dunya يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 09:52:30

قورقۇنچلۇق بىنا (ۋەھىمىلىك ھېكايە)

قورقۇنچلۇق بىنا
( ۋەھىمىلىك ھېكايە )"
ئابۇزەر تۇرسۇن
ئاپتوردىن : جىن – ئالۋاستىلار، ئەرۋاھلار تەسۋىرلەنگەن قورقۇنچلۇق، ۋەھىمىلىك ھېكايىلەر غەرب ئەدەبىياتىدا بەلگىلىك سالماقنى ئىگەللەيدۇ . بۇ خىل تۈر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يوق دىيەرلىك . مەن سىناق نۇسخىسدا بۇ ھېكايەمنى يېزىپ باقتىم .
ئۇلار بۇ بىنانى سېتىۋالغىنىدىن شۇنداق خوشال بولۇشتى . بىنا شەھەرنىڭ غەربىدىكى قەۋرىستانلىقنىڭ ئورنىغا سېلىنغان ئىدى .ئاۋۋال قەۋرە ئىگىلىرىگە ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ قەۋرىستانلىقتىكى جەسەتلەر شەھەرنىڭ باشقا بىر يېرىگە كۆچۈرۈلدى . ئاندىن بۇ بىنا سېلىندى . بۇ چىرايلىق سېلىنغان بىنانى ھەممىلا كىشىنىڭ سېتىۋالغۇسى كېلىپ تۇراتتى .چۈنكى بىنانىڭ ئورنى ياخشى بولۇپ بۇ شەھەرنىڭ ئەڭ يېشىللاشقان يەرلىرى ھىساپلىناتتى ، بىنادىن ئانچە يىراق بولمىغان جايلاردا مىۋىلىك باغلار ، شىپاڭلار ، ھەر خىل سەيلىگاھلار بار ئىدى . شاۋقۇن- سۈرەنلىك شەھەر مەركىزىدىن يىراق بۇ جايغا جەمئى ئون يۈرۈش بىنا سېلىندى .نۇرغۇن كىشلەر بۇ جايدىن بىنا ئېلىشقا قىزىقىۋاتاتتى .
ئۇلار بۇ ئون يۈرۈش بىنانىڭ ئوتتۇرىسغا جايلاشقان بىنادىن ئۆي سېتىۋالدى .ئۇلار مۇشۇ بىنا بويىچە ئەڭ ئاۋۋال ئۆيىنى بېزىگەن كىشى بولۇپ قالدى . بىر يېرىم ئايلىق بېزەش ئىشى ئاياقلاشتى .ئۇلار ئارىدىن ئۈچ ئاي ئۆتۈپ ئۆيىگە كۆچۈپ كىردى .
ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئايالى خوشال ھالدا تۈنجى كۈنىنى تەبرىكلىدى . ئۇلار بىنا ئۆينىڭ ئىچىدە ئۇيان – بۇيان ماڭاتتى .باشقا ئىشىكلەرگە قاراپ باقتى . ئەمما تېخى ھېچكىم كۆچۈپ كەلمىگەن ئىدى . ئۈچ ئىشىكلىك 40 كىشىلىك بۇ بىنادا ئۇلاردىن باشقا ھېچكىم يوق ئىدى .
كەچ كىردى ، گۇگۇم چۈشتى . نويابىر ئېيىدىكى قاراڭغۇلۇق جاھاننى تېزلا قاپلىدى .
ئۇنىڭ ئايالى ئۈچ ياشلىق ئوغلىنى ئۇخلىتىپ بولۇپ ئاستاغىنە ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە :
- مەن قورقىۋاتىمەن . بىز پۈتۈن بىنا بويىچە يالغۇزلا كۆچۈپ كىرىپتۇق ،- دىدى .
- نىمىدىن قورقىسەن ؟ دىدى ئېرى ئۇنىڭ يەلكىسىدىن قۇچاقلاپ .
ئون يۈرۈش بىنا ئىچىدە پەقەت بۇ بىنالا ئالاھىدىرەك سېلىنغان بولۇپ خۇددى ئىدارە ئورگانلارنىڭ ئىشخانە بىناسىدەك سىرتتىكى بىر ئىشىكتىن ھەممە قەۋەت ۋە ئۆيلەرگە چىققىلى بولاتتى .باھاسىمۇ باشقا بىنالاردىن تۆۋەنرەك ئىدى .
كەچ سائەت ئون بىر بولدى . ئۇلار ئورۇنغا كىرىپ ياتتى . ئۇزۇن ئۆتمەي ئەر – ئايال ئىككىسى ئۇيقۇغا كەتتى .
كېچە سائەت بىر يېرىم بولغان چاغدا ئايالى ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتى .
- تۇرۇڭ ئورنىڭىزدىن ! -دىدى ئۇ ئالاقزادىلىك بىلەن .
- نىمە بولدى؟ - ئەر ئۇيقۇچان كۆزلىرى بىلەن ئايالغا تىكىلدى .
- ئوغلىمىز يوق ؟.
- يوق گەپنى قىلمىغىنە ؟ ، ئايال ئەرنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ياندىكى ئوغلىنىڭ ھوجرىسىغا كىردى . ئۇلارنىڭ ئۈچ ياشلىق ئوغلى بالىغا ئاجرىتىلغان ھوجرا ئۆيىدە تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى .
- ماۋۇ ، ساراڭ خوتۇن ، ئادەمنى چۆچۈتۈپ ، ئەنە بالا بىر تاتلىق ئۇخلاۋېتىپتىغۇ ؟
- خۇداغا شۈكرى دىدى ئايالى ئوڭ قولى بىلەن مەيدىسىنى تۇتۇپ . ئۇنىڭ ھاسىرىشى تېخى پەسكويغا چۈشمىگەندەك قىلاتتى .
