dunya يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 10:35:27

خىزمەت ئېھتىياجى-ھېكايە

ھېكايە
چېن خۇاچىڭ
ئابلەت ئابلىز سەردارى تەرجىمىسى
   S ناھىيەسىدىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان 4-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرىنى جەمئىيەتتىن ئاشكارە تاللاپ قوبۇل قىلماقچى بولدى، سۇئالنى ئۆلكىدىن بىر تۇتاش چىقىرىپ ئىمتىھان ئېلىشنى قارار قىلدى.
   بۆلۈم دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى كادىرنى ئاشكارە تاللاپ ئۆستۈرۈش ــ بۇ S ناھىيەسىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولغاچقا، ھېچكىمنىڭ بۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغۇسى كەلمەيتتى. كىشىلەرنىڭ بۇ ئىشقا بولغان قارىشى ھەر خىل بولۇپ، بەزىلىرى قوللىدى، بەزىلىرى قارشى چىقتى، بەزىلىرى قاراپ تۇردى، ئىشقىلىپ ھەممەيلەننىڭ دىققىتى مۇشۇ ئىشتا ئىدى.
   لۈ جى بىلەن لى دۇڭ ‹‹قىزىق نۇقتىلىق شەخس›› بولۇپ قالدى. لۈ جى بولسا ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ، پەزىلەتلىك ھەم ئابرويلۇق بولۇپلا قالماستىن، تېخى ئۆلكىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، قەلەمدىمۇ، ئەلەمدىمۇ تەڭ يېتىشكەن تالانت ئىگىسى ئىدى. لى دۇڭ بولسا ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ، ئەسلىدە يېزىدىكى بىر پۇقراۋى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ئىدى، رەسمىيلەشكىنىگە تېخى ئىككى يىلمۇ توشمىغان بولسىمۇ، ‹‹مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرگەندەك››لا ناھىيەدىكى ئەڭ ياخشى ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكىلىۋالغان ئىدى. ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسىنى پۈتكۈزگەنلەرمۇ بۇ مەكتەپكە كىرەلمەيدۇ تېخى! بىر نەچچە يىل ئۆتمەيلا ‹‹ئامەت كەلسە قوش كەپتۇ›› دېگەندەك، ئۇ 3-ئوتتۇرا مەكتەپكە مۇئاۋىن مۇدىر بولدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئۇ ئىشنى ئاللىقاچان توغرىلاپ بولغانمىش. لى دۇڭنىڭ يۇقىرقىدەك ئارقا كۆرۈنۈشى ‹‹ئاشكارە مەخپىيەتلىك›› بولۇپ قالغان ئىدى.
   يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىندى، لۈ جىنىڭ يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسى ئىككىنچى بولغان لى دۇڭنىڭكىدىن 20 نومۇر يۇقىرى ئىدى.
   كۆپچىلىك ھەر خىل مۇلاھىزىلەرنى قىلىشاتتى:
   ـــ لى دۇڭ دىگەن ئۇ سولتەك يەپ-ئىچىش ۋە ئويناشنى بىلىشتىن باشقا، قورسىقىدا قانچىلىك ‹‹ئۇمىچى›› بار ئۇنىڭ؟ چوقۇم لۈ جى تاللىنىدۇ.
   ـــ لى دوڭ يۇقىرى-تۆۋەن قاتراپ، ئىشنى توغرىلاپ بولدىمۇ تېخى! بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس.
   ـــ بۇ ئۆلكىدىن تەشكىللىگەن ئاشكارە تاللاپ ئۆستۈرۈش بولغاندىكىن، ئادىل، ئوچۇق-ئاشكارە بولىدۇ، كۆپچىلىك قالايمىقان پەرەز قىلماڭلار!
   S ناھىيەسىدىكى يەر ئاستى قىمارخانىسىدا كىشىلەر ئۇلارغا يۇشۇرۇن ‹‹دو›› تىكىۋاتقان بولۇپ، ‹‹دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى››دىنمۇ بەك قىزىپ كەتكەن ئىدى. ئەمدى تەرتىپ بويىچە يۈزتۇرا ئىمتىھان، سالاھىيەت تەكشۈرۈش، ئاممىدىن پىكىر ئېلىش قاتارلىق تۈرلەر بار ئىدى. بۇ تۈرلەر ھەر ئىككىسىنىڭ يېڭىش-يېڭىلىشىنى بەلگىلەيدىغان موھىم تۈرلەر ئىدى. ئەڭ ئاخىرقى ئۇنىۋېرسال نەتىجىدە لۈ جىنىڭ نەتىجىسى لى دۇڭدىن 0.1 نومۇر يۇقىرى بولغاچقا، لۈ جى تاللاندى. S ناھىيەسىدىكى لۈ جىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۇنى تەبرىكلەپ تەنتەنە قىلىشتى. ‹‹جەنۇب گېزىتى››غا S ناھىيەسىنىڭ بۇ قېتىمقى مەكتەپ مۇدىرىنى ئاشكارە تاللاپ ئۆستۈرۈش خىزمىتى توغرىسىدا خەۋەر بېسىلىپ، S ناھىيەسى بۇ خىزمەتنى ‹‹ئادىل، ئوچۇق-ئاشكارە›› ئېلىپ باردى دەپ ماختىدى تېخى!
   لۈ جى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ تېخى ئىككى ئاي بولمايلا، لى دۇڭ كىشىلەر ھەۋەس قىلىدىغان 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولدى. ئاسمانغا يۇلتۇزمۇ، ئايمۇ چىقمىغان بىر كۈنى كەچتە، لى دۇڭ جاڭ شەھەر باشلىقىغا ھەمراھ بولۇپ ‹‹سائۇنا مۇنچىسى››غا باردى.
   ـــ شياۋ لىزى، سىز بۇ نەتىجىدىن رازى بولدىڭىزمۇ؟ ـــ دەپ سورىدى جاڭ شەھەر باشلىقى.
   ـــ شەھەر باشلىقى، سىز بەك دانا بولغاچقا، ئورۇنلاشتۇرۇشىڭىز قالتىس بولدى، مەن بەك رازى.
   ـــ بۇ گېپىڭىز قاملاشمىدى، ‹‹خىزمەت ئېھتىياجى›› تۇرسا بۇ! ـــ دېدى شەھەر باشلىقى تومپىيىپ چىققان قورسىقىنى سىيلىغىنىچە تۈزىتىش بېرىپ.

مەنبە: خەنزۇچە ‹‹بۈگۈنكى كۇچا›› ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 9-سانىدىن تاللاپ تەرجىمە قىلىندى  

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 14:56:44

ئۇياقتىن شەپە بىرىپ ، بۇياققا ھۇجۇم قىلىش ...

شاھمات تاختىسىدىكىن پىچكىنى يۆتكەش .....

albAX يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 11:00:42

  ئەقىلنىڭ زەررىسى يوق ، ھىيلە-مىكىر لىق تولغان كىشىلەر بار ، بۇ سۈپەت بىر ئىجتىمائى توپنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى بۇلۇپ جەمىيەتلەشسە ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس.
بەت: [1]
: خىزمەت ئېھتىياجى-ھېكايە