بىر قەدەھ تىترەيدۇ دائىم
ئىچمەمسەن مىنى دەپ تەلمۇرۇپ ماڭا
كوز يىشىم تامغاندا مەيگە ھەر دائىم
قانداقمۇ بىر ئىچىپ چىدايمەن ساڭا..:'( Muhebbet sen ol
بۇتىما ئىزدىنىش ئاخىرقى تىمىسى بوپ قالارمۇ .نىمە دىگەن سۇس كەيپىيات بۇ .
بۇرۇنقىدەك چاغلار ئەسلىمە ئوخشايدۇ ئەمدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا jumahun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-23 10:41
شېئىر ماڭا يارىدى،
ئىزدىنىش ئەپەندى داۋاملىق يازايلى 300پارچە بولۇپ كەتسۇن!
بەت:
[1]
2