qahqak يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 19:24:43

چاخچاق:سەنئەت بېغىدىكى بىر جۈپلەر

تالانتلىق ئۇسۇلچى ساۋۇت سىيىت ۋە <<قەشقەر بۇلبۇلى>>،ئەل سۆيگەن ئاتاقلىق ناخشىچى
ئايشەم قېيۇم
تۇرادىن ئابدۇرېھىم تاجىدار
سۆز بېشى
-1965يىلى قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ناھىيلەر ئارا كەسپىي سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ سەنئەت كۆرىكىدە مارالبېشى ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىدىن كەلگەن ئوماققىنە بىر قىز باھالاش ھەيئىتىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ قىز كۆرەكتە بۇلبۇلدەك يېقىملىق ئاۋازى بىلەن <لېيفىڭغا مەدھىيە> دېگەن بىر ئىجادىي ناخشىنى ئېيتقان ئىدى. كۆرەك ئاخىرلاشقاندىن كېيىن،ئەمدىلا ئونبەش ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بۇ قىزنىڭ ئېيتقان ناخشىلىرىدىن كەلگۈسىدىكى داڭلىق بىر ناخشىچىنىڭ سىيماسىنى كۆرگەن رەھبەرلىك،مۇزاكىرلىشىش ئارقىلىق ئۇنى قەشقەر ۋىلايەتلىك ناخشا-ئۇسۇل،تىياتىر ئۆمىكىگە يۆتكەپ كەلدى. بۇ قىز دەل ھازىرقى ئەل سۆيگەن ئاتاقلىق ناخشىچى، «قەشقەر بۇلبۇلى»-ئايشەم قېيۇم ئىدى.
شۇ قېتىملىق كۆرەكتە يەنە كوناشەھەر ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ تالانتلىق ياش ئۇسۇلچىسى ساۋۇت سىيىتمۇ «كېلىن يۆتكەش» ناملىق تاجىكچە ئۇسۇلنى ئورۇنلاپ بىرىنچى دەرىجىلىك ئورۇنلاش مۇكاپاتىغا
ئېرىشىپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك ناخشا-ئۇسۇل، تىياتىر ئۆمىكىگە يۆتكەپ كېلىندى. تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى شۇنداقمۇ، ئىشقىلىپ بۇ شوخ ئۇسۇلچى يىگىت بىلەن كىچىك ناخشىچى ئايشەم تېزلا چىقىشىپ كەتتى. بىر ئىدارىدىكى خىزمەتداشلىق ۋە كەسپتىكى ئۆزئارا قوللاش سەۋەبىدىنمۇ ، بارا- بارا بۇرۇنقى خىزمەتداشلىق مۇناسىۋىتىدىن ھالقىپ، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ سېھىرلىك مەنزىللىرىنى بىللە بېسىشقا ۋەدىلەشكەن بۇ بىر جۈپلەر 1967- يىلى 1- ئۆكتەبىر كۈنى مارالبېشىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. شۇ كۈندىن باشلاپ تاكى ساۋۇت سىيىت ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر بولغان 41 يىلدا بۇ ئىككىيلەن ئىدارىدا ياخشى خىزمەتداش، ئائىلىدە ئىناق ئەر- خوتۇن، لاياقەتلىك ئاتا-ئانا بولۇپ 3 بالىنى بېقىپ قاتارغا قوشتى. ھازىر ئۇلارنىڭ چوڭ ئوغلى جۈرئەت قەشقەر ۋىلايەتلىك پىلان كومتىتى ئۇچۇر مەركىزىدە بۆلۈم باشلىقى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئىككىنچى قىزى گۈلباھار قەشقەر شەھەرلىك 8- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىسى. كىچىك ئوغلى رەپقەتجان ئاپتونۇم رايونلۇق شىنخۇا كىتاپخانىسى مەمۇرىي ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلماقتا.
ساۋۇت سىيىت
قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت باشقارمىسى كىنو-سەنئەت بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقلىغىدىن پېنسىيىگە چىقققان ساۋۇت سىيىت ئەسلىدە ۋىلايەتلىك ناخشا-ئۇسۇل، تىياتىر ئۆمىكىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇسۇلچىسى ئىدى.
