tawpik يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 13:37:43

مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ سىرى [ھېكايەت]

ھېكايەت

  بىر ياش سوقراتتىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ سىرىنى سوراپتۇ. سوقرات بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن، يىگىتكە ئەتە دەريا بويىدا ئۆزى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئاندىن جاۋابىنى ئېيتىپ بەرمەكچى بوپتۇ.
   يىگىت ئەتىسى سەھەردىلا دەريا بويىغا يېتىپ كەپتۇ. سوقرات يىگىتكە ھېچنېمە دېمەستىن ئۇنى يېتىلەپ دەرياغا قاراپ مېڭىپتۇ. دەريا سۈيى ئۇلارنىڭ تىز ۋە بەللىرىدىن ئېشىپ، كۆكرىكىگە كەلسىمۇ توختىماي ئىلگىرىلەپ، تاكى بوينىغا كەلگەندە، سوقرات يىگىتنىڭ دىققەتسىزلىكىدىن پايدىلىنىپ ئۇنى سۇغا بېسىپتۇ. يىگىت جېنىنىڭ بارىچە تىركەشسىمۇ، جۇغى كىچىك بولغاچقا سوقرات بىلەن كۈچلىشەلمەپتۇ. ئۇ سۇ ئىچىدە خېلى ئۇزۇن تىركەشكەندىن كېيىن، سوقرات ئاندىن ئۇنى تارتىپ چىقىرىپتۇ.!
   سوقرات يىگىتنى يېتىلەپ قىرغاققا چىقىپتۇ، يىگىتنىڭ چىرايى سەل ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن چۈشەنمىگەن ھالدا:
   — سىز نېمىشقا مېنى سۇغا باسىسىز؟-دەپ سوراپتۇ.
   سوقرات كۈلۈپ تۇرۇپ:
   — بايا سۇغا باسقىنىمدا، ھەممىدىن نېمىگە ئەڭ موھتاج بولدۇڭ؟
   — ئەلۋەتتە ھاۋاغا،-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ يىگىت.
   — مانا بۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ سىرى. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا، خۇددى بايا ھاۋاغا كۈچلۈك تەشنا بولغىنىڭدەك ئارزۇدا بولساڭ، ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايسەن.
   داڭلىق بىر ئالىم نام چىقارغاندىن كېيىن، بىرەيلەن ئۇنىڭدىن نام چىقىرىدىغانلىقىنى قاچان بىلگەنلىكىنى سورىغاندا ‹‹مەن نامراتلىقتىن چۈشكۈنلىشىپ باغچىنىڭ ئۇزۇن ئورۇندۇقىدا ئۇخلىماقتىن باشقا چارە تاپالمىغان ۋاقتىمدا، ئۆزۈمنىڭ چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىمنى بىلگەن. چۈنكى ئادەم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا بەل باغلىغىنىدا، ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا تۇنجى قەدىمىنى بېسىپ بولغان بولىدۇ››.
   شۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇكى: مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا كۈچلۈك ئارزۇ بولۇشى كېرەك. ئارزۇ قانچە كۈچلۈك بولسا، كۈچمۇ شۇنچە ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. ئەگەر مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندا ئاندىن ياشىغىلى بولغان بولسا، بىز ۋاقتىمىزنى قانداق قىلغاندا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ، دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئىزدىنىشكە زايە قىلماي، بەلكى ئەمەلدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن تىرىشقان بولاتتۇق. مەسىلەن ئالايلۇق، ئويلىمىغان يەردىن خەتەرگە يولۇقۇپ قاراقچى ياكى يىرتقۇچلار بىلەن ھايات-ماماتلىق ئېلىشقاندا، پەقەت ئۇلارنى ئۇرۇپ يىقىتالىساقلا، ئاندىن ھايات قالالايمىز، بۇنداق چاغدا ھەرگىزمۇ بوكس تىرېنېرىدىن تەلىم ئېلىپ يۈرمەيمىز، بىردىنبىر قىلالايدىغان ئىشىمىز جان تىكىپ ئېلىشىش، شۇندىلا غەلىبە قازىنالايمىز.
خالىدە ئوسمان تەرجىمىسى

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 19:20:50

     خۇدايىم بۇيرىسا !!!!
     

izlap يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 20:20:48

ئادەمنى   قايىل   قىلارلىق  ھېكايەتكەن   

----------------+--------+----------------

بۇنىڭغا  نىمە دىگۇلۇك:

مەن ئەزەلدىن داڭلىق ئادەم ،
لىكىن شۇ داڭقىمنى خەق بىلمىگەنلا يىرى بار .


پارول

SATAN يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 20:49:50

قالتىس ھىكايىكەن .

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 20:58:13

izlap يوللىغان ۋاقتى  2014-9-23 20:20 static/image/common/back.gif
ئادەمنى   قايىل   قىلارلىق  ھېكايەتكەن   

----------------+--------+- ...

پاختىنى نەچچە پۇلدىن چۆلەۋاتىسىز ؟

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 21:03:18

قانداق بولسا مۇۋاپپىقيەت قازانغان بۇلىدۇ

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 21:33:53

    ئادەم نىشانىغا يەتكەندە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بۇلىدۇ .....

    ئەمما ئىنسانلارنىڭ موۇۋەپپەقىيەتكە تۇتقان ئۆلچىمى ئوخشاش بولمايدۇ ، بەزىلەر مۇۋەپپەقىيەت قازاندىم دىگەن چاغدا  ئۇ بەلكىم باشقىچە ئۆلچەمدە مەغلۇپ بولغان بۇلۇشى مۇمكىن ....

   شۇڭا غايە بەك مۇھىم ....
بەت: [1]
: مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ سىرى [ھېكايەت]