[تەرجىمە فىلىم] «ئۆزگەرلەر4» كە ئېلان قوبۇل قىلىنىدۇ!
گۇرۇپپىمىز تەرجىمانى Nuer0997 ئەپەندىم تەرجىمە قىلىۋاتقان ئۆزگەرلەر 4 (变形金刚4) فىلىمىگە ئېلان قوبۇل قىلىش باشلاندى. ئېلان بېرىشنى خالايدىغان ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ ئېلان بېرىشنى قىزغىن ئارشى ئالىمىز. قۇتيار تەرجىمە فىلىملىرىنى قوللىسىڭىز ئېلان بېرىڭ ۋە تەشۋىق قىلىپ تارقىتىپ قويۇڭ.
ئېلان قوبۇل قىلىش تېمىسى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدا بار. مۇشۇ تېمىنى كۆرۈپ ئاندىن بىز بىلەن ئالاقە قىلسىڭىز بولىدۇ. ئېلاننىڭ ئۈنۈمىگە سەل قارىماڭ، بولۇپمۇ خەتلىك فىلىم ئېلانىغا.
http://www.terjimefilim.com/bbs/thread-7226-1-1.html
مەزكۇ فىلىمنىڭ 720P نۇسخىسى قۇربان ھېيت كۈنىسى ھەقسىز ئېلان قىلىنىدۇ. تېمىسى پەقەت ياخشى بولمىغاندەكلا بىلىندى،‹ئۆزگەرلەر› بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئىپادىلەشكە بۇلاتتىغۇ؟ نىمە كىنوكىن دەپتىمەن :lol
ئۆزگىچە ئىسىم بوپتۇ ئۆزگۈرۈشچانلار...
ئۆزگەرلەر.... خامېلىئون، يۇمىلاق تاۋۇز {:92:} كىنو ئىسمىمۇ بىكارچىلىقتا ياساپ قويغان سۆزلەردىنكەندە ھېچ بولمىغاندا ئۆزگىرىشچانلار دىسەڭلەمۇ بوپتىكەن… 变形金刚نىڭ ئۇدۇل تەرجىمىسى : ئۆزگىرەلەيدىغان ۋاجرا بولىدىغۇ دەيمەن. ئەلۋەتتە مۇنداق يازساق يەنە بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ. نېمە دېسەك بولار؟ ئاخىرلاشتۇرغۇچى دېگەندەك بىزمۇ ‹ئۆزگەرگۈچى› ياكى ‹ئۆزگىرالايدىغانلار› دەپ ئالساق قانداق؟:P بۇنىڭ بىرىنجى قىسمىدىن تارتىپ ئۇيغۇرچە ( ئۆزگىرىشچان ۋاجرا ) دەپ قوللىنىپ كېلىۋاتقان ھەممە يەرلەردە .
ئەمدى 4- قىسىمغا كەلگەندە بۇ ئىسىمنى چىقارغىنىدىن سەل ھەيران قالدىم . ھەم يېڭىلىق تۇيۇلدى ۋاجرا دىگەن نىمە دىگەن گەپ ؟
كىنونىڭ تازا قىزىق كولمىناتسىيە قىسىملىرىغا ئۆزۈمنى تازا ماختاپ بىر ئېلان بېرىپ باقايمىكىن يا:lol:lol فىلىمنىڭ ئىسمىنى خەتلىك تەرجىمە قىلغاندىلا ھەممە بۆلۈملىرىدە «ئۆزگەرلەر» دەپ كېڭىشىپ بېكىتكەن، ئاقسۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ تەرجىمىسىدە«گىگانتلار» دەپ ئېلىنغان، بازاردىكى دەيچىلەرنىڭ تەرجىمىسىدە«ئۆزگىرىشچان ۋاجرالار» دەپ ئېلىنغان
