durak يوللانغان ۋاقتى 2014-9-24 22:23:38

يەتتە ياشلىق يەھۇدى بالا

   ئىبراھىم تاغا ۋە يەھۇدى جادنىڭ ھىكايىسى( ھەقىقى ۋەقەلىك )

باشلىنىش

بۇنىڭدىن ئەللىكيىللار مۇقەددەم ، يەنى 1957- يىللىرى فرانسىيەنىڭ مەلۇم بىرشەھرىدە يېشى ئەللىكلەردىنھالقىغان ، ئىبراھىم ئىسىملىك تۈركىيەلىك كىشى يىمەكلىك دۇكىنى ئاچاتتى ، بۇ دۇكان ئورۇنلاشقان بىنانىڭ مەلۇم قەۋىتىدە بىر يەھۇدى ئائىلىسى بولۇپ ئۇلارنىڭ جاد ئىسىملىك يەتتە ياشقا كىرگەن بىر ئوغلى بار ئىدى .
بۇ يەھۇدى بالا كۈندە ئىبراھىم تاغىنىڭ دۇكىنىغا كىرىپ ئائىلىسىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجلىقلىرىنى سېتىۋېلىشقا كۆنۈكۈپ قالغان ئىدى . ئۇ ... ھەرقېتىم نەرسە - كېرەك سېتىۋېلىپ دۇكاندىن چىققۇچە ئىبراھىم تاغىنىڭ دىققەتسىزلىگىدىن پايدىلىنىپ بىر پارچە شوكولات ئوغۇرلىۋالاتتى . قايسىدۇر بىر كۈنى ، جاد دۇكان ئىشىگىدىن چىققۇچە ئالدىراشلىقتىنمۇ ئەيتاۋۇر ، شوكولات ئوغۇرلاشنى ئۇنتۇپ قالدى ،
« شوكىلاتئېلىشنى ئۇنتۇپ قالدىڭ ... » كەينىدىن ئىبراھىم تاغىنىڭ بۇ توۋلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا جادنىڭ بەدىنىگە تىترەك ئولىشىپ كەتتى ، يۈزى خىجىللىقتىن شەلپەردەك قىزىرىپ كەتكەن ئىدى ، چۈنكى ئۇ ھەرقېتىم شوكولات ئوغۇرلىغىنىدىن ئىبراھىم تاغا بىخەۋەر دەپ ئويلايتتى .
ئۇ خىجىللىقتىن كېكەچلەپ تۇرۇپ ئىبراھىم تاغىدىن ئەمدى ئىككىنچىلەپ ھەرگىز شوكۇلات ئوغۇرلىمايدىغانغا ۋەدە بېرىپ ئۆتۈنۈشكە باشلىدى ،
« كەچۈرۈم سورىما بولدى ، پەقەت ماڭا ئەمدى ھاياتىڭدا ھەرگىز بىرنەرسە ئوغۇرلىماسلىققا ۋەدە بەرگىن ، كۈندە دۇكاندىن چىققۇچە بىر پارچە شوكۇلات ئال ، ئۇ سېنىڭ» دىدى ئىبراھىم تاغا . جاد خوشاللىق بىلەن ماقۇل بولدى .
يىللار ئۆتۈۋاتاتتى ، تۈرك بوۋاي ئىبراھىميەھۇدى بالا جادقا ئاتا ، دوست ۋە ئانا ئورنىدا بولۇپ قالغان ئىدى : ھەر قېتىم جاد مەلۇم ئىشتىن   ئىچى سىقىلغاندا ياكى بىرەر مۇشكۈلاتقا يولۇققاندا ئىبراھىم تاغىنىڭ قېشىغا كېلەتتى ۋە ئۇنىڭغا ئۇچرىغان مۈشكۈلاتلىرىنى شىكايەت قىلىپ بېرەتتى ، ئۇنىڭ گېپى ئاخىرلاشقاندا ئىبراھىم تاغا دۇكاندىكى شىرەنىڭ تارتمىسىدىن بىر كىتاپنى چىقىراتتىدە ئۇنىڭغا ئازراق ئوقۇپ بېرەتتى ، بۇنىڭ بىلەن جادنىڭ كاللىسىدىكى غەم-غۇسىسى ھەل بولاتتىۋە دۇكاندىن يېنىك ۋە خوشال ھالدا ئايرىلاتتى .

