udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 18:42:40

tp-linikac1200双无线路由器 型号tl-wdr6300 تىپلىق روتىردىن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-23 20:48  

tp-linikac1200双无线路由器   型号tl-wdr6300 تىپلىق روتىردىن ياردەم تەلەپ قىلىمەن.

ھەپتە بۇرۇن تاۋباۋدىن سىتىۋالغان.
ئەتىسى كومپىيۇتىرغا چىتىپ، بارلىق مەشغۇلاتنى ئوڭوشلۇق تاماملاپ، كومپىيۇتىر ۋە تىلىفۇندا تورغا چىقىپ ئىشلەتكەن. سىمسىز تور سۈرئىتى ھەقىقەتەن ياخشى ئىدى. 100 مىتىر يىراقلىققىچە ياخشى ئىشلىگەن. مەن سىناپ باقتىم.100 مىتىردىن يىراقلاپ كەتسە تور ئۈزۈلىدىكەن.

ئىككى كۈندىن كىيىن ئەتىگەن كومپىيۇتىرنى قوزغاتسام، wifi  تارقىتىدۇ. بۈگۈنمۇ بىر قىتىم يول باشلاش سىستىمىسىنى قايتا ئىلىپ بىرىپ، مەخپى نومۇرنى ئالماشتۇرۇپ باقتىم.
كومپىيۇتىر ۋە  تىلىفۇن نورمال تورغا ئۇلىنىدۇ. لىكىن تىلگىرافنىڭ 10000 قىزىل رەڭلىك باش بىتى چىقىۋىلىپ، تور بەتلەرنى زىيارەت قىلىشقا بولمىدى.
ئامال يوق يەنە سىمسىز روتىرنى ئىلىۋىتىپ،宽带连接 كەڭ بەلباغلىق تورنى ئۇلاپ تورغا چىقتىم.

سىمسىز روتىردا تورغا ئۇلىنىپ، تور بەتلەرنى زىيارەت قىلالماسلىقنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى قايسىلار؟
تىلگىراف شىركىتىنىڭ سىمسىز روتىرنى چەكلەپ قويۇش ئىھتىماللىقى بارمۇ -  يوق؟ تىلگىراف شىركىتى تىخنىك خادىملىرىغا تىلىفۇن قىلسام، مەخپى نومۇرنى ئەستە تۇتالمايدىغان بوپ قاپتۇ دەيدۇ.
1- مەن توردىن سىتىۋالغان  wifiتارقىتىدىغان سىمسىز روتىر. 无线路由器
2- تىلگىراف شىركىتىدىن كەڭ بەلباغ تور تارتقاندا بەرگەن مودىم (猫)  بۇنىمۇ 电信宽带路由器  دەمدۇ؟
بىلىدىغان مۇنبەرداشلارنىڭ بىلىمىنى ئايىماسلىقىنى سورايمەن.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 21:22:07

بۇرۇن مۇشۇ توغرىلىق بىر تېما بارتى :
ئالدىنقى يىلى تىلىگىراف شىركىتى كۆپىنچە يەرلەردە كەڭ بەلباغلىق تورنى نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئورتاق ئىشلىتىشىدىن كىلىپ چىقىدىغان زىياندىن ئەنسىرەپ ، كومپىيوتىرغا 电信宽带路由器  ئارقىلىق چىققىلى بولمايدىغان قىلىپ قۇيۇپتىكەن ، 1000 غا تېلفۇن ئۇرۇپ سۈرۈشتە قىلساممۇ ئۇلار 电信宽带路由器 ئارقىلىق تورغا چىقسىڭىز بولمايدۇ ، بىۋاستە 宽带连接 ئارقىلىق چىقىڭ دىگەنتى ، ئامال قىلالمىغانتىم ....