- مەن بايا بىر قورقۇنچلۇق چۈش كۆردۈم .
- قانداق چۈش ؟ سورىدى ئېرى . ئەمدى ئۇنىڭ ئۇيقۇسى تامامەن ئېچىلىپ كەتتى .
- مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئوغلىمىز ياتقان ئۆيگە كىرسەم ئۇ يوق ئىكەن ، مەن ئوغلۇمنى ئىزلەپ ئۆينىڭ"
ھەممە بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىغا قاراپتىمەن ، ئەمما يەنىلا ئۇنى تاپالماپتىمەن . ئىشىك قىيا ئوچۇقلۇق ئىكەن .ئاخىرى زالغا چىقىپتىمەن . تۇيۇقسىزئۈستۈمىزدىكى قەۋەتتە بىر توپ ئەر – ئاياللارنىڭ قاقاھلاپ كۈلۈشۈپ يۈرگىنىنى ئاڭلاپ قاپتىمەن .مەن ئاستا پەلەمپەيدىن چىقىپ ئۇ ئۆينى تېپىپتىمەن ، قارىسام بۇ ئۆي دەل بىزنىڭ ئۆينىڭ ئۈستىدە ئىكەن ، ئىشىكى قىيا ئوچۇق ئىكەن، ئۆينىڭ مېھمانخانە ئۆيىدە چوڭ يۇمىلاق شىرە قويۇقلۇق ئىكەن .شىرەنى چۆرىدەپ بىرمۇنچە ئەر – ئاياللار ئولتۇرۇشۇپتۇ . شىرە ئۈستىدە ھەر خىل قورۇمىلار ، ئاق ۋە قىزىل ھاراقلار ، مېۋە- چىۋىلەر تىزىقلىق ئىكەن . مەن ئوغلۇمنى ئىزلەپتىمەن ۋە ئۇنىڭ ئسىمىنى توۋلاپتىمەن ، مەن ئۇشتۇمتۇت ئوغلۇمنىڭ ئاشۇلار ئارىسىدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپتىمەن ،ئۇ غېمىدا يوق ئويناۋاتاتتى . ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىغا تورتتىن بىر پارچە كېسىپ تەخسىسىگە سېلىپ قويغان ئىدى . ئۇ پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن ئاشۇ تورت پارچىسىنى يەۋاتقان بولۇپ ئاغزى بۇرنى تورتنىڭ قايمىقىغا بويالغان ھالەتتە ئىدى . ئۇ ماڭا لەپ قىلىپ قاراپ قويدى،يۇ ئەمما بېشىنى كۆتۈرمەي يەنە قايتىدىن ئاشۇ تورت پارچىسىنى يېيىشكە باشلىدى . مەن ئۇنىڭ قېشىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ قولىدىن تارتتىمدە يۇلۇپ ئېلىپ ماڭدىم . ئۇ مەندىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىپ شىرەنى پىقىراپ ئايلىنىشقا باشلىدى . مەن ئوغلۇمنى قوغلاۋاتىمەن ، ئەمما ئۇ تۇتۇق بەرمەيدۇ ، ئۇ بىركىشىنىڭ ئارقىسىغا ئۆتىۋالدى . بۇ دەل قايسى يىلى بىز كۆرگەن قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغان ئادەم ئىدى ..
- ئېسىڭىزدىمۇ ؟ ئۇ ئېرىنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىدى .
- قايسى ۋەقەنى دەيسەن ؟
- قايسى بىر يىلى بىزنىڭ قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقان مەزگىلىمىزدە تاغقا چاڭغا تېيلىغىلى چىقىپ كەچ:
قالدۇق . بىز ماشىنىدا ئۇچقاندەك كېتىپ باراتتۇق . شېھىت دۆڭ دىگەن يەردىكى ئايلانمىدا ئالدىمىزدا كېتىپ بارغان ئىككى ماشىنا سوقۇلۇپ كەتتى . سىز ئارانلا تورمۇز قىلىپ ماشىنىنى چەتكە توختاتتىڭىز ، سانتانا ماركىلىق ماشىنا بىلەن قىزىل بايراق ماركىلىق ماشىنا ئۇرۇلۇپتىكەن . قىزىل بايراق ماركىلىق ماشىنىنىڭ ئالدى پۈتۈنلەي چۇۋۇلۇپ كەتكەن ئىدى .
- ئېسىڭىزدىمۇ ؟ ئۇ يەنە ئېرىنىڭ كۆزىگە سىنچىلاپ قارىدى .
- ھەئە ئېسىمدە ، ئېرى ئۇيقۇچان كۆزىنى ئايالىغا تىكتى .,
- ئەشۇ چاغدا سىز ماشىنىدىن چۈشمەكچى بولغان ئىدىڭىز . مەن ئۇنىمىدىم . مېنى بىللە چۈشۈشكە
دەۋەت قىلغانتىڭىز « مەن قاندىن قورقىمەن ، بولدى ماشىنىدىلا ئولتۇراي » دىدىم.ئەمما يەنىلا قورقۇنچۇمنى يېڭىپ سىزگە ئەگىشىپ چۈشتۈم . كۆز ئالدىمدىكى مەنزىرە ئاجايىپ دەھشەتلىك قورقۇنچلۇق ئىدى . قىزىل بايراق ماركىلىق ماشىنىدا بىرلا كىشى بولۇپ ئۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىلا جېنىدىن ئايرىلغاندەك قىلاتتى . ئەمما سانتانا ماركىلىق پىكاپتا ئۈچ كىشى بولۇپ شوپۇر ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى كىشى نەق مەيداندا ئۆلگەن، ئارقا ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان كىشى پۇتى سۇنغانلىقتىن قان ئىچىدە قىمىر قىلالماي يېتىپتىكەن . ئۇ توختىماي ئىڭرايتتى . مەن بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ چىدىيالماي ماشىنا ئىچىگە كىرىپ كەتتىم . بىر ھازادىن كېيىن سىز ئۇ پىكاپتىن بىر سومكىنى ئالدىڭىز ، ۋە قايتىپ ماشىنىڭىزغا كىردىڭىز ئاندىن سومكىنى ماشىنىنىڭ ئالدىدىكى ئورۇندۇقنىڭ ئاستىغا تىقىپ قويدى .
