جەسەت:ماۋزۇسىز
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا jeSat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-25 19:091
چۈشۈمگە ئوغرى بوپ كىردى شاماللار،
تومۇچۇق كۆزۈمنى چوقۇلاپ يىدى.
سەن ئۈچۈن ئېسىمنى يوقۇتۇپ كەلدىم،
بۇ ناخشا ،بۇ سۆيگۈ،مۇھاببەت ئىدى!!
سۆيگۈگە ئېزاھات بىرەيمۇ،ياق،ياق!!
سۈپەت ئۇ شەيئىنىڭ ئاددىي بەلگىسى.
شۇنچە يىل زارىقىپ كۈتكىنىم نىمە؟
يا خىيال يا ئازاپ ئەخلەت ساندۇقى!!!!
2
مەن سېنى كىملەرگە ئوخشىتاي زادى؟
ئاي دەيمۇ،كۈن دەيمۇ ياكى پەرىشتە.
سەنسىزمۇ بۇ كۈنلەر بەخىتسىز ئىدى!
ئازاپمۇ ئەزەلدىن مېنىڭ قەستىمدە.
باغرىمنى قان قىلغان يامغۇرلۇق كېچە،
ئاي نۇرى قەلبىمنى قىلغان مالىمان.
سەن نېمىە، سەن نېمىە؟ بەلكىم،ھېچنىمە!!!
گۇناھكار يۇلتۇزدەك قالايمىقان!!!!!
ئوخشۇتۇپ قويغۇم يوق گۈللەرگە سېنى،
بىر گۈزەل جىمجىتلىق كۆيەر ئىچىمدە.
قىيسايغان كەۋدەمنى سايەمگە يۆلەپ،
بۇقۇلداپ يىغلىدىم قۇشلار ھەققىدە.
بەخىتكە ئۇرۇن يوق،ئازاپ بار ئازاپ،
ئۇرۇقلاپ كېتىمەن قاراشلىرىڭدىن.
مۈشۈكنىڭ تىرنىقى كەلسە ئېسىمگە،
جاق تويۇپ كېتىمەن جېنىم سېنىڭدىن!!
3
ماغدۇرسىز تۇرقۇمدىن تۆكۈلەر ئازاپ،
ئاي نۇرى باغرىمغا سىڭىشەر ئاستا.
مەن بەخىت ئۈچۈنلا ياشاپ كەلمىدىم،
ئازاپمۇ شۇنچىلىك سۆيۈملۈك بۇندا.
‹‹ بىلمەيمەن قەبرىدە قانداق يېتىشنى ››
ئىزدىدىم بىر ئۆمۈر ۋەيرانچىلىقىنى .
تىللايمەن قۇشلارنى ئەڭ قەبىھ تىلدا،
يۇشۇرۇپ بولالماي سېسىق تېنىمنى!!!
يامغۇرنىڭ تامچسى مەندەكلا سوغۇق،
ۋەيرانە كوچاڭنى ياقتۇرۇپ قالدىم.
ئاڭلىسام تويۇڭنى قىلىپسەن بۈگۈن،
چۈشۈمدە ئېرىڭنى ئۆلتۈرۈپ سالدىم!!! چۈشۈمدە ئېرىڭنى ئۆلتۈرۈپ سالدىم:lol:lol ئاخىرقى كۇپلىتى {:112:}چىقىپتۇ! ئېسسل ئېسىل ياخشى چىقىپتۇ قەلىمىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.... جەسەتنىڭ ماۋۇ شېئىرى ھەقىقەتەن ئېسىل چىقىپتۇ.
بەت:
[1]