dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 16:45:36

مايۈن شۇنداق دەيدۇ...

مايۈن: مىنى ئەڭ پۇشايمان قىلدۇرغان خاتالىقىم
2001-يىلى، مەن بىر خاتالىق سادىر قىلدىم، مەن ئۆزۇم بىلەن بىرگە ئىگىلىك تىكلىگەن 18 نەپەر كەسىپدىشىمغا، ئۇلارنىڭ پەقەت بۆلۈم دىرىكتورى بولالايدىغانلىقىنى، بارلىق مۇئاۋىن باش دېرىكتورلارنى سىرتتىن تەكلىپ قىلىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم.
ھازىر، ئارىدىن 10نەچچە يىل ئۆتتى، مەن سىرتتىن تەكلىپ قىلغان ئىختىساسلىقلارنىڭ ھەمىمىسى كېتىشتى، ئەمما مەن ئىلگىرى ئىقتىدارىدىن گۇمانلانغان ئادەملەر بۇ ئورۇنلارنى ئىگىلىدى.
مەن ماۋۇ ئەقىلىيىگە ئىشەندىم: پوزىتسىيە قابىلىيەتتىن مۇھىم، تاللاشمۇ ئوخشاشلا قابىلىيەتتىن مۇھىم.


مايۈن: كىشلەرنىڭ ئىدىيىسىنى بىرلىككە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ، ئەمما نىشانىنى بىرلىككە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
سىزنىڭ كىشلەرنىڭ ئىدىيىسىنى بىرلىككە كەلتۈرەلەيدىغانلىقىڭىزغا قەتئى ئىشەنمەيمەن، چۈنكى ئۇنداق قىلىش مۇمكىن ئەمەس!
%30 ئادەم سىزگە مەڭگۈ ئىشەنمەيدۇ، ئىشداشلىرىڭىزنى ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئىش قىلىشقا ئەمەس، ئورتاق نىشانىڭلار ئۈچۈن ئىش قىلىشقايىتەكلەڭ.ئورتاق نىشان ئاستىدىكى ئىتتىپاقلىق، بىرئادەمنى مەركەز قىلغان ئىتتىپاقلىقتىن ھامان كۈچلۈك بولىدۇ.



مايۈن: رەھبەرنىڭ خادىمدىن نېمىسى ئارتۇق؟
رەھبەر مەڭگۈ قول ئاستىدىكىلەر بىلەن ئىقتىدارىنى سىلۇشتۇرماسلىق كېرەك، ئۇ جەزمەن سىزدىن بۇ جەھەتتە كۈچلۈك، ئەگەر ئۇ سىزدىن كۈچلۈك بولمىسا، ئۇنداقتا سىز ئادەمنى خاتا تاللاپسىز.
ئۇنداقتا سىزنىڭ ئۇنىڭدىن ئارتۇق يېرىڭىز نېمە؟
1. ئۇنىڭغا قارىغاندا يىراقنى كۆرەلەيسىز.
2. ئۇنىڭغا قارىغاندا كۆڭلى –كۆكسىڭىز تېخىمۇ كەڭ.
3. مەغلۇبىيەتكە بولغان بەرداشلىق بىرىش كۈچىڭىز ئۇنىڭدىن كۈچلۈك.



مايۈن: ماھارەت ئىگىلىرىنىڭ رىقابەت نەزەرىيىسى
1. «جەزمەن سەن ئۆلىسەن، مەن ياشايمەن» پەدىسىدىكى سودا جىڭى ئېلىپ بېرىش ئۇچىغا چىققان گالۋاڭلىق.
2. كۆزئالدىدىكىلەر دۈشمەندەك كۆرۈنسە، سىرتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى دۈشمەن بولىدۇ.
3. رىقابەتكە چۈشكەندە ئۆچمەنلىكنى چۆرىۋىتىش كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن ئاقىۋەت مەغلۇبىيەتتىن باشقا نەتىجە ئەمەس.
4. رىقابەتنىڭ لەززىتى شاھمات ئوينىغانغا ئوخشايدۇ. سىز ئۇتتۇرسىڭىز، بىز يەنە بىرقول كەلسەك بولىدۇ، بۇ تۈپەيلىدىن ئىككى شاھماتچى ئۇرۇشۇپ يۈرسۈنمۇ؟
5. ھەقىقى بىر كارخانىچىلار دۈشمىنى يوق كىشلەردۇر، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە دۈشمەنلىك يوق، شۇڭا جاھاندا دۈشمىنى يوق.



مايۈن: دەسلەپكى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە سەمىمى مەسلىھەت
1. كۆپچىلىك سىلەرنىڭ پۇرسەتنى ئىنىق كۆرەلمىگەن ۋاقتىڭلار، ھەقىقى پۇرسەتكە ئېرىشكەن ۋاقتىڭلاردۇر.
2. خادىملىرىڭلار تەبەسسۇم ئىلكىدە خىزمەت قىلسۇن.
3. مۇھىملىق تەرتىپى بويىچە تىزساق: بىرىنچىسى خىرىدار، ئىككىنچىسى خادىملار، ئۈچىنچىسى پايچىكلار.
4. ئۆزگىرىش يۈزبىرىشتىن ئاۋال ئۆزگىرىڭ.
5. پۇلنى ئۇنتۇپ كېتىڭ، پۇل تېپىشنى ئۇنتۇپ كېتىڭ.
6. ئەرزىمەس ئەقىل، ئەخمىقانە قەتئىيلىككە يەتمەيدۇ.
7. پىسخىكىڭىز ئۇسلۇبىڭىزنى بەلگىلەيدۇ، ئۇسلۇبىڭىز ئەھۋالىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.


مايۈن: ئىگىلىك تىكلەشتىكى تۆت ئەيىب
1. ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئەڭ قورقۇنچلىق نەرسە: كۆرەلمەسلىك، كۆزگە ئىلماسلىق، ئاڭقىرالماسلىق، يېتىشەلمەسلىك.
يەنى رەقىبىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى كۆرەلمەسلىك، رىقابەتچىسىنى كۆزگە ئىلماسلىق، رىقابەتچىسىنىڭ قانداق قىلىپ كۈچەيگەنكىلىنى ئاڭقىرالماسلىق ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭغا يېتىشەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
گەرچە رىقابەتچى ئاجىز بولسىمۇ ئۇنى چوڭ بىلىش كېرەك، ئەكسىچە رىقابەتچى قانچە كۈچلۈك بولسىمۇ، ئۆزىنى ئاجىز ئويلىماسلىق كېرەك.


مايۈن: پۇرسەت ھەققىدە
ناۋادا بىر لايىھىنى 90% ئادەم «ياخشى» دەپ باھالىسا، مەن جەزمەن ئۇنى ئەخلەت چىلىكىگە تاشلىۋىتىمەن.
چۈنكى بۇنچىۋالا كۆپ ئادەم ياخشى دەپ قارىغان لايىھىنى ، مۇقەررەر ھالدا نۇرغۇن ئادەم قىلالايدۇ ياكى شۇ بويىچە قىلىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا بىزگە نېمە پۇرسەت قالسۇن؟



مايۈن : ئىگىلىك تىكلەش ھەققىدە
1. بىر ياخشى نەرسىنى دائىم ئىنىق تەرىپلەپ بەرگىلى بولمايدۇ، تەرىپىنى ئىنىق قىلالايدىغان نەرسىلەر كۆپىنچە ياخشى نەرسە بولماي قالىدۇ.
2. ئىگىلىك تىكلەشتە ئەڭ مۇۋاپىقىيەت قازانغان ئادەمنى ئەمەس، ئەڭ مۇۋاپىق ئادەمنى تاللاش كېرەك.
3. بۇ دۇنيادا ئەڭ تايىنىشقا بولمايدىغان نەرسە دەل-مۇناسىۋەت.
4. ھەقسىز نەرسە دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت نەرسىدۇر.
5. بۈگۈن بەك شەپقەتسىز، ئەتە تېخىمۇ شەپقەتسىز ، ئۆگۈن ناھايىتى گۈزەل.


مايۈن : ئىگىلىك تىكلەش قارارىغا كەلگىنڭىزدە…
سىز ئىگىلىك تىكلەشكە ئاتلىنىش ئالدىدا شۇلارنى ھېس قىلىسىز:
1. مۇقۇم كىرىمىڭىز بولمايدۇ 2. رۇخسەت ئېلىش ئىمتىيازىڭىز قالمايدۇ 3. قىزىل بولاققا ئېرىشش پۇرسىتىڭىز قالمايدۇ…
بۇ ئەلۋەتتە شۇنداق، لېكىن سىز مۇنداق ئويلاڭ:
1.كىرىمىڭىزنىڭ چەكلىمىلىكى بولمايدۇ 2.ۋاقىتتىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىسىز 3.باشقىلاردىن تەمە قىلمايسىز…
ئوخشاش بولمىغان پىكىريولىدىن، ئوخشاش بولمىغان نەتىجە چىقىدۇ، خىلمۇ-خىل تاللاشلار تۇرمۇشنى رەڭدار قىلىدۇ.