... يىللاريەھۇدى بالا جاد ۋەمەخسۇس تەربىيە كۆرمىگەن تۈركىيەلىك مۇسۇلمان ئىبراھىم تاغا ئوتتۇرىسىدا مۇشۇ تەرىقىسىدە ئۆتتى . 17 يىلدىن كېيىن جاد 24 ياشلىق بىر كېلىشكەن يىگىت بولۇپ قالدى ، ئىبراھىم تاغىمۇ 67 ياشقا كىرىپ قالغان ئىدى . ئىبراھىم تاغا ۋاپات بولۇشنىڭ ئالدىدا بالىلىرىغا جاد ھەر قېتىم دۇكانغا كىرگەندە كۆرىدىغان ھېلىقى كىتاپ سېلىنغان بىر ساندۇقنى تاپشۇردى ۋە ئۆزى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن بۇ ساندۇقتىكى كىتاپنى يەھۇدى ياش جادقا ھەدىيە قىلىشىنى ۋەسىيەت قىلدى .   

پەرزەنتلىرى بۇ ساندۇقنى جادقا يەتكۈزگەن ۋاقىتتا ، جاد ئىبراھىم تاغىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى بىلگەن ئىدى ۋە قەلبىدە بەكمۇ ئازاپلاندى ، چىرايىدا تەشۋىش ئالامەتلىرى بارغانچە كۈچىيىۋاتقاندەك ئىدى ، چۈنكى ئىبراھىم تاغا ئۇ ھەرقېتىم بىرەر مۈشكىلات ياكى غەم- غۇسىغا گىرىپتار بولغاندا ئۇنى مېھرىبانلىق بىلەن داۋالاپ چېگىشلىرىنى يېشىپ بېرەتتى ئەمەسمۇ ؟!

كۈنلەر ئۆتتى ، شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە جاد يەنە بىر مۈشكۈلاتقا يولۇقتى ۋە ئىبراھىم تاغىنى ۋە ئۇنىڭغا قالدۇرۇپ كەتكەن ھېلىقى ساندۇقنى ئېسىگە ئالدى ، ئۇ ھېلىقى ساندۇقنى تېپىپ ئۇنى ئاچتىدە ھەرقېتىم ئىبراھىم تاغىنى زىيارەت قىلغاندا كۆرىدىغان ھېلىقى كىتاپنى بايقىدى . كىتاپنى قولىغا ئېلىپ ئۇنى ۋاراقلاشقا باشلىدى ، لېكىن كىتاپ ئۇ چۈشەنمەيدىغان ئەرەپ تىلىدا يېزىلغان ئىدى . ئۇ كىتاپنى ئېلىپ تۇنىسلىق ساۋاقدىشىنى تېپىپ ئۇنىڭدىن بىرنەچچى ۋاراقنى ئوقۇپ بېرىشنى ئۆتۈندى ، ئۇ ئوقۇپ بەردى !
ئۆزى يولۇققان مۇشكۈلاتنى تۇنىسلىق ساۋاقدىشىغا سۆزلەپ بەرگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا چىگىشنى يېشىدىغان ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئوقۇپ بەردى .
ئەجەپلىنىش ۋە ھەيرانلىق ئىلكىدە جاد ساۋاقدىشىدىن سورىدى :« بۇ نىمە كىتاپ ؟؟؟»
« بۇ مۇبارەك قۇرئانى كەرىم بولىدۇ ، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تەئالانىڭ رەسۇلى مۇھەممەد ئەلەيھى ۋەسەللەمگە چۈشۈرگەن كىتابى » دىدى ھېلىقى تۇنىسلىق .
جاد :« قانداق قىلغاندا مۇسۇلمان بولغىلى بولىدۇ ؟ »
تۇنىسلىق :« كەلىمە شاھادەتنى ئېيتساڭ ۋە شەرىيەتكە ئەگەشسەڭ » .
جاد :« ئەشھەدۇ ئەللە ئىلاھە ئىللاللاھ ، مۇھەممەدەن رەسۇلىللاھ ! » .

مۇسۇلمان جادۇللاھ

جاد مۇسۇلمان بولدى ۋە ئۆزىگە`جادۇللاھ قۇرئانىي` دىگەن ئىسىمنى تاللىۋالدى ، ئۇ بۇ ئىسىمنى قەلبكە چوڭقۇر ئىز قالدۇرالايدىغان بۇ كىتاپنى چوڭ بىلىش ئۈچۈن تاللىۋالدى ۋە قالغان ئۆمرىدە بۇ كەرىملىك كىتاپ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى قارار قىلدى . ئۇ قۇرئانى كەرىمنى ئۈگىنىشكە باشلىدى ، كېيىنچۈشىنىدىغان بولدى ، ئۇ يەنە ياۋروپادا ئىسلامغا دەۋەت قىلىشقا باشلىدى ، ئۇنىڭ قولىدا نۇرغۇن كىشى مۇسۇلمان بولدى ، ياۋروپادا ئۇنىڭ قولىدا مۇسۇلمان بولغان يەھۇدى ۋە نەسارالارنىڭ سانى 6 مىڭدىن ئاشاتتى...

