Rohluqtekin يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 22:08:55

بەت تىزىش يۇمشاق دېتالىدىن ياردەم سورايمەن

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم! تورداشلار!
    بەت تىزىش يۇمشاق دېتالى Adobe in design cs6 نىڭ خەنزۇتىلى نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ ژۇرنال تىزىۋاتاتتىم، ماتېرىيالنى ئەلكاتىپ ئارقىلىق word تا ئۇرۇپ تەييار قىلىپ، ئاندىن Adobe in design cs6 نىڭ ئىچىگە كۆچۈرسەم، سانلارنىڭ يېزىلىش يۆنىلىشى ئوڭدىن سولغا چىقىۋالدى (مەسىلەن، 2014 - يىلى دېگەندىكى 2014 دېگەن سان 4102 گە  ئۆزگىرىپ قالدى)، ئۆزۈم بىۋاسىتە كىرگۈزسەممۇ يەنىلا شۇنداق ھالەتتە، ئوڭدىن سولغا (ئاۋۋال 4 نى، ئاندىن 1 نى، ئاندىن 0 نى، ئاندىن 2نى) كىرگۈزسەم ئاندىن نورمال ھالەتكە كەلدى، بىراق، سانلار سولدىن ئوڭغا يېزىلغاچقا ھەم بىزنىڭ تەپەككۇرىمىزمۇ شۇنىڭغا كۆنگەچكە، ماتېرىيالنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن سان - سېفىرلارنى بۇنداق ھالەتتە توغرىلاش بەك ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ئىكەن. تورلارنى، مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى ئىزدەپ قېزىۋەتتىم، قەتئىي ھەل قىلىش چارىسىنى تاپالمىدىم. ياردەم قىلغان بولساڭلار، كۆپ رەھمەت!

aral52 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 10:42:23

سانلار ۋە ئىنگىلىزچە ھەرىپنى چۇقۇم سولدىن ئوڭغا يېزىپ ،كەينىدىكى ئۇيغۇرچىنى ئۇيۇغۇرچىغا خاس يېزىشتىن باشقا بىرە ياخشى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بارلىقىنى بىلمىدىم.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 19:21:50

ئۇيغۇرچە ھالەتتە تۇرۇپ، ئوڭدىن سولغا يىزىلىشنى تاللاپ، سان ۋە يىزىق كىرگۈزسىڭىزمۇ شۇنداق خاتا بولىۋالدىمۇ؟

imirghazi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 20:15:04

مەن كەسپىي ژۇرنال بېتى تىزىپ باقمىغان بۇ ھەقتە بىلىمىم يوق.
مەن ئالتە يەتتە خىل يۇمتالنى ئىشلىتىپ سىناپ كۆرۈپ ئاخىرى libreoffice نى ئەڭ ياقتۇرۇپ قالغان .
ئىلگىرى ئۇرۇپ تەييار قىلىپ بولغاننى ئۆزگەرتەلەمدۇ يوق ئۇقمايمەن، سىز ۋوردا تەييارلىغان ھۆججەتنى libreoffice  دا ئېچىپ بېقىڭ قېنى
libreoffice  نى ئىشلەتكەندە خەت يۆنىلىشنى ئوڭدىن سولغا توغرىلىۋېتىپ ( سىياھ قەلەمنىڭ ئۇچىغا ئوخشاپ كېتىدىغان سىنبەلگىنى باسسىڭىز بولىدۇ)قايسى ئورۇنغا قانداق خەت يازماقچى بولسىڭىز قەتئىي ئۆزگىرەپ كەتمەيدۇ، سىغىمى سەل چوڭ، قوزغىلىش سۈرئىتى سەل ئاستا . ئەمما لېكىن بىراق ئۇيغۇرچە خەنزۇچە ئېنگلىزچە ۋە سان ئارىلاش كەلگەن ھۆججەتنى بىر تەرەپ قىلىشتا مۇشۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان يۇمتالنى مەن بايقىمىدىم، ئوچۇق كودلۇق، ھەقسىز ، ئۇيغۇرچە تىل بولىقىمۇ بارغۇ دەيمەن. قوللايدىغان ھۆججەت تىپى ئەڭ كۆپ، يېشىل نۇسخىسىمۇ بار .
ياخشى ئىشلارغا قول تۇتۇش قىلغان بولسىڭىز ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بوپ كەتكەي

Rohluqtekin يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 21:30:54

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-23 19:21 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرچە ھالەتتە تۇرۇپ، ئوڭدىن سولغا يىزىلىشنى تاللاپ ...

ئىنكاس قايتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت!
ھەئە، شۇنداق بولۇۋالدى. 2014 - يىلى دېگەن سان 4102 - يىلى بولۇپ قالدى.

Rohluqtekin يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 21:33:57

imirghazi يوللىغان ۋاقتى  2014-9-23 20:15 static/image/common/back.gif
مەن كەسپىي ژۇرنال بېتى تىزىپ باقمىغان بۇ ھەقتە بىلىمىم ...

ئىنكاس قايتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت!
سىز دېگەن يۇمشاق دېتالنىمۇ ئىشلىتىپ سىناپ باقاي، بىراق، سىز دېگەن دېتال بەت تىزىدىغان دېتالمۇ، ئەمەسمۇ؟ بىلمىدىم.

Rohluqtekin يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 21:36:31

aral52 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-23 10:42 static/image/common/back.gif
سانلار ۋە ئىنگىلىزچە ھەرىپنى چۇقۇم سولدىن ئوڭغا يېزىپ  ...

رەھمەت!
50 نەچچە بەتلىك ژۇرنالتى، بىر - بىردىن باسىدىغانغا ۋاقىت يوق، بولسا تەييار ۋورد ھۆججىتىدىكى ماتېرىياللارنى ئەسلى ھالەتتە تىزالىسام ئەڭ ياخشى بولاتتى.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 22:45:01

تېما ئىگىسىگە ھازىرچە ئوففىس ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولغان مەخسۇس نەشىرىيات ئىشلىرىغا ئىشلىتىدىغان پۇبلىشىرنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئىشلىتىش ئاسان، قولايلىق. مۇنبەردىن ئىزدىسىڭىز ئاز بولمىغان نەرسىلەرنى بايقايسىز.
بەت: [1]
: بەت تىزىش يۇمشاق دېتالىدىن ياردەم سورايمەن