jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 19:15:12

جەسەت:بۇ شۇنداق سەممىي، نۇمۇسسىز جاھان


بۇ شۇنداق سەممىي، نۇمۇسسىز جاھان

تۇمانلار قوينىدا يەلپۈنەر ۋاقىت،
قەدەملەر ئەركىدە تاتلىق ھاياجان.
كۆزلىرىم تويمىغان، تويمايدۇ مەڭگۈ،
بۇ شۇنداق سەمىمىي ، نۇمۇسسىز جاھان!



بىر غالجىر مۇقامدا ئۈنلەيدۇ ئەتراپ،
بىر گۈزەل ئازاپتا كۆيمەكتە شەھەر ،
قۇشلارنىڭ پەيلىرى توزىدى قاردەك ،
تۇمانلار قوينىدا مۆكۈندى قەمەر .


ئوت كەتكەن سەھەرنىڭ باغلىرى قان-قان،
ئۆلۈمدەك سەمىمىي سۆيىمەن سېنى ،
كۆزۈمگە تىكىلىپ قارىغىن ، رەسۋا!
ئاھۇدەك كۆزۈڭدە ئۆلتۈرۈپ مېنى !

بەخىتنىڭ قولىدا يانجىلار ۋاقىت،
مىڭ قىتىم قانايمەن گۈلنىڭ لېۋىدە ،
«ئەي ، قىزلار سىلەرنى تاشلاپ كېتىمەن »
چوغلىنىپ ھەر سەھەر شېئىر كۆزۈمدە .


چاشقان

يىراقتىكى ھاكاۋۇر قىزچاق،
ئۆلۈپ كەتسەڭ بولاتتى تېزراق....

مەن ئۆزۈمگە ئوخشىغان رەسىم،
سەن ئوغرىغا ئوخشايسەن جېنىم.
يىراقتىكى تەنھا يۇلتۇزلار،
چۈشەنمەيدۇ دەردىمنى مېنىڭ!

كوچىدىكى ئەخلەت ساندۇقى،
ئوخشىمايدۇ ھەرگىزمۇ ساڭا.
ئۆيۈمدىكى ئوماق چاشقانلار،
شېئىر ئوقۇپ بەرمەكتە ماڭا.

سەن يىراقتىن كېلىسەن كۈلۈپ،
چۈمۈلىدەك ئوماق جىلمىيىپ.
مەن تۇرىمەن كۆز- يېشىم بىلەن،
يوللىرىڭغا مىختەك تىكىلپ.
يىراقتىكى ھاكاۋۇر قىزچاق،
ئۆلۈپ كەتسەڭ بولاتتى تېزراق،
ئۆلۈپ كەتسەم بولاتتى تېزراق..


كونا بىنا

مېھرىم بار ئەي ساڭا كونا بېنادەك،
ۋە لىكىن سەن ماڭا چېپچىستى- يېڭى.
قىسىملىق خىيالدەك ئۇزۇن ھەم تونۇش،
مەن كۆرگەن چۈشلەرنى كۆرمىدىڭ تېخى.

ئوت بولۇپ يانىمەن كېچە باغرىدا،
تالجىققان روھىمنى ئىرغىتىپ ئاستا.
قارايمەن سائەتكە تەشۋىش ئىچىدە،
ياستۇقۇم ئۆگتتى ياشاشنى قايتا.

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 19:50:26

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-25 19:52  

بىر ئوقۇسام بەك ئىسىلدەك!بىر ئوقۇسام تاقا-تۇقىدەك!!(ماگەپ ئەمما بەك سەمىيمىي جۇمۇ!)
بولدىلا يەنىلا ئەدىپلەر بىر نىمە دىسۇن!!،،،،،

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 20:05:40

چېپچېستى..........:lol

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 23:23:47

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erktekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-26 00:24  

شىخۇدىن 100 پارچە تېرە ئېلىپ،
بۆرتالاغا ئاپارسام.
ئاللا، ئاللا ،ۋاي كاللا
ئالىمەن دىگەن گۇي ،گېپىدىن يېنىۋالدى .

ماندا بىر شېئىرنى ئوقۇغان ئادە،م ،ھە ما تېرىچى قىلتاققا چۈشۈپ زىيان تارتىپتۇدە دەپ ئويلىغۇدەك يازىلى ..........:lol


بەك گۇڭگا يازغىڭىز كەلسە ئەخمەتجان ئوسماندەك يېزىڭ ................. بولمىسا كۆتنى قىسىڭ

تاغلار
قېنى مېنىڭ
ئەكس سادايىم !

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 05:43:30

خائىن تاغلار،
قېنى مېنىڭ
ئەكىس سادائىم!

gaqa يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 08:16:55

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gaqa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-26 08:18  

ئۆلۈمدەك سەمىمىي سۆيىمەن سېنى ،
كۆزۈمگە تىكىلىپ قارىغىن ، رەسۋا!
ئاھۇدەك كۆزۈڭدە ئۆلتۈرۈپ مېنى !

يىراقتىكى ھاكاۋۇر قىزچاق،
ئۆلۈپ كەتسەڭ بولاتتى تېزراق....


قارايمەن سائەتكە تەشۋىش ئىچىدە،
ياستۇقۇم ئۆگتتى ياشاشنى قايتا.


ھەقىقەتەن پەيزى چىقىپتۇ!
ئەخمەتجان ئوسمان دىگەن كىم ئۆزى؟
ھەممە شىئىر ئەخمەتجان ئوسماننىڭكىگە ئوخشىشى كىرەكما؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىنكاسنى ئەرىكتىكىننىڭ يازغىنى:L
ئۇنداق ئىدىيە دىكتاتۇرچىلىغى قىلمايلى!

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 09:00:29

   شېئىرلارنىڭ تىلى لىرىك  چىقىپتۇ . شائىرنىڭ ئىپادىلەش ماھارىتى شېئىرغا جان بېرىپتۇ .

serwan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 10:10:31

بەزىلەر ئۇچۇن تاققا تۇققا بەزىلەر ئۇچۇن لېرىك ـ مىنىڭچە يەنلا لىرىك

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 10:17:23

يىراقتىكى ھاكاۋۇر قىزچاق،
ئۆلۈپ كەتسەڭ بولاتتى تېزراق....

بىر زامانلاردا شۇنداق بىر ئەسەبىي  تىلىكىم بار ئىدى:)

jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 12:23:00

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jeSat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-27 12:26  

بەزىلەرنىڭ تەڭداشسىز ئۇلۇغ ئىنكاسلىرىغا جاۋاب قايتۇرۇشنى ئارتۇقچە ئىش دەپ قارىغىىم ئۈچۈن سۈكۈت قىلىشنى توغرا تاپتىم... چۈنكى ئۇلار، سەبىيلىكتە، گۆدەكلىتە، بىغۇبارلىقتا چېكىگە يېتىتۇ.

ئۈستىدىكى ئۇلۇغ شائىرلارئە. ئوسماننىڭ ‹خائىن تاغلار› شئىرى ھەققىدىكى سانسىزلىغان ماقالەر ئچىىدىكى بىرەر جۈملىنى ئوقۇپ بولسىمۇ  ئاندىن ئىنكاس يېزىڭلار...! ھېچنىمىنى بىلمەي تۇرۇپ بۇ شېئر ھەققىدە جۆيلىمەڭلار....!
بەت: [1]
: جەسەت:بۇ شۇنداق سەممىي، نۇمۇسسىز جاھان