بىر كۈنى ئۇ كونا كىتاپلىرىنى رەتلەۋاتقاندا ئىبراھىم تاغا ھەدىيە قىلغان ھېلىقى كىتاپنى ئۇچراتتى ۋە ئۇنى ئاچتى ،كىتاپنىڭ باش ۋارىقىدا بىر دۇنيا خەرىتىسىنى كۆردى ، خەرىتىدە ئافرىقا قىتئەسىنىڭ ئۈستىگە ئىبراھىم تاغىنىڭ ئىمزاسى بېسىلغان ۋە تېگىدە « رەببىىڭنىڭ يولىغا ھىكمەت ۋە چىرايلىق ۋەزلەر بىلەن دەۋەت قىلغىن » دىگەن ئايەت يېزىلغان ئىدى . جاد بۇنىڭدىن بىر شەپىنى سەزگەندەك بولدى ۋە بۇ ئايەتنىڭ ئەمىلىيەتتە ئىبراھىم تاغىنىڭ ئۇنىڭغا قالدۇرغان ۋەسىيىتىدەك ھىس قىلدى ۋە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى قارار قىلدى ... ئۇ ياۋروپانى تەرك ئېتىپ كېنىيە ، جەنۇبى سۇدان ، ئۇگاندا ۋە خوشنا دۆلەتلەرگە دەۋەت قىلىشقا باردى ۋە شۇ يەرلەردە 10 يىلدىن ئوشۇق تۇردى . ئۇنىڭ قولىدا پەقەت زۇلۇ قەبىىسىدىنلا بولۇپ 6 مىليوندىن ئارتۇق ئىنسان مۇسۇلمان بولدى !

ۋافاتى

جادۇللاھ قۇرئانىي ، كىشىنى روھلاندۇرىدىغان بۇ ھەقىقى مۇسۇلمان 30 يىللىق ھاياتىنى ئىسلامدا ئۆتكۈزدى ۋە بارلىغى بىلەن ئاللاھ يولىغا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلدى ، ئافرىقا ئورمانلىقلىرىدا مىليونلىغان كىشى ئۇنىڭ قولىدا مۇسۇلمان بولدى ، 2003 يىلى جادۇللاھ ئافرىقىدا دەۋەت جەريانىدا يۇقتۇرىۋالغان يۇقۇملۇق كىسەل بىلەن ۋاپات بولدى . ۋاپات بولغاندا ئۇ 55 ياشقا كىرگەن ئىدى .

ھىكايە تېخى ئاياقلاشمىدى

ئۇنىڭ ئاپىسى ، مۇتەئەسىپ يەھۇدى مۇرىتى بولمىش ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ۋە مائارىپچى ، دەۋەتچى ئوغلىنىڭ ۋاپاتىدىن ئىككى يىل كېيىن   2005 -يىلى مۇسۇلمان بولدى ، بۇ چاغدا ئۇ 70 ياشقا كىرگەن ئىدى ، ئۇنىڭ دىيىشىچە ئوغلى ئىسلامدىكى 30 يىل جەريانىدا ئوغلىنى بۇ دىندىن يەھۇدى دىنىغاقايتۇرۇش ئۈچۈن توختاۋىسىز كۈرەش قىلغان ، ئۇ مائارىپشۇناسلىق تەجرىبىسى ۋە قۇدرىتىگە تايىنىپھەتتا مەخسۇس تەربىيە كۆرمىگەن ياشانغان مۇسۇلمان تۈركىيەلىك كىشى ئىبراھىم تاغا قەلبىنى ئىسلامغا مايىل قىلىپ قويغان ئوغلىنى قايىل قىلىش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن ئىدى ! ئەممائۇ ھەقىقەتەن توغرا دىن ئىدى ...

