izdinix يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 23:12:04

مەس شىئېر يىزىش

‏قەدەھتە ئارزۇلار تۇرىدۇ لىپ لىق،
‏ئىچىشكە يۇرەكتە قالمىدى مادار،
‏رومكىلار سۇيلەيدۇ تۇگىمەس سورۇن،،
‏تۇنلەردە يەنە كىم ئۇيقۇدىن بىدار.

‏پىغاننى مەن يەنە توكتۇم رومكىغا،
‏مەس بولۇش ئىمكانى كىلەرمۇ بۇگۇن.
‏سېغىنىش بالاسى چۈشتى بېشىمغا،
‏ئۇ مېنى يۇتارمۇ لەھەڭدەك پۈتۈن.

‏‏دەرىزە سىرتىدا ياغماقتا يامغۇر،
‏قەدەھتىن يۇرەككە توكۇلگەن گويا.
‏غېرىپلىق ھۆكۇمران شاۋقۇن ئىچىدە،
‏كۇلكىلەر قاقاھلار يۈرەكلەر يارا.

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 23:34:21

مىسرالىرىنىڭ ھەممىسى ھاراقلا پۇرايدىغۇ.... :lol  قارىغاندا ئۆيدىن ئايرىلغىلى خېلى بولدىمۇ نىمە؟

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 01:54:48

پىغانلىق شېئىر
چوقۇم ئازاپ ئىچىدە روياپقا چىققان.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 08:06:00

ھەقىقەتەن پىغانلىق شېئىر !
ئەمما توختاخوننى  پىغاننى ھاراق بىلەن قاندۇرىدىغان كىشىلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ دەپ ئىشىنىمەن.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 09:17:21

بۈگۈن چىشىنى چېقىۋەتمەمدۇق يەنە ئىككى كۇبلىت بىلەن :lol

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 11:44:42

行醉意不醉

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 12:31:19

ئەلقىسسە؛توختاخۇن بىر قولىدا قەدەھنى تۇتقانچە ئۇشبۇ شېئىرنى بايان ئەيلىگەندە،تۇيۇقسىز يەتتىنچى قەۋەتتىن بىر يا ئوقى ئۇچۇپ كېلىپ ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدىن ئۆتۈپ تۈۋرۇككە سانچىلدى.يا ئۇچىدا بىر پارچە قەغەز سانچىقلىق ئىدى.توختاخۇن زەردە بىلەن ‹ماڭا ئوق ئاتقان قايسىڭ؟ نوچى بولساڭ چىقە!›دەپ يا ئوقىنى ئېلىپ ، سانچىلغان قەغەزدىكى خەتنى ئوقۇپ قاھقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى. قەغەزدە يوغان بىر دانە













赞  


خېتى يېزىلغان ئىدى...

ezimet7102 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 13:10:39

ياخشى شېئىر!

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 15:10:10

ئەجەپ مەنالىق شېئىرلار ئىكەن ، بۇنداقا مەنالىق شېىئىرلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي ....

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 16:31:33

ت.ئىليوف

Beyond يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 16:46:08

Comeon يوللىغان ۋاقتى  2014-09-22 12:31:19 static/image/common/back.gif
ئەلقىسسە؛توختاخۇن بىر قولىدا قەدەھنى تۇتقانچە ئۇشبۇ ش
hilarious،huh. huh. huh

faruk886 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 16:55:41

Comeon يوللىغان ۋاقتى  2014-9-22 12:31 static/image/common/back.gif
ئەلقىسسە؛توختاخۇن بىر قولىدا قەدەھنى تۇتقانچە ئۇشبۇ ش ...

كەپتۇ جۇما

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 21:43:58

غېرىپلىق ھۆكۇمران شاۋقۇن ئىچىدە،
‏كۇلكىلەر قاقاھلار يۈرەكلەر يارا.
ما ئىككى مىسرا ھەقىقەتەن يارىدى لېكىن{:112:}

chanaymen يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 14:46:00

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 23:29:59

    قۇملۇقتىكى شوخ بىلىق .
     دېڭىزدىكى نار تۆگە .
    كۆكتە ئۈزەر ئاق پاختا .
     يەردە ئۈزەر ئاق بولۇت .

     لا لا لا لا ..لا ..لاي
بەت: [1]
: مەس شىئېر يىزىش