ئۇ 1942- يىلى قەشقەركوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ بەشكېرەم يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1960- يىلى بەشكېرەم ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان يىلى ئاپتونۇم رايونلۇق ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكىدىكى ھامۇت ساۋۇت، زەينەپ سىدىق قاتارلىقلار قەشقەرگە ئارتىس قوبۇل قىلغىلى بارىدۇ. كىچىكىدىنلا ناخشا-ئۇسۇلغا ئىشتىياقى بار بۇ يىگىت ئىمتىھاندىن ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتۈپ، شىنجاڭ ناخشا- ئۇسۇل ئۆمىكىگە ئوقۇغۇچى ئارتىس سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق ئۇسۇلچىسى قەمبەر خانىمنىڭ بىۋاستە تەربىيىسىدە ئۇيغۇر ئۇسۇل سەنئىتى توغرىسىدا خېلى چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولىدۇ. كۈندىلىك مەشقنى قولدىن بەرمەيدىغان بۇ تىرىشچان يىگىت ناھايىتى تېزلا ئۆمەك رەھبەرلىكىنىڭ كۆزىگە كۆرۈنىدۇ. بىراق ساۋۇت سىيىت ئۆزى ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەرلەردە يۈرگەن بىلەن، يىراق سەھرادىكى دېھقان ئاتا- ئانىسىنى ھەرگىزمۇ ئەستىن چىقارمايدۇ. ئاتا-ئانىسىمۇ ئىزچىل تۈردە قەشقەرگە قايتىپ كېلىشىنى تەكىتلەيدۇ. شۇنداق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن 1963- يىلى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىگە يۆتكىلىپ بارىدۇ. ھەمدە ئۈرۈمچىدە ئۈگەنگەن بىلىمىنى ئۆمەكتىكى يېڭى خىزمەتداشلىرىغا تولۇق ئۈگىتىپ، ئۆمەكنى ۋىلايەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى ئۆمەكلەرنىڭ قاتارىغا ئۆتكۈزىدۇ. 1965- يىلى ۋىلايەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كۆرىكىدە ئۆزى ئىجادىي ئۆزلەشتۈرگەن تاجىكچە كوللىكتىپ ئۇسۇل <كېلىن يۆتكەش> نى ئويناپ بىرىنچى دەرىجىلىك ئورۇنلاش مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ ۋە شۇ نەتىجىلىرى ئۈچۈن كۆرەك ئاخىرلاشقاندا ۋىلايەتلىك ناخشا-ئۇسۇل، تىياتىر ئۆمىكىگە يۆتكىلىپ كېلىدۇ. ۋىلايەتكە كەلگەندىن كېيىنمۇ ئۈزلۈكسىز مەشق قىلىپ، ئۆزىنىڭ كەسپىي ساپاسىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ. شۇ نەتىجىلىرى بىلەن ئۆمەكنىڭ ئۇسۇل ئەترىتىگە ئەترەت باشلىقى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. كېيىنكى يىلى دۆلىتىمىز مىقىياسىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىنقىلاپ باشلىنىدۇ. بۇ جەرياندا مەدەنىيەت- سەنئەت ئىشلىرى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. ساۋۇت سىيىتقا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ئوت يۈرەك سەنئەتكارلارنىڭ ئالتۇندەك گۈزەل ياشلىق مەزگىلى ئايىغى چىقماس سىياسى ئۈگىنىش ۋە پىپەن يىغىنلىرى بىلەن ئۆتتىى. ۋەتەن ئاسمىنىدىكى قارا تۇمانلار تارقاپ، ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ يېڭى باھارىنى كۈتۈۋالغاندىن كېيىن، 1979 - يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەتلەر سەنئەت كۆرىكىدە ئۆزى بۇرۇن ئوينىغان <كېلىن يۆتكەش> ناملىق تاجىكچە ئۇسۇلنى ئويناپ بىرىنچى دەرىجىلىك ئورۇنلاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. نۇرغۇن قېتىم ۋىلايەت، ئاپتونۇم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كۆرەكلىرىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
1983- يىلى ئۆمەك تەركىبىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ زىيارەت ئويۇنلىرىغا قاتنىشىپ كەلگەندىن كېيىن، سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولماسلىقى  سەۋەبىدىن 1984- يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت باشقارمىسىنىڭ كىنو- سەنئەت  بۆلۈمىگە يۆتكىلىپ چىقىدۇ. بۇ ئورۇندا تاكى 2000- يىلى پېنسىيەگە چىققىچە ئىشلەيدۇ. ئەپسۇسكى قەشقەرنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يۈرەك-قېنىنى سەرپ قىلغان بۇ ھارماس تۆھپىكار،2008- يىلى 1- ماي كۈنى يوشۇرۇن يۈرەك كېسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتىدۇ.