جادۇللاھ مۇنداق دەيدۇ :« ئىبراھىم تاغام 17 يىلدىن بېرى بىرمۇ ئېغىز ` ۋوي كۈفار` ` ھوي يەھۇدى ` دەپ باقمىدى ، ھەتتا ماڭابىرمۇ ئېغىز ئىسلامغا كىر دەپ باققان ئەمەس ئىدى ... » خىيال قىلىپ بېقىڭ ، 17يىلنىڭ مابەينىدە نە دىنى توغۇرلۇق   نە ئىسلام توغۇرلۇقنە يەھۇدىيە توغۇرلۇق گەپ قىلىپ باقمىغان ئىدى ، ياشانغان ۋە مەخسۇس تەربىيە كۆرمىگەن بوۋاي قانداق قىلىپ ياشنىڭ قەلبىنى قۇرئانغا تەئەللۇق قىلىشنى بىلگەن ئىدى.
مەلۇم بىر ئۇچرىشىشتا بىر دەۋەتچى ئۇنىڭدىن مىليونلىغان كىشىئۇنىڭ دەۋىتىدەئىسلامغاكىرگىنى توغۇرلۇق ھىس قىلغىنىنى سورىغاندا   ئۇ ھىچقانداق پەخرلىك ياكى فەزىلەتلىك ھىس قىلمىغان ھالدا « مەن پەقەت ئىبراھىم تاغامنىڭ گۈزەللىگىنىڭ بىر قىسمىنى قايتۇردۇم » دىگەن ئىدى .
دوكتۇر سەفۋەت خەججازىي مۇنداق دەيدۇ ، ئۇ لوندوندىكى بىر يىغىندا دارفوردىكى مۇسۇلمانلار تېمىسىدا ۋە قانداق قىلىپ مۇھتاجلارغا ياردەم بېرىش ۋە قوللاش، خرىستىيانلاشتۇرۇش ۋە ئۇرۇشنىڭ خەتىرىدىن قانداق ساقلاشتوغۇرلۇق ئىزدىنىۋاتقاندا دارفوردا تۇرىدىغان زۇلۇ قەبىلىسىدىن بولغان بىر قەبىلە شەيخى بىلەن كۆرۈشىدۇ ، سۆھبىتىدە ئۇ شەيختىن سورايدۇ :
« جادۇللاھ قۇرئانىينى تونۇمسىز ؟»
شەيخ تۇرۇپ كېتىپ دوكتۇر خەججازىيدىن سورايدۇ :
« سىز تونۇمسىز ؟ »
« شۇنداق ، مەن ئۇنى تونۇيمەن ، ئۇ شۋېتسارىيەدە داۋالىنىۋاتقاندا كۆرۈشكەن ئىدىم »
شەيخ دوكتۇر خەججازىينىڭ قولىنى تارتىپ قىزغىنلىق بىلەن سۆيۈپ كەتتى ...
« نىمە قىلغىنىڭىز ، مەن تېخى ئەرزىگۈدەك بىر ئىش قىلمىسىام ؟ ... »
« مەن قولىڭىزغا سۆيگىنىم يوق ، پەقەت ئۇنىڭ قولىبىلەن كۆرۈشكەن قولغا سۆيدۈم » .
دوكتۇر خەججازىي سورايدۇ :« ئۇنىڭ قولىدا ئىسلامغا كىردىڭىزمۇ ؟ »
« ياق ، بەلكى ئۇنىڭ قولىدا ئىسلامغا كىرگەن بىر كىشىنىڭ قولىدا كىردىم ...»
سۇبھاناللاھ ! جادۇللاھنىڭ قولىدا مۇسۇلمان بولغانلارنىڭ قولىدا يەنە قانچىلىغان كىشى ئىسلامغا كىرەر !؟ ئۇنىڭغا ئەجىرلەر بولغاي ، ئاللاھتىن كېيىن ئىسلامغا سەۋەپچى بولغۇچىلارغا ئەجىرلەر بولغاي ! ئاللاھ ئىبراھىم تاغىغا ۋە جادۇللاھ قۇرئانىيغا رەھمەت قىلغاي !

ئەگەر ئىبراھىم تاغىنىڭ قەلبى قاتتىق كىشى بولسا ئىدى بۇ ياشنى مۇسۇلمان قىلىشتا مەقسىدىگە يېتەلمەيتتى ،ئەگەر دەسلەپتىلا ئۇنىڭغا :« يوقال ئوغرى ، ۋۇ لەنەتتەككۇر يەھۇدى ! سىلەر مايمۇننىڭ ۋە چوشقىنىڭ نەۋرىلىرى ... ئوغۇرلۇق قىلىش سىلەرنىڭ ئەسلىڭلار ، يېرىمىزنى ئوغۇرلىدىڭلار ، پۈتۈن يەردە ئوغۇرلۇق قىلىۋاتىسىلەر ، ھەتتا دۇكىنىممۇ سىلەردىن ئامان قالمامدۇ ؟! » ۋە ياكى باشقا ئېھتىماللىغى بار ئىبارىلەرنى دىگەن بولسا قانداق بولاتتى ؟ .. لېكىن ئىبراھىم تاغا بۇ بالىنىڭ فاسادنىڭ قۇربانى ئىكەنلىگى ۋە دەۋەتنىڭ دائىرىسىدە تۇرغانلىق ھىكمىتىنى چۈشەندى .
بۇ ھىكمەت بولسا جادنىڭ ئىسلامغا كىرىشىنىڭ بىۋاستە سەۋەبى ئىدى ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ :« كىتاپنىڭ سىرى ئېچىلغاندىن كېيىن ئىسلامغا كىردىم ، چۈنكى ئىبراھىم تاغا بىر قېتىممۇ ماڭا ئىسلام توغۇرلۇق پاراڭ قىلمىغان ۋەئېغىزىدا ماڭا دەۋەت قىلغان ئەمەس ، ئۇ پەقەت فەزىلەتلىك ئەخلاقى بىلەن مېنى قايىل قىلدى ، ئۇ بىرەر قېتىممۇ مېنىڭ غۇرۇرۇمغا تەگكىنى يوق ۋە بىرەر قېتىممۇ مېنىڭ يەھۇدى دىنىدا ئىكەنلىگىمنى تىلغا ئالغىنى يوق ، ئۇ مۇشۇ تەرىقىدە 17 يىل سەبىر قىلدى ، زامانىمىزدىكىلەردىن مۇشۇنداق سەبىر قىلالايدىغانلار بارمۇ ؟ ئىبراھىم تاغا ئۆزىگە خاس ئالاھىدە ئادەم ، ۋە شۇنى بىلىپ يەتتىمكى ئۇ بىر قىممەتلىك كىشى ...

