Achil يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 13:54:42

2015 - يىللىق ماگىستىرلىق ئىمتىھانىدىن مەسلىھەت

مەن بۇ يىل ماگستىرلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشاي دېگەن ئىدىم. بۇ ئىمتىھان كېلەر ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن باشلاپ تىزاملاشنى باشلايدىكەن. بىراق مەنتەييارلىقنى قانداق قىلىشنى، نەدىن باشلاشنى بىلەلمىدىم. مەن ئوقۇي دېگەن كەسىپ: تىلشۇناسلىق،- ئىدى. شۇڭا، بىلىدىغان دوستلارنىڭ قانداق تەييارلىقلارنى قىلسام بولىدىغانلىقى، بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېرەكمۇ ياكى ئاپتونۇم رايۇن يولغا قويىۋاتقان ئىچكىرلەرگە ئىمتىھان بېرىدىغان غوللۇقلار ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىم كېرەكمۇ؟ ئىككىسىنىڭ نېمە پەرقى بار؟ سىياسەتكە قانداق تەييارلىق قىلسام ئەڭ ياخشى بولىدۇ؟
ئىمتىھان بېرىپ باققان، تەجرىبىلىكلەر يېتەكچىلىك قىلغان بولساڭلار، رەھمەت!

yawa يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 15:52:50

تەييارلىق قىلىشقا ئازراق كىچىكىپ قالغاندەك قىلىسىز، بىلىدىغانلىرىمنى دەپ باقاي. ئىمتاھان ئېلىنىدىغان كەسىپلەر: ماتىماتىكا، سىياسەت، ئېنگلىزتىلى ۋە بىر ياكى ئىككى كەسپىي پەن. ئالدى بىلەن قايسى مەكتەپكە بېرىشنى ياخشى ئويلىشىۋېلىڭ. كەسپىي پەنلەرنىڭ ئىمتىھانى ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ ئوخشىمايدۇ.
غوللۇقلار ئىمتىھانىغا قاتناشسىڭىز نۇمۇر سىزىقى تۆۋەنرەك، بىر يىل تەييارلىق ئۇقۇيسىز، بەلگىلىك مىقداردا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بار. ئوقۇش پۇلى يوق.ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن رايونىمىزغا قايتىپ كېلىپ خىزمەت قىلىشىڭىز كېرەك.
بىر تۇتاش ئىمتىھاننىڭ ئۇ چەكلىمىلىرى يوق. 2014-يىلىدىن باشلاپ ئاسپرانتلىق ئوقۇشنى ھەقلىق قىلىپ ئۆزگەرتتى، لېكىن ياخشى ئوقۇسىڭىز مۇكاپاتلار جىق.
يىتەكچى ئۇقۇتقۇچى بىلەن ئالاقىلىشىشمۇ مۇھىم.

function يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 16:46:34

ئەمدى تەييارلىق قىلايمىكى دېگەن گەپما، شىنجاڭ ئۇنۋېرىسىتىتدا تىلشۇناس يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلار بار، شۇلارغا بېرىڭ ئىمتىھاننى.

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 16:52:19

ھەر ھالدا خېلى ۋاقىت باكەن، بوممىسا ئۇتتۇر غوللۇق كادىرلا سېپىدە ماڭماي ئامال يوقتى،،
بۇ ئۇچۇرلارنى ئالى مائارىپ تورىدىن كۆرۈڭ،بۇ يىل ئىمتاھان ۋاقتى ئالغا سۈرۈلگەندەك قىلىدۇ، تىلشۇناسلىققا بەسىڭىز، ماتىماتكا بەمەسلىكىڭىز مۇمكىن، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرستىتىنىڭ تورىدىن كۆرۈپ بېقىڭ. بۇرۇنقىلادىن ئەدەبىيات كەسپىگە ئىمتاھان بەسىلا ئۈتۈپ كىتىدۇ دەپ ئاڭلىغان، ئوبدان تەييارلىق قىلىڭ.

xaqanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 20:19:31

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xaqanjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-9-22 20:22

تىلشۇناسلىق كەسپىدە ھازىر شىنجاڭ ئونۈېرستتى ،غەربى شىمال مىللەتلەر ئونۈېرستتى،مەركىزى مىللەتلەر ئونۈېرستتى بار(باشقا مەكتەپلەردىمۇ بولىشى مۇمكىن بىراق مەن بىلمەيدىكەنمەن) تىلشۇناسلىق تىلشۇناسلىققا ئىمتىھان بەرسىڭىز، ئەدەبىيات نەزەرىيىسى،تىلشۇناسلىقتىن ئۇمۇمى بايان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى،تەرجىمە نەزەرىيىسى ۋە ئەمىلىيىتى،ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى قاتارلىقلاردىن تەييارلىق قىلىسىز(غەربىشىمال مىللەتلەر ۋە مەركىزى مىللەتلەر ئونۈېرستىغا).
سىياسەتتىن تەييارلىق قىلىشتا،10 يىللىق تارىخى ھەقىقى سۇئاللار كىرگۈزۈلگەن مەشىق بار،شۇنى سېتىۋېلىپ تاق تاللاش،كۆپ تاللاش ۋە مۇھاكىمە قىلىش سۇئاللىرىنى قانداق يېشىپتۇ، قانداق نوقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەككەن شۇنى كۆرۈپ كاللىڭىزدا سان تۇرغۇزىۋېلىڭ،ئالى مەكتەپتىكى تۆت سىياسى كىتاپنىڭ ئۆزىنى تەكرارلاش ھەم زېرىكىشلىك ھەم جاپالىق ئىش.
مۇشۇ يىلدىن باشلاپ بىر تۇتاش ئىمتىھان ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر غوللۇق كادىرلار پىلانىنىڭ پەرىقى تۈگەپ ئەسلىدىكىئاز سانلىق مىللەتلەر غوللۇق كادىرلار پىلانىنى ئەۋزەللىكىنى يوقىتىپ بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قارىغاندا پاسسىپراق ئورۇنغا ئۆتۈپ قالدى،بۇرۇن ئاز سانلىق مىللەتلەر غوللۇق كادىرلار پىلانىغا تىزىملاتسىڭىز ئوقۇش پۇلۇ ھەقسىز بولغاندىن سىرت سىزگە تۇرمۇش پۇلى بېرەتتى.ھازىر ئوقۇش پۇلىنى ھەم تۆلەيسىز،تۇرمۇش پۇلىنىمۇ ھەم تۆلەيسىز،ئۇنىڭ ئۈستىگە تەييارلىقتا بىر يىل ئوقىشىڭىز تەلەپ قىلىنىپ 4يىل ئوقۇيسىز،ناۋادا بۇ يىل سىياسەت ياخشىلىنىپ ئاز سانلىق مىللەتلەر غوللۇق كادىرلار پىلانى مەلۇم ئەۋزەللىككە ئىگە قىلىنمىسا ،بىر تۇتاش ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىپ 3 يىلدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئەۋزەل،رىقابەت جەھەتتىمۇ بۇرۇن ئاز سانلىق مىللەتلەر غوللۇق كادىرلار پىلانىغا تىزىملاتسا رىقابەت ئاجىز بولىدۇ دەپ قارىلاتتى ئەمما ھازىر بەزى ئالى مەكتەپلەرگەئاز سانلىق مىللەتلەر غوللۇق كادىرلار پىلانىغا تىزىملاتقانلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولىشى بىلەن بۇ رىقابەت بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتناشقارنلارنىڭكىدىنمۇ قىيىن بولغان ئەھۋال مەۋجۇت(ھەممە مەكتەپ ئۇنداق ئەمەس ئەلۋەتتە).
مەركىزى مىللەتلەر ئونۈېستتى ياخشى مەكتەپ ئەمما قۇبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلىرى بەكلا ئاز ئەكسىچە ئۇ مەكتەپكە تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلار بەكلاكۆپ.ئۇ مەكتەپنىڭ ئاسپىراتلىق رىقابىتىنى چىڭخۇا بېيجىڭ ئونۈېرستتىنىڭكىدىنمۇ كەسكىندەك ھېس قىلدىم مەن.غەربى شىمال مىللەتلەر ئونۈېرستتىمۇ ياخشى مەكتەپ،ئوقۇتقۇتچىلارمۇ سەرخىللىشىۋاتىدۇ،چەتئەللەرگە ئوقۇغۇچى چىقىرىدىغاننىڭ گېپىنىمۇ قىلىۋاتاتتى،شىنجاڭدىكى مەكتەپلەر ھەققىدە بىر نەرسە بىلمەيدىكەنمەن،بۇ ھەقتە باشقا تورداشلار بىر نېمە دىگەچ تۇرار.