ئايشەم قېيۇم
<يارۇ>، <لەيلىگۈل>، <ئايشەمگۈل>، <يارىم خۇمالىق>، <گۈلئايشەم> قاتارلىق قەشقەر خەلق ناخشىلىرىنى، <قەشقەر كېچىسى>، <گۈزەل قەشقەر>، <ئەخلاق ئادەم زىننىتى>، <دۇتارىم>، <ئاينىڭ بالىسى دەيمۇ>، <ئاپپاق قىزىم>، <چىقىدۇ دېھقاننىڭ ئەمدى ھاردۇقى>، <چىللايدۇ ۋەتەن بىزنى> قاتارلىق ئېسىل ئىجادىي ناخشىلارنىڭ ۋايىغا يەتكەن ئىجراچىسى، قەشقەر بوستانلىقىدىكى خوش ئاۋاز بۇلبۇل، ئەل سۆيگەن، ئەلنى سۆيگەن ئاتاقلىق ناخشىچى- ئايشەم قېيۇم 1950- يىلى مارالبېشى ناھىيە سېرىقبۇيا بازار شاكىلاۋات كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. كىچىكىدىنلا ناخشىغا بولغان كۈچلۈك ئىشتىياقتا چوڭ بولغان كىچىك ئايشەم مەكتەپكە كىرىپلا مەكتەپ ۋە سىنىپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ھەر خىل سەنئەت پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، مەكتەپنىڭ كىچىك سەنئەتچىسىگە ئايلىنىدۇ. ئەينى چاغدىكى ئاشۇ خوشاللىق  كۈن ئايشەم قېيۇمنىڭ ئېسىدىن ھەرگىز چىقمايدۇ.
بۇ 1960-يىلى ئايشەمنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان،ئەمدىلا 10 ياشقا كىرگەن چاغلىرى بولۇپ، بىر كۈنى مەكتەپ مۇدىرى ئۇنى ئىشخانىسىغا چاقىرتىپ، ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمەككە ئوقۇغۇچى ئارتىس قوبۇل قىلغىلى كەلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئىمتىھان بەرسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بالىلىق قەلبى چەكسىز شاتلىققا تولغان ئايشەم ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىپ قىلچە تارتىنمايلا مەكتەپكە يېڭى كىرگەندە ئۈگىنىۋالغان دېھقانلارنى مەدھىيىلەيدىغان قوشاقنى تېكىست قىلغان بىر ناخشىنى ئېيتىدۇ. كىچىككىنە بىر قىزنىڭ شۇنچە ياڭراق، زىل ئاۋازىدىن ئۇنىڭ كېيىنكى ئىستىقبالىنى كۆرۈپ يەتكەن ئىمتىھان ئالغۇچىلار قاتارىدىكى ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمى ئابدۇجېلىل ھاكىم نەخمەيداندىلا ئايشەمنى ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئوقۇغۇچى ئارتىسلىقىغا قوبۇل قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. ئەتىسىدىن باشلاپ كىچىك ئايشەم ناھىيەدە چۈشتىن بۇرۇن بوينىدا قىزىل گالىستۇك، قولىدا سومكىسىنى كۆتۈرۈپ مەكتەپتە ئوقۇسا، چۈشتىن كېيىن ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىدە ئوقۇغۇچى ئارتىسلىق ھاياتىنى باشلايدۇ.