« گويا دەرەخ بولغۇنكى باشقىلار ساڭا تاش ئاتقاندا سەن ئۇلارغا ئەڭ ئېسىل مىۋىلىرىڭدىن تاشلاپ بەر » .

(دوكتۇر سەفۋەت خەججازىينىڭ ئەسلىمە ماقالىسىدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى . 2014- يىلى 9 - ئاينىڭ 24- كۈنى )

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 08:32:10

ھىكايىسىدە يەھۇدىلارنى تىللمىغان بىلەن، ئەمىلىيەتتە يەھۇدىلارنى تازا تىللىغان كىشىكەنغۇ بۇ ، ۋىكى قامۇسىدىكى سۆزى :

http://en.wikipedia.org/wiki/Safwat_Hegazi
بۇ كىشى يەنە قېرىنداشلار تەشكىلاتىىنىڭ ئالى رەھبەرلىرىدىن بىرىغۇ دەيمەن ، ئاخىرى سوتلانغان .

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 08:38:38

ئىسل تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن دۇراك ئەپەندى.
بولسا جادۇللاھ سۈرىتى ۋە تىما ئادىرىسىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 09:04:39

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pis-pas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-9-25 10:40

بۇ ھىكايە كىنو قىلىپ ئىشلىنىپتىكەن :
ئىسمى « ئىبراھىم ئەپەندىم» (Monsieur Ibrahim)


بۇنى ئۇنتۇلۇپ قالدىڭمۇ قانداق ، بالام ؟ :lol
http://matttrailer.com/monsieur_ibrahim_2003
خەنزۇچىسىمۇ بار ئىكەن :
亚伯拉罕先生
http://www.56.com/w35/play_album-aid-8827934_vid-NTc5NTMwMjk.html

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 09:18:36

pis-pas يوللىغان ۋاقتى2014-9-25 08:32 static/image/common/back.gif
ھىكايىسىدە يەھۇدىلارنى تىللمىغان بىلەن، ئەمىلىيەتتە...

ساۋاتىڭىز بولسىلا ، دوكتور سەفۋەت خەججازىي، ئىبراھىم بوۋاي، يەھۇدي جادۇللاھ نىڭ باشقا باشقا ئۈچ كىشى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيتتىڭىز ،

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 09:40:20

harunjan يوللىغان ۋاقتى2014-9-25 09:18 static/image/common/back.gif
ساۋاتىڭىز بولسىلا ، دوكتور سەفۋەت خەججازىي، ئىبراھىم ...

ساۋادىم چىقمىغاچقا، مۇشۇ يەردە« ساۋات » چىقىرىۋاتىمەن .:lol
كاللىڭىز بولغان بولسا، مەن بۇ 3 كىشىنى (شەخىسنى ) بىر ئادەم دەپ باقمىدىم .;P
بىرى ( سەۋفات خىججازى، ھەقىقى شەخس )-- يازغۇچى ، مىسىرلىق ئىمام، قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ ئالى رەھبىرى ( قاماقتا )
بىرى : ئىبراھىم بوۋاي --(ھىكايىدىكى ئوبراز ، غايىۋى يارىتىلغان شەخىس )
يەنە بىرى : جادۇللا قۇرانى -- (ھىكايىدىكى ئوبراز ، ئەسلى يەھۇدى بالا، ئىسمى جاد ، كېيىن مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ئىسمىنىجادۇللا دەپ ئاتىۋالغان ،غايىۋى يارىتىلغانشەخىس)
چۈشىنشىلىك بولدىمۇيا ؟ :P

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 10:07:10

pis-pas يوللىغان ۋاقتى2014-9-25 09:40 static/image/common/back.gif
ساۋادىم چىقمىغاچقا، مۇشۇ يەردە« ساۋات » چىقىرىۋاتىم ...

