turan1001 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-24 20:57:49

ئىسمائىل غاسپىرالى (1851-1914)

ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ قىسقىچە ھاياتى

(1851-1914)


تۈرك دۇنياسىنىڭ مەشھۇر مۇتەپەككۇر ۋە ئىسلاھاتچىلىرىنىڭ بىرى ئىسمائىل غاسپىرالىي قىرىم ئۇرۇشى (1853-1856) پۈتۈن شىددىتى بىلەن داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە باغچا سارايغا ئىككى سائەتلىك يىراقلىقتىكى ئوۋچى يېزىسىدا دۇنياغا كەلدى. ئاتىسى دۇنياغا كەلگەن يېزىنىڭ ئىسمى Gaspirinski (غاسپىرالى) غا ئاساسەن «غاسپىرالى» تەخەللۇسىنى قوللانغان ئىسمائىل ئەپەندىنىڭ بالىلىق دەۋرى قىرىم- تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ بۈشۈكى- باغچا سارايدا ئۆتتى ۋە بۇ شەھەر ئۇنىڭ روھى دۇنياسىدا كوچىلىرى، مەسچىتلىرى، ئۆيلىرى، بولۇپمۇ خانسارىيى قاتارلىقلار بىلەن ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇردى.

ئون ياش چېغىدىلا «ئاق مەسچىت» مەدرىسىسىگە ئەۋەتىلگەن ئىسمائىل غاسپىرالى ئىككى يىل ئۇ يەردە تۇرغاندىن كېيىن، ۋارونېژ شەھىرىدىكى ھەربىي مەكتەپكە يۆتكەلدى. بۇنىڭدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن موسكۇۋا ھەربىي ئىدارىسىگە يۆتكىلىپ باردى. غاسپىرالىنىڭ بۇ مەزگىلدە ئەڭ كۆپ تەسىرىدىن قۇتۇلالمىغان بىر ئىش روسلارنىڭ تۈركلەرگە قارشى پانسىلاۋىزم سىياسىتى ئىدى. ياش ئىسمائىل بۇ سىياسەتكە ئېتىراز بىلدۈرۈشنى ئويلايتتى. ئۇ بۇ سەۋەبلىك مەكتەپتىن ئايرىلدى. مەكتەپتىن ئايرىلغان غاسپىرالى زەنجىرلىك مەدرىسىسىدە روس تىلى ئوقۇتقۇچىسى سۈپىتىدە خىزمەتكە كىردى. بىر يېرىم يىل داۋاملاشقان بۇ ئوقۇتقۇچىلىق جەريانىدا ناھايىتى كۆپ ماتېرىيال كۆرۈش ئارقىلىق روس ئەدەبىياتى ۋە پىكىر ئېقىملىرى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئېرىشكەن ئىسمائىل غاسپىرالى بىر تەرەپتىن روس مەتبۇئاتىغا دىققەت قىلىش ئارقىلىق سىياسىي يېڭىلىقلار ۋە روسىيەنىڭ دۆلەت ئىچى- سىرتىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى تېخىمۇ ياخشى بىلىشكە تىرىشتى. كەلگۈسىدە مېڭىسىنى بەكلا مەشغۇل قىلىدىغان «سوتسىيالىزم» توغرىسىدىمۇ ھاياتىنىڭ مۇشۇ مەزگىلىدە ناھايىتى كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولغان غاسپىرالى، 1869- يىلىدا مائاشى 600 روبلىگە ئۆستۈرۈلۈپ ياللادىكى تېرەكۆي مەكتىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بۇ يەردىمۇ ئىككى يىل تۇرغاندىن كېيىن، باغچا سارايغا قايتىپ كېلىپ، يېڭىدىن زەنجىرلىك مەدرىسىسىدە روس تىلى دەرسلىرىنى بېرىشكە باشلىغان. غاسپىرالى شۇ چاغقا قەدەر ئىدىيىسىدە شەكىللەندۈرگەن «يېڭىلىقچى» پىكىرلىرىنى تۇنجى قەدەمدە زەنجىرلىك مەدرىسىسىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا تىرىشتى، ئوقۇغۇچىلىرىغا خىزمەتتىن سىرت «ئۇسۇلى جەدىد» (يېڭى مېتود) نى ئاساس قىلغان تۈركچە دەرسلەرنى ئۆگىتىش بىلەن بىرگە، مەدرىسىلەردە ئاساس قىلىنىپ كېلىۋاتقان «ئەنئەنىۋىي» مائارىپ شەكلىنى تەنقىد قىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ بۇ مېتودى دەسلەپكى مەزگىللەردە قارشىلىققا ئۇچىرىدى.

غاسپىرالىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئارزۇلىرىنىڭ بىرى ئىستانبۇلغا كېتىش ئىدى. ئىستانبۇلغا بېرىپ ئەسكەر بولۇشنى خالايتتى، ئەمما يېرىم يولدا توختاپ قالغان ئوقۇشىنىڭ بۇنىڭغا توسالغۇ بولىدىغانلىقىنى ئەستىن چىقارمايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ 1871-يىلى پارىژغا بېرىپ يېرىم قالغان ئوقۇشىنى تاماملىدى. غاسپىرالى 1874-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر پارىژدا تۇرۇپ قالدى. ئىسمائىل غاسپىرالى پارىژدىن ئىستانبۇلغا باردى، ئەمما ھەر قانچە قىلىپمۇ خىيالىدىكى خىزمەتنى ئىشلەش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى. ئۇنىڭ يازغۇچىلىق ھاياتى بۇ مەزگىلدە باشلاندى. ئەسكەر بولۇش ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقى چۈشىنىپ يەتكەندىن كېيىن، 1875-يىلى قىشتا قىرىمغا قايتقان غاسپىرالى، 1878- يىلى باغچاساراينىڭ شەھەر باشلىقلىقىغا سايلانغا قەدەر باشقا ھېچقانداق ئىش بىلەن شۇغۇللانمىدى، ئۇنىڭ شۇغۇللانغىنى پەقەت ئوقۇش ۋە مىللىتىنىڭ ھاياتىنى تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت بولدى. ئىسمائىل غاسپىرالى 1878-يىلى باغچاساراي شەھەر باشلىقلىقىغا سايلاندى؛ ئۇ بۇ ۋەزىپە سايىسىدا ئىدىيىسىدىكى بەزى يېڭىلىقلارنى روياپقا چىقىرالايمەن، دەپ ئويلايتتى، مىڭ ئەپسۇسكى ئۇ يەنە بەزى توسۇلغۇلاردىن خالىي بولالمىدى. شەھەر باشلىقى سۈپىتىدە ۋەزىپىلىرىنى- بارلىق ئىمكانسىزلىقلاردىن قەتئىي نەزەر- جايىدا بىجىرىشكە تىرىشقان، ئەمما ئەسلى غايىسىنى قەتئىي ئۇنتۇپ قالمىغان غاسپىرالى 1879- يىلى بىر گېزىت چىقىرىش ئۈچۈن روس ھۆكۈمىتىگە ئىلتىماس سۇنغان بولسىمۇ، بۇ ئىلتىماس رەت قىلىندى. ئەمما ئۇ قانداقلا بولمىسۇن مىللىتىگە مەتبۇئات يولى ئارقىلىق خىزمەت قىلىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى. 1881-يىلى «ياش موللا» دېگەن تاقىما ئىسىم بىلەن كەلگۈسىدە كىتاب شەكلىدە نەشىر قىلىنىدىغان «Russkoe Musulmanstovo» (روسىيە مۇسۇلمانلىرى) تېمىسى ئاستىدىكى ماقالىلىرىنى يېزىپ ئاق مەسچىتتە چىقىدىغان «تەۋرىدە» گېزىتىدە ئىلان قىلدۇرۇشقا باشلىدى. غاسپىرالى رۇخسەت ئالالمىغىنىغا قارىماي، گېزىت چىقىرىش قارارىدىن ۋاز كەچمىگەن ئىدى. بۇ قارارىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن زېمىن ھازىرلاش مەقسىتىدە 1881-يىلىدىن باشلاپ «تونغۇچ»، «ئاي»، «گۈنەش» (قۇياش)، «يۇلتۇز» ۋە «مىرئاتۇل جەدىد» (يېڭى ئەينەك) كە ئوخشىغان تۈرلۈك ئىسىملاردىكى كىچىك رىسالىلەرنى نەشىر قىلىشقا باشلىغان. ئەپسۇسكى، روسىيە دائىرىلىرى بۇ رىسالىلەرنىڭ نەشىر قىلىنىشىنى ئىسمى باشقا بولسىمۇ، گېزىت سالاھىيىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا نەشىر قىلىنىشىنى مەنئىي قىلدى.