مەن نىمە ئۇ دەپ سورىۋېدىم ، سىز مۇنداق دىدىڭىز « ئاۋۇ ماشىنىنىڭ ئارقىسىدىكى كىشى شەھەردىكى XXئىدارىدە ئىشلەيدىكەن . بۇ سومكىدىكى تاپشۇرۇپ بېرىدىغان مۇھىم ھۆججەت ۋە تالونلار ئىكەن ، ئۇ ئۆلىدىغاندەك قىلىدۇ ، ئۇ :« مەن ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن . مۇشۇنى مەن ئىشلەۋاتقان ئىدارىگە ئاپىرىپ بېرىڭ دىدى » .
ئەمما ماشىنىمىز قوزغىلاي دىگەندە مەن ئۇ كىشىنىڭ قانغا بويالغان چىرايىنى بىز ئولتۇرغان ماشىنىنىڭ ئەينىكىگە يېقىپ قاتتىق ئاۋازدا ۋاقىرىغانلىقىنى كۆردۈم . شۇ كېچە ناھايىتى قاتتىق شىۋىرغانلىق بوران چىقىپ ھۇشقۇيتىپ تۇراتتى. ماڭا ھېچنىمە ئاڭلانمىدى . ئۇنىڭ شۇ كېچىدىكى چىرايى تولىمۇ قورقۇنۇچلۇق ئىدى .ئۇ قانغا بويالغان قولىنى ماشىنا ئەينىكىگە سۈركەپ يىقىلىپ چۈشتى . سىز ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتىڭىز ۋە قولىڭىزنى ئۇنىڭ بۇرنىغا يېقىن ئەكەلدىڭىز،دە « ئۇنىڭ تىنىقى توختاپتۇ، ئۆلۈپ قاپتۇ» دىدىڭىز . سىز ماشىنا ئىشىكىنى ياپتىڭىزدە ، ماڭايلى دەپ ناھايىتى تېز ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇپ قوزغىلىپ كەتتىڭىز .
شۇ كۈنى مەن سىزگە ئاچچىقلىدىم ۋە «نىمىشقا ساقچىغا تېلىفون قىلىپ ئەھۋالنى مەلۈم قىلمايمىز» دەپ سورىدىم ئەمما سىز« ئۆزىمىزگە ئىش تاپمايلى بىكار ساقچىلار بىزنىمۇ ئاۋارە قىلىپ قويۇپ بەرمەيدۇ دىدىڭىز» .
چۈشۈمدە دەل ئەشۇ ماشىنا ئەينىكىنى ئۇرۇپ ۋاقىرىغان كىشى ئالدىمدا دىۋەيلەپ تۇرىۋالدى . ئۇ ئوغلىمىزنى ئارقىسىغا ئۆتكۈزىۋېلىپ ماڭا ئاشۇ كېچىدىكىدەك قانغا بويالغان چىرايى بىلەن دەھشەتلىك كۆزلىرىنى تىكىپ قاراپ تۇردى . مەن قىمىر قىلالمىدىم . ۋاقىرىسام ئاۋازىم چىقمايدۇ . ئۇ كىشى ۋە يەنە بىر ئۇزۇن قارا چاچلىرى بار ئايال « بىز بىلەن يۈر ، سەن بىزگە ئەگەشكىن !» دەپ ئىككى قولۇمنى چىڭ تارتتى .
مەن قورققىنىمدىن قانچە ۋاقىرىساممۇ ئاۋازىم چىقمىغۇدەك ، ۋاقىراپتىمەن ، تىپىرلاپتىمەن . ئاخىرى ئويغىنىپ كەتتىم .ئويغانسام چىلىق- چىلىق تەرلەپ كېتىپتىمەن .
ئۇنىڭ ئېرى ئايالىنىڭ بۇ ئۇزۇن ھېكايىسىنى گەپمۇ قىلماي تىڭشىدى ۋە ئۇنىڭغا تىكىلىپ :
- ھېكايەڭ تۈگىگەن بولسا ئۇخلايلى خوتۇن ،- دىدى .,
ئايالى ياتتى ، ئۇ چىراقنى ئۆچۈرۈشتىن بۇرۇن سائەتنىڭ نەچچە ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولۇپ قول بېغىشىدىكى سائەتكە قارىدى ، يۇ تۇيۇقسىز چىقىرىۋەتتى .
- ۋاي ، ئانامەي ، - ئۇنىڭ ئىككى قولىنىڭ بېغىشى قىپ قىزىل بولۇپ ئۈچ بارماقنىڭ ئىزى چىقىپ قالغان ئىدى .
مانا ئەمدى ئەرنىڭ قورقۇنچتىن تېنى شۈركىنىپ كەتتى
نىمە ئىش بۇ خوتۇن ، سەن چۈشۈڭدە ئىككى كىشى قولۇمدىن تارتتى دەۋاتاتتىڭ ...
