karam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 14:19:50

ئالى بابانىڭ قىممىتى Facebook تىن ئېشىپ كەتتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-22 14:21  


ئالى بابا جۈمە كۈنى (9-ئاينىڭ 19-كۈنى) نىيۇيورك پاي بازىرىدا پېيىنى بازارغا سالدى. بازار باشلانغاندىكى پاي باھاسى 92.70 دوللار بويىچە ھېسابلىغاندا شىركەت تارقاتقان پاي چېكىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 228 مىليارد 500 مىليون دوللارغا يېتىپ، ئىجتىمائىي ئالاقە تور ساھەسىدىكى سەركەردە Facebook تىن ئېشىپ، ئامېرىكىدا پېيىنى بازارغا سالغان پەن-تېخنىكا شىركەتلىرى ئىچىدە پەقەت گۇگىل، ئالما ۋە مىكروسوفىتتىن كېيىنكى 4-چوڭ شىركەت بولۇپ قالدى.
مەنبە:ئەرقال تاراتقۇسى.

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 16:13:29

پايچېكى ئويناشنى بىلگەن بولسام ئېپ قويىدىكەنمەن ماۋۇ تازنىڭ پېيىنى

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 16:14:01

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-22 18:20  

مايۈن: جۇڭگۇدىن چىققان مىليادىر بوپ كىتىپتۇ-دە!

مۇنبەرداشلار:

支付宝  ھىساۋاتىمغا بۇرۇن تىزىملاتقان تىلىفۇن نومۇرىنى، ھازىر ئىشلىتىۋاتقان تىلىفۇن نومۇرىغا ئۆزگەرتىشكە بولمايۋاتىدۇ.
ئىلىكتىرۇنلۇق پوچتا ساندۇقىنىمۇ ئۆزگەرتىشكە بولمايۋاتىدۇ.
ئىككى قىتىم مۇۋاپىقىيەتلىك  مال سىتىۋالدىم، قولۇمغىمۇ ساق تەگدى.
لىكىن ئۇنىڭدن كىيىن ھىساۋات قىلسام، ئوڭوشلۇق بولمىغان ئىدى. كىيىن تازا زەن سىلىپ قارىسام ئىلىكتىرۇنلۇق پوچتا ساندۇقى خاتا يىزىلىپ قاپتىكەن، ئۆزگەرتىشكە نەچچە كۈن كەتكۈدەك.
ياردەم قىلىدىغانلار بارمۇ؟

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 16:27:12

بۇخوبىت ئادىمى ھەقىقەتەنمۇ يامان  جۇمۇ!{:112:}

oyuncu يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 16:43:43

پايچەك دىگەن نىمە؟ جۇڭگۇدا ساتسا بولمامدۇ ؟

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 17:06:19

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-22 16:14 static/image/common/back.gif
مايۈن: جۇڭگۇدىن چىققان مىليادىر بوپ كىتىپتۇ-دە!

مۇنبەر ...

تېلىفۇن نومۇرىڭىز ئۆزگەرگەن بولسا،جىفۇباۋ  ھىساۋاتىڭىزغا پۇل قاچىلىيالمايسىز، چۈنكى پۇل قاچىلاش ئۈچۈن سىزگە يانفۇندىن جەزىم ئۇچۇرى يوللاپ تولدۇرۇشقا بۇيرىيدۇ، شۇڭا سىز بانكىغا بېرىپ ھىساۋات ئۇچۇرلىيرىنى  تەھرىرىلەش ئىلتىماسى قىلسىڭىز بولىدۇ .
توردا تۇرۇپلا  ئوڭشىيالمايسىز .

iltebir107 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 18:42:17

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir107 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-22 19:13  

ئالى بابا نىڭ بىرىنجى پايچىكى بولسا ياپۇنيەلىك ،ئىككىنجى پايچىكى بولسا ئامىرىكىلق، ئۈچىنجى پايچىكى بولسا جۇڭگولۇق . قېنى قاراپ بېقىڭ پايچىكى بازارغا سېلىنىغان بۇ داڭلىق ئېلىكتىرون تېخنىكا شىركىتى كىمگە بەكراق پايدا يارىتىپ بېرىدىكەن.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 19:03:08