غاسپىرالى بىر گېزىت چىقىرىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تولۇق تۆت يىل كۆرەش قىلدى، قانچە قېتىملاپ پېتېسبورگقا بېرىپ ئىلتىماسلانى سۇندى ۋە ئاخىرىدا 1883-يىلى تۈركچە قىسمى ئەينەن روسچىغا تەرجىمە قىلىنىش شەرتى بىلەن «تەرجۇمانى ئەھۋالى زامان» نى چىقىرىش روخسىتىنى ئالالىدى. ئىسمىنى تۈركىيەدە چىقىدىغان «تەرجۇمانۇل ئەھۋال» گېزىتىدىن ئالغان بۇ گېزىتنىڭ روسچە ئىسمى «پەرەۋوتجىك» ئىدى. زوھرە خانىمنىڭ زىننەت بۈيۈملىرى ۋە ئانىسىدىن قالغان قىممەتلىك كىيىم- كىچەكلىرىنى سېتىپ توپلانغان پۇلغا 300 روبلى ئەتراپىدىكى مۇشتەرىلىك پۇلىنى قوشۇپ كونا بىر ماشىنا ۋە بىر مىقدار ھەرپلەرنى سېتىۋالغان غاسپىرالى گېزىتىنىڭ تۇنجى سانىنى 1883-يىلى 10- ئاپرىلدا چىقاردى.

«تەرجۇمان» روسىيەدە نەشىر قىلىنغان تۇنجى تۈرك گېزىتى بولمىسىمۇ، كەڭ تارقىلىشى ۋە ئوينىغان رولى نۇقتىسىدىن ئەڭ مۇھىمى ئىدى. 1903-يىلىغا قەدەر ھەپتىلىك، 1903-1912 يىللىرى ئارىسىدا ھەپتىدە بەزىدە ئىككى، بەزىدە ئۈچ سان، 1912-يىلى سىنتەبىر ئېيىدىن كېيىن كۈنلۈك گېزىت بولۇپ تولۇق 33 يىل داۋاملاشتى ۋە 1916-يىلى توختىتىلدى.

كىچىك ھەجىمدە تۆت بەتلىك شەكىلدە نەشىر قىلىنىشقا باشلىغان «تەرجۇمان» ئۇزۇن ئۆتمەيلا شۇ دەۋرنىڭ شەرت- شارائىتى ۋە ئوقۇرمەن- يازغۇچىلىرىنىڭ سانىغا قارىغاندا ناھايىتى يۇقىرى دېيىش مۇمكىن بولىدىغان تىراژ بىلەن نەشىر قىلىندى. كافقاز، قازان، سىبىرىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا، جۇڭگۇ، ھەتتا ئىران ۋە مىسىرلاردا سېتىلغان «تەرجۇمان» نىڭ ئەڭ چوڭ مۇۋەپپىقىيىتى غاسپىرالىنىڭ يالغۇز روسىيە تۈركلىرىنى ئەمەس، بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىلىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشىدە ئىپادىسىنى تاپاتتى. بۇ ئوخشاش ۋاقىتتا «تىلدا بىرلىك» ئىدىيىسىنىڭ رىئاللىققا ئايلىنىشى، شۇ تىلنىڭ ئىستېمال قىلىنىشىدا مۇھىم بىر غايە ئورنىغا قويۇلىشى ئوقۇمىنى بىرەتتى. 1905 كىرىزىسىدىن كېيىن قازاندا، قاپقازدا، ئوتتۇرا ئاسىيادا ۋە قىرىمدا نەشىر قىلىنغان 35 تىن ئارتۇق گېزىت- ژۇرنالدا، كۆپ ساندىكى ھېكايە ۋە رومانلاردا «غاسپىرالى تىلى» ئىستىمال قىلىنغان ئىدى. مۇسۇلمان ئىتتىپاقى «تەرجۇمان» گېزىتىنىڭ سايىسىدا ئۆتمۈشتە يالغۇز خىيال ھېسابلىدىغان تىلدا بىرلىك ئىدىيىسى بىلەن بىرگە، ئۇسۇلى جەدىد مەكتىۋىنىمۇ شەكىللەندۈرگەن ۋە كېڭەيتكەن ئىسمائىل غاسپىرالى 1905 كىرىزىسىدىن كېيىن ”روسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىتتىپاقى“ غايىسى بىلەن توپلانغان ئۈچ قېتىملىق قۇرۇلتايدا مۇھىم رول ئوينىدى. مائارىپ مەسىلىسى مەركەزلىك ھالدا مۇزاكىرە قىلىنغان ئۈچىنچى قېتىملىق قۇرۇلتايدا «تىل بىرلىگى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك قاراشلىرىنى پۈتۈن روسىيە مۇسۇلمانلىرىغا رەسمىي شەكىلدە قۇبۇل قىلدۇردى (1906).