ئايال قورققىنىدىن يىغلاشقا باشلىدى . ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئاشخانا ئۆيگە كىرىدى ۋە قايناقسۇنى ئىستاكانغا قۇيۇپ كارۋىتى بېشىغا كەلدى . ئۇ ئىختىيارسىز يەنە ئورنىدىن قوپۇپ ئوغلى ياتقان ئۆيگە قارىدى .
ئوغلى ئورنىدا يوق ئىدى .
ئايالى چىررىدە چىقىرىۋەتتى ۋە ئېرىنىڭ قولىدىن تارتىپ ئوغلىنىڭ ھوجرىسىغا كىردى .!
ئۇلار شۇ چاغدىلا بايا خوتۇنى ھېكايىسىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقاندا ئۆينىڭ ئىشىكىنىڭ قىيا ئېچىلىپ قالغانلىقىنى پەرەز قىلدى . سوغۇق شامال ئۆي ئىچىنى ئاللىقاچان مۇزلىتىۋەتكەن ئىدى .
ئۇلار ھەر ئىككىلىسى كىيىملىرىنى ئالدىراش ئىچىدە كىيدى ۋە زالغا چىقتى . ئۇلارنىڭ ئۆيى ئۈچىنچى قەۋەتتە پۈتۈن بىنانىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدى . ئۇلار ئوتتۇرىدىكى ئىشىكتىن كىرىپ ئوڭ تەرەپتىكى پەلەمپەيدىن ئۆيىگە چىقاتتى . ئايال شۇ تاپتا بايىقى چۈشىگە تېخىمۇ ئىشىنىشكە باشلىدى .
- بىز بايا مېنىڭ چۈشۈمگە كىرگەن ئۈستۈمىزدىكى ئۆيگە كىرىپ باقايلى .
– نىمىشقا ، سەن چۈشۈڭگە ئىشىنىۋاتامسەن ؟
- ھەئە ، كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرىدۇ ئاشۇ ئۆيدە ئادەملەر ئولتۇرغاندەك ، بىر ئولتۇرۇش بولغاندەك تۇيۇلىۋاتىدۇ .
ئۇلار بىنانىڭ ئوڭ بۈرجىكىدىكى پەلەمپەيدىن ئاستا تۆتىنچى قەۋەتكە چىقتى . ئۇلار شىپىلداپ مېڭىپ دەل ئۆزلىرىنىڭ ئۆيىنىڭ ئۈستىدىكى ئۆيگە كەلدى . ئۇ ئۆينىڭ ئىشىكى قىيا ئوچۇق ئىدى .
« بۇ ئۆينىڭ ئىشىكى قانداق ئېچىلىپ قالدى ؟ » ئەجابا ، مەسئۇل خادىملار بۇ ئۆينى تاقاشنى ئۇنتۇپ قالدىمۇ ؟
ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرى قورقۇنچتىن قاتتىق دۈپۈلدەۋاتاتتى . ئۇلار بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ئاستا ئىلگىرىلەپ ئۇ ئۆينىڭ مېھمانخانىسىغا كىردى .
«ئاھ ، خۇدا ، مېنىڭ چۈشۈم ! » ئايال شۇ زامات ھوشىدىن كەتتى .ئۇ دەرھال ئايالىنى يۆلىۋالدى .مېھمانخانە ئۆيدە ساغۇچ يېنىپ تۇرغان چىراق بۇ ئۆيگە گۇڭگا تۈس كىرگۈزگەن ئىدى . ئوتتۇرىدا چوڭ يۇمىلاق شىرە تۇراتتى.شىرە ئۈستىدە ھەر خىل بوتۇلكىلار بولۇپ بەزى بوتۇلكىلاردا يېرىمى ئېشىپ قالغان ھاراقلار تۇراتتى . ھەر خىل قورۇمىلار ، يوغان تورتنىڭ ئاستىدىكى قەغەز تەخسىسى ، ئاشقان تورت پارچىلىرى كىچىك – كىچىك قەغەز تەخسىلەردە، تورت بىلەن قوشۇپ بېرىلگەن سولياۋ ۋېلكا – پىچاقلار بىلەن بىللە تۇراتتى . ئەر ئادەتتە شۇنچە يۈرەكلىك بولسىمۇ قورقۇنچتىن پۇتلىرى دىر – دىر تىترەپ كەتتى .
ئۇ ئايالىنى يۆلەپ دەرھال ئارقىغا ياندى ، يۇ يەنە كەينىگە بۇرۇلۇپ قاراپ قويدى . ئەمدى بۇ ئۆيدە ھېچنىمە كۆرۈنمەيتتى . ئۆي ئىچىدىن ناھايىتى سوغۇق ھاۋا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى .ئۇ قاتتىق ئەجەپلەندى .
ئۇ ئاستا ئايالىنى يۆلەپ ئۆيىگە چۈشمەكچى بولۇپ بىرىنچى پەلەمپەيدىن ئەمدىلا چۈشىۋېدى . ناھايىتى جاراڭلىق كۈلكە ئاۋازى ئاڭلاندى . ئۇ ئاۋاز ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا ئاڭلانغاندەك قىلدى . ئۇ ئىتتىك بۇرۇلدى ئەمما يەنىلا تىمتاس زال كۆزگە تاشلىناتتى .
ئۇنىڭ ئايالى چۆچۈپ ھوشىغا كەلدى
بالام ، بالام قېنى دادىسى ؟ تاپتىڭىزمۇ ؟ مەن نىمە بولدۇم ؟ ئۇ ئەسەبىيلەشكەندەك توختىماي سوئال سورايتتى .