مەن يەنىلا چۈشەنمىدىم:lol
Éric-Emmanuel Schmittكىم ئۆزى؟

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 10:37:56

harunjan يوللىغان ۋاقتى2014-9-25 10:07 static/image/common/back.gif
مەن يەنىلا چۈشەنمىدىم
Éric-Emmanuel Schmittكىم ئۆزى؟

دىمەك :بىرىمىزنىڭ كاللىسىدا چاتاق بار ، يا بولمىسا تىمىدا چاتاق بار :lol

بۇ تىمىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق بىر ئابزاس بار :
(دوكتۇر سەفۋەت خەججازىينىڭ ئەسلىمە ماقالىسىدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى . 2014- يىلى 9 - ئاينىڭ 24- كۈنى )

ئەمىلىيەتتە بۇ ھىكايە سەۋفات دوكتۇر تەرىپىدىن يېزىلمىغان بولىشى مۈمكىن، پەقەت بۇ ھىكايىدىكى ئاخىرىقى ئابزاسنى « ئىبراھىمئەپەندىم ۋە قۇرئان گۈللىرى» (Mister Ibrahim and the Flowers of the Qur'an) ناملىق رومان كىتاپقا (Éric-Emmanuel Schmitt يازغان ، گوللاندىيىلىك يازغۇچى )يەكۈن خاراكتېرلىك ئىنكاس يېزىپ قويغان بولسا ( ھىكمەت خاتىرىسىگە :lol ) ، باشقىلاربۇنى سەۋفات دوكتۇر يازدى دەپ خاتا ھۆكۈم قىلغان گەپ، شۇنىڭ بىلەن تىما ئىگىسى'سەۋفات دوكتۇرنىڭ ئەسلىمە ماقالىسىدىن تەرجىمە قىلىندى' دەپ خاتا ئۇچۇر بەرگەن گەپ . {:118:}

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 10:55:25

pis-pas يوللىغان ۋاقتى2014-09-25 09:40:20 static/image/common/back.gif


ساۋادىم چىقمىغاچقا، مۇشۇ يەردە« ساۋات » چىقىرىۋاتىم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ماۋزۇدىلا ھەقىقى ۋەقەلىك دىگەن ئەسكەرتمە تۇرسا، ئىبراھىم بوۋاي بىلەن جادۇللاھنى غايىۋى يارىتىلغان ئوبراز دىگىنىڭىزنى چۈشەنمىدىمغۇ؟

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 11:10:14

pis-pas يوللىغان ۋاقتى2014-9-25 10:37 static/image/common/back.gif
دىمەك :بىرىمىزنىڭ كاللىسىدا چاتاق بار ، يا بولمىسا تى ...

ئا يامانلىقىنى :lol :handshake   بىلىۋاپتۇ مانا!

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 14:19:27

gayur1 يوللىغان ۋاقتى2014-9-25 10:55 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ماۋزۇدىلا ھەقىقى ۋەقەلىك دىگەن ئ ...

بۇ ھىكايە توردا ئېقىپ يۈرگىنى خېلى بولغان .
http://turntoislam.com/community/threads/jaad-allah-el-qurani-%D8%AC%D8%A7%D8%AF-%D8%A7%D9%84%D9%84%D9%87-%D8%A7%D9%84%D9%82%D8%B1%D8%A2%D9%86%D9%8A.4365/

http://www.theunjustmedia.com/Islamic%20Perspectives/march12/The%20Story%20of%20a%20Jew%20Who%20Islamized%20Millions%20Of%20People.htm

بۇلا ئىسلامى دەۋەت ئىشلىرىدىكى توقۇلما ھىكايىلەر .ھە دەپ قويغۇلۇق .

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 15:05:22

pis-pas يوللىغان ۋاقتى2014-9-25 14:19 static/image/common/back.gif
بۇ ھىكايە توردا ئېقىپ يۈرگىنى خېلى بولغان .
http://turntoislam. ...

   ئىسلامدا دەۋەت ئۈچۈن ھىكايە توقۇيدىغان ئىشبارمىكەن ؟ ...
كېيىن رومان قىلىپ يېزىلغان ياكى كىنو قىلىپ ئىشلەنگەن بولغاچقىلاتوقۇلما بولمايدىغاندۇدىككى دىكاڭ پىسپاسجان ؟   ۋەقەلىكتىكىشەيخ دوكتۇر خەججازىي بىلەن زۇلۇ قەبىلىسى شەيخى ئوتتۇرسىدىكى دىئالوگنى ئوقىمىدىڭىزمۇ يا ؟
    ئەمىلىيەتتە بۇ ھىكايە تور دۇنياسىدا ھەقىقەتەن نەچچى يىل بۇرۇن تارقالغان ئىكەن ، ماڭا تەسىرلىك تۇيۇلدى ۋە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدىم ، بۇ ۋەقەلىك توغۇرلۇق مىسىردىكى تونۇشلاردىن يەنىمۇ بىر قەدەم سوراپ باقسام بولىدۇ .