شۇ تەرىقىدە باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولغىچە كىچىك ئايشەم سەھنىلەردە بىمالال ناخشا ئېيتالىغىدەك بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەكتىكىلەر ئۇنى ئوقۇشتىن توختىتىپ ئۆمەكنىڭ رەسمىي ئارتىسلىقىغا قوبۇل قىلىدۇ. 1965-يىلى قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە ناھىيەلەرنىڭ سەنئەت كۆرىكى ئۆتكۈزىلىدۇ. ئۆمەكتىن ئايشەم قېيۇمغا، سۆزى ۋە مۇزىكىسىنى نىياز قېيۇم ئىشلىگەن <لېيفىڭغا مەدھىيە> دېگەن ناخشىنى ئېيتىشنى تاپشۇرىدۇ. ئايشەمدىكى ناخشا ئېيتىش تالانتىنى بايقىغان رەھبەرلىك كۆرەك ئاخىرلىشىشىغىلا ئۇنى ۋىلايەتلىك ناخشا-ئۇسۇل، تىياتىر ئۆمىكىگە يۆتكەيدۇ.
بۇ ئۆمەك شىنجاڭ بويىچە تارىخى ئۇزۇن ھەم ئاتاقلىق سەنئەتكارلار توپلاشقان ئۆمەك بولغاچقا ئايشەم قېيۇم ئۆزىنىڭ زىممىسىدىكى يۈكنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئاۋاز مەشقىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتىدۇ. ۋىلايەت ۋە ئۆمەك رەھبەرلىكىنىڭ يېقىندىن قوللاپ قۇۋەتلىشى ۋە ئەتراپلىق تەربىيەلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئايشەم قېيۇم ئۆمەكتىكى <قەشقەر بۇلبۇلى> دەپ نام ئالغان ئاتاقلىق ناخشىچى پاتەم قۇربان،تالانتلىق ناخشىچى ۋە كومپوزىتور تۇردى روزى شۇنداقلا كومپوزىتورلاردىن تۇرسۇن قادىر، ئابلەت ئابدۇللا، ئوبۇل ھاشىم قاتارلىق ئۇستازلارنىڭ يېتەكلىشى ۋە كېچە-كۈندۈز تىرىشىپ مەشق قىلىشى ئارقىسىدا قەشقەر خەلق ناخشىلىرى ۋە بىر قىسىم ئىجادىي ناخشىلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلىيالايدىغان سەۋىيەگە يېتىدۇ. ئۇنىڭ كېچە- كۈندۈز ئويلايدىغىنى:مەن بىر ئاددىي دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ۋىلايەت ۋە ئاپتونۇم رايون سەھنىسىگە چىقىش ئۈچۈن چوقۇم خەلقىمدىن ئۈگىنىپ يەنە خەلقىمگە قايتۇرۇشۇم كېرەك، دېگەندىنلا ئىبارەت ئىدى.ئارانلا باشلانغۇچ مەكتەپ سەۋىيەسىگە ئىگە بىر كىچىك قىزدىن ھازىرقى ئاتاقلىق ناخشىچىغا ئايلىنىش ئۈچۈن ئايشەم قېيۇم ئاز بەدەل تۆلىمىدى.كېچە-كېچىلەپ ئۇيقسىز قالدى. دەم ئېلىش، ھېيت-بايرام دېگەنلەرنىغۇ ئۇنتۇپلا كەتتى. قەشقەرنىڭ 12 ناھىيە شەھەرلىرىنىڭ ئۇ ئويۇن قويۇپ بارمىغان يېزا-سەھرالىرى قالمىدى. قەشقەرنىڭلا ئەمەس پۈتۈن شىنجاڭدا ئۇنىڭ ئىزى تەگمىگەن جاي قالمىدى. شۇ چاغلاردا جاپانى بولۇشىغا تارتقان، ئۆمەككە كەلگەندە بۇدرۇققىنە كەلگەن بۇ قىز ئورۇقلاپ كىچىككىنە قالدى. شۇنداق بولسىمۇ ئايشەم قېيۇم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ناخشىچىسى بولىمەن دېگەن سۇنماس ئىرادىسى بويىچە، ھەممىگە چىدىدى. ئاخىرى شۇ جاپالىق ئەجرىگە يارىشا ئەينى ۋاقىتتا ئۇستازى پاتەم قۇربان ئالغان «قەشقەر بۇلبۇلى» دېگەن چىرايلىق نامنى ئالدى. ناخشىسىنى ئاڭلاپ چىرايىنى كۆرمىسە ئاۋازىدىن پاتەم قۇربانمۇ، ئايشەم قېيۇممۇ بىلگىلى بولمىغىدەك ھالەتتە ئېيتالايدىغان بولدى. باشقا بىر ئادەمنىڭ ئاۋازىنى ئەينەن ئۈگىنىپ، باشقىلار بىلەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئېيتىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس.شۇڭا خەلق ئىچىدە ئايشەم قېيۇمنى:"پاتەم قۇرباننىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى"دەپمۇ ئاتايدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە سۆزلەۋېتىپ، كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ تۇرۇپ:"مېنى مۇشۇ كۈنلەرگە ئېرىشتۈرگەن پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ھەم ئۆزەمنىڭ تىرىشچانلىقىدىن باشقا،ئۇستازىم پاتەم قۇربان، تۇردى روزىىنىڭ زېرىكمەي، تېرىكمەي ئۈگىتىشى، مۇھەممەتئېلى زۇنۇن،تۇرسۇن قادىر، ئابلەت ئابدۇللا ، ئابدۇرېھىم نىياز، ئوبۇل ھاشىم قاتارلىق ئىجادىيەتچىلەرنىڭ مەن ئۈچۈن ئۆلمەس كۈيلەرنى ئىجات قىلىپ بەرگەنلىكىدىن بولغان. مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھايات ياشاۋاتقانلارغا چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە،ئارىمىزدىن ۋاقىتسىز كەتكەن ئاشۇ مەرھۇملارغا بولغان چوڭقۇر سېغىنىشىمنى بىلدۈرىمەن" دېدى.
ئايشەم قېيۇمنىڭ "سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماسلىق" تەك ئېسىل روھىدىن ئۈگىنىشكە ئەرزىيدۇ.
خەلقىنى ئۇنتۇپ قالمىغان ئايشەم قېيۇمنى خەلقىمۇ ئۇنتۇپ قالمىدى. ئويۇن قويۇش ئۈچۈن شىنجاڭنىڭ قەيىرىگە بارمىسۇن خەلق ئۇنى بېشىغا ئېلىپ كۆتەردى. 1982-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرشىغا ئاساسەن، شىنجاڭ ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ تەركىبىدە تۈركىيە، فرانسىيە قاتارلىق يەتتە دۆلەتكە چىقىپ ئۇيغۇر ناخشىلىرىنى چەتئەل سەھنىلىرىدىمۇ جاراڭلاتتى. 1984-يىلى ۋە 1986-يىلى ئاپتونۇم رايۇن بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن كەسپىي سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ كۆرىكىدە 1- دەرىجىلىك ئورۇنلاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. قەشقەر ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەر خىل كۆرەكلەردە 10 نەچچە قېتىم 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. 1986-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردى. شۇ تۆھپىلىرى بەدىلىگە 1987-يىلى مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن "ئالاھىدە ئارتىس" ئۇنۋانىنى بېرىپ، مائاشىنى بىر قېتىمدىلا 9 دەرىجە ئۆستۈردى.ھازىرغىچە ئايشەم قېيۇمنىڭ «گۈزەل قەشقەر»،
«ئاپپاق قىزىم» قاتارلىق ئۈنئالغۇ لېنتىلىرى نەشر قىلىنغان.