ئۇنىڭ ئېرى ئۇنچىقمىدى . بايىقى جاراڭلىق كۈلكە ئاۋازى يەنە ئاڭلاندى . بۇ قېتىم تېخىمۇ ئوچۇق ئاڭلاندى .
ئايال قورقۇنچتىن تىترەپ تۇراتتى ئۇنىڭ ئاغزى گەپكە كەلمەي !
يۈ... رۈ....ڭە ، بى... بىز ئۈ..ستۈنكى قە...قە ۋەتكە چىقايلى ،- دىدى .
ماقۇل .
ئۇلار ئاستا پەلەمپەيدىن ياماشتى . ھەر ئىككىسنىڭ قەدەملىرى شۇنچىلىك جانسىز ئىدى .ئۇلار ئاستا – ئاستا پەلەمپەيدىن يامىشىپ بەشىنچى قەۋەتكە چىقتى . بەشىنچى قەۋەتتىكى ئۆيلەرنىڭ ئىشكلىرىمۇ شۇنداق يېڭى بولۇپ ھەممىسىلا ئېتىكلىك ئىدى . باشقا قەۋەتلەرگە ئوخشاش تېخى ھېچكىم ئولتۇراقلاشمىغان ئىدى .
بايىقى جاراڭلىق كۈلكە ئاۋازى يەنە ئاڭلاندى . بۇ قېتىم ئاۋالقى ئىككى قېتىملىقىدىنمۇ كۈچلۈك ۋە جاراڭلىق ئاڭلاندى .
بىنانىڭ بەشىنچى قەۋىتىنىڭ ئىككى بۇلۇڭىدا ئۆگزىگە چىقىدىغان تامغا قېقىلغان پولات چىۋىقتىن ياسالغان شۇتا بار ئىدى .  
ئەر ئۆگزىگە چىقىپ بېقىش خىيالىغا كەلدى .
- يۈرە بىز ئۆگزىگە چىقىپ باقايلى .ئۇلار تامغا ئورنىتىلغان پولات چىۋىقلارنى بىر – بىرلەپ دەسسەپ ئاخىرى ئۆگزىگە چىقتى . نويابىرنىڭ ئاچچىق سوغۇق شامىلى يۈزلەرگە تىكەن سانچىلغاندەك ئۇرۇلاتتى .ئەر ئايالىنىڭ قولىنى تارتىپ چىقارغاندىن كېيىن ئىككىسى تەڭلا بىنانىڭ شىمالى بۈرجىكىگە قارىدى . ئۇ بۈرجەك يوپ – يورۇق بولۇپ كەتكەن بولۇپ چوڭ سايىۋەن تارتىلغان ، ئۇششاق رەڭدار چىراقلار لاپىلداپ يېنىپ تۇراتتى . ئۇ يەردە زىياپەت بولىۋاتقاندەك قىلاتتى ، تۆت – بەش جوزا كىشى يەپ ئىچىشىۋاتاتتى
ئۇ ئىككىسى ئۆز كۆزلىرىگە ئىشەنمەي ئوڭى ياكى چۈشى ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي بىر- بىرسىنىڭ مەڭىزلىرىنى چىمدىشىپ باقتى . ئۇلارنىڭ مەڭىزلىرى خېلى ئاغرىدى . توغرا بۇ رىئاللىق ،ھەرگىزمۇ چۈش ئەمەس ! ئۇلار بىر بېسىپ ئىككى بېسىپ ئاشۇ زىياپەت ئۆتكۈزىۋاتقان كىشىلەر توپىغا كەلدى .
- ئوغلۇم ، مېنىڭ ئوغلۇم ! - ئايال ئوغلىنى كۆرۈپ ئۆزىنى كىشىلەر توپىغا ئاتتى . ئورۇق ، ئەمما ئېگىز كەلگەن بىرى بالىنى ئېگىز كۆتىرىۋالدى . ئۇ بالىنى ئىككى قولىدا كۆتىرىپ بېشىدىن ئېگىز قىلىۋالدى . ئايال ئۇ كىشىگە ئېسىلماقچى بولدى . ئەمما ئۇنىڭ ئالدىنى بىر نەچچە كىشىلەر توسىۋالدى ۋە ئۇنىڭ قوللىرىدىن چىڭ تۇتىۋالدى . ئايال يۇلقۇناتتى ، ئۆزىنى تاشلايتتى . ئەمما ئۇلار ئۇنى قويىۋېتىدىغاندەك قىلمايتتى .
ئەر ئالدىغا بىر قەدەم تاشلىۋىدى ، بايىقى كىشى ئەرنىڭ مەيدىسىدىن ئىتتىرىپ توختىتىپ قويدى .
- ھەي ، رەھىمسىز خۇمپەر ، مېنى تونۇدىڭمۇ ؟
- ئاشۇ كىشى دەل ئۆزى شۇ ، مېنىڭ چۈشۈمگە كىرگەن كىشى شۇ ؟ ئايال ئېرىگە قاراپ ۋاقىرايتتى .
ئەرنىڭ پۇت – قوللىرى تىترەپ ، چۈشىنىكسىز بىر گەپلەرنى دەپ دۇدۇقلايتتى . ئۇ بۇ كىشىنى ئەمدى رەسمى تونۇغان ئىدى . ئەنە ئەشۇ كېچىدىكى قانغا بويالغان يۈزى ، سۇنغان پۇتى شۇ پېتى ، ئەمما راۋرۇس مېڭىۋاتىدۇ ، كۆزلىرى ئورنىدا ئىككى قاپقاراڭغۇ ئورەك . پۈتۈن چىرايى مورىدىن تولغىنىپ چىققان ئىستەك كۆپكۈك قورقۇنچلۇق !