تەرجىمە مەنبەسى: سىنا مىكرو بىلوگى تەرمەچلىرى

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 09:52:56

مايۈن، گەرچە ئۆزى سەت بولسىمۇ قابىلىيىتىگە قول قويماي بولمايدۇ. مايۈننىڭ دەۋرى ئەمدى كەلدى. جۇڭگو پۇتپولچىلىقىمۇ مۇشۇ ئادەمنىڭ قولىدا گۈللىنىپ كەتسە دەيمەن. لېكىن شۇنىڭ بىلەن ئوسۇرسىمۇ مايۈن ماندا ئوسۇرغان دەپ جۇڭگونىڭ مەبۇدىسى بولۇپ قالامۇ؟:lol

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 10:00:24

تىما يوللىغۇچىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت!مەيلى مەتبۇئاتلىرىمىز بولسۇن ياكى تورلىرىمىز بولسۇن ئىقتىسادقا ئائىت  تىمىلاردىكى ماقالىلەرنى كۆپرەك ئېلان قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر،مۇندىن بۇرۇن مىللىتىمىزنىڭ ئىللەتلىرى ھەققىدە تالاي ماقالىلەر يېزىلىپ،تالاي بەس مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ،بىراق،مىللىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ئېڭى،دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدىكى ئورنى ...دېگەندەك ئەھمىيىتى بار تىمىلار ئىتىبارغا ئېلىنمىغان ئىدى.

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 10:39:26

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   atiyan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-23 10:40  

مايۈننىڭ ئىقتىزادى كاللىسى ھەقىقەتەندىمۇ ئۆتكۈر .

esyankar75 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 12:01:52

مايۈننى  مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئۇنىڭ نۇتۇق قابىلىيىتى .

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 20:28:54

ھەرقانداق ئەقىل -پاراسەت سىنىپىيلىققا ، سىياسىيلىققا ، مىللىيلىققا ئىگە بۇلامدۇ ؟ مەسىلەن : مايۇن تۇتقان تەپەككۈر ئۇسۇلى بىزگە ماس كىلەمدۇ ؟

SATAN يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 20:59:09

ئۇنىڭ ئارقىدا ئۇنىڭغا ئايىماي مەبلەغ سېلىۋاتقانلار ھەقىقى مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلار

Beyond يوللانغان ۋاقتى 2014-9-24 06:14:42

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-09-23 20:28:54 static/image/common/back.gif
ھەرقانداق ئەقىل -پاراسەت سىنىپىيلىققا ، سىياسىيلىققا
يەنە بىر مەسىلە، بۇنى زادى مايۇن دىدىمۇ ياكى باشقا بىرەيلەنمۇ، كىم بىلىدۇ. بىر چاغلاردا ،شى جىن پىڭنىڭ قىزىغا ېيتقان سۆزلىرى، لى كەي فۇ نىڭ قىزىغە ۆگەتكەنلىرى دىگەندەك بىر نېمىلەر بوشلۇقتا تارقىلىپ يۇرگەن، قارىسا مەزمۇنى وپمۇ وخشاش. ..
خەق قانداق مۇۋاپقىيەت قازانغان بولسا، ۆزى بىلىدۇ. باشقىلار خۇلاسىلىگەن تەجرىبە -ساۋاقلار ماس كېلىشى ناتايىن...

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-24 06:28:27

مۇۋاپىقىيەتنى ئۆگىنىۋالغىلى بولمايدۇ، ئەمما باشقىلارنىڭ مۇۋاپىقىيىتىدىن ئىلھام ئالغىلى بولىدۇ. ئوقۇپ قويساڭلار بولدى باللا، مايۈن دېگەنمۇ ياكى باشقىسى دەپ ئۇنىڭ بولۇپ قالغانمۇ، بۇنىڭدىن گۇمان قىلشىنىڭ نە ھاجىتى ؟

juxkun يوللانغان ۋاقتى 2014-9-24 20:01:28

مايۈننىڭ ئىسمىنى كۆرسەملا مايمۇن ئىسىمگە كىلىدۇ. ئۇيغۇرچە ئىسمى كۆرسەم دائىم مايمۇن دەپ ئوقۇپ سالىمەن. لىكىن قالتىس ئادەمكەن بۇ.:lol

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 12:24:24

ئادەم مۇاپىقىيەت قازىنىشتىن ئېلگىرى ئۇلۇغ گەپ قىلسىمۇ قۇرۇق گەپ بولىدۇ. مۇاپىقىيەت قازانغاندىن كېيىن قۇرۇق گەپ قىلسىمۇ ئۇلۇغ گەپ بولىدۇ.

uyghur2014 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 12:32:35

uyghur2014 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 12:40:12

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 12:40:35

tashadem يوللىغان ۋاقتى  2014-9-25 12:24 static/image/common/back.gif
ئادەم مۇاپىقىيەت قازىنىشتىن ئېلگىرى ئۇلۇغ گەپ قىلسىمۇ ...

توغرا ...

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 21:50:34

150 مىليارىد بايلىقى بىلەن جۇڭگۇدىكى بىرىنچى بايغا ئايلانغان مايۈن جۇڭگۇلۇقلارنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلاندى. مايۈننىڭ ئولتۇرىدىغان داچىسى ، ئىنائە قىلغان پۇللىرى، كىملەر بىلەن بىللە تاماق يىگەنلىكى، كىملەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكى،قانداق ماشىنا ھەيدەيدىغانلىقى دىگەندەك ..............
ھازىر مايۈننىڭ ماشىنىسى ھەققىدە بىر تېما يوللىسام بىر نەسىدە خاتلىق بار دەپ ئۆچۈپ كېتىپ ئاچچىقمنى كەلتۈرۈپ قويدى ما كومپۇيوتېر، شۇڭا مىشەگە يوللاي.
دۇنيادىكى ئەڭ ھەشەمەتلىك ماشىنا دەپ نام ئالغان گېرمانيىنىڭ Mamybach ماركلىق ماشىنىسىدا ئولتۇرىدىكەن. باھاسى 10 مىليون 700 مىڭ سوم ئىكەن. ئۇزۇنلۇقى 6 مېتىر 20 سانتېمېتىر ئوخشايدۇ. ماشىنىنى ئۆزى ھەيدىمەي ئارقىسىدا ئولتۇرىدىكەن.:lol  

ما بەيدۇ دىگەن نەرسىگە بۇ ماشىننىڭ ئىسمىنى كىرگۈزۈپ بولغۇچە ماشىنىدىن شېغىل تۆككەندەك تۆكېۋېتىدىكەن، بولدىلار رەسمىنى يوللىماي.
ماشىنىنىڭ تېشىنى كۆرگەننىڭ پايدىسى يوق،شۇڭا ماۋۇ ئادرېستىن ئىچكى سەپلىمە ۋە ئىقتىدارنى كۆرۈپ ھۇزۇرلانغايسىلەر..............http://v.youku.com/v_show/id_XMzY5MDk4NjY0.html?tpa=dW5pb25faWQ9MjAwMDE0XzEwMDAwMV8wMV8wMQ

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-11-9 23:08:55

lutpulla يوللىغان ۋاقتى  2014-11-9 21:50 static/image/common/back.gif
150 مىليارىد بايلىقى بىلەن جۇڭگۇدىكى بىرىنچى بايغا ئاي ...

يەنىلا مېنىڭ توكسېكىلتىمغا يەتمەيدىكەن ،  قولى يەتمىگەن ماشىنا  قوتا  دەپتىكەن كونىلار...:lol

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 00:23:07

:lol

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 00:29:09

ئا ئىنكاسىڭىز قاتتىق كەپتۇ،كۈلۈپ تاس قالدى يۈزۈم يىرتىلىپ كەتكىلى:lol
ئاشۇ ئۇلۇغ توكسىكىلىت سىز بىلەن جىق ئىسسىق سوغۇقنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپتىكەن.كۆزئەينەكمۇ با تېخى.....:lol
مايۈندەك باي بولالمىساقمۇ باي بولۇشقا تىرىشلى.

kinglion يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 10:51:50

مايمۇن دەپ ئوقۇۋاپتىمەن...:lol

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 13:27:13

lutpulla يوللىغان ۋاقتى  2014-11-10 00:29 static/image/common/back.gif
ئا ئىنكاسىڭىز قاتتىق كەپتۇ،كۈلۈپ تاس قالدى يۈزۈم يىرت ...

راست باي بولۇش گۇناھ بولمىسا يا -ھە :handshake
بەت: [1] 2
: مايۈن شۇنداق دەيدۇ...