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 15:12:58

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   durak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-9-25 15:20

ئەسلى مەنبەنى بۇ يەردىن چېكىڭ: بۇ يەردىن چېكىڭ :

ھىكايىدە : القصە كما حكاها ال د.صفوت حجازي، دەپ يېزىلغان ،

مەنىسى ھىكايە دوكتۇر سەفۋەت خەججازىي نىڭئەسلىمىسىگە ئاساسەن دىيىلگەن .

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 15:21:06

durak يوللىغان ۋاقتى2014-9-25 15:05 static/image/common/back.gif
ئىسلامدا دەۋەت ئۈچۈن ھىكايە توقۇيدىغان ئىشبارمىكە ...

پالانى چولپان ئىسلامغا كىرىپتۇ(ئەمىلىيەتتە كىرمىگەن ) ، پۇستانى يەردە اللانىڭ كارامىتى بىلەن مۇنداق مۆجىزە پەيدا بوپتۇ ... دىگەنلەر توقۇلما بولماي نىما ؟
بىر ئادەمنىڭ سەۋەبىدىن مىليۇنلىغان ئادەم ئىسلامغا ئىختىيارى ( مەجبۇرى بولسا مۈمكىن )كىرىپ كېتىدىغان ئىش تېىخى تارىختا بولۇپ باقمىدى .
بۇ ھىكايىدە،' جادۇللا دىگەن يەھۇدىئىسلامغا كىرىپئافرىقا ئورمانلىقلىرىد دەۋەت ئىشلىرى بىلەن ا مىليۇنلىغان كىشىنىڭ ئىسلامغا كىرىشىگە سەۋەپچى بولدى ...' دىگەن مۆجىزىسىنى كاللىسى بار ئادەم ئاڭقىرالمامدا ؟

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 15:25:02

pis-pas يوللىغان ۋاقتى2014-9-25 15:21 static/image/common/back.gif
پالانى چولپان ئىسلامغا كىرىپتۇ(ئەمىلىيەتتە كىرمىگەن...

خاتا كۆرىۋاپسىزدىككى دىككاڭ ، تېمىدا1 مىليون ئەمەس 6 مىليون دىيىلگەن .

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 15:33:09

durak يوللىغان ۋاقتى2014-9-25 15:25 static/image/common/back.gif
خاتا كۆرىۋاپسىزدىككى دىككاڭ ، تېمىدا1 مىليون ئەمە ...

ئىسمىمگە چاخچاق قىىلمڭ ، كىمۇ دىكى مىكى دىگەن ؟
مىليۇنلىغان دەۋاتىمەن ، 1 مىليۇن ئەمەس،6 مىليۇن ئادەم بىر ئادەم سەۋەبىىن ئىسلامغا كىرىپتۇ دىسە، 3-4 ياشلىق بالىلار ئىشىنەمىكىن . ھەققى ۋەقەمىش تېخى . ھاھاھا .:lolساخارا قۇملۇقى جەنۇبىدىكى ئافرىقىدا 6 مىليۇن مۇسۇلمان بارمۇ يوق دەپ ئويلاپ باقمامسىلا دەيمەن!!!!!!!!!!!:lol

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 17:22:03

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   durak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-9-25 17:57

pis-pas يوللىغان ۋاقتى2014-9-25 15:33 static/image/common/back.gif
ئىسمىمگە چاخچاق قىىلمڭ ، كىمۇ دىكى مىكى دىگەن ؟
مىليۇ ...

    ئەسلىڭىزدىن ھەنىم بولسا خىجىل بولىۋاتقان ئوخشايسىز ، بوپتۇ ئەمىسە :) . ئاندىن 14- قەۋەتتىكى ئىنكاسىڭىزنى ئۆزىڭىز بىر ئوقۇپ كۆرۈڭ .

   دۇنيادا 1مىليارت 3 يۈز مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان بار ھەم بۇ سان يىلدىن يىلغا كۆپىيىۋاتىدۇ، ئەقلىڭىز بولسا بۇ سان تارىختىن بويى جۇغلىنىپ قالغان سان ئەمەس ، بەلكى مۇشۇ سائەتتىكى دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ سانى. ۋەھىينىڭ باشلىنىشىدا رەسۇلۇللاھ ، خەدىچە ئانا ۋە ئابابەكرى سىددىق 3 كىشىلا ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن ۋە بۇ دىنغا راست دەپ ئېتىقاد قىلغان ، بۇنى بىلىسىز .

ئاللاھنىڭ ھىدايىتى ۋە مۆھمۈنلەرنىڭ تىرىشچانلىغىدا ھازىر دۇنيادىكى 5 چوڭ قىتئەدە يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان 13 يۈز مىليون ساندىكى مۇسۇلمان بار ئەلھەمدۇلىللاھ .