«ئۇسۇلۇل جەدىد» ھەرىكىتىنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى ۋە ئۆكتەبىر باياننامىسىدىن كېيىن مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ئېرىشىلگەن ئەركىنلىك، يەنە بىر تەرەپتىن «مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى» مەقسىتىدە چاقىرىلغان قۇرۇلتايلار غاسپىرالىنىڭ جاسارىتىگە جاسارەت قوشتى. دەرۋەقە، ئېلىپ بارغان بارلىق پائالىيەتلەر، ئۇنىڭ تۈرك بىرلىكىنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن بىر باسقۇچى سۈپىتىكى ئىسلام بىرلىگىنى غايە قىلىشى، پىكرى يۈنۈلىشىنىڭ ئۇنىڭ قايسى سەۋىيىدە بىر تۈرك مىللەتچىسى بولسا، ئوخشاش سەۋىيىدە ئىسلامىي ئىدىيىگە ساھىپ ئىكەنلىكىنىمۇ كۆرسىتىپ بىرەتتى. ئۇ 1907-يىلى قاھىرەدە بىر «ئىسلام قۇرۇلتىيى» چاقىرىش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ كۈچ سەرپ قىلدى. 1910-يىلى ھىندىستانغا باردى ۋە بومبايدىكى «ئەنجۇمەنى ئىسلامىييە» نىڭ يېغىنلىرىغا قاتنىشىش ئارقىلىق قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەشرۇتىيەت ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئىستانبۇلغا كەلگەن ۋە ناھايىتى كۈچلۈك بىر خىل ھاياجان ئىچىدە قارشى ئېلىنغان (1909). تۈركىيە تۈركلىرىگە تولىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن غاسپىرالى قىرىمدىكى چېغىدىمۇ روسىيە مەتبۇئاتىغا قارشى تۈركىيەنى ھىمايە قىلىشتىن، تۈركىيە تۈركلىرىگە قارشى يېزىلغان ماتېرىياللارغا رەددىيە قايتۇرۇشتىن قەتئىي باش تارتمىغان ئىدى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ھارپىسىدا ئىستانبۇلغا تەكرار كىلىپ، تۈركىيەنى ئۇرۇشقا كىرمەسلىك خۇسۇىسدا ئاگاھلاندۇرۇشقا تىرىشقان غاسپىرالى تۈرك دۇنياسىدا يېتىشىپ چىققان ئاز ئۇچرايدىغان زىيالىلارنىڭ بىرى ئىدى، يېتىشكەن ئىسلاھاتچى، ھەقىقىي مۆمىن كىشى ئىدى.

ئىسمائىل غاسپىرالى 1914-يىلى 11-سىنتەبىر جۈمە كۈنى باغچاسارايدا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى. ئەتىسى داغدۇغىلىق بىر جىنازە نامىزىدىن كېيىن «مەڭلىگىرايخان مەقبەرىسى» ئەتراپىغا دەپن قىلىنغان بۇ مەشھۇر ئالىمنىڭ ۋاپاتى پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنى قايغۇغا سالدى.

تۇران تەييارلىدى.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 10:52:56




قىرىم تاتارلىرىنىڭ يولباشچىلىرىدىن بولغان بۇ ئاۋانگارت باتۇر كىشىنى ئەسلەپ تۇرۇش كىرەك

Elcibei يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 11:47:03

http://www.islamnews.ru/uploads/news/2013-10/1381226928/global/news-zWrzyJrj7S.jpg
‏يەنە بىر تاتار ئالىمى، جەددىتىزىم يول باشچىلىرىدىن بىرى، بىزدىكى ماقالە ئەسەرلەردە قەشقەرگە كېلىپ ئۆتكەنلىگى بايان قىلىنىدىغان مۇسا جەرۇللا ( بىگېيېۋ)

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 12:38:32

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2014-9-25 10:52 static/image/common/back.gif
قىرىم تاتارلىرىنىڭ يولباشچىلىرىدىن بولغان بۇ ئاۋانگ ...

ماتىرياللارنى گوگۇلدىن تاپامسىز ؟

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 12:54:08

مۇسا جەرىللانىڭ دىيارىمىزغا كىرگەنلىكى توغرىسىدا سەھىھ مەلۇمات بارمۇ؟ ياكى ماقالىچىللىرىمىزنىڭ نەسىھەتشۇناسلىق قىلىشى ئۈچۈن لازىم بوپ قېلىپ كىردى دەپ يازغانمۇ؟

Elcibei يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 13:45:02

مۇسا جەرۇللانىڭ دىيارىمىز ئارقىلىق ئافغانىستانغا بارغانلىق مەلۇماتى ھەقىقەتەن بار، بىراق يەرلىك ئۆلىمالار بىلەن ماقالە ئەسەرلەردە دېيىلگەندەك ھەمسۆھبەتتە بولدىمۇ يوق بۇنىسى نامەلۇم

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 14:08:51

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-9-25 12:38 static/image/common/back.gif
ماتىرياللارنى گوگۇلدىن تاپامسىز ؟

گۇگۇل ئېچىلماس بوپقالغاندىن بېرى، بىڭ دىگەن ئىزدىگۈدىن ئىزدەيمەن
بەت: [1]
: ئىسمائىل غاسپىرالى (1851-1914)