كىيىن بىرەيلەن بىر تېمىدا بۇنىڭ ئەپچىل ئامالىنى تېپىپتۇ : يەنى تىلىگىراف شىركىتىگە 10000 گە تېلىفۇن ئۇرۇپتۇ ، ھەم تورغا چىقالمىغانلىقىنى ئىنكاس قىپتۇ ، ئۇلار دەل ئۇ نى 宽带连接  ئارقىلىق تورغا چىقىشقا ، 电信路由器 نى ئىشلەتمەسلىككە بۇيرۇپتۇ ، ئۇ ئادەم شىركەتكە داۋلى قۇيۇپ ، مىنىڭ يانفۇنىمنىڭ 600 مىنۇتلۇق wifi ئارقىلىق تورغا چىقىدىغان ئىقتىدارى بار ئىدى ، ئۇنى قانداق ئىشلىتىمەن ، شۇنى ئىشلىتىدىغان شارائىت ھازىرلاپ بىرىڭلار ئەمىسە دىسە ، ئاندىن ئۇنىڭ 电信路由器 ئارقىلىق تورغا چىقىشىغا قۇشۇلۇپ مۇناسىۋەتلىك چەكلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپتىكەن .....

ھە قاچان سىزنىڭمۇ شۇنداق چەكلىمىگە ئۇچرىدى ؟  تېلىفۇن ئۇرۇپ ئۇشۇقلۇق قىلىڭ ؟
ھە راست ئەڭ ئاۋال ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈڭ :
ئۈسكۈنىلەرنى قانداق چېتىشنى دەپ يۈرۈش ئارتۇقچىغۇ دەيمەن ، 电信路由器 نى بىر نەچچە قېتىم قايتا قوزغىتىۋېتىش ، توكتىن ئايرىپ قايتا توكقا چېتىش قاتارلىق مەشغۇلاتلار ئارقىلىق بەزى كىچىك كاشىلىلار ھەل بۇلۇپ كىتىدۇ ، ئارتۇقچە بولسىمۇ دەۋەتتىم .....
    جەزمەن مۇشۇ ئىككىنىڭ بىرىدە ھەل بۇلىدۇ ، مەن دەسلەپتە تېلىفۇن قىلىپ چەكلىمىنى ئاچقان ، ئاندىن كىيىن ئۈسكۈنىلەر پات - پات شۇنداق بۇلۇپ قالىدۇ ، توكتىن بىر ئايرىپ قايتا توكقا چاتسام راۋان بۇپ كىتىدۇ ،1000 غا تېلفۇن قىلمىغىلى يېرىم يىلدىن ئاشتى ...

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 21:33:17

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئادەتتە ت پ  ،مىركۇرىي قاتارلىق ماركىلاردىكى سىمسىز روتىرلاردا ئاسانلار تېلگىرافنىڭ قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش كۆزنىكى چىقىۋىلىپ ، ھېسابات نومۇرۇڭ خاتا دەپ تورغا چىقالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ھىسابات نومۇرى توغرا، كۆپ ھاللاردا سىمىسز روتىر توكتىن تويۇقسىز ئۈزۈلگەندە شۇنداق ئەھۋال چىقىدىكەن. بۇنىڭ يەنىلا شۇ خىل ماركىلاردىكى روتىرلارنىڭ تېخنىكىلىق پارامىتىرلىرىدىكى مەسلىمىكىن دەپ قالدىم.
چۈنكى ئادەتتە تېڭدا  ۋە باشقا ماركىلاردا بۇ خىل ئەھۋال زادى يوق دىيەرلىك. ياكى مەلۇم جايلاردىكى تېلگىراف بىلەن روتىرلارنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ياخشى بولمىسا كېرەك.
ھەل قىلىش ئۇسۇلى:
سىمسىز روتىرنىڭ كەينىدىكى زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ياكى سىمسىز روتىرنىڭ ئايپىسىدىن سىمسىز روتىرغا كىرىپ ،زاۋۇت ئەسلىگە قايتۇرۇش تىزىملىكى ئارقىلىق زاۋۇت ئەسلىگە قايتۇرۇپ ،سىمسىز روتىرنى قايتا لاھيىلەيسىز. شۇنىڭ بىلەن ئۇلىنىدۇ.
ئەگەر بۇمۇ بولمىسا ،تېلگىرافقا تېلفون قىلىپ ، ھېسابات نومۇرىڭىزنى ئەسلىگە قايتۇرۇش مەشغۇلاتى قىلىشنى تەلەپ قىلسىڭىز چوقۇم ئوڭشىلىدۇ.

دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىش : سىمسىز روتىرنىڭ تويۇقسىز توكتىن ئاجراپ كېتىشىدىن ساقلىنىڭ!

