kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-9-24 15:23:14

[خەتلىك فىلىم] مارجان

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kowruk_cn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-24 15:25  



فىلىم نامى: مارجان
فرانسۇزچە نامى: La Parure
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 2007-يىلى
دۆلىتى: فرانسىيە
تۈرى: كالتە تېلېۋىزىيە تىياتىرى
تىلى: فرانسۇزچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە
IMDB نومۇر: 7.5
رازمىرى: 1280x720
چوڭلىقى: 262MB
فىلىم ئۇزۇنلىقى: 00:28:59
رېژىسور: Claude Chabrol
روللاردا: Cécile De France, Thomas Chabrol, Charley Fouquet

فىلىم ھەققىدە:
بۇ فىلىم مۇپاسساننىڭ شۇ ناملىق ھېكايىسى ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن.
ماتىلدا ۋە ئۇنىڭ يولدىشى ئانچە باي ئەمەس ئېدى، ماتىلدانىڭ ئېرى مىنىستېرنىڭ ئىشخانىسىدا ئىشلەيدىغان ئادەتتىكى ئىشچى بولۇپ، ئايالىنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى ھەمدە ئايالى نېمە دېسە شۇنى قىلىپ بېرەتتى، ماتىلدا بولسا چىرايلىق كىيىم-كېچەك، زىبۇزىننەت ۋە ئويۇن-تاماشاغا ئامراق ئېدى. بىر كۈنى ماتىلدانىڭ يولدىشى مائارىپ مىنىستىرلىكىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان تانسا كېچىلىكىنىڭ تەكلىپنامىسىگە ئېرىشىدۇ، ماتىلدا باشقىلارنىڭ ئالدىدا چېنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن يېقىن دوستى جېننىدىن بىر ئالماس كۆزلۈك مارجاننى ئارىيەتكە ئالىدۇ، ئەمما كېچىلىكتىن يېنىپ كەلگەندە بولسا ئارىيەت ئالغان بۇ مارجاننىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقايدۇ ۋە ھېچ يەردىن تاپالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نۇرغۇن قەرز ئېلىپ، يۈتۈپ كەتكەن مارجانغا ئوخشاش يەنە بىر مارجاننى سېتىۋېلىپ دوستى جېننىغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ...

كەسمە رەسىملەر:

http://download.kowruk.cn/image/marjan/01.jpg

http://download.kowruk.cn/image/marjan/02.jpg

http://download.kowruk.cn/image/marjan/03.jpg

http://download.kowruk.cn/image/marjan/04.jpg

http://download.kowruk.cn/image/marjan/05.jpg

بۇ بەتكە كىرىپ، چۈشۈرىمەن دېگەن كونۇپكىنى بېسىپ، شۈنلېيدىن چۈشۈرۈۋېلىڭ.

Apple يوللانغان ۋاقتى 2014-9-24 18:22:29

ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ ئىشلەشكە يىتىشەلىسەڭلا بىرنەچچە كىنو تەۋىسسىيە قىلاي .
ھېيىتتا ئارام ئالغاچ  مۇنبەردىكىلەر بولسىمۇ كۈرەرسىلەر.

暴君
黑帆
黑名单
地球百子
ئىزدەش ماتۇرىدىن ئىزدەپ كۆرگەيسىزلەر .
لىكىن ۋاختىڭلارغا ئىچىڭلار ئاغرىمىغۇدەك كىنولار .

ئىنكاسنى تېلفۇندا يازغاچ ئادرىس بىلەن تەمىنلىيەلمىدىم ئۆزۈر.

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2014-9-24 21:47:38

پرانسوزلانىڭ كىنوسىنى ياخشى كۆرەمسىز نېمە قارىسام

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-9-24 22:02:47

«دونداق»مۇ ئېسىلتى.

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-9-24 22:40:07

Pasiban يوللىغان ۋاقتى  2014-9-24 21:47 static/image/common/back.gif
پرانسوزلانىڭ كىنوسىنى ياخشى كۆرەمسىز نېمە قارىسام

مەن شەخسەن قايسى دۆلەتنىڭ بولسۇن ھېكايە فىلىملەر (Feature film) نى بەكرەك ياقتۇرىمەن.

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-9-24 23:50:19

« ئاننا كارىنىنا » نى قىلساڭلار بولىتى ،  يېڭى ئىشلەنگەن نۇسخىسىنى .

function يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 02:04:32

Apple يوللىغان ۋاقتى  2014-9-24 18:22 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ ئىشلەشكە يىتىشەلىسەڭلا بىرنەچچ ...

بۇلار كىنومۇ كۆپ قىسىملىق تىياتىرمۇ؟

Julaliq يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 02:48:54

بۇ كىنونى ئون نەچچە يىللار بۇرۇن تېلېۋىزوردا ئۇيغۇرچە ئاۋازلىقىنى كۆرۈپتىكەنمەن.
ئاۋۇ ئەر-ئايال شۇنچە كۆپ قەرىز ئېلىپ ئورنىغا راسىت ئالماس مارجاننى دوستىغا بېرىدۇ، لېكىن نەچچە يىللاردىن كېيىن دوستى بىلەن كۆرۈشۈپ پاراڭلاشقاندا بولسا، ئەمەلىيەتتە دوستىنىڭ ئۇ مارجىنىمۇ پۇلغا يارىمايدىغان ساختا مارجان ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. دوستىنىڭ ئۇنداق قىممەت مارجان ئەمەس ئىدى. مۇشۇنچىلىك ئېسىمدە قاپتۇ. ئۇيغۇرچە ئاۋازلىقىنى تاپقىلى بولسا ئادەمنى ئويغا سالىدىغان ئېسىل فىلىم ئىدى.