مە...مەن سى...سىز ...نى تو..تو نۇدۇم ، - ئەر تىترەپ تۇرۇپ جاۋاپ بەردى .
ئېسىڭگە كەلگەن بولسام ياخشى . ئاشۇ كېچە مەن ماشىنا ۋەقەسىدە ئېغىر يارىلانغان ئىدىم .
يۈز مىڭ يۈەن پۇل بار سومكامنى سەن ماشىنا ئىچىدىن ئېلىۋالدىڭ . ئاۋال ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتىڭ مېنىڭ يانلىرىمنى سىلاشتۇرۇپ قول تېلىفونىمنى ئېلىۋالدىڭ . سەن مېنى ئۆلدى دەپ ئويلاپ قالغان ئىدىڭ . ئەمما مەن سېنىڭ قولۇڭنى تۇتىۋالدىم ۋە ساڭا ئۆتۈنۈش ئىچىدە يېلىندىم.مېنىڭ سىڭلىم دوختۇرخانىدا جىددى ئوپىراتسىيە قىلىنماقچى ، بىز نەق پۇل تاپشۇرمىساق ئۇنىڭ ئوپىراتسىيەسىنى ئىشلىمەيدىكەن .ئۇنىڭ داۋالىنىشىغا يۈز مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل كېتىدىكەن . مەن شەھەرگە 200 كېلومېتىر كېلىدىغان ناھىيەدىكى تاغامدىن پۇل قەرز ئېلىپ كېتىپ بارىمەن . مۇشۇ پۇلنى خاپا بولماي « تەرەققىيات » دوختۇرخانىسدىكى ئۈچىنچى قەۋەتتىكى 15 – نومۇرلۇق ئۆيدىكى 3- كارۋاتتىكى Xئايالنى ئىزدەڭ . بۇ پۇلنى ئېلىپ شۇ يەرگە بارسىڭىز بىزنىڭ ئۇرۇق – تۇققانلىرىمىز بار ، ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بېرىڭ دىدىم . ئەمما سەن قولۇمدىن سومكىنى يۇلۇپ ئېلىپ « ماقۇل خاتىرجەم بولۇڭ ! » دىدىڭ . مەن سېنىڭ ھېيلىگەرلىككە تولغان ، ئويناپ تۇرغان كۆزلىرىڭدىن گۇمانلىنىپ ،ماشىناڭنى قوزغىتاي دىگەندە ماشىنىدىن مىڭ بىر تەستە چىقىپ ئۆمىلەپ ، قانغا بويالغان پۇتۇمنى سۆرەپ سېنىڭ ماشىناڭ قېشىغا باردىم ۋە ماشىناڭنىڭ ئەينىكىگە قولۇم بىلەن ئۇردۇم . ئەمما سەن تەستە ئاچتىڭ ، ئۇڭغىچە مەن ھالىمدىن كەتتىم .سىلەر ئەر – ئايال ئىككىڭلار دۇنيادىكى ئەڭ باغرى تاش ، رەھىمسىز مەخلۇقلار ئىكەنسىلەر ،سىلەر شۇنچە زور ۋەقەگە شاھىد بولۇپ تۇرۇپ ساقچى ياكى قۇتقۇزۇش ماشىنىسى چاقىرمىدىڭلار . مەن شۇ يەردە قان كۆپ چىقىپ كەتكەچكە ھوشۇمدىن كېتىپ يىقىلىپتىمەن .كېيىن ساقچىلار كەپتۇ ، قۇتقۇزۇش ماشىنسىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىلىپ ئەتىسى سەھەردە ئۆلۈپ كەتتىم . شۇ كېچە مەن دوختۇرخانا كارۋىتىدا ياتتىم ، ئەتراپىمدا ئۇرۇق – تۇققانلىرىم پايپېتەك بولۇپ يۈرۈپتۇ . سېنى سۈرۈشتۈردۈم . ھېچكىم پۇلنى سىڭلىم ياتقان دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلمەپتۇ . مەن ئىنسان چىدىغۇسىز ئاغرىق ئازابى ئىچىدە سىڭلىمنىلا ئويلىدىم . بەخىتسىز سىڭلىم ماڭا ياخشى قارىغان ، مېنىڭ ئاش – تامىقىمنى ئەتكەن ئىدى . ئانام بالدۇر تۈگەپ كەتكەچكە ئۇ دادام ئىككىمىزگە ئانامنىڭ ئورنىدا قارىغان ئىدى .ئۇ دادامنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىگىچە شۇنداق ياخشى قارىغان ئىدى . مەن ئۆزۈمنىڭ بالدۇر بۇ ئالەم بىلەن خوشلىشىدىغانلىقىمغا ئىشىنەتتىم . ئەمما دۇنيادىكى بىردىنبىر بىر قورساق قېرىندىشىم ، ئاشۇ ئاجىزەنىڭ ساقىيىپ كېتىشىنى خۇدادىن شۇنداق تىلەيتتىم. ساڭا ئىنساپ تىلەيتتىم . پۇلنى چاققانراق ئېلىپ كېلىپ بېرىشىڭنى تىلەيتتىم . ئەپسۇس ...سەن مەلئۇن ئۇ پۇلنى يۈتۈپ كەتتىڭ ..