Achil يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 10:42:12

xaqanjan يوللىغان ۋاقتى2014-9-22 20:19 static/image/common/back.gif
تىلشۇناسلىق كەسپىدە ھازىر شىنجاڭ ئونۈېرستتى ،غەربى شى ...

سىزنىڭ بەرگەن تەپسىلىي، ئەستايىدىل ئىنكاسىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت!

سىزچە تەييارلىق قىلىشقا قايسى خىلدىكى ماتېرىياللارنى تەييارلىشىم كېرەك؟ نومۇر چېكى نەچچىدە توختار؟

Achil يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 10:43:11

بەرگەن تېكلىپلىرىڭلارغا كۆپ رەھمەت!
باشقىلارنىڭمۇ ياخشى تەكلىپى بولسا بولسا بەرگەن بولساڭلار...

boghlan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 21:48:52

تىلشۇناسلىققا ئالىدىغان مەكتەپلەردىن مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى، غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىقلار بار ئوخشايدۇ بىلىشىمچە.

بۇ يىلقى ئىمتىھان ۋاقتى يەنە ئالدىغا سۈرۈلگەن ئوخشايدۇ.
ئەگەر تىلشۇناسلىققا ئىمتىھان بەرسىڭىز ئېنگىلىز تىلى ئىمتىھانىدىن سىرت، سىياسەت، تىلشۇناسلىق نەزەرىيىسى ۋە ئەدەبىياتتىن بېرىدىكەنسىز.
بۇنىڭ ئىچىدە ئەدەبىيات تۈرى كىلاسسىك ئەدەبىيات، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى، بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىيات تارىخى .... دېگەندەك پەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئوخشايدۇ ...
سىياسەت پەنلىرىنىڭ تەلەپ دائىرىسى ھەقاچان سەمىڭىزدە بولسا كېرەك

xaqanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-24 15:11:17

Achil يوللىغان ۋاقتى2014-9-23 10:42 static/image/common/back.gif
سىزنىڭ بەرگەن تەپسىلىي، ئەستايىدىل ئىنكاسىڭىزغا كۆپ ...

تەييارلىق قىلىشتا يەنىلا كىتاپ مۇھىم، نۇمۇر چېكىنىڭ قانچىدە توختايدىغانلىقىغا بىر نېمە دەپ بولمايدۇ،بەلكىم تىزىملاتقانئادەم سانى ئازراق مەكتەپلەرنىڭ نۇمۇر چېكى مۇقىم بولۇپ دۆلەت بېكىتىپ بەرگەن نۇمۇر چېكىدە توختىشى مۇمكىن، ئەمما مەركىزى مىللەتلەر ئونۈېرستتى ئۆز ئالدىغا نۇمۇر چېكى چىقىرىدىكەن.
بەت: [1]
: 2015 - يىللىق ماگىستىرلىق ئىمتىھانىدىن مەسلىھەت