تېلگىرافنىڭ بەرگەن مودىمىغا كەلسەك ،جوڭگۇ تېلگىرافى خېلى ۋاقتلارغىچە جوڭشىڭ ۋە خۇاۋىيغا (كۆپرەك جوڭشىڭغا) مەخسۇس ياساتقان مودىمنى بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. ئىسمى  ئىې 8 دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر مۇشۇندىغى بولسا ،بۇنىڭ ئەسلىدىنلا روتىرلاش ئىقتىدارى بار بولۇپ ،پەقەت ئادەتتىكى ئابونت بۇنىڭ لاھىيلەش مەخپى نومۇرى يوشۇرۇلغانلىقتىن ،لاھىيىلەشكە ئامالسىز قالىدۇ. بولمىسا بۇ  مودىمدىمۇ ئەسلىدىنلا 150م لىك سىمسىز روتىر ئىقتىدارى بار . بۇنى تېلگىرافنىڭ مەخسۇس ئاپىراتىدىن ئۇلتىرا ھىسابات نومۇرىنى تېپىپ لاھىيلەش تامامەن مۈمكىن.ياكى توردا بۇخىلدىكى مودىملارنى يېشىش ئۇسۇللىرى بار. شۇ ئارقىلىق قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 21:40:16

دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىش : سىمسىز روتىرنىڭ تويۇقسىز توكتىن ئاجراپ كېتىشىدىن ساقلىنىڭ!

ما گەپنى بىر چۈشەندۈرىۋېتىڭە ، مەن  ئاۋارىچىلىق چىقسا ، توكتىن تارتىپلا ئالىمەن ، شۇ چاغدا ئاسان ئوڭشىلىدۇ !!!!!!

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 21:46:37

2- تىلگىراف شىركىتىدىن كەڭ بەلباغ تور تارتقاندا بەرگەن مودىم (猫)  بۇنىمۇ 电信宽带路由器  دەمدۇ؟

ياق !  ئاۋۇ 路由器 دىگەن تور شاخلاتقۇچ دىگەن مەنىدە بۇلۇپ ، ھازىرقى سىمسىز تور سىگنالى تارقاتقۇچى ئۈسكۈنە ھەم سىمسىز تور سىگنالى تارقىتىدۇ ھەم 路由器 تور شاخلىتىش ئىقتىدارى بار ..

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 21:52:35

  تىلگىرافنىڭ تورىنى ئەكىرگەنتىم ، مودىن 猫 روتىر    ھەركىم ھەرخىل ئاتايدىكەن ،   مۇشۇئۈسكىنىسى 无线路由器 ئىكەن ، 高级用户 بولسىڭىز wifi  تارقىتالادىكەنسىز ، ئەگەر بۇنداق بولمىسىڭىز بۇنىڭغىمۇ ئامال بار ،  توردىن ئىزدىگەن ئۇسۇللاردا قىلسام بولمىدى چۈنكى تىلگىراف  公开高级用户密码 نى  ئۆزگەرتىپ تۇرىدىكەن ، كىيىن  تاۋباۋدىن مۇشۇ ئىشنى قىلىدىغان بىرىنى تاپتىم ، 20 يۈەنگە قىلىپ بىرىدىكەن ، مەن تىخى قىلدۇرمىدىم ، چۈشكەن باھالارغا قارىغاندا تىخىنىكىسى خىلى يۇقىرى ئۇستام ئوخشايدۇ

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 21:56:29

ZTE中兴
zxhn  f660

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 22:30:30

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-24 00:31  

دىمەك: 10000 دىكى خانقىزغا تىلىفۇن قىلىدىغان گەپ ئىكەندە!
تۈنۈگۈن 10000غا تىلىفۇن قىلسام، تور ئالدىراش دەپ پەقەت ئۇلانغىلى ئۇنىمىغان  ئىدى.

تىلگىراف تىجارەت زاللىرىدا بۇنى ئاچالامدىغاندۇ؟ تىجارەت زاللىرىدىكى قىزلارغۇ ھىچنىمىنى ئۇقمايدىغان قىياپەتكە كىرىۋىلىپ ئولتورىدۇ.