ئىپلاس ، مەلئۇن ،- ئۇنىڭ ئايالى بايىقى كىشىلەر توپىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ ئېرىنىڭ يۈزىگە بىرنى
تۈكۈردى .- سەن ئىپلاس ماڭا شۇ كۈنى كېچىسى ئۇ سومكىدىكى مۇھىم ھۆججەت تالونلار ئىكەن دىدىڭ ۋە مېنى ئۆز ئۆيۈمگە ئاپىرىپ قويۇپ كەتتىڭ . ئەتىسى بىز كۆرۈشكەندە سورىسام « ئۇنىڭ بىر خىزمەتدىشىگە تاپشۇرۇپ بەردىم » دىدىڭ . ئەسلى ئەھۋال مۇنداقكەندە ، دىگىنە ئۇ پۇلنى نىمىگە ئىشلەتتىڭ ؟
بۇ توي قىلىشقا ئاز قالغان مەزگىللىرىمىز ، مەن قىمار ئويناپ قەرز بولۇپ قالغان خوتۇن ، ئەينى چاغدا

بۇنى ساڭا ئېيتالمىغان . چۈنكى سەن قىمارۋازلارغا شۇنچىلىك ئۆچ ئىدىڭ . مېنىڭ سەن بىلەن توي قىلىشىمغا ئاتا – ئاناڭ قەتئى قارشى ئىدى . شۇڭا بۇ ئەيىۋىمنى سەندىن ئىزچىل يوشۇرۇپ كەلگەن . ئاشۇ پۇل بىلەن قەرزلىرىمنى پاكىز تۆلىۋەتتىم ،- ئۇ ئايالىغا ئەيمىنىپراق قاراپ قويدى .
ئۇنىڭ ئايالى مانا ئەمدىلا ئىنتايىن سۆيىدىغان ئېرىنىڭ قىمار ئوينايدىغان ئادىتى بارلىقىنى بىلدى . ئۇلار توي قىلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئېرى قىمار ئوينايتتى . تويدىن كېيىنمۇ ئوينىدى ئەمما ئۇ ئايالىغا سەزدۈرمىگەن ئىدى .
بايىقى كىشى گەپ – سۆز قىلماي بالىنى ئېگىز كۆتىرىپ بىنانىڭ ئۆگزىسىنىڭ چېتىگە ماڭدى . ئايالنى كىشىلەر تېخىمۇ چىڭ تۇتىۋالغان ئىدى .
- خۇدا ، ھەققى ئۆتۈنۈپ قالاي ، ئوغلۇمدا گۇناھ يوق ئۇنى قويىۋېتىڭلار ، - چىقىراپ نالە قىلاتتى ئايالى يۇلقۇنۇپ تۇرۇپ .
- ئوغلۇمنى نەگە ئېلىپ بارىسەن ؟ قويىۋەت ئۇنى ،- ئەرنىڭ ئاۋازى نالە قىلغاندەك ئېچىنىشلىق چىقىپ كەتتى .
- جانغا جان، قانغا قان دىگەن گەپ بار ،- دىدى بايىقى ئورۇق كىشىنىڭ يېنىدىكى قارا چاچلىق ئايال ،- سېنىڭ كاساپىتىڭدىن مەن پۇل يوق داۋالىنالمىدىم ، ئەتىسى مەنمۇ ئاكامنىڭ كەينىدىنلا بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشتىم .
ئايال سۆزىنى تۈگەتمەيلا بالىنى بايىقى ئەرنىڭ قولىدىن يۇلۇپ ئېلىپ بىنانىڭ ئۆگزىسىدىن تۆۋەنگە ساڭگىلىتىپ تۇردى . بالا قورقىنىدىن يىغلاۋاتاتتى ئەر بالىنىڭ ئارقىسىدىن ئوقتەك ئېتىلىپ باردى ، ئايال بالىدىن قولىنى ئاجرىتىشى بىلەن ئۇ بالىنى تۇتىۋالماقچى بولدى ، ئۇنىڭ قولى بالىنىڭ پۇتىغا ئۇرۇلغاندەك بولدى ، ئۇ ئوغلىنىڭ پۇتىدىن تۇتىۋالدىم دەپ ئويلىغان ئىدى ، ئەمما ئۆزىنى كونتىرول قىلالماي ئۇمۇ بالىنىڭ ئارقسىدىنلا تۆۋەنگە چۈشۈپ كەتتى .
ئۇنىڭ ئايالى ئەسەبىيلەرچە يىغلايتتى ، چېچىنى يۇلاتتى ، يۈزىنى مورلايتتى .ئەتراپىدا بايىقى ئىككىسىنىڭ تۇققانلىرى قاقاھلاپ كۈلۈشەتتى .قارا چاچلىق ئايالنىڭ جاراڭلىق كۈلكە ئاۋازى جىمجىت كېچە ئاسىمىنىنى يىرتىپ يىراق يىراقلارغا تارىلاتتى .
ئايال بۇ دەھشەتتىن ئېسىدىن كېتىپ يىقىلدى .
تاڭ ئاتتى . سۇبھى بۇ بىنا ئۆگزىسىنى يورۇتتى .
ئەتىسى سائەت سەككىزدە ساقچى ماشىنىسى ئاشۇ بىنانىڭ شىمالى تېمىدا توختىدى . بىر نەچچە ساقچى بور بىلەن ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا دائىرە قىلىپ سىزىپ قويدى .
يەردە كېلىشكەن بىر ئەر قان ئىچىدە ياتاتتى . ئۇنىڭ ئەتراپىدا خېلى كەڭ دائىرىدە قان يېيىلىپ ئېقىپ ئۇيۇپ قالغان ئىدى . قانۇن دوختۇرى بۇ ئەرنىڭ ئىچى باغرىنىڭ يېرىلىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى . ئەتراپقا كىشىلەر ئولىشىپ كەتكەن ئىدى . ساقچىلار بۇ ئەرنىڭ سالاھىيىتىنى تېزلا ئېنىقلىدى ۋە ئۇنى ئۆزىنى ئۆگزىدىن تاشلىۋالغان بولۇشى مۆمكىن دەپ پەرەز قىلدى .