لېكىن يەنە 6 مىليارد ئىنسان ئىچىدە نۇرغۇن كىشىلەر ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلىغىغا ، ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە ، بۇ دۇنيادا ئىسلام دەپ بىر ئېتىقاتنىڭ مەۋجۇتلىغىغا ئىشەنمەيدۇ ، ياكى بىلمەسكە سالىدۇ، ياكى مەسخىرە قىلىدۇ ھەم كەمسىتىدۇ ، چۈنكى بۇ ھىكمەت بىلەن رەڭگارەڭ يارىتىلغان دۇنيا . تارىختىن بۇيان قۇرئانى كەرىم ۋە ئىسلامغا ئائىت مەسىلىلەر ئەپسانە ، توقۇلما ، يالغان سانىلىنىپ مەسخىرە قىلىنىپ كەلگەن ، بۇنىڭغا مۇسۇلمانلار ھەيرانلىق ھىس قىلىپ كەتمىگەن ، بۇنىڭلىق بىلەن مۇسۇلمانلار ئېتىقادىدىن ۋاز كەچكىنى يوق ، بەلكى كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىۋاتىدۇ ، مانا بۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدۇر .

ئەمما بۇ ھىكايىگە كەلسەك ، جادۇللاھنىڭ 6 مىليون كىشىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىغا ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدىن بىلەن سەۋەپچى بولىشىئۇلاردىن بىردىن بىردىن كەلىمە شاھادەت ئىمتىھانى ئېلىپ تەستىقلاپ مۇسۇلمان قىلدى دىيىلگىنى ئەمەس ، ھەم ۋەقەلىكتىكى زۇلۇ شەيخىمۇ جادۇللاھنىڭ قولىدا مۇسۇلمان بولغۇچىنىڭ قولىدا مۇسۇلمان بولدۇم دەپ ئىسپات بېرىپتۇ ، قارىغاندا كونا ئادىتىڭىز بويىچە بەك ئالدىراپ چالا-بۇلا ئوقۇغان ئوخشايسىز .

   شۇنداق قىلىپ بۇ ماقالىدىن مۇسۇلمانلار تورداشلار زوقلانسۇن تەجرىبە ئالسۇن دەپ تەرجىمە قىلدىم ، قوشۇمچە چۈشەنچىمۇ بەردىم ، لېكىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ قانداق ھىسسىياتتا بولۇشى ئەلۋەتتە مەقسىدىم بىلەن مۇناسىۋەتسىز .

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 18:53:32

كىم ئۇ دىككى دىككاڭ ،مىكى مۇككاڭ دىگەنلەر؟نىمە ئادەملەر ئۇ دۇراك ئەپەندى ؟
رۇسلان 007 ئەپەندى سىزنى ۋاڭ دۇراك دەيدىكەن ھەر بىر ئىنكاسىدا ، سىزنى نىمىشقا شۇنداق ئاتايدۇ ؟بۇنىڭغىمۇ بىر چۈشەنچە بېرىۋەتسىڭىز بولغىدەك…

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 19:30:03

ئىنتايىن ئىسىل تىما بوپتۇ.
مەن ھەققىي ۋەقە ئىكەنلىكىگە ۋە بۇنىڭدىنمۇ نۇرغۇن مۇشۇنداق ئىشلار بولغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
باشقىلارنى زورلاش تىللاش پەس كۆرش بىلەن ئەمەس بەلكى پۇتۇن ۋۇجۇتى بىلەن دىل خالاپ قىلنغان ئىشلار ھەرگىز يەردە قالمايدۇ.
خۇددىي بىر جۇملە سۆزدە ئىيتىلغاندەك «ئىغىزدىن چىققان سۆز قۇلاققا بارىدۇ ،يۇرەكتىن چىققان سۆز يۇرەككە».

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 19:37:30

ئىمىن ۋاڭ دىگەندەك دۇراكبەگ دىگىنىمىكىن تاڭ ، تەپسىلاتىنى ئۆزىدىن سوراپ بېقىڭ . دىككى دىككاڭ بىر ئادەتتىكى ئالدىراڭغۇ ئۇسۇلچىنىڭ سۈپىتىغۇ ؟

بۈگۈندىن باشلاپ بايراملىق دەم ئېلىش ماڭا . ئەقىل بۇلىغىدىن قاپاقتا سۇ ئىچكەن ھەرقاندىغىڭنىڭ ھەرقانچە چىداپتۇرغۇسىز ماز سۇئاللىرىڭلار بولسىمۇ جاۋاپ بېرىشقا ئامال بار تىرىشىپ باقىمەن .:lol
بەت: [1] 2 3 4
: يەتتە ياشلىق يەھۇدى بالا