Uyghuri يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 23:22:35

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-9-23 21:22 static/image/common/back.gif
بۇرۇن مۇشۇ توغرىلىق بىر تېما بارتى :
ئالدىنقى يىلى تىلى ...

مەن  خوتەندە  بىر  نەچچە قېتىم  مۇشۇنداق  ئەھۋالغا  ئۇچرىغان  ئىدىم  ،  ئەمما  بۇنى  مۇنداق  ھەل  قىلغان  ،  ئاۋۋال  موقىم  تېلېفون  ئارقىلىق  كەڭبەلناغ تورىنىڭ  مەخپى  نومۇرىنى  ئۆزگەرتىپ  ،  ئاندىن  مودىم  قايتىدىن زاۋۇت  ئەسلىگە  قايتۇرۇپ  يېڭى  مەخپى  نومۇرغا تەڭشىگەن  ئىدىم  ، نورمال  ئىشلىگەن  ئىدى  ،
سىناب  باقسىڭىز  بەلكىم  ئەسقېتىپ قالار  

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-24 06:37:50

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-9-23 21:40 static/image/common/back.gif
دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىش : سىمسىز روتىرنىڭ تويۇقسىز ...

كۆپ قېتىمقى تەجرىبەمگە ئاساسلانغاندا ، ت پ ۋە مىركۇرى (خەنزۇلار شۈيشىڭ دەيدۇ) قاتارلىق سىمسىز روتىرلار توكتىن تويۇقسىز ئاجرىسا ئاشۇنداق ئەھۋال كەپ چىقىدىكەن.

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-24 06:39:04

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-9-23 21:52 static/image/common/back.gif
تىلگىرافنىڭ تورىنى ئەكىرگەنتىم ، مودىن 猫 روتىر    ھەرك ...

ئەسلى ئۆزىڭىزمۇ قىلالايتىڭىز...مېنىڭ دېگىنىم توردا ئاشكارلانغان ئۇلتىرا ھېسابات نومۇرى ۋە مەخپى نومۇرى ئەمەس ،بەلكى شۇ خىلدىكى ئۈسكىنىنى يېشەلەيدىغان ئۇسۇل ،

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-24 06:42:15

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-23 22:30 static/image/common/back.gif
دىمەك: 10000 دىكى خانقىزغا تىلىفۇن قىلىدىغان گەپ ئىكەندە! ...

تېلفون ئوڭشايدىغان خادىملارنىڭ تېلفون نومۇرى بولسا ،شۇلارغا ئۇرسىڭىز نەچچە سىكونتتىلا قىلىپ بېرىدۇ. بولمىسا 10000غا ئۇرۇپ ئاپتوماتىك ئۇسۇلدىمۇ قىلىش مۈمكىن...
مەن ئېيتقان بىرىنجى ئۇسۇلنى سىناپ باقتىڭىزمۇ ؟ ئەگەر سىزنىڭ ئەھۋالىڭىز مەن ئېيتقاندەك ئەھۋال بولسا ،بىرىنجى ئۇسۇلدىلا 99% ھەل بولىدۇ ئادەتتە.

karahaniya يوللانغان ۋاقتى 2014-9-24 09:31:25

روتىرنى زاۋۇت تەڭشىكىگە قايتۇرۇپ قايتا تەڭشىسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-9-24 09:58:15

Uyghur يوللىغان ۋاقتى  2014-9-24 06:39 static/image/common/back.gif
ئەسلى ئۆزىڭىزمۇ قىلالايتىڭىز...مېنىڭ دېگىنىم توردا ئا ...

ئۆزۈم قانداق قىلىپ قىپىمەن

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-24 10:36:48

توردا ئىزدىسىڭىز بار، 破解e8 电信دېگەندەك ئىزدىسىڭىز چىقىشى مۈمكىن...

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-24 11:22:23

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-24 13:29  

تىلگىرافنىڭ تىخنىك خادىملىرى 1 مىنۇتتا ئوڭشاپ بەردى.
تىلگىراف تىخنىك خادىمى مۇندا دىدى:
10000 دىن سىمسىز روتىرنى باشقۇرۇپ يۈرمەيدۇ. شىركەتمۇ سىگنالنى توسوپ قويمايدۇ. سىمسىز توردا زىيارەت قىلىشنى چەكلەپ قويمايدۇ.
پەقەت سىمسىز روتىرنىڭ بىخەتەرلىك ئىقتىدارىنىڭ سەۋەبىدىن 3 كۈندە بىرەر قىتىم مەخپى نومۇرنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ. سەۋەبى شۇ دەيدۇ.
‹‹دىققەت ›› : سىمسىز روتىرنى توكتىن ئۈزۈۋەتمەڭلا دەيدىغۇ.   بۇمۇ بىر سەۋەپكەن.

