waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 18:14:40

جۇڭگۇ كوماندىسى قازاقىستان كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى

  
    http://you.video.sina.com.cn/api/sinawebApi/outplayrefer.php/vid=135778558_6/s.swf

    ئۇيغۇر ۋاسكىتبول تورىنىڭ24-سىنتەبىر  خەۋىرى؛    2014-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى،  كورىيە رېن چۇەن  ئاسىيا تەنھەركەت يىغىنى  ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىنىڭ گۇرپا مۇسابىقىسى ئىلىپ بىرىلدى.  جۇڭگۇ  ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى 76-59 نەتىجە بىلەن قازاقىستان كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ تۇنجى مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۇردى .  25 -سىنتەبىر ئۈرۇمچى ۋاختى 00؛11 دە، جۇڭگۇ  ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى جۇڭخۇا تەيبىي  كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.
  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە دۆلەت  ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىدىن  ۋاڭ جىلىن 14 نۇمۇر، 5 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى. جاڭ تەيلۇڭ 10 نۇمۇرئالدى،   گوئەيلۇن  9 نۇمۇر، 2 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 3 قىتىم ياردەمچى پاس بەردى. جۇپىڭ 9 نومۇر، 3 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 2 قىتىم ياردەمچى پاس بەردى.  چەي شىياۋ چۇەن 9 نۇمۇر ئالدى.  لى شاۋ شۇ 8 نومۇر، 7 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.  جۇچى 6 نۇمۇر،  7 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى. سۈن تۇڭلىن 4 نۇمۇر،  شىرئەلىجان 3 نۇمۇر،  لىيۇ شىياۋيۈ، گوچۇەن 2 نۇمۇر ئالدى.


  ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php

function يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 23:31:51

شىرئەلىدىن پەخىرلىنىمەن!

abduzaher يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 06:42:05

شىرئەلىجان ئانچە ئۇزۇن ئوينىمىغان ئوخشايدۇ ھە ،ئازلا نۇمۇر ئاپتۇ

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 11:20:15

بۇ قېتىم ماۋزۇ توغرا قويۇلۇپتۇ . ھېلىمۇ ياخشى شىرئەلى قازاغىستان كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى بولۇپ قالماپتۇ .
ئۇلۇغ ، قۇدرەتلىك جۇڭخۇا ئېلىدىن پەخىرلىنىمەن .
لېكىن مۇشۇ پۇتبول كوماندىسىزە ...
بەت: [1]
: جۇڭگۇ كوماندىسى قازاقىستان كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى