hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 14:40:48

پاختا چۆلەش ھەققىدە پاراڭلاشمايمىزمۇ ؟

      ناھىيىمىز كىۋەز تېرىشنى ئاساس قىلغان بولغاچ   ،نۇرغۇنلىغان پاختىنىچۆلەپ بۇلالماي ، سىرتتىن ئەمگەك كۈچلىرىنى تەكلىپ قىلىپ پاختا چۆلەشكە ئىھتىياجىمىز چۈشىدۇ ، بىزمۇ بۇ يىل بىكارچىلىقتا قالمايلى ،دەپ ، پاختا باھاسىنىڭ چۈشۈپ كىتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى مىش -مىش خەۋەرنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ60 مو يەرگە كىۋەز تېرىپ ، ئەمدى چۆلەشكە كەلگەندە پاختىنى چۆلىمەكچى بولغانلارغا يارىتىپ بۇلالمايۋاتىمىز ،،،،
   ئەتراپتىكى ناھىيىلەردىن ۋە قوشنا ۋىلايەتلەردىن پاختا چۆلىگىلى كىلىدىغانلار ھەقىقەتەن نۇرغۇن جاپا - مۇشەققەتلەرنى تارتىشقا بەل باغلاپ كىلىدۇ ، ھەم نۇرغۇن پاختىلار شۇلارنىڭ كۈچى بىلەن يىغىۋېلىنىپ ناھىيىمىز ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن بىركىشىلىك تۆھپىسىنى قۇشىدۇ ......
      ئەمما توختامنى تۈزۈپ بۇلۇپمۇ ، يەنە بالىلىرىمىز كىچىكتى ، سوغۇققا قالىدىكەنمىز ، كۈنەلمىگۈدەكمىز دىگەنگە ئوخشاش باھانىلەر بىلەن كىتىپ قالىدۇ ، كىتىپ قېلىشىدىكى باھانىسى شۇ بولغان بىلەن ، يەنە بىر يەردە تېخىمۇ قىممەت باھالىق چۆلىتىدىغان ئادەم بىلەن ئالاقىلىشىۋېلىپ ئاندىن كىتىپ قالىدۇ ......
   ئاڭلىساق بۇ يىل قىسقا تالالىق پاختىنىڭ بىر كىلوسى 6 كوي ئەتراپىدا بولغۇدەك ، ئىككى كوي ئىككى موچىنىنى پاختا تەرگۈچىلەر ئالسا ، قالغان 3.8 مۇسى يەر تېىرىغانلارغا قالسا بىر يىل جاپا تارتىپ ، ھىچنىمىگە ئېرىشەلمەي ، پاختا چۆلىگەنلەر تەييار پايدىغا ئېرىشىدىغان ئىش بۇلىدىكەن ....
   مۇشۇ بۇيىچە ماڭغاندا پاختىچىلىق ناھىيەلىرىنىڭ ئىقتىسادى گۈللىنىشى زاۋاللىقغا يۈز تۇتامدۇ قانداق ؟ دۆلەتنىڭ بۇ جەھەتتە قانداق سىياسەتلىرى ؟ كىم كىۋەز چۆلەشكە ئادەم تەكلىپ قىلىپ قانداق ئاۋارىچىلىقلارنى تارتتى ؟ كىم باشقىلارنىڭ كىۋىزىنى چۆلىگىلى بېرىپ قانداق خاپىلىقلارنى ئۆزىگە يۈكلىۋالدى .... قاتارلىقلار ھەققىدە پاراڭلىشىپ باققان بولساق ؟؟؟؟

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 16:12:12

كېپەزنى تەردۈرۈشكەئادەم سالغانلارغا تولۇقلىما بەرسە بولاتتى ئەسلى ،كېپىز تەردۈرۈش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ۋاقىتلىق بولسىمۇم ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە قورساق بېقىش مەسلىسىنى ھەلقىلغاندىكىن

sardar8 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 16:15:53

ئاشۇ پاختا تىرىدىغانلاربولمىسا قانداق قىلاتتىڭلار…

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 16:37:59

يىلدىن يىلغا پاختا تەرگۈچىلەرنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كېتىپ بارىدۇ. بەزى ئۇيغۇر پاختا تەرگۈچىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ قېىشدا ئىشلىمەي 2-3موچەننى جىق بەرسە خەنزۇنى يېنىغا كېتىپ بارىدۇ. ئالدىنقى يىللىرىمۇ شۇنداق بولۇپ خەنزۇلار ئەكەپ بەرگەن ئۇن ياغ، گۆشلەرنى يەپ بەزىلىرى قالايمىقان گۆش ياغلارنى يەپ قېلىپ پۇشايمەن يېگەن ئەھۋاللارمۇ بار بولغان.
پاختا تەرگۈچىلەر قىسلىشىپ كېتىپ بارىدۇ دېسە

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 16:43:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aplapsaplap تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-9-22 16:44

كىۋەزنىڭ ھازىر 6يۈەندىن ئالغانلىقى راس، بۇندىن كىيىن باھاسىنىڭبچۈشىدىغانلىقى مۇمكىن،،دۆلەتنىڭ كىلوسىغا بىريۇەندىن كۆپرەك توللۇقلىما بېرىدىغانلىقى ئېنىق.
ئەمدى مۇشۇ پاختا چۆلىگىلى كىلىدىغان تۇققانلاغا كەسەك،گەپ بەك جېق.
كۆپنى دىمىسەكمۇ، توختام تۈزۈپ بۇلۇپ، ئىش ئىگىسى يوق چاغدا قاچىدىغان، بىر نەچچە كۈن ئىشلەپ ئىشلەش خوش ياقمايدىغان، باشقا يەرگە بېرىپ قاملىشامماي يەنە يېنىپ بۇرۇنقى ئىش ئىگىسىگە تېلفۇن قىلىپ ناماقۇل بۇلۇدىغان ئىشلا بەك تۇلا.
مىكرو بىلوگلاردا خەنلەر، جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئىشسىز دىھقانلىرى كۆپ، لىكىن پاختا تىرىشكە ئىچكىرىدىن بۇرغۇن ئادەملەر كىلىدۇ، پاختا تىرىدىغانئاسان ئىشنىمۇ چىداپ تۇرۇپ ئىشلەيدىغانلا ئىشسىز دىقانلانىڭ خېلى كۆپىنى ئىگىلىسىمۇ، پاختا تىرىشمۇ خوش ياقمايدىغانلا جېق دىگەندەك گەپلەنى كۆرۈپ ئىچىم بىر قىسما.
دەۋەسەك غەيۋەتتەك بۇلۇپ قالىدىكەن، خەيىر، ئوڭشۇلۇپ كىتە!

function يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 16:44:46

چۆلەش دېگەن كورلىنىڭ گېپىما؟

xaqan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 16:56:41

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xaqan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-9-22 17:00

function يوللىغان ۋاقتى2014-9-22 16:44 static/image/common/back.gif
چۆلەش دېگەن كورلىنىڭ گېپىما؟

تىپىك ئاقسۇنىڭ گېپىمىكىن دەيمەن. بىزمۇ ئادەتتە شۇنداق ئىشلىتىمىز. پاختا بۇ يىلقىدەك چۈشۈپ كەتسە باشقا بارلىق كەسىپلەرگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. كېۋەز ھازىر ئەڭ كۆپ مەبلەغ سېلىپ ئەڭ ئاز پايدا ئالىدىغان، سەللا دىققەت قىلمىسا زىيان چىقىدىغان ئىقتىسادى زىرائەت بولۇپ قالدى.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 17:10:47

sardar8 يوللىغان ۋاقتى2014-9-22 16:15 static/image/common/back.gif
ئاشۇ پاختا تىرىدىغانلاربولمىسا قانداق قىلاتتىڭلار…

ئۇ پاخـتا تېرىدىغانلار بولمىسا قىشقىچە ساقلاپ ئاران تېرىدۇ دە. شۇمۇ گەپمۇ
نەچچە ئون مو نەچچە يۈز مو نەچچە مىڭ مو كېۋەزنى بىر ئائىلە كىشىلىرى ياكى بىرەر ئۇرۇق تۇغقانلار يىغىلىپ قانداقمۇ تېرىپ بولغىلى بولىدۇ. باشقا كېۋەز تېرىمايدىغان يۇرتلاردىكى كىشىلەر مۇشۇنداق يەردە پاختا چۆلەپ پۇل تاپمىسا نېمە ئىش قىلىدۇ ئۇلار؟
ھەممىسى ئېكېلوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇققا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بولۇپ قالدى. بىرسى بولمىسا يەنە بىرسىگىمۇ زىيان. :lol

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 17:15:19

aplapsaplap يوللىغان ۋاقتى2014-9-22 16:43 static/image/common/back.gif
كىۋەزنىڭ ھازىر 6يۈەندىن ئالغانلىقى راس، بۇندىن كىيىن ب ...

ھۆكۈمەت دېھقانلارنى باي قىلمايدۇ. باي قىلسا ئاشۇنداق ھورۇنلىشىپ كېتىدۇ. ھېلىمۇ ئاز ھورۇنلاشمىدى بۇ دېھقانلار. ئادەم سالىمىز بىز ئۈستىدە تۇرۇپ دەيدىغان قاقشۋاش دېھقانلارمۇ ئاز ئەمەس. ئەسلى كاللىسىنى ئىشلىتىپ ئۆزى ئىشلەپ، ئادەم سالىدىغان يەرگە سېلىپ قىلسا شۇ ئىش يوق. سۆزلىسە ئىشلار جىق شۇ. بەزى ئىشلارغا ئامال يوق.
ئاۋاتنىڭ غوروچۆل يېزىسىدا ئەڭ جىق كېۋەز تېرىيدىغانلارمۇ 5-6 مىڭ مودىن ئاشىدۇ. ھەتتە 100 مىڭ موغىچە كېۋەز تېرىغانلارمۇ چىقىدۇ. شۇنداقلار ئۈچۈن ئادەم قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى. بىر كىنو پاختىغا 3-4 كويدىن پۇل بېرىپ شۇ چەت جاڭگالغا ئاپىرىپ پاختا چۆلەشكە سالىدۇ. ئۇ يەرگە بارغانلارمۇ ئوبدان 2 ئايلا چىدىۋەتسە نەچچە يۈز مىڭ كوينى كۆتۈرۈپ كېلىدىغان گەپ. بۇنداقلار بىلەن يېرى ئاز دېھقانلارنىڭ پەرقى بەك چوڭ. يېرى ئازلار ئادەم سالىمىز دېمەي ئۆزى چۆلىسە بولاتتى ئەسلى. ئەمما ھورۇنلۇق ۋە كېبىر ئۇلارنى ئۆزى پاخـتا چۆلەشتىن باش تارتقۇزدى دە

qalbim يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 17:29:43

بىزنىڭيۇرتتىن نۇرغۇن ئادەم پاختا تەرگىلى چىقىدۇ. يۇرتتائادەم ناھايتى ئاز قالىدۇ مۇشۇ كۈز ۋاقتىدا
نېمە ئۈچۈن پاختا تەرگىلى چىققان شۇ قېرىنداشلارخەنزۇلارنىڭكىنى تېرىدۇ.
مېنىڭچە خەنزۇلار باشقۇرغان كېۋەزنىڭ مو بېشىغا چىقىدىغان كېۋەز كۆپ كېۋەز تەرگۈچىلەر ياخشى باشقۇرۇلغان كېۋەزنى تاللاپ تېرىدۇ.ئۇلار كۆپرەك پۇل تاپمىسا ئۆيگە كېلىپ بولغۇچە بانكا قەرىز دەپ تۇرىدۇ. ئۇ قەرىزنى بەرمىسە تېخى قىشنىڭ غېمىنى قىلىمسا تېخى يېڭى ئۆي سالىمىز دەپ بىچارە دېھقانلارنى قەرىز پاتقىقىغا پاتۇرۋەتتى. مۇشۇ سەۋەپتىن ئۇلار ئۇيەرگە چىقىپ جان تىكىپ پۇل تاپىدۇ.يەنە بىر سەۋەپخەنزۇلارنىڭ تىلىنى بەك بىلىمگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ دېگەن گېپىنى بىلىمگەنگە سېلىۋېلىپئۆزى بىلىگەنچە پاختا تېرىۋېرىدۇ،خەنزۇ ئەخلەت تەردىڭ دېسە ھە دەپ قويىدۇ يەنىلا ئەخلەت تېرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ كېۋىزىنى تەرسە ئەخلەت تەرمەڭلار ئۇكامدېسە ئادەمنىڭ يۈزى قىزىرىدۇئەخلەت تەرمەي دېسەئەخلەت ئىلغاپ كۈنكەچ قىلسا كۆپرەك پۇل تاپقىلى بولمايدۇ. مۇشۇ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن خەنزۇلارنىڭ كېۋىزىنىكۆپرەك ئۇيغۇرلار تېرىدۇ.

abdullak يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 17:31:43

دېمىسىمۇ پاختا تېرىش باھاسى ھەقىقەتەن يۇقىرى ، ئەگەر ئوبدان پاختا تېرىيدىغان قولى چاققان ئادەم بولسا كۈنلىكى 100 - 200 يۈەنگىچە چىقىدۇ . نەچچە يىلنىڭ ياقى پاختا باھاسىنىڭ ئۆرلەپ قېلىشى نۇرغۇنلىغان ئاقما نوپۇسلارنى باي قىلدى ، شۇنداقلا ئېكولوگىيەگە ئاز بولمىغان بۇزغۇنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى ، مېنىڭچە پاختىنىڭ باھاسى بەك ئۆسۈپ كەتمىسە، ئىشقىلىپ دېھقانلار زىيان تارتمىسىلا مەيلى ، پايدا ئالامدۇ ئالمامدۇ ئۆزىگە باغلىق . ئۈستىدىكىلەر دېگەندەك ئۆزى قىلسا بولىدىغان ئىشقىمۇ زورلاپ ئادەم سالسا ھەممە ئىشنى باشقىلار قىلسا ئۇ دېھقان بولامدۇ ؟

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 17:44:11

دىگىنىڭز ئەلۋەتتە توغرا، ئەمما يۇرتلادا 20مودىن تۆۋەن كىۋەزگە ئاساسەن ئادەم ساممايدۇ، ساسىمۇ يررى ئاز تۇغقانلىرىغا، مەھەللىسىدىكىلەگە بېرىدۇ چۆلىگىلى.
ئاڭلىشىمچە خەنلەنىڭ ئۇيغۇرلاغا قارىغاندا بەرگەن پۇلىسىمۇ چاغلىق، لىكىن ئۈستىدىكى بىرەيلەن دىگەن گېپىنى ئۇقماي خۇپسەنلىك قىلىدىغان ئىشنى، ياكى ئۇيغۇر ئىش بېشىنىڭ پۇلنى ۋاقتىدا بەرمەسلىك، پىتلاپ تۇرۇۋېلىش قاتارلىق ئىشلار خېلى بار.
لىكىن، ئوبدان ئىش بېشىنى تاپقاندا، ئېشىۋالىدىغان، يۇۋاش پاختىچىنى تاپقاندا بوزەك قىلىدىغان ئىش جېقايغانسېرى ئۇيغۇرلار ئارسدىمۇ ئىشەنچ زور كىرزىسكە تولدى،،
ھېچكىمدىن ئاغرىنىشقا ھەققىمىز يوق، خۇدا خالىسا ئوڭشۇلۇپ كىتە.