ئايشەم قېيۇم يالغۇز خەلق ناخشىلىرى ۋە ئىجادىي ناخشىلارنىلا ئېيتىپ قالماستىن، ئۇيغۇر 12 مۇقامىغىمۇ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشقان. 1978- يىلى ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى "12 مۇقام" نى قېزىپ رەتلەپ، ۋارىسلىق قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن، مەخسۇس مۇقامچىلارنى تەربىيەلەش ئۈگىنىش كۇرسى ئاچتى. بۇ چاغدا ئايشەم قېيۇمنىڭ بالىلىرى تېخى كىچىك، ئەر-ئايال ئىككىلىسى بىر كەسپتە، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئايشەم قېيۇم تېخى سۈتتىن ئايرىلمىغان بالىسىنى يولدىشىغا قالدۇرۇپ، تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئۈرۈمچىگە مۇقام كۇرسىغا ماڭدى. كۇرس ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئايشەم قېيۇمنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەشكە ئۇقتۇرۇش كەلدى. بىراق ياخشى مالنىڭ خېرىداسى كۆپ بولغىنىدەك، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە، ۋىلايەتلىك كومتىت ۋە مەدەنىيەت باشقارمىسى، ئۆمەك رەھبەرلىكى قاتارلىق ئورۇنلار ئارىلىشىپ، بىزگىمۇ مۇشۇنداق ئادەم لازىم، دەپ ئۇنى قويۇپ بەرمىدى. نەتىجىدە 1978- يىلدىن 1980- يىلغىچە 2 يىل ئۈرۈمچىدە بىر تەرەپتىن مۇقامنى رەتلەش خىزمىتىگە قاتناشسا، بىر تەرەپتىن مۇقام ئۈگەندى. مۇشۇ مەزگىلدىكى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ ئايشەم قېيۇم مۇنداق دەيدۇ:شۇ چاغلاردا يولدىشىم مېنى قوللاپ، ئۆينىڭ، بالىلارنىڭ ۋە چوڭلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ، يەنە ئىدارىنىڭ خىزمەتلىرىنىمۇ ياخشى ئىشلەپ مەن ئۈچۈن زور بەدەللەرنى تۆلىگەن. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەرھۇم يولدىشىم ساۋۇت سىيىتقا چوڭقۇر سېغىنىشىمنى ۋە ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
ھازىر مەيلى رادىيو ئاڭلاڭ ياكى تېلۋىزور كۆرۈڭ، ئايشەم قېيۇمنىڭ ناخشىسى خەلق ياقتۇرۇپ، تېخى ئالاھىدە تەلەپ قىلىپ ئاڭلايدىغان ناخشىغا ئايلاندى.
ئۇ يۇقۇرقى نەتىجىلىرى بىلەن مەملىكەتلىك مۇزىكانتلار جەمىيىتىنىڭ ، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزىكانتلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق 12 مۇقام ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى. قەشقەر ۋىلايەتلىك مۇزىكانتلار جەمىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك ئارتىس. ئۇ 2000-يىلى پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرلەردە ئۆتكۈزۈلگەن ھەر خىل چوڭ–كىچىك پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىىپ رايونىمىز ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشىۋاتىدۇ.
2014- يىلى13- سېنتەبىر ئۈرۈمچى




Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 08:16:29

ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتيۈرەكلىرى ، ئەلنى سۆيگەنلەر ، ئۇسۇل ۋە ناخشىللىرى ئارقىلىق بىر ئۆمۈر ئەلنىڭ بەختى ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلار ، ئۆزىنى ئۇنتۇپ ،ئۆز مەنپەئەتىنى ،ئۇسۇلىنى ،ناخشىسىنى ئەل ئۈچۈن ئىجاد قىلىپ ، ۋاقتىنى ئەلنىڭ بەختىگە سەرپ قىلغانلار ، پەقەت ئەل ئۈچۈنلا ياشىغانلار ، ئۆلسىمۇ ئەل ئۈچۈنلا ئۆلىدىغانلار ...ھەربىر قەدىمىنى ئەلنىڭ بەختى ئۈچۈن چامدام ،ئەلنىڭ بەختى ئۈچۈن بولمىسا چامدىمايدىغانلار....بۇلارغا ھەۋىسىم كېلىدۇ مېنىڭ.

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 11:56:36

2828288 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 12:38:05

بالدۇرراق يازماي.

faruk886 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 17:42:39

Uyghur يوللىغان ۋاقتى  2014-9-22 08:16 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتيۈرەكلىرى ، ئەلنى سۆيگەنلەر ، ئۇسۇل ۋ ...

يۈرەكتىن تامچىغان سۆزلەر
بەت: [1]
: چاخچاق:سەنئەت بېغىدىكى بىر جۈپلەر