تىخنىك خادىمنى ئىزدەپ تۇرىدىكەنمىز، ئوڭشاپ بىرىپ تۇرىدىغان گەپكەن.


ئىزدىنىشتا ھەل بولمايدىغان ئىش يوق جۇمۇڭلار تورداشلار.......................
ئىزدىنىشقىمۇ كەڭ بەلباغ تور تىخنىكىسى، سىمىسز روتىر تىخنىكىسى قاتارلىق سەھىپىلەرنى ئىچىپ قويسا ئوبدانلا تورداشلارغا ئەسقاتقۇدەك.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-24 11:56:14

سىمسىز روتىر     tp-link1200m无线路由器 دا تورغا چىقسام، 宽带连接 دە تورغا چىققاندىن تىز ئىكەن. ھەقىقەتەن تىزكەن، تور بەتلەرنىڭ ئىچىلىش سۈرئىتى ئىنتايىن ياخشىلىنىپ كەتتى.

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-24 12:11:26

سىمسىز روتىرنىڭ بىخەتەرلىك ئىقتىدارىنىڭ سەۋەبىدىن 3 كۈندە بىرەر قىتىم مەخپى نومۇرنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ. سەۋەبى شۇ دەيدۇ.
---
بۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس... بۇ خىل ئەھۋال بەزىدە بىركۈندە نەچچە قېتىم يۈز بېرىدۇ. بەزىدە ئايدا بىر ،نەچچە ئايدا بىر بەزىدە ھەپتىدە...ئىشقىلىپ  پەرىزىمچە بۇ يەنىلا روتېرنىڭ ياسىلىشىدىكى ئىشلىتىلگەن تېخنىكىلىق پارامىتىرلار بىلەن تېلگىرافنىڭ دسلەم ئەسۋابلىرى ئارىسىدىكى ماسلىشىشچانلىقتىن كۆرۈلگەن ئىشمىكىن دەيمەن. چۈنكى باشقا خىلدىكى روتىرلاردا ئاساسەن بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-24 15:25:16

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-24 17:31  

Uyghur يوللىغان ۋاقتى  2014-9-24 14:11 static/image/common/back.gif
سىمسىز روتىرنىڭ بىخەتەرلىك ئىقتىدارىنىڭ سەۋەبىدىن 3 ك ...

بەلكىم...................

مۇشۇنداق تىخنىك بىلىملەر توغرىسىدا، ئەمەلىي بىر مەشغۇلات جەريانىنى بىلىدىغانلار سۆزلەپ بەرسە بولاتتى.

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-24 16:53:03

يەنە بىر تەكتلەپ قويىدىغان گەپ:
تېلگىرافنىڭ 10000قىزىل رەڭلىك كۆزنەكنىڭ چىقىش سەۋەبى ئوخشاش بولمايدۇ. نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز خەنزۇچە بىلمىگەنلىكتىن ھەتتا بىلسىمۇ ئېتىبارسىز قارىغانلىقتىن ،شۇ چىققان قىزىل كۆزنەكتىكى خەتلەرنى ئوقۇپ چۈشۈنۈپ باقمايدۇ ۋە ھەممىنىلا بىر تاياقتا ھەيدىگۈسى كېلىدۇ.
ئەمەلىيەتتە تېلگىرافنىڭ ئۇ ئۇچۇر بېتى قارىماققا ئوخشاش بولغان بىلەن ئەمما ئەمەلىيەتتە 10-20خىلغا بۆلىنىدۇ. ھەم 50% ىنى شۇ ئۇچۇر بېتىدىكى ھەل قىلىش ئۇسۇلىغا ئاساسەن ھەممە كىشى ھەل قىلالايدۇ.
بەت: [1] 2
: tp-linikac1200双无线路由器 型号tl-wdr6300 تىپلىق روتىردىن