samawar يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 18:19:50

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قىرىنداشلار تىمىغا مۇناسىۋەتسىز گەپ قىلىپ قالدىم ،ئۆزرىلەر..
مەن بۇ يىل مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتىغا «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى »غا ئاسپىرانتلىققا ئىمتاھان بەرمەكچى ئىدىم .لىكىن كەسپىم ئۇيغۇر تىلى بولمىغاچ ، مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى تاپالماي قىينىلىپ قالدىم .بولسا مۇشۇ ھەقتە بۈلدىغانلار،ياكى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتىدا مۇشۇ كەسىپتە ئوقۇيدىغان قىرىنداشلار بولسا ئۇچۇرىنى قالدۇرغان بولساڭلار...ماتىريالغا كەتكەن بارلىق چىقىمنى ئۆزۈم ئۈستۈمگە ئالاتتىم .رەھمەت ....

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 19:56:47

شۇ مەكتەپنىڭ بالىلىرى قۇرغان شەۋقىي دەپ بىر مۇنبەر بار. شۇ يەرگىمۇ كىرىپ بېقىڭ.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 20:06:23

مۇشۇ توغرىىسىدا مەن بىر تېما ئاچاي دەپ تۇرۇشۇمغا بۇ تېما ئېچىلىپتۇ.
مۇشۇ ساھەدىكى قېرىنداشلارنىڭ بۇ يىلقىپاختا باھاسى يۈزلىنىشى قانداق بولىشى مۇمكىن؟ قانداق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرايدۇ؟ مۇشۇ ھەقتە سۆزلەپ بەرگەن بولساڭلار.
تېمىدا دىيىلگىنىدەك بۇلتۇر پاختا تەرگۈچىلەر كىلوسىنى 2 يۈەننىڭ ئالدى كەينىدە تەرگەن، پاختا باھاسى 9 يۈەننىڭ ئالدى كەينىدە بولغان، بۇ يىل پاختا باھاسى 5 يۈەننىڭ ئالدى كەينىدە بولسىمۇ، تەرگۈچىلەرنىڭ باھاسى 2 يۈەندىن تۆۋەن بولمايۋاتقان گەپ، بۇنداق بولغاندا دېھقانلار بىر يىللىق جاپاسىغا تۇشلۇق نەپكە ئېرىشەلمەي قالىدۇ.
ئويلىغىنىڭلارنى تۆكۈپ باقساڭلار.

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 20:15:41

پاختا باھاسى 5 يۈەن ئەتراپىدا بولسا جەنۇبىي شىنجاڭ ئىقتىسادى ۋەيران بولىدۇ. تولۇقلىما بېردىكەن دەپ ھازىر دېھقانلار پاختىسىنى ساتماي بېسىپ قويغىلى تۇرۇپتۇ. ساتاي دېسىمۇ ئالدىنقى يىلدىكىدەك ئالدىغا كېلىپ ئالدىغان سودىگەرلەر يوق.
ئىچكىردىن چىقىدىغان مىليونلىغان پاختا تەرگۈچىلەرنى ئويلىشىپ بولسىمۇ ھۆكۈمەت پاختا باھاسىغا بىرەر ئامال قىلىشى مۇمكىن.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 20:37:38

   شەھەرگە چىقىپ ئىككى قېتىملىق ئادەم تەكلىپ قىلىش جەريانىنى سۆزلەپ بەرسەم غەيۋەت بۇپ قېلىشى مۈمكىن ، ئادەم دىگەن كىچىككىنە مەنپەئەتنى كۆزلەپلا ، لەۋزىدىن يېنىش ، ئىگىز -پەس گەپ قىلىش ، ئادەمنىڭ مەلۇم يۇرتقا بولغان كۆز قارىشىدا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىشى تۇرغانلا گەپ ، ئەمما پېقىر كۆپنى كۆرگەن ، ھەر شەھەرلەردە دوست بورادەرلىرىم بولغاچ ، ھىچقانداق يۇرتنىڭ ئادەملىرىنى ئۇنداق ياكى بۇنداق دىسەم ئاشۇ دوستلىرىمغا يۈز كىلەلمەيمەن ....

       پاختا چۈلىمەكچى بولغان دۇستلارغا تەۋسىيەرىم : مەيلى كىمنىڭ كىۋىزىنى چۆلىمەڭلار ، ئەڭ يۇقىرى باھادا كىلىشىڭلار ، بۇ سىلەرنىڭ سەۋەنلىگىڭلار ياكى ئاچكۆزلىگىڭلارنى بىلدۈرمەيدۇ ، لىكىن گەپنى دىيىشىپ بۇلۇپ ، ئشىنى باشلاپ بۇلۇپ ، باشقا يەردە بىرەموچەن يۇقىرى بەرسە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەتمەڭلار ، ئۇنداق قىلساڭلار ، ئۆزەڭلارنىڭ يۇرتىغا يۈز كىلەلمەيسىلەر ، پۇل دىگەن پاختا چۆلىسە تېپىلىدۇ ، ئەمما يۇقۇتۇپ قويغان شان شەرەپ ، ئىشەنچنى تاپقىلى بولمايدۇ ......

xaqanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 20:48:21

samawar يوللىغان ۋاقتى2014-9-22 18:19 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قىرىنداشلار تىمىغا مۇناسىۋەتسىز گ ...

سىزگە بۇhttp://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=59959#lastpost يازما ئەسقاتىدىغاندەك قىلىدۇ.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 21:20:59

بۇ يىل پاختىنىڭ باشلىنىش باھاسى ھازىر 7 كويدىن مېڭىۋاتقان پاراڭ بار. يەنى پاختا سودىگەرلىرى شۇنداقراق ئاپتۇ. ئەمما پاختا زاۋۇتلىرىغا تېخى خېلى بار. ئۇلار پۈتۈن يېزا بازارلاردىكى كېۋەزنىڭ مو سانىنى ئېنىقلاپ، قانچىلىك پاختا چىقىدۇ شۇنى پىلانلاپ بولۇپ ئاندىن باھا بېكىتىدۇ. چوڭ بىر قىسم پاختا زاۋۇتلىرىغا ھۆكۈمەتمۇ مانچە پۇلدىن قىلىسەن دېيلمەيدىكەن. ئۇلار سۇنىڭ ئېقىشىغا قاراپ ئىش تۇتىدىكەن. ئۇلارغا پاختا باھاسى قانچە پەس بولسا شۇنچە ياخشى. 2 يىل بۇرۇن مەن مۇشۇ پاختا زاۋۇتىنىڭ ئىشلىرىنى ئىگەللەپ باققان ۋە ئىشلەپ باققان بىرەر ئايدەك. تاكتىكىسى بەك جىق بۇلارنىڭ.
بۇ يىل پاختا باھاسى 8 كويدىن چۈشۈپ كەتسە دېھقانلارنىڭ ئىشى چاتاق. بانكىدىن ئالغان قەرزلارنى قايتۇرۇشقا مادارى يەتمەي قەرزگە بوغۇلۇپ كېتىدىغانلار بەك جىق چىقىشى مۇمكىن.

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 21:26:43

بۇ شەھەردەمۇ ھەممە پاختا تەرگىنى كىتىپ سودىگەرلەرنىڭ بازىرى كاساتلاشتى ھەممىسى دادلاپ ئولتۇردۇ ..
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8
: پاختا چۆلەش ھەققىدە پاراڭلاشمايمىزمۇ ؟