Julaliq يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 02:51:23

ما تېمىدا بۇ فىلىمنىڭ ئىشلەنگەن ۋاقتىنى 2007-يىلى دەپتۇ، ۋاقتى خاتا بولۇپ قالمىغاندۇ؟
ياكى بۇ فىلىم كونا يېڭى نۇسخا دەپ ئايرىلامدۇ؟

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 08:09:20

كىچىكىمىزدە رادىئودىن بۇ فىلىمنىڭ رادىئو دىرامىسىنى  ئاڭلايتۇق، لېكىن كىنوسىمىنى كورمەپتىكەنمەن

karahaniya يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 09:15:16

ھىكايىسىنى ئۇقۇپتىكەنمەن

turkzad يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 09:17:57

afiyfiy يوللىغان ۋاقتى  2014-9-24 22:02 static/image/common/back.gif
«دونداق»مۇ ئېسىلتى.

«دونداق» (كىتابى)نى تاپقىلى بولارمۇ؟

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 16:41:23

Julaliq يوللىغان ۋاقتى  2014-9-25 02:51 static/image/common/back.gif
ما تېمىدا بۇ فىلىمنىڭ ئىشلەنگەن ۋاقتىنى 2007-يىلى دەپتۇ، ...

ۋاقتى خاتا ئەمەس، بۇ فىرانسىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 2-قانىلى ئىشلىگەن «مۇپاسسان ئەسەرلىرى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىچىدىكى بىر قىسمى.
http://www.imdb.com/title/tt0857348

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 17:10:02

afiyfiy يوللىغان ۋاقتى  2014-9-24 22:02 static/image/common/back.gif
«دونداق»مۇ ئېسىلتى.

«دونداق» مۇشۇ يۈرۈشلۈك تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ 3-بۆلۈمىدە بار ئىكەن، ھەمدە ئېرىشكەن باھاسى بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ يۇقۇرى ئىكەن، لېكىن توردىن مەنبەسىنى تاپقىلى بولمايدىكەن.

faruk886 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 17:44:20

Apple يوللىغان ۋاقتى  2014-9-24 18:22 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ ئىشلەشكە يىتىشەلىسەڭلا بىرنەچچ ...

黑帆 نى كۆرەپ بولداڭلامۇ  ؟ قاندارقكەن تەسىراتىڭلىنى دەپبېقىڭلا

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 17:49:24

kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى  2014-9-25 17:10 static/image/common/back.gif
«دونداق» مۇشۇ يۈرۈشلۈك تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ 3-بۆلۈ ...

ھە، بەلكىم يەنە ئىزدەپ باقساق تېپىلىپ قالار...

Julaliq يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 19:33:00

kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى  2014-9-25 16:41 static/image/common/back.gif
ۋاقتى خاتا ئەمەس، بۇ فىرانسىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ...

دۇنيا ئەدەبىياتىدا مۇشۇ فىلىمنىڭ پوۋېستىنى ئوقۇغاندىمەنمۇ يا؟
مۇشۇ فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى شۇ پېتى ئېسىمدە.

dolqun يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 21:34:59

مۇنچاق ئاسقان قىز دەيدغان بىر كىنومۇ بار، شۇنىمۇ خەتلىۋىتىڭلار.

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 11:15:54

بۇ فىلىمنىڭ يېزىقىنىڭ ۋاقتى ئازراق تەڭشىلىپ، نۆۋەتتە بار بولغان ئەڭ سۈزۈك نۇسخسى(سۈزۈكلىكى تۇنجى نۇسخىسىدىن بىر ھەسسە يۇقۇرى) غا كىرىشتۈرۈلۈپ قايتا يوللاندى.
بۇ بەتكە كىرىپ، چۈشۈرىمەن دېگەن كونۇپكىنى بېسىپ، شۈنلېيدىن چۈشۈرۈۋېلىڭ.

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 12:08:07

Julaliq يوللىغان ۋاقتى  2014-9-25 02:51 static/image/common/back.gif
ما تېمىدا بۇ فىلىمنىڭ ئىشلەنگەن ۋاقتىنى 2007-يىلى دەپتۇ، ...

70-يىللاردا سوۋىت ئىتىپاقى ئىشلىگەن بىر نۇسخىسى بار، تېلېۋىزوردا قويۇلغان ،بەلكىم  شۇنى كۆرگەن بولغىيتىڭىز
ئېسىمدە قېلىشىچە ئۇنىڭدا سوتسىيالىستىك ئەخلاق تەكىتلىنىپ ،كاپىتالىزىمنىڭ رەزىللىكى،ساختا قىياپىتى ئەيىبلىنىدۇ، ئىشقىلىپ بەدىئىيلىكى بەك تۆۋەن
ئەسەر فرانسىينىڭ بولغاندىكىن فرانسۇزلار ئىشلىسە قالتىس چىقىشى مۇمكىن ،ھەقىقى فرانسىينىڭكىنى بىر كۆرۆپ باقايچۇ قېنى
بەت: [1]
: [خەتلىك فىلىم] مارجان