شۇڭا ئېلان بېرىش ھەققىدىكى تېمىدا فىلىمنىڭ ئىسمىنى قايتا مۇنازىرە قىلىپ بىھۇدە ئىش سەمىمىي ئىنكاسىم شۇكى : «ئۆزگەرلەر» دېگەن ئىسىم بەك غەلىتە بوپ قاپتۇ.. «ئۆزگىرىشچانلار» دېسەكمۇ سەل ياخشىراق بولىدىكەن... Transform ئۆزگىرىش دېگەن گەپ ، transformers دېگەن ئۆزگىرەلەيدىغانلار، ئۆزگىرىشچانلار بولىدۇ... كىنو تەرجىمە قىلىنسا، ئىزدىنىش ئەزالىرىغا ھەقسىزمۇ - يا؟ بەزىدە بۇنداق داڭق چىقارغان كىنولارنىڭ ئىسىملىرىنى ياكى بەزى ماركىلارنى تەرجىمە قىلماستىن ئەسلى ئىسمى بويىچە ئاتىساقمۇ بولىدىغۇ مەنچە،تىلىمىز كېلىدىغان بولغاندىن كېيىن،مەسىلەن ترانسفورمېر دەپ ئالساقلا بولامىكىن.ئەلۋەتتە بۇ شەخسى قارىشىم بىر نېمىنىڭ بىر نېمىسىدەك گەپ قىلىدىغان باللا باركەن بۇ يەردە justone يوللىغان ۋاقتى 2014-9-23 17:06 static/image/common/back.gif
ۋاجرا دىگەن نىمە دىگەن گەپ ؟
ۋاجرا (vajra) دېگەنلىك بۇددا ئەپسانىلىرىدىكى بۇتساتۋانىڭ چالىدىغان چالغۇچنى كۆرسىتىدۇ خەنزۇچە 金刚 دەپ يېزىلىدۇ
ۋاجرا بۇتساتۋا (Vajrapani) بۇددا دىنىدىكى سەككىز چوڭ بۇتساتۋانىڭ بىرسى، شەكلى قاپقارا بەتبەشىرە خەنزۇچە 金刚手菩萨
ۋاجرا تىپىك بۇددا دىنى ئاتالغۇسىغا كىرىدۇ
1933- يىلى ئامېرىكىلىق فىلىم ئىشلىگۈچى (Merian Caldwell Cooper) مېرىيان كوپېر King Kong ناملىق فىلىمنى ئىشلىگەن بولۇپ فىلىمدە ئىسكىلىت ئارىلىدىكى يەرلىك خەلىقلەر (刚،Kong) ئىسىملىك غايەت زور ئورانگۇتاننى شاھ دېگەن مەنىدە( 金،King)دەپ ئاتايدۇ، فىلىم 1934- يىللىرى يىللىرى شاڭخەي كونسېسسيە رايونىدا قويغاندا ئېنگىلىزچە ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە 金刚 دەپ ئېلان چىقىرىلىپ قويۇلغان 1976- يىلى قايتا ئىشلەنگەن نۇسخىسىغىمۇ خەنزۇچە 金刚 دەپ نام بېرىلگەن 2005- يىلى ئىشلەنگەن نۇسخىسىغىمۇ 金刚 دەپ نام بېرىلگەن
2007- يىلى قويۇلغان Transformers (ئۆزگەرلەر) فىلىمىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچىلار فىلىمنىڭ نامى 变形金刚 دەپ قويغان،بۇنىڭ سەۋەبى مەزكۇر فىلىمدە چىقىدىغان گىگانىت تۆمۈر ماشىنا ئادەملەر ، King Kong ئورانگوتاندەك ھەيۋەتلىك، ۋاجرا بۇتساتۋا Vajrapani دەك بەتبەشىرە ئىكەن
كېنيىن بۇ فىلىم دەيچىلەر تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغاندا 变形金刚 ئىسىمدىكى 金刚 سۆزىنى ۋاجرا دەپ ئەينەن تەرجىمە قىلىپ قويغان، كېيىن ئاقسۇ تېلېۋىزىيسى تەرجىمىسىدە ‹ گىگانىتلار› دەپ ئېلىنغان
مېنىڭچە Transformers فىلىمنىڭ ئىسمىغا ۋاجرا نامىنى قوشۇۋېلىش قەتئى خاتا
بەت:
[1]
2