ساقچىلار ئۆگزىگە چىقتى . ئۆگزىدە بىر ئايال ناخشا ئېيتىپ دەلدەڭشىپ مېڭىپ يۈرەتتى .ئۇنىڭ چاچلىرى چۇۋۇلۇپ،كۆينەكلىرى يىرتىلغان، يۈزلىرى مورلانغان بولۇپ ئۇنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئۇچىدا قانلار قېتىپ ئۇيۇپ قالغان ئىدى ، شۇ تاپتىكى تۇرقى ئالۋاستىدەكلا ئىدى. ئۇ ساقچىلارنى كۆرۈپ ھېجايغىنىچە ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە « ئوغلۇم ، مانا مېنىڭ ئوغلۇم ، قاراڭلار ئۇنىڭ ئوماقلىقىغا » دەپ ساقچىلارغا قولىدا كۆتىرىۋالغان موم قەغەزنى كۆرسەتتى .ئۇ بىنا ئۆگزىسىدە تاشلىنىپ قالغان موم قەغەزلەرنى ئوراپ قۇچاقلاپ كۆتىرىۋالغان ئىدى ، ئۇ قولىدىكى موم قەغەزنى بالام دەپ ئويلاپ قالدىمۇ قانداق ئۇنى ئاۋايلاپ كۆتىرەتتى . خۇددى بوۋاق بالىنى ئېمىتكەندەك بىر ئىشلارنى قىلاتتى .
ئايال ساراڭ بولۇپ قالغان ئىدى .
ئىككى ساقچى بۇ ئايالنىڭ قولتۇقىدىن يۆلىدى .ئايال بىردەم كۈلەتتى ، بىردەم يىغلايتتى . ئۇ بىردەم بېگىز بارمىقىنى لېۋىگە ئەكىلىپ « ئۈش ، بالام ئويغىنىپ كەتمىسۇن » دەيتتى.
ساقچىلار ئايالنىڭ چاپانلىرىنى كىيگۈزۈپ ئۆگزىدىن بىنا ئىچىگە چۈشتى . ئايالنى ئۆيىگە ئېلىپ كىردى .ساقچىلار ئۆينى تەكشۈرۈپ ، ھەممە نەرسىنىڭ جاي – جايىدا ئىكەنلىكىنى ، ئۇلارنىڭ ئوغلىنىڭ ئۆز ھوجرىسىدا تاتلىق ئۇخلاۋاتقانلىقىنى بايقىدى . بالا ئۆز جايىدا شۇنداق تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى . ئۇ خۇددى چۈشىدە تاتلىق يىمەكلىك يىگەندەك تۇرۇپ – تۇرۇپ تامشىپ قوياتتى .
  بۇ ۋەقە شەھەر ئىچىدە تاراپ كىشىلەرنىڭ ھەر خىل گۇمانى پەرەزلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى . بەزىلەر ئۇ ئايال ئېرىنى بىنادىن ئىتتىرىۋەتكەن دىيىشەتتى ، يەنە بەزىلەر بۇلار نىمە ئۈچۈن كېچىدە بۇ بىنا ئۆگزىسىگە چىققاندۇ ؟ دەپ ئويلىشاتتى . ئىشقىلىپ بۇ ۋەقە توغرىلىق خىلمۇ- خىل گەپ – سۆزلەر تارقىلىپ يۈردى . ئەمما ھېچكىم ھەقىقى ئەھۋالنى بىلمەيتتى .
كېيىنچە ئۇ بىنادىكى ئۆيلەرنى ھېچكىم سېتىۋالمىدى .قالغان بىنالاردىن ئۆي سېتىۋالغان بەزى خۇراپىيراق كىشىلەر ئۆيلەرنى قايتۇرۇپ باشقا جايدىن ئۆي ئېلىشقا تۇتۇش قىلدى. كىشىلەر بۇ بىنا ئەسلى قەۋرىستانلىق ئورنىغا سېلىنغانلىقتىن،مۇشۇنداق ۋەقە چىققان . چوقۇم ئەرۋاھلار بۇلارنى جىم ياتقۇزمىغان دەپ پاراڭ قىلىشاتتى .شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بۇ بىنالارغا بولغان قىزىقىشى ئاستا - ئاستا يوقالدى .
غۇلجىدا يېزىلدى .2008.10.8
(تارىم ژورنىلى 2010 – يىلى 5- سانىدا ئېلان قىلىنغان )

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 11:44:58

   بۇ ھېكايە ماڭا سەل ئاددى بولۇپ قالغاندەك بىلىندى . ھازىر ئۈندىدار سالونلىرىدا چىقىۋاتقان ۋەھىمىلىك ھېكايىلەرنىڭ سەۋىيەسىمۇ خېلىلا يۇقىرىلاپ قالدى . بۇنداق ھېكايىلەردە سەۋەپ نەتىجە مۇناسىۋىتىگە بەك ئەھمىيەت بەرمەي ئوقۇرمەنلەردە سىرلىق چۈشەنچىلەرنى پەيدا قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن .

dilmurat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 10:05:21

ئۆزىڭىز يازدىڭىزمۇ ياكى تەرجىمە قىلدىڭىزمۇ؟
ئاۋۇ ھاراقلار بىلەن سەيلەردىن بەسەيلەرنىڭ پۇرىقىلا كېلىۋاتىدۇ...
بەت: [1]
: قورقۇنچلۇق بىنا (ۋەھىمىلىك ھېكايە)