ئەگەر Facebookنى  جۇڭگۇدا چەكلىمىگەن بولسا  Facebookقا  ھەرگىز يىتىشەلمەيتى

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 19:24:08

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kosan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-22 19:25  

سودىدىكى تەڭسىزلىك بۇنىڭغا پايدا بولدى دە...   ئەمما ھارغىچە پۇل تاپتى جۇما بۇ ئاۋاق ئاداش...
بىرىنچى پايچېك ياپونىيەلىك... ئىككىنچىسى ئامرىكىلىق بولسا، بۇلارنىڭ ئۈلۈشى قانچىلىكتىندۇ؟

gepnoz يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 19:26:29

ئەلى بابا دەيلى ئالى بابا ئەمەس …پاتىگۇلى ،رېزىياگۇلى دېگەندەكلا گەپ بۇ …

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 19:40:21

bibaris يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 20:08:03

ئۈچىنجى ياپچىك يالغۇز مايۈنلا ئەمەس ،مايۈننى يۆلەپ ھازىرقى ھالەتكە ئېلىپ كەلگەن بەگ غوجاملارنىڭمۇ ئۈلىشى بار

Illiterate يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 20:15:09

xaqanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 20:29:58

ئالىبابانىڭ مۇلازىمىتى ھەقىقەتەن بولىدۇ،نۇرغۇن كەسىپلىرى تېڭشۈننىڭكىدىن مىڭ ياخشى،مەن تاۋباۋ تورى، پۇل تۆلەش كۆھىرى،ئالى ماما ئېلان سۇپىسى، ئالى بۇلۇت بوشلۇقى سۇپىسى، ۋەنۋاڭ بوشلۇق سۇپىسى دىگەندەك مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلىتىپ باقتىم ،بۇلارنىڭ بىر قىىسىم مۇلازىمەتلىرى تېڭشۈننىڭكىدىمۇ بار،ئەمما ئالى باباغا يەتمەيدۇ.
  ئەينى ۋاقىتتا مايۇن مەبلەغكە ئېھتىياجلىق بولۇپ،جۇڭگولۇق بايلارنىڭ قېشىغا بارغاندا جۇڭگولۇق بايلار ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى ياراتماي، مەبلەغ چىقىرىشغا ئۇنىماپتىكەن،شۇنداق قىيىن كۈنلەردە ئاۋۇ ياپۇنلۇق ۋە ئامرىكىلىق ياردەم مەبلىغى بىلەن تەمىنلەپتىكەن،شۇڭا ئۇلارمۇ كۆپ باي بولۇپ كەتتى ھازىر، ئەينى ۋاقىتتا مايۈنگە مەبلەغ ياردىمى قىلىشقا ئۇنىمىغان جۇڭگولۇق  بايلار ھازىر پۇشايمىنىنى ئالىدىغان قاچا تاپالماي يۈرىشىۋېتىپتۇدەك.

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 20:37:35

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   terjiman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-22 20:39  

昨天你对我爱答不理,今天我让你高攀不起 دېگەننى «تۈنۈگۈن مېنى تەڭ قىلمىدىڭ ئۆزۈڭگە، بۈگۈن ئەمدى ياغاچ تىقىمەن كۆزۈڭگە» دەپ تەرجىمە قىلامدۇق؟ :lol

ERTURUK يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 20:43:36

ئۇنىڭ قىممىتى فىسبوك تىن ئىشىپ كەتكىنى بىلەن  كىشلەرنىڭ قەلبىدىلى ئوبرازى فىسبوك تىن بەكلا تۈۋەن ، ئالى بابا نى گوگۇل ، ئالما ، فىسبوك مىكروسوفىتقا ئۇخشىتىش  بەك كۈلكىلىك مەيلى ئۇنىڭ بازار قىممىتى قانچىلىك يۇقۇرلاپ كەتسۇن يۇقۇردىكى شېركەتلەرگە سىلىشتۇرۇش ئەسلا مومكەن بولمايدىغان بىر ئىش . ئالما ، گوگۇل ،فىسبوك، مىكروسوفىتلار ، ، ئىنقىلاپ خاراكتىرلىق يىڭلىقلارنى ئىلىپ كەلگەن ، ئالى بابا بولسا خەقنىڭلىنى دوراپ ۋە ، ناتوغرا بازار رىقابىتى ۋە يوقرى باجنىڭ تۈرتكىسىدە يۇكسەلگەن شېركەت !  ئەمما مايۈن شۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغان شەخىس .

facebook يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 20:43:51

kosan يوللىغان ۋاقتى  2014-9-22 19:24 static/image/common/back.gif
سودىدىكى تەڭسىزلىك بۇنىڭغا پايدا بولدى دە...   ئەمما ھار ...

ياپوننىڭ 34.4 پىرسەنتىنى، ياخو(ياپون)22.6 پىرسەنتىنى(ئاخىرىقى ھېسابتا ئامېرىكىغا تەۋەدۇ بەلكىم) ، ما ئەپەندىم 8.9 پىرسەنتىنى ئىگەللەيدىغان ئوخشايدۇ.

jesurmen يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 20:55:08

ياپۇن بىلەن ياخۇنىڭ پېيى مايۇندىن كۆپ، لىكىن مايۇن شىركەت قۇرغۇچى، باشقىلار مەبلەغ سالغۇچى، يەنىلا مايۇننىڭ دىگىنى ھىساب، پايدا ۋە ھوقۇقنىڭ كۆپ قىسىمى يەنىلا مايۇننىڭ قولىدا.
ياخۇ جۇڭگۇ بىلەن ياخۇ ياپۇننى ئالى بابانىڭ 20 پىرسەنت پېيىغا ھېسابلاپ ئۆتكۈزۋالغان

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 21:06:47

ئەلى بابا،ۋاڭۋاڭ،تاۋباۋ،پۇل تۆلەش سۇپىسى،بۇلارنى ئىشلىتىۋاتقىلى 7 يىل بولدى. بىرەر چاتاق چىقماي ئوبدان ئىشلەپ بېرىۋاتىدۇ.مۇلازىمەت سۈپىتى ھەقىقەتەن يۇقىرى...تەرەققىياتىمۇ بارغانسېرى ئېشىۋاتىدۇ...قوللايمەن...

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 23:50:24

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2014-9-22 17:06 static/image/common/back.gif
تېلىفۇن نومۇرىڭىز ئۆزگەرگەن بولسا،جىفۇباۋ  ھىساۋاتى ...

ماڭىمۇ بىر ياردەم قىلۋېتىڭلا قېرىنداشلا ر  
ئالىپاي ھىساۋاتىغا   يىڭىدا تىزىملاتقان ئىدىم .تىزىملاشتا مۇئاپىقيەتلىك بولدى ، پۇل قاچىلايمىكىن دەپ ھەپىلەشسەم بانكا كارتا نۇمۇرى ،ئىسىم فامىلىسى ،تېل نۇمۇرى دىگەندەكلە كىتىدىكەن ئۇنىمۇ كىرگۈزدۈم لېكىنزە شۇنداق ئەستايىدىللىق بىلەن كىرگۈزسەم كارتا نۇمۇرى بىلەن كىرگۈزگەن ئۇچۇر بىردەك ئەمەس دەپ تۇرۋالدى .كارتا ئۈزۈمنىڭ نامىدا يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ كارتىسى ئىدى تېل نۇمۇرىمۇ كارتىغا باغلانغان نۇمۇر شۇ ،ئىسىم فامىلەممۇ توغرا بولمىسا؟ چاتاقنىڭ نەدىن چىققانلىقىنى بىلگىلى بولمىدى :Q
بىرلا گۇمانىم ئىسىم فامىلە ئوتتىرىسىدىكى چىكىت توغرا ئەمەسمىكىن دەپ ئويلىدۇم ،مەن قۇيۇپ باققان چىكىت بىرسى ئىنتىر بىلەن نۆلنىڭ ئارلىقىدىكى يەنە بىرسى ئۇيغۇرچە ھەمزە نىڭ  يېنىدىكى چىكىت.
باشقا چىكىت قۇيۇدىغان ئۇسۇل بولسا  تەۋسىيە قىلغان بولساڭلار قېرىنداشلار
بەت: [1] 2 3 4
: ئالى بابانىڭ قىممىتى Facebook تىن